ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 8043 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ACمىلان كۇماندسى --1899-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىدە بىر گۇروھ -ئاقسۇڭەكلەرنىڭ تەشكللىنىپ مىلان شەھىرىنىڭ دونورىد (Du Nord) مىھمانسارىيىدا مەسىلىھەتىنى پىشۇرىغاندىن كىيىن ، AC مىلان پۇتبول كۇماندسى رەسىمىي قۇرۇلغان .

كۇماندىنىڭ شۇ ۋاقىتتكى تۇنجى خۇجايىنى ( فىرىد . ئىىدۋارىز) ، كۇلۇپ 113 يىللىق ئىسسىق -سۇغۇقىنى باشتىن كەچۈرۈپ 2013-يىلغا كەلگۈچە ياۋرۇپادىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان ، ئۇلۇغ كۇماندا بۇلۇش شانلىق تارىخىنى ياراتقان . كۇماندا 133يىللىق تارىخىدا ( 7 قىتىم ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى ) . ( 5 قىتىم ياۋرۇپا دەرىجدىن تاشقىرى لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى ) ، ( 2 قىتىم ياۋرۇپا غالىبلار لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى ) ، ( 4 قىتىم دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى ) ، ( 18 قىتىم ئىتالىيە بىرلەشمسىنىڭ چىمپىيونى ) ، ( 5 قىتىم ئىتالىيە لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى ) ، ( 6 قىتىم ئىتالىيە دەرىجدىن تاشقىرى لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى ) ، ( 2 قىتىم ئىتالىيە B بىرلەشمسىنىڭ چىمپىيۇنى)
( 1 قىتىم بىلىروسكىنى لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى ) قاتارلىق ئىسىل شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرىگەن .
كۇماندا قىسقىچە تەرجىمھالى
كۇماندا ئىسىمى : AC مىلان
خەنزوچە ئاتىلشى : AC米兰
ئىنگلىزچە ئاتىلىشى : Associazione Calcio Milan
كۇماندا قۇرۇلغان ۋاقىت : 1899-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تەنھەركەت تۈرى : پۇتبول
بىرلەشمە تەۋەلىكى : ئىتالىيە پۇتبول بىرلەشمسى
قۇرۇلغان شەھەر : ئىتالىيە مىلان شەھىرى
كۇماندا مەيدانى : سان-سىرو پۇتبول مەيدانى
مەيدان سىغىمى : 82955 ئادەم
كۇلۇپ خۇجايىنى : بىلىروسكىنى
كۇلۇپ رەئىسى : گالىيانى
كۇلۇپ تىرنىرى : ئالىگىرى
ياردەمچى تىرنىر : ماۋلو . تاسۇدى
تىخنىكا تىرنىرى : ئاندىرىيا . ماندىرا
ۋارتار يىتەكچىسى : ۋالەيرى . فىئاۋلى ، ماركو . رەندوچ
كۈچ مەشقى تىرنرى : دەنىلەي . تونىياچىنى
كۈچ مەشقى تىرنىر ياردەمچىلىرى : فىلەيدى ، ئالەيۋى ، دومىنىچ ، ماسكەيلونى ، پۇلىدىموۋىچ
كۇلۇپ باش دۇختۇرى : رودوف . تاۋانا
دۇختۇر ياردەمچىلىرى : جىۋى ، گۇۋاچىنى
كۇلۇپ ئۇۋلاش باش تىخنىكى : ئالىكساندىرو . تىراپاتونى
كۇماندىنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى : قارا-قىزىل قۇشۇن
مىلاننىڭ شۇئارى : FORZA MILANO
ئىپتىدائىي ھالەتتكى AC مىلان1899-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى قۇرۇلغان AC مىلان كۇماندسى ---'Milan Cricket and Football SERIE A يەنە (مىلان پۇتبولچىلار ئۇيۇشمسى دىگەن گەپ بۇلۇپ ، قىسقارتىلىپ (AC Milan) دەپ ئاتالغان ، كۇماندا 1901-يىلى تۇنجى قىتىم ‹‹ مىلان لوڭقسىغا ئىرشكەن›› ، 1905-يىلى رەسمىي ھالىدا ‹‹ Milan Football Club ›› كۇلۇپ دەپ ئاتالغان ، 1906-يىلى ۋە1907-يىلى ئۇدا ئىككى قىتىم ‹‹ ئىتالىيە مەملىكەتلىك لەۋھە تالشش ›› پۇتبول مۇسابىقسىنىڭ چىمپىيونى بولغان.1908-يىلى كۇماندىدىكى بىردىنبىر چەتئەللىك ماھىر (شىۋتسارىيەلىك) سىرنا كۇماندىدىن ئايىرىلىپ چىقىپ مىلان شەھىرىگە يەنە بىر كۇلۇپىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ ، بۇ كۇلۇپنىڭ ئىسىمى ( خەلىقئارا) كۇلۇپ دەپ ئاتىلىپ يەنە (Inter) بۇلۇپ بۇ كۇماندىمۇ مىلان شەھىرىدە قۇرۇلغاچىقا (خەلىقئارا مىلان ) دەپ ئاتالغان. مانا بۇ ئىككى كۇماندىنىڭ بىر شەھەرىدە قۇرۇلۇشى ياۋرۇپادىكى ئەڭ كۈچلۈك رىقابەت ‹‹ مىلان دىربىسى›› نى بارلىققا كەلتۈرىگەن.
