ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4774 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاخىرلاشتۇرغۇچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-26 12:34
مانچېستېر 0:1 لىۋېرپول
تۈنۈگۈن كېچە سائەت 12:45 دە باشلانغان ئېنگىلاند بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسنىڭ ئۈچىنچى ئايلانما مۇسابىقىسدە مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا لىۋېرپول كوماندىسىنى كۈتىۋالدى.سۇئارىز چەكلەنگەن ۋاقتى توشقانلىقتىن بۇ مەيداندا ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چۈشتى.رونېي پۇرچاق بالا ئېرناندېسنىڭ بۇ مەيداندىكى بىردىنبىر توپنى كىرگۈزىشىگە ياردەمچى پاس بېرىپ ،مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسى 1:0 نەتىجە بىلەن لىۋېرپولنى شاللاپ كېيىنكى مۇسابىقە باسقۇچىغا قەدەم قويدى.
ئارسېنال 4:5 غەربى بىرومىۋىچ
يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئارسېنال مېھمان مەيداندا غەربى بىرومىۋىچ بىلەن مۇسابىقىلەشتى.ئاۋال ئارسېنالدىن ئېسفىرد بىر توپ ئۇردى ،كېيىن غەربى بىرومىۋىچتىن بىلاشىنو بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجە 1:1 بولۇپ 90 مىنۇت ئاخىرلاشتى.120 مىنۇت ئىچىدە نەتىجە ئۆزگەرمىگەچكە نۇقتا توپ تېپىشىپ ئارسېنال 3:4 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يەڭدى. ئومۇمىي نومۇر 5:4 بولۇپ ئارسېنال غەربى بىرومىۋىچنى شاللاپ كېيىنكى باسقۇچقا قەدەم قويدى.كېيىنكى رەقىبى كۆك ئارمىيە چېلسى .
|
|