- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7508
- نادىر
- 16
- يازما
- 7508
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-4 16:09
ئىسپانىيە تېلېۋىزىيە ئىستانىسى پۇتبول قانىلى « نۇقتا توپ نوقتىسى » نىڭ 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە ،بارسېلونا كوماندىسىدىكى داڭدار بىر چولپان تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈزىنى تەۋسىيە قىلىپ خان مادرىدتقا قوشۇلماقچى بۇلىۋېتىپتۇ .شۇ يەر ۋاقتى ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى بۇ ماھىرنىڭ مەسلىھەتچىسى خان مادرىدتقا بېرىپ مادرىد يۇقىرى قاتلىمى بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن .ئۇنداق بولسا بۇ ماھىر كىم ؟ داڭلىق ۋاستىچى جاللاردو ھازىرچە بۇ توپچىنى ئاشىكارلىمىغان .بىراق شۇنىسى ئېنىقكى ،بۇ ماھىر ۋاراتار ۋالدېسمۇ ئەمەسكەن .يەنى : كوماندىنىڭ يادرولۇق ئەزاسى ئىنىستا بولۇش ئېھتىمالى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن .
تاراتقۇلارنىڭ ئانالىز قىلىشچە ، ئىنىستا بىلەن كۇلۇب ئوتتۇرىسدىكى توختام ئۇزارتىش ئىشى ھازىرمۇ قاتمال ھالەتتە بولۇپ ،سەۋەبى ،مېسسى بىلەن نېيمارنىڭ يىللىق ئىش ھەققى باجدىن كېيىنكى 16مىليۇندىن 17-مىليونغىچە ،لېكىن كۇلۇب ئىنىستانىڭ ئىش ھەققى ئۆستۈرۈش ئىلتىماسىغا ئىپادە بىلدۈرمىگەن .ئىنىستا ئىلگىرى كۆپ قېتىم نارازى بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن .ئىنىستانىڭ بارسېلونادىكى توختامى 2015-يىلى يازدا توشىدىغان بولۇپ ،تاراتقۇلار : ئىنىستا بارسېلونا بىلەن توختام ئۇزارتالماسلىقتىن قىلچە قورقمايدۇ .ئەگەر توختام ئىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولمىسا ئىنىستا كوماندىدىن ئايرىلىدۇ .بۇ چاغدا خان مادرىدنىڭ ئىنىستانى يۆتكەپ كېلىش قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى ئاز بولىدۇ .مادرىد 100 مىليون چىقىرىپ ئىنىستانى يۆتكەشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ .شۇنداق بولغاندا ئەينى چاغدىكى پورتۇگالىيەلىك چولپان فىگونىڭ بارسېلونادىن يۈز ئۆرۈپ خان مادرىدتقا قۇشۇلۇش ئىشى قايتىدىن يۈز بېرىدۇ دېگەن .
|
|