ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 8571 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-30 23:56
9-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە ، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسنىڭ 26-ئايلانما مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ ،بارى مۇھەمەتئېلى توپ تېپىۋاتقان جىياڭسۇ شۈنتىيەن كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا لىياۋنىڭ خۇڭيۈئەن كوماندىسىنى 1 : 0 نەتىجە بىلەن تەستە يېڭىپ قىممەتلىك ئۈچ نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى .بۇ توپنى چەتئەللىك توپچى ئېلىلسون ئۇرۇپ كىرگۈزدى .بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن جىياڭسۇنىڭ نۇمۇرى 29-نومۇرغا يېتىپ بەشىنچى ئورۇنغا ئۆتتى .بىراق كەينىدىكى كوماندىلارنىڭ نومۇر پەرقى ئانچە چوڭ ئەمەس ،جىياڭسۇ شۈنتىيەن دەرىجە ساقلاش ئۈچۈن يەنىلا تىرىشمىسا بولمايدۇ .ھازىرقى ئەھۋالى يەنىلا خەتەرلىك .
بۇ مۇسابىقىدە ، بارى ئوخشاشلا مەيدانغا چىقىمدى .زاپاس ئەزالار تىزىملىكىدىمۇ يوق .8-ئاينىڭ 11-كۈنى ئوينىغان مۇسابىقىدىن كېيىن بارى ھازىرغا قەدەر مەيدانغا چىقىپ باقمىدى .بۇ پەسىل پەقەت ئىككى مەيداندا 90 مىنۇت مۇسابىقە ئوينىغاندىن باشقا ، بىر نەچچە مەيداندا زاپاس ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىققان .بارى 2010-يىلى خاڭجۇ يېشىل شەھەردە ئاساسلىق ۋە زاپاس بولۇپ 16 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان .بىر توپ ئۇرغان .2011-يىلى 21 مەيدان ئويناپ ئۈچ توپ ئۇرغان .كېيىنكى يىلى 17 مەيداندا بىرمۇ توپ ئورالمىغان .ئىككى پاس چىقارغان .ئەمدى بۇ يىل بولسا پەقەت بىرلا پاس بەرگەن .يەنى : ھازىرغا قەدەر كىرگۈزگەن ئومۇمى توپ سانى تۆت ،پاس سانى ئۈچ ،ئىچكىردىكى پۇتبولچى ھاياتىدا ئېرىشكەن جەمئىي سېرىق كارتىسى 12 ،قىزىل كارتا بىر .شۇنداق قىلىپ بارى يەنە يوقاپ كەتتى .بارىنىڭ كېيىنكى ئايلانمىدىمۇ مەيدانغا چىقالماسلىقى مۇقىملىشىپ بوپتۇ .ئېھتىمال بارى كېيىنكى پەسىل يەنە كۇلۇب يۆتكىلىپ قېلىشى مۇمكىن ! ياكى بارىنىڭ باشقا پىلانى بارمۇ ...بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ ...
تەرجىمە قىلغۇچى ( توپ تەپكۈچى )
|
|