AC مىلان كۇماندسى مىلان شەھىرىنىڭ غەربىدىكى سان-سىرو رايونىدا قۇرۇلغاچقا مەيداننىڭ نامى ‹‹ سان-سىرو›› پۇتبول مەيدانى دەپ ئاتالغان. ئۇدا ئىككى قىتملىق دۇنيا ئۇرۇشى تەسىرىدە پەسكويغا چۈشۈپ قالغان ئىتالىيە بىرلەشمسى 1947-يىلىغا كەلگەندە رەسمىي ھالىدا ياۋرۇپا سەھنىسىدە چاقناشقا باشلىغان.
AC مىلاننىڭ ئۇزغۇنلۇقتىكى ئون نادىر مۇسابىقسى

داڭلىق چولپانلارنىڭ ئىقىپ كىرشى1947-يىلى AC مىلان كۇماندسى 1-ئەۋلاد ئالتۇن دەۋىر شىۋتسىيەلىك ‹‹ ئۈچ بومباردىمانچى ›› نودار ئائىلسدىكى ئۈچ ئاكا-ئۇكا قىرنداشلارنى كۇماندىغا ئىلىپ كىرىدۇ ، بۇ ئۈچ قىرنداش دەل 1948-يىللىق ‹‹ لوندون ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقسىدا شىۋتسيە ئولمىپىك پۇتبول كۇماندسىنى چىمپىيون قىلغان ماھىرلار ئىدى. بۇ ئۈچ ماھىردىن ئەڭ كىچىكى گاڭنا-نودار دەل مىلان تارىخدىكى مەشھور شەخسلەر قامۇسىغا يىزىلغان ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرى ئىدى. 1948-1949-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە گاڭنا . نودار مىلان ئۈچۈن 15 مەيدان مۇسابىقىغا چىقىپ 16 توپ ئۇرىغان ، ئۇندىن كىيىن مىلان ئىلىگىرى كىيىن بۇلۇپ شىۋتسىيەلىك گاڭنا . گىرىن ۋە نىرسى . لىدخورىم قاتارلىق ئىككى مۇنەۋۋەر پۇتبولچىنى كىرگۈزىدۇ ، مانا بۇلار مىلان تارىخدىكى 1-ئەۋلاد كۈچلۈك گۇرۇپ ‹‹Gre-No-Li›› گۇرۇپپسىنى ھاسىل قىلىدۇ.
1958-يىللىق دۇنيا لوڭقسدىن كىيىن مىلان كۇماندسى ، بىرازلىيەنىڭ ‹‹ پارمىلاس›› كۇماندسدىن 58-يىللىق دۇنيا لوڭقسدىكى چىمپىيون بىرازلىيەنىڭ ئاساسلىق ئۇتتۇرا ھۇجۇمچسى ‹‹جوسى . ئارتافىنى›› نى كىرگۈزىدۇ.1958-1959-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە مىلان كۇماندسى بىرلەشمىدە 20 مەيدان ئۇتۇش ، 12 مەيدان تەڭلىشش ، 2 مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك ياخشى نەتىجە بىلەن چىمپىيون بۇلىدۇ، ئارتافىنى 32 قىتىم مەيدانغا چىقىپ 28 توپ كىرگۈزىدۇ ، 1960-يىلى مىلان يەنە ئۇراگۇايلىق قاتىل ھۇجۇمچى سىجيافىنونى قىتۋالىدۇ ، بىر پەسللىك مۇسابىقدىن كىيىن رىم كۇماندسىغا ئىجارىگە بىرىدۇ، ھەمىدە شۇ يىلى ئىتالىيەلىك ياش ماھىر لىۋىرانى كۇماندىغا چاقىرىدۇ ، 1961-1962يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە لىۋىرا كۇماندا ئۈچۈن بىرلەشمىدە 20 توپ كىرگۈزۈپ شۇ پەسللىك ‹‹ ئالتۇن ئاياغ›› مۇكاپاتىغا ئىرشىدۇ.
ياۋرۇپانىڭ ھۈكۈمىرانلىق ئورنىغا ئاتلىنىش1962-1963يىللىق مۇسابىقە پەسلى مىلان ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر پەسىل بولدى ، يەنە ئارتافىنى ۋە شىۋتسىيەلىك ‹‹Gre-No-Li››
گۇرۇپپسى باشچىلىقدىكى مىلان كۇماندسى ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقسى مۇسابىقسىدە ھەربىر قەدەمدىكى رەقىپلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە يەنە ‹‹ لوندون ۋىنبولى پۇتبول مەيداندا›› يوشىبئىو باشچلىقدىكى بىنفيكا كۇماندسىنى مەغلوپ قىلىپ AC مىلان كۇماندسىنىڭ 1-ئۇزغۇنلۇق لوڭقسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
1964-يىلى AC مىلان كۇماندسى ‹‹ سەيسار . مالىدىنى ›› (چوڭ مالىدىنىنى) كۇماندىغا كىرگۈزىدۇ.1966-يىلى بولسا شۇ دەۋىردىكى ئەڭ نوچى تىرنىر ‹‹ نىرريئو . روك ›› نى كۇماندىنىڭ مەشقاۋۇللۇقىغا تەكلىپ قىلىدۇ، ‹‹روك››نىڭ يىتەكلىشى ئاستىدا 1968-يىلى گوللاندىيەنىڭ روتىدان شەھىرىدە ئۈتكۈزۈلگەن ‹‹ ياۋرۇپا غالىبلار لوڭقسى ›› پۇتبول مۇسابىقسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىدە گىرمانىيەنىڭ ‹‹ ھامبورىگ›› كۇماندسىنى مەغلوپ قىلىپ بۇ قىتملىق ‹‹ياۋرۇپا غالىبلار لوڭقسى››نىڭ چىمپىيۇنى بۇلىدۇ.
1969-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىسپانىيە مادىرىدنىڭ ‹‹ بىرنابۇ›› پۇتبول مەيدانىدا گوللاندىيەلىك رىۋايەتلىك شەخس-كىرويىف باشچلىقىدىكى ئاجاكىس كۇماندسى بىلەن شۇ پەسللىك ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىنى ئويناپ 1 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يىڭىپ 2-قىتم ئۇزغۇنلۇق لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى بۇلىدۇ، مۇشۇ مەيدان مۇسابىقدە مىلان 2-كۇماندسدىن يۈتكەپ كەلگەن 17 ياشلىق ماھىر ‹‹ بىرادى ›› ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ ‹‹قالپاق›› كىيىدۇ.
1969-يىلىنىڭ ئاخىرىدا AC مىلان كۇماندسى 4 : 2 نەتىجە بىلەن بىلارىدو . ۋىرون ‹‹ ئارگىنتىنانىڭ يىڭدىن چىكىنگەن پۇتبول چولپىنى ›› ۋىروننىڭ دادىسى باشچلىقدىكى ئارگىنتىنا لابوراتا ئۇنىۋىرستىت كۇماندسىنى يىڭىپ تۇنجى قىتىم ‹‹دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقسى››نىڭ چىمپىيونى بۇلىدۇ . شۇ يىلى ‹‹ لىۋىرا ›› ‹‹ ياۋرۇپا پۇتبول ئەپەندسى ›› بۇلۇپ باھالىندۇ.
1978-يىلى AC مىلان كۇماندسى يەنە بىر رىۋايەتلىك چولپان ، ‹‹ پۇلات قورغان ›› فىرانكو . باروسسىنى كۇماندىىنىڭ 2-كۇماندسدىن 1-كۇماندىغا يۈتكەپ چىقىدۇ .1982-يىلى ئىتالىيە دۆلەت كۇماندسىنىڭ ‹‹دۇنيا لوڭقسى››دىكى چىمپىيون تىرنىر ‹‹ئىنزو . بىئارزوتى›› نى كۇماندىنىڭ تىرنىرلىقىغا كىرگۈزىدۇ ، 1984-يىلى ‹‹ مىلان شاھىزادىسى ›› ‹‹پاۋلو . مالدىنى››(كىچىك مالدىنى) نى 2-كۇماندىدىن يۈتكەپ چىقىدۇ . 1985-يىلى ‹‹ئىتالىيەلىك ئالتۇن ئۈسمۈر›› ‹‹روسسى›› نى كۇماندىغا يۈتكەپ كىلىدۇ.
1986-يىلى 2-ئايىدا ئىتالىيەلىك ئاقسۇڭەك باي ‹‹ سىرۋىئۇ . بىلىروسكىنى ›› كۇماندىنىڭ 85% پاي ھۇقۇقىنى سىتۋالىدۇ،ھەم مىلاننى ياۋرۇپادىكى يەنە بىر شانلىق دەۋىرگە باشلاپ كىرىدۇ ، 1987-يىلى بىلىروسكىنى ‹‹ گوللاندىيەلىك ئۈچ شەمشەرۋاز ›› گوللىت ، لىجكارىد ، ۋەن-باستىن قاتارلىقلارنى بىر ۋاقىتتا كىرگۈزۈپ مىلان تارىخدىكى يەنە بىر ئالتۇن گۇرۇپپا تەشكىلىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. 1988-يىلى يەنە يۇقىرى باھا بىلەن ‹‹چاۋانى . گالى ›› ، ‹‹ ماسالو ›› ، ‹‹ دونادونى ›› قاتارلىق داڭلىق ماھىرلارنى كۇماندىغا يۈتكەيىدۇ ، ھەمىدە ئىلىگىرىكى مىلاننىڭ رىۋايەتلىك ماھىرى ‹‹ لىدخورىم ›› نى كۇماندىنىڭ ياردەمچى تىرنىرلىقىغا ، يەنە بىر مىلان تارىخدىكى ئىسىل چولپان ‹‹ كاپىرو›› نى كۇماندىنىڭ باش تىرنىرلىقىغا تەكلىپ قىلىپ ئىلىپ كىرىدۇ.1990-يىلى بىلىروسكىنى ‹‹ گالىيانى›› نى كۇماندىنىڭ باش رەئىسلكىگە تەيىنلەيىدۇ ، ھەمىدە ئىلىگىرىكى مىلان چولپىنى ‹‹ زاجى›› نى كۇماندىنىڭ تىخنىكا تىرنىرلىقىغا ئىلىپ كىرىدۇ.
1989-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى بارسلونانىڭ ‹‹نوگىكەنپۇ›› پۇتبول مەيدانىدا رومىنيەنىڭ ‹‹ بولخارسىت قىزىل يۇلتۇز›› پۇتبول كۇماندسىنى يىڭىپ 3-قىتىم ‹‹ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى ›› بۇلىدۇ ، مۇسابىقىدە گوللىت بىلەن ۋەن-باستىن 2دىن توپ ئۇرىدۇ.
1990-يىلى گالىيانى ‹‹كوستاكۇتا›› نى كۇماندىغا ئىلىپ كىلىدۇ.
1990-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاۋستىرىيەنىڭ ‹‹ ۋىينا›› پۇتبول مەيدانىدا 1 : 0 نەتىجە بىلەن پورتۇگالىيەنىڭ ‹‹بىنفىيكا›› كۇماندسىنى يىڭىپ ‹‹4-قىتىم ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقسى›› نىڭ چىمپىيونى بۇلىدۇ. مۇسابىقىدىكى بىردىنبىر توپىنى لىجكارىد كىرگۈزىدۇ.
