ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 101 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۈگۈن كەمىنە كوچا -خەۋىرى ھەرقايسىڭلارغا كېچىكىپ بولسىمۇ يۇرتىمىزدىكى پۇتبول توغرىلىق خەۋەرلىرىنى يوللاپ خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم ،ئەمدى ئاساسسلىق مەقسەدكە كەلسەك يېقىندىن بېرى شىنجاڭ پۇتبولچىلىغىنىڭ مەملىكەت ئىچىدە B دەرىجىلىك مۇسابىقە ۋە مەملىكەت تەنتەربىيە يىغىنىدىكى ياخشى ئىپادىسىنىڭ تۈرتكىسىدە CCTC-5 تەنتەربىيە قانىلىنىڭ پوتبول پىرۇگىرامىسى رىياسەتچىسى لىۇ جىيەنخوڭ شىنجاڭ پۇتبولچىلىغى توغرىلىق پىرۇگىراما ئىشلەش مەقسىتىدە شىنجاڭ سەپىرىنى باشلىغان بولۇپ ، تۇنجى سەپىرىنى غۇلجىدىن باشلىغان لېكىن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇردىغىنى ھازىرقى شىنجاڭ جۈملىدىن غۇلجا پوتبولچىلىغى نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ، بېسىلىپ، كېتىۋاتقان شارائىتتا كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ پوتبول ئىشلىرى ئۈچۈن قان - تەرىنى سىڭدۈرۈۋاتقان، پوتبول تېرىنىرلىرىدىن بىرى بولغان ۋە شەندوڭ لۇنىڭ پوتبول كۇلۇبىغا يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە 20 گە يېقىن پوتبول مايسىسىنى يەتكۈزۈپ بەرگەن قۇرۋانتاي مۇئەلىملەرمۇ مەركىزى تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى رىياسەتچىسىنىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرىدىن خەۋەرسىز قالغان، كىشىنى تېخىمۇ ئەپسۇسلاندۇردىغىنى يەنىلا شۇ ياسالمىلىق چىرايلىق يىلدا ئادەم دەسەتمەيدىغان پوتبول مەيدانلىرىغا ئاپىرىپ كوز-كوز قىلىش شىنجاڭ جۈملىدىن غۇلجا پوتبولچىلىغىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى يوشۇرۇش بۇ قېتىم كىشىنىڭ ئىچىنى ئەڭ ئاچچىق قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرسى.
بۇ قېتىم لىۇ جىيەنخوڭ يەنىلا ئۆزىنىڭ بىر كەسپى پوتبول رىياسەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن لۇنىڭ كۇلۇبىغا مايسا يەتكۈزۈۋاتقان، بۇ مەكتەپنى سۈرۈشتۈرۈپ تەلەپ قىلىپ تېپىپ كەلگەن بولۇپ، تۇنجى قېتىم مەكتەپ مەيدانىغا كىرىش بىلەنلا ئۇنىڭ چىرايىنى بىر خىل كۆڭۈلسىز ۋە بىئاراملىق ھىسىياتى پەيدا بولغان ئىدى، يەنى لىۇ جىيەنخوڭ ئالدى بىلەن مۇخبىر ۋە كامىراچىلارنىڭ ئاپارىتىغا ئەمەس بەلكى ئۆز يانفۇنىنى چىقىرىپ بۇ ئەبگا توپا مەيداننى قايتا - قايتا رەسىمگە تارتىپ قىممەتلىك بىر خاتىرە قالدۇرغان قىياپەتتە يانفۇنىنى يانچۇقا سالدى ،ئاندىن مەكتەپ تەنتەربىيە مۇئەلىملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بالىلىرىمىزنىڭ پوتبول مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى ۋە بالىلارنىڭ پوتبول تېخنىكىسى ۋە مەيداندىكى چەبدەسلىكىگە قايىل بولماي تۇرالمىدى، مۇسابىقە تۈگىگەندىن كېيىن لىۇ جەنخوڭ 12 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ پوتبول خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە ئۆز قەلىمى بىلەن قول قويۇپ خاتىرە بۇيۇم سوۋغا قىلدى .ئاخىرىدا بولسا شىنجاڭ جۈملىدىن غۇلجا پوتبولچىلىغىنىڭ مۇشۇنداق ناچار شارائىتلاردا قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەي ئىزچىل پوتبول ھەركىتىنى راۋاجلاندۇرۋاتقىنىغا قايىل بولغانلىغىنى ،مەيدان شارائىتىنىڭ ناچار بولغىنى بىلەن مەيداندىكى بۇ پوتبولچى ئەزىمەتلەرنىڭ لاماسىيادىكى باسا شاكىچىكلىرىدىن قېلىشمايدىغان تېخنىكىغا ۋە ماھارەتكە ئېگە ئىككەنلىگىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلانغىنىنى بىلدۈردى، 12- باشلانغۇچ پوتبول كوماندىسىنىڭ تېرىنىر قۇرۋانتاي مۇئەلىم بولسا مەكتەپ ۋە غۇلجا پوتبولچىلىغى توغرۇلۇق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلدى ،بىزنىڭ لىۇ مۇئەلىم بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىمىز بولمىغاچقا يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر توغرۇلۇق ئورتاق پىكىرلىشىشكە ئامالسىز قالدۇق ،ئاخىرىدا يەنە يۇقۇردىكى چوڭاملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە لىۇ مۇئەلىم ماشىنىغا قىيمىغان ھالدى ئولتۇرۇپ بىز بىلەن خوشلاشتى .
مەنبە : نۇر تورى |
|