ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 8571 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-29 11:02
بۈگۈن كەچتە شەندۇڭ يەڭمىسە گۇاڭجۇ چىمپىيۇن بۇلىدۇ
9-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە ئېلىپ بېرىلغان جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسنىڭ 26-ئايلانمىسىدا ،گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسىنى 4 : 0 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى .مۇسابىقە جەريانىدا ،جېڭلۇڭ ،مۇرىچ ،ئېرىكسون قاتارلىق ماھىرلار توپ ئۇردى .شۇنىڭ بىلەن گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسى ئىككىنچى ئورۇندىكى شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسىدىن 14 نومۇر ئېشىپ كەتتى .مۇبادا ئەتە كەچتە شەندۇڭ لۇنىڭ مېھمان مەيداندا ۋۇخەننى يېڭەلمىسە ، ئۇ چاغدا گۇاڭجۇ خېڭدا تۆت ئايلانما بۇرۇن بىرلەشمە چىمپىيۇنى بولىدۇ .ھەمدە ئۇدا ئۈچ يىل بىرلەشمە چىمپىيۇنى بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ .
بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن ، گۇاڭجۇ خېڭدا 25 ئايلانما مۇسابىقىدە ،21 مەيدان يېڭىپ ،ئۈچ مەيدان تەڭلىشىپ ، بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ جەمئىي 66 نومۇر بىلەن بىرىنچى ئورۇندا بولۇپ ،شەندوڭ لۇنىڭ بولسا 16 مەيدان يېڭىپ ،تۆت مەيدان تەڭلىشىپ ،بەش مەيدان ئوتتۇرۇپ 52 نومۇرغا ئېرىشكەن .ھازىر ئىككى كوماندىنىڭ پەرقى 14 نومۇر .بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسى ئاسىيا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسدە ياپۇنىيە بىرلەشمىسىدىكى كاشىۋا قۇياش كوماندىسنى مېھمان مەيداندا چوڭ نۇمۇر پەرقى بىلەن مەغلۇپ قىلغان بولۇپ ،ھەل قىلغۇچقا ئاساسى جەھەتتىن كىرىپ بولغان .ئەگەر بۇ مۇسابىقىدمۇ چىمپىيۇن بولالىسا خېڭدا ئۈچۈن بۇ يىل مول ھۇسۇللۇق يىل بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن !
|
|