1990-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ياپۇنىيەنىڭ ‹‹ توكيو ئولىمپىك پۇتبول مەيدانى››دا ئۇراگۇاينىڭ ‹‹ئولىمپىيە›› كۇماندسىنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يىڭىپ ‹‹3-قىتىم دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى›› بۇلىدۇ. مۇسابىقىدە لىجكارىد 2 توپ ، سىتروپا 1 توپ كىرگۈزىدۇ.
1991-1992-يىلى بىلىروسكىنى ئىتالىيەلىك ‹‹ ماتور››‹‹ئاربىدىنى›› نى كىرگۈزىدۇ ھەم شۇ پەسلىنىڭ ئۇتتۇرسى ئارگىنتىنالىق ماھىر ‹‹ سىمونى›› نى كىرگۈزىدۇ . 1992-1993-يىلى بىلىروسكىنى يۇقىرى باھا بىلەن يۈگۈسلاۋىيەلىك ‹‹ئوت قۇرال›› ‹‹ساۋىيچىۋىچ›› ، ياۋرۇپا پۇتبول ئەپەندسى ‹‹ پافەن ›› ، تورىن كۇماندسىنىڭ 1-مەرگىنى ‹‹ لوندىنى›› ، رىنايا كۇماندسىنىڭ پۇلات بىكى ‹‹ ئەيلانئىوۋ›› قاتارلىق داڭلىق ماھىرلارنى كۇماندىغا يۈتكەپ كىلىدۇ.
1993-يىلى 12-ئايىدا ياپۇنىيەنىڭ ‹‹توكيو ئولىمپىك پۇتبول مەيدانى›› دا ‹‹كافۇ›› باشچلقىدىكى بىرازلىيەنىڭ ‹‹سان-پاۋلو››كۇماندسىنى 2گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يىڭىپ ‹‹ دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى بۇلىدۇ.
1992-يىلى مىلان كۇماندسىنىڭ باش مەرگىنى ‹‹ۋەن-باستىن›› ‹‹دۇنيا پۇتبول ئەپەندسى ›› بۇلۇپ باھالاندى.
1993-1994يىللىق ئىتالىيە بىرلەشمسى ۋە ياۋرۇپا سەھنىسىدە AC مىلان كۇماندسى ‹‹كاپىرو››نىڭ يىتەكلشىدە ‹‹14-قىتم ئىتالىيە بىرلەشمسىنىڭ چىمپىيونى›› ، ‹‹5-قىتىم ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى›› قوش چىمپىيونلۇققا ئىرشتى.
1995-1996-يىللىق مۇسابىقە پەسلى AC مىلان كۇماندسى ‹‹15-قىتىم بىرلەشمە چىمپىيونلىقى››نى قولغا كەلتۈردى.
1995-يىلى پارىژ-سانىت گىرمان كۇماندسدىن يۈتكەپ كەلگەن رىۋايەتلىك شەخس ‹‹جورجى-ۋىيئا›› ‹‹دۇنيا پۇتبول ئەپەندسى ›› بۇلۇپ باھالاندى . 1996-1997مۇسابىقە پەسلى ۋە 1997-1998يىللىق مۇسابىقە پەسلىلىرى 1993-يىللىق ‹‹دۇنيا پۇتبول ئەپەندسى›› ‹‹روبىرىت-باگىگو›› مىلان ئۈچۈن توپ تەپىتى.
21-ئەسىردىكى شانلىق نەتىجلەر21-ئەسىر كىرگەندىن كىيىن مىلان يەنە بىر قىممەتلىك شانلىق ياراتتى.
يەنە ‹‹ كافۇ ›› ، ‹‹ كاكا ›› ، رىۋالىدۇ›› ‹‹ كىرسپو›› ،‹‹شىۋچىنكو›› ، ‹‹دىدا›› قاتارلىق ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك چولپانلارنى كىرگۈزۈپ 2002-2003-يىللىق ‹‹ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقسى›› ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىدە يەنە بىر ئىتالىيە زەردارى ‹‹ يوۋىنتوس›› كۇماندسىنى نۇقىتا توپ جىڭىدە مەغلوپ قىلىپ ، ‹‹ كۇماندىنىڭ 6- قىتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقسى››غا ئىرشكەن. دەل مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدە يەنە بىر قىززىق نۇقىتا دۇنيادىكى ئىككى كۈچلۈك ۋارتار ‹‹ بوففىن›› بىلەن ‹‹ دىدا››نىڭ دىربىسى بولدى دىيشكە تامامەن بۇلىدۇ.
