ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 100 |
جۇغلانمىسى: 5225 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-25 06:16
بۈگۈن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 4:00ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسى بىلەن ياپونيە كاشىۋا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى . ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 10 مىنۇت بولغاندا ياپونيە كاشىۋا كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى . ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككىلى تەرەپ قاتتىق تىركەشكەن بولسىمۇ نەتىجە 1:0 ھالەتتە ئۆزگەرمەي ئاخىرلاشتى . كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 58 مىنۇت بولغاندا گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسى بىر توپ قايتۇرۇۋالدى . مۇسابىقە باشلىنىپ 67 مىنۇت بولغاندا گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسىدا توپ تېپىدىغان بىرازىلەيلىك كونكا ئىنتايىن چىرايلىق بىر توپ ئۇرۇۋەتتى . مۇسابىقە باشلىنىپ 82 مىنۇت بولغاندا گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسىدىكى 9-نۇمۇر مۇلىچى يەنە بىر توپ ئۇرۇپ 3:1 نەتىجە بىلەن ئۈستۈلۈككە ئۆتتى. 91 مىنۇت بولغاندا گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسىدىكى مۇلىچى بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىككىنچى توپىنى ئۇرۇپ كۈچلۈك دەپ قارالغان ياپونيە كاشىۋا كوماندىسىنى مىھمان مەيداندا بىرگە قارشى تۆت نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسىنىڭ بىر پۇتى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ بولدى .
|
|