ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 6077 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئېلھامجان دەرىجە چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن !

14-چېسلا ئېلىپ بېرىلغان 2013-يىللىق جوڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 24-ئايلانما مۇسابىقىسىدە ، ئېلھامجان تۇرۇشلۇق بۇ يىللىق يېڭىدىن دەرىجە ئۆرلەپ چىققان گۇيجۇۋ جېچىڭ كوماندىسى مېھمان مەيدانىدا 1-3 نەتىجە بىلەن خۇبېي خۇاكەيئېر كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى ! ئېلھامجان بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى تېزىملىكتە يوق ، بەلكىم 22-ئايلانما مۇسابىقىدە قىزىل كارتا يېگەن سەۋەبلىك جازا ۋاقتى توشمىغان بولسا كېرەك ؟! شۇنداق بولغاندا گۇيجۇۋ كوماندىسىنىڭ ئەھۋالى ئېنتايىن خەتەرلىك ، ئەمدى بىز ئا دەرىجىلىكلەرنىڭ بىرلەشمە رەت تەرتىۋىنى كۆرۈپ باقايلى !
1 . خېنەن قۇرۇلۇش 52 نۇمۇر
2. خاربېن يېتىڭ 48 نۇمۇر
3. گۇاڭدۇڭ رېجىچۈەن 46نۇمۇر
4. چوڭچىڭ لېفەن 43نۇمۇر
5. شېنجىن قىزىل ياقۇت 40 نۇمۇر
6 . بېيجىڭ باشى 36 نۇمۇر
7. شېنياڭ شېنبىي 35نۇمۇر
8. تىيەنجېن سوڭجىياڭ 34نۇمۇر
9. شىجىياجۇاڭ يوڭچاڭ جۈنخاۋ 30نۇمۇر
10 . بېيجىڭ لىگوڭ 28نۇمۇر
11. يەنبىيەن چاڭ بەيخۇ 24نۇمۇر
12. خۇنەن شىياڭتاۋ 23نۇمۇر
13. خۇبېي خۇاكەيئېر 23نۇمۇر
14. گۈيجوۋ جېچىڭ 20نۇمۇر
15.FC چوڭچىڭ 19نۇمۇر
16. چېڭدۇ شېفىلىيەن 18نۇمۇر
شۇنداق بولغاندا ئېلھامجاننىڭ كوماندىسى ئارقىدىن سانىغاندا 3-ئۇرۇندا تۇرماقتا ( 24-ئايلانمىغىچە ) ! ئۇلارنىڭ يەنى 6 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسى قالدى . 25-ئايلانما مۇسابىقىدە ساھىبخان مەيداندا گۇاڭدۇڭ رېجىچۈەن بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ . 26-ئايلانما مۇسابىقىدە مېھمان مەيداندا 2-ئورۇندىكى كۈچلۈك كوماندا خاربېن بىلەن ئوينايدۇ . 27-ئايلانما مۇسابىقىدە شىجىياجۇاڭ بىلەن ، 28-ئايلانما مۇسابىقىدە بېيجىڭ باشى بىلەن ، 29-ئايلانما مۇسابىقىدە چوڭچېڭ لىفەن بىلەن ، ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما يەنى 30-ئايلانما مۇسابىقىدە تىيەنجىن سۇڭجېياڭ بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ . شۇنداق بولغاندا ئېلھامجاننىڭ يۇقىرى رەقىبلىرىنىڭ ھەممىسى سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان كوماندىلار ، كەتكۈزۈپلا قويسا كېلەر يىلى يەنە شۇ ب دەرىجىلىك مۇسابىقىنى باشتىن كەچۈرىدىغان گەپ ! ئالغا ئېلھامجان ! ئۇنىڭ بالدۇراق يىشىل چىملىققا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ! |
|