2003-2004-يىللىق بىرلەشمىدە 17-قىتىم ‹‹بىرلەشمە چىمپىيونلىق››نى قولغا كەلتۇرىگەن.
2007-يىلى 5-ئايىدا گىرتسىيەنىڭ‹‹ئافىنا پۇتبول مەيدانى››دا ئىنگىلادنىڭ لىۋىرپول كۇماندسىنى ‹‹كاكا›› ‹‹ئىنزاگى››لارنىڭ قالتىس ئىپادسى بىلەن 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يىڭىپ چىمپىيون بولغان . مۇسابىقىدە ‹‹ئىنزاگى›› 2 توپ كىرگۈزگەن
2007-يىلى ئىسپانىيەنىڭ ‹‹سىۋللىيا›› پۇتبول كۇماندسىنى يىڭىپ ‹‹ياۋرۇپا دەرىجدىن تاشقىرى لوڭقسى››نىڭ چىمپىيونى بولغان.
2007-يىلى 12-ئايىدا ئارگىنتىنانىڭ ‹‹ بوكا ياشلار كۇماندسى›› نى يىڭىپ ‹‹دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقسى››غا ئىرشكەن.
2007-يىلى پۇتبول دۇنياسدىكى ‹‹ئەڭ كىلشكەن چولپان -كاكا دۇنيا پۇتبول ئەپەندسى›› بۇلۇپ باھالىندۇ.
2007-يىلى يازدا يەنە ‹‹تاشقى پىلانىت ئادىمى›› رونالدونى كۇماندىغا يۈتكەپ كىلىدۇ.
2008-يىلى ‹‹چىملىقتىكى -سىھىرىگەر›› رونالدىخو بارسلونا كۇماندسدىن يۈتكۈلۈپ كىلىدۇ.
2008-يىلى ئامىرىكىنىڭ ‹‹لوس-ئانجلىس سامان يۇلى›› كۇماندسدىن بىكخامىنى ئىجارە شەكىلىدە يۈتكەپ كىلىدۇ.
2009-يىلى ‹‹كاكا›› كۇماندىدىن ئايىرىلىپ 6500 تۈمەن ياۋرۇلۇق باھا بىلەن مادىرىد كۇماندسىغا يۈتكىلىدۇ.
2010-يىلى شىۋتسيەلىك قاتىل مۇنار‹‹ئىبىراھىموۋىچ ›› ، ۋىلسپىت مىنىش ماھىرى‹‹روبىنخو›› ، يىڭى مىلان شاھىزادسى ‹‹ بوئاتىڭ›› قاتارلىق ماھىرلارنى كۇماندىغا يۈتكەپ كىلىدۇ.
2010-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ھازىرىقى 1-نۇمۇرلۇق ئۇتتۇرا بىك ‹‹ دىياگو-سىلۋا››نى كۇماندىغا يۈتكەپ كىلىدۇ.
2011-يىلى كاسانو قاتارلىق داڭلىق ماھىرلارنى كۇماندىغا يۈتكەپ كىلىدۇ.
2012-يىلى كىچىك فىرئەۋىن ‹‹ ئال-شالاۋى›› مىلاندا چاقناشقا باشلىدى.
2013-يىلى قىشتا يەنە بىر تالانتلىق ھۇجۇمچى بالاتوللى مىلانغا قۇشۇلىدۇ.
2013-يىلى يازلىق يۈتكىلشىتە ماتىرى ، پولى قاتارلىق داڭلىق ماھىرلار قۇشۇلغاندىن باشقا ، سان-سىروشاھىزادسى كاكا مىلانغا قايتىپ كىلىدۇ
بۇلاردىن باشقا مىلاندا توپ تەپكەن داڭلىق ماھىرلاردىن ‹‹ كافۇ ›› ، ‹‹گاتتۇسو›› ، ‹‹ پىرلو›› ، ‹‹ سىدورف›› ