ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 8571 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-1 01:07
گۇاڭجۇ خېڭدا ئاسىيادا يەنىلا غوجىلىق ئورنىدا تۇرماقتا
مەخسۇس سانلىق مەلۇماتلار تور بېكىتى « 《Footballdatabase.com » نىڭ 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېلان قىلغان دۇنيا كۇلۇبلىرىغا نومۇر قۇيۇپ باھالاش ئەڭ يېڭى رەت-تەرتىپىدە ،جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبى 1640نۇمۇر بىلەن 46-ئۇرۇنغا ئۆتكەن .ھەمدە جۇڭگۇدىكى تۇنجى بولۇپ ئالدىنقى 50 نىڭ ئىچىگە كىرگەن كوماندا بولۇپ قالغان .ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق رەت-تەرتىپتە گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسى ئوخشاشلا ئاسيادا بىرىنچى ئورۇندا بولۇپ ،بۇ قېتىممۇ ئاسيادىكى غوجىلىق ئورنىدا ئۆزگىرىش بولمىغان .
رەت-تەرتىپى ئىككىنچى ئورۇندىن 10-ئۇرۇنغىچە بولغان كوماندىلار بولسا : سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەل ھىلال ،كورىيەدىكى سېئول FC ،سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەل سابا ،ئىراندىكى تېھران مۇستەقىلىق ۋە سېپاخان ،كورىيە ھازىرقى زامان ۋە ئولسان ھازىرقى زامان ،شۇنداقلا قاتار ئەل ساد كوماندىلىرى ئىكەن .ئاسىيا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدە گۇاڭجۇ خېڭدا تەرىپىدىن چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغان ياپۇنىيە J بىرلەشمىسىدىكى كاشىۋا قۇياش كوماندىسى 29-ئۇرۇنغا چۈشۈپ قالغان .شەندۇڭ لۇنىڭمۇ 42-ئورۇندىن 44-ئۇرۇنغا چۈشكەن .بېيجىڭ ئامانلىق بىر رەت ئۆرلەپ 45-ئۇرۇنغا چىققان .
دۇنيا كۇلۇبلىرى ئىچىدە گېرمانىيە بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىنىڭ نۇمۇرى 2000 دىن ئېشىپ بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرغان .بارسېلونا ۋە خان مادرىد ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغان .دورتىموند ،پارىژ سانت گىرمان ،پورتو ،ئارسېنال ،يۇۋېنتۇس ،مادرىد ئاتلېتكا ۋە چېلىسى كۇلۇبلىرى تۆتىنچى ئورۇندىن 10-ئۇرۇنغا تىزىلغان .
تەرجىمە قىلغۇچى ( توپ تەپكۈچى )
|
|