ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 255 |
جۇغلانمىسى: 2330 |
تۆھپىسى: سەر |
|
9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك ياش ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول مۇسابىقىسى 2 - مۇسابىقە كۈنىگە قەدەم قويدى . مۇسابىقىلەرمۇ شۇنداق كەسكىن ئوينالدى .
مارالبېشى 9 - 0 قاغىلىق
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مارالبېشى كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپلا مەيداننى كونترول قىلىپ ئويناشقا باشلىدى ھەمدە ئالدىنقى مەيداندىلا 6 توپ كىرگۈزدى ، ئاساسلىق ئەزالار بىردەك ئالماشتۇرۇپ چۈشۈرىۋىتىلگەندىن كېيىن كېيىنكى مەيداندا يەنە 3 توپ كىرگۈزۈپ يۇقىرى نومۇر پەرقى بىلەن غەلبە قىلدى .
يەركەن 1 - 0 پەيزىۋات
يەركەن كوماندىسى ئالدىنقى مەيداندا بىر ئىختىيارىي توپ ئۇرۇپ غەلبە قىلدى ، كېيىنكى مەيداندا پەيزىۋات كوماندىسىغا بىر نەچچە ياخشى پۇرسەتلەر كەلگەن بولسىمۇ يەنىلا توپ كىرگۈزەلمىدى .
يېڭى شەھەر 7 - 0 يېڭىسار
يېڭى شەھەر كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۆز ئىپادىسىنى ياخشى جارىي قىلدۇردى ، ھەمدە 7 - 0 نومۇر پەرقى بىلەن غەلبە قىلدى .
مەكىت 2 - 2 كونا شەھەر
ئىككى كوماندا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تەڭلىشىپ قالدى ، مۇسابىقە جەريانىدا ئېغىر ھەرىكەتلەر ۋە يارلىنىش كۆپرەك بولۇپ قالدى ، بىر مەيدان مۇسكۇل پۇتبولى بولدى .
مۇسابىقىدىن بىر نەچچە پارچە رەسىملەر ( رەسىم كۆپ ، سىغىمى يۇقىرى بولغاچقا بىر نەچچە پارچىسىلا سىغىمى كىچىكلىتىپ يوللاندى )
|
|