akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1429|ئىنكاس: 28

گۇاڭجۇ خېڭدادىكى « بىرازىلىيەلىك c .رونالدو »

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-2 00:17  

789_936990_557558.jpg

              ھازىر گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسى ئاسىيادا ھۆكۈمران ئۇرۇنغا ئۆتۈپ بولدى .بىرلەشمىدە چىمپىيۇن بۇلۇشقا بىر قەدەملا قالدى .بۇ قېتىم چىمپىيۇن بولسا ئۇدا ئۈچ يىل چىمپىيۇن بولىدۇ .ئاسىيا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىمۇ ھەل قىلغۇچقا ئاساسى جەھەتتىن كىرىپ بولدى .گۇاڭجۇ خېڭدانىڭ نەتىجىسىنىڭ مۇشۇنداق ياخشى بۇلۇشى ، كوماندىدىكى كونكا ،ئېلكىسون ۋە مۇرىچنىڭ قالتىس ئىپادىسىدىن بولغان دىسە قەتئى ئارتۇق كەتمەيدۇ .ھازىر ئېلكىسون جەمئىي 22 توپ بىلەن بىرلەشمىدىكى مەرگەنلىكنى مۇقىملاشتۇرۇپ بولدى .( ئىككىنچى ئۇرۇندىكى مەرگەننىڭ توپ سانى 15 ) بۇ توپچى كېلىپلا ئىلگىرى دورتىموندتا توپ تەپكەن داڭلىق مەرگەن بارىئوسنى ئۇرۇندۇققا مىخلىۋەتتى .ئەمدى بىز مۇشۇ توپچى بىلەن قىسقىچە تۇنۇشۇپ چىقايلى .

                 ئېلكىسون 1989-يىل 7-ئاينىڭ 14-كۈنى بىرازىلىيەدە تۇغۇلغان .بۇيى 1 مېتىر 80 سانتا ،ئوتتۇرا مەيداندىكى ھەرقانداق ھۇجۇم ئورنىدا ئوينىيالدۇ .ئىلگىرى بىرازىلىيەنىڭ ۋېكتورىيە ۋە بوتافوگو كوماندىسدا توپ تەپكەن .2009-يىلى تۇنجى قېتىم بىرازىلىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسدە مەيدانغا چىققان .ھەمدە ئىككى قېتىم چىمپىيۇن بولغان .2010-يىلى ئالتە توپ ئۇرۇپ سەككىز پاس چىقىرىپ بىراقلا تۇنۇلۇپ كەتكەن .2011-يىلى بىرازىلىيەدىكى داڭلىق كۇلۇب بوتاگوگودا سەككىز توپ ئۇرۇپ 10 پاس بېرىپ ، شۇ يىلى بىرازلىيە بىرلەشمىسىدە پاس سانى جەھەتتە ئىككىنچى بولغان .

             ئېلكىسوننىڭ بىرازىلىيەدە « يېڭى بىر ئەۋلاد خۇلىك » « بىرازىلىيەدىكى c.رونالدو » « بىرازىلىيەلىك جىراد » دەپ نامى بار .بەدەن قاۋۇل ،پۇت ئاستى تېخنىكىسى يۇقىرى ،بولۇپمۇ سۈرئەت ئىنتايىن تېز بولۇپ ،100مېتىردىكى تېزلىكى 10 سېكۇنت 32 دەقىقە ،بۈسۈپ كىرىپ قارشى تەرەپكە خەتەر پەيدا قىلالايدىغان ۋە يىراقتىن توپ تېپىپ نۇمۇر ئېلىش ئارتۇقچىلىققا ئىگە ،ھەر تەرەپتىن تولۇق يېتىشكەن ئېلكىسون 22 يېشىدا بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسغا تاللانغان .2012-يىلىمۇ ئېلكىسون ئوخشاشلا قالتىس ئىپادىسى بىلەن بىرلەشمىدە 11 توپ ئۇرۇپ تۆت پاس بېرىپ ئالدىنقى 10 مەرگەن ئىچىگە كىرگەن .

             ئۆز كوماندىسىنىڭ بىرىنچى نۇمۇرلۇق ھوجۇمچىسى ئېلكىسونغا ياۋروپادىكى بەزى داڭلىق كۇلۇبلار قىزىققان .تۇنجى بۇلۇپ يۇۋېنتۇس كۇلۇبى بەش مىليۇن ياۋرو باھا قويغان . بىراق رەت قىلىنغان .2012-يىل 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ،ئېلكىسون بەش مىليون 700 مىڭ ياۋرولۇق باھا بىلەن گۇاڭجۇ خېڭداغا قۇشۇلغان .يىللىق ئىش ھەققى ئىككى مىليون بولغان .ئىككى تەرەپ تۆت يىل توختام تۈزگەن .بۇ يىل 4-ئايدا بۇ توپچى بەش مەيداندا 10 توپ ئۇرۇپ جۇڭگو بىرلەشمىسىدىكى ئالدىنقى بەش مەيداندا 10 توپ ئۇرۇش رېكورتىنى ياراتقان .ئىلگىرىكى رېكورتنى 2005-يىلى بېيجىڭ ئامانلىقتىكى بىر چەتئەللىك توپچى ياراتقان .ئېلكىسون بۇ قېتىم مۇشۇ بەش مەيداندا ئىككى قېتىم قالپاق ئۇيۇنى ئويناپ بۇ تۈردىمۇ يېڭىدىن رېكورت ياراتقان .


789_964984_631407.jpg

تەرجىمە قىلغۇچى ( توپ تەپكۈچى )
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-1 23:50:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ  ياخشى توپچى  بۇ  ،  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-1 23:51:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسىيا ئوزغانلار بىرلەشمىسىدە  بەسەيلەر  چىنپىيۇن  بولۇپ باققانمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-1 23:52:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگودا ئويناپ ئېچىلىپ كەتكىنى بىلەن ياۋرۇپا سەھنىسىگە بارسا بۇرۇنقى ئوينىغىننىڭ يېرىمىچىلىك ئوينىيالىشى تەس بولارمىكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-1 23:52:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن يامان نىمىكەن، بەرگەن مۇئاشمۇ ئازبولۇپ قالغۇدەك بۇنىڭغا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-1 23:53:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2013-10-1 23:51
ئاسىيا ئوزغانلار بىرلەشمىسىدە  بەسەيلەر  چىنپىيۇن  بول ...

مەن تېخى ئاڭلاپ باقمىدىم ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-1 23:53:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-1 23:54:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مورىچ ، ئىركسون ، كونكا ، جىنيوڭچۈەن  مۇشۇ تۆت چەتئەللىك توپچى خىڭدانى خىڭدا قىلىپ تۇرۋاتىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-1 23:55:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپ تەپكۈچى يوللىغان ۋاقتى  2013-10-1 23:53
مەن تېخى ئاڭلاپ باقمىدىم ....

بوپتۇ ئاڭلىمايلى ئەمسە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-1 23:57:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لاچىن يوللىغان ۋاقتى  2013-10-1 23:52
جۇڭگودا ئويناپ ئېچىلىپ كەتكىنى بىلەن ياۋرۇپا سەھنىسىگ ...

بىرازىلىيەدىمۇ ياخشى ئويناپتىكەن ....دۆلەت كوماندىسىغا تاللانماق ئاسان ئىش ئەمەس ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-1 23:59:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلكىسون بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىغا كىرەلىگەن بولسا ھەقىقەتەن يامانكەن لىكىن ئەمدى ما جۇڭگۇدا توپ تېپىپ بىر ئۆمۈر دۆلەت كوماندىسىغا كىرەلمەيدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-10-2 00:00:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىختىيارى توپ تىپىشكىمۇ ئۇستىكەن بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 20:25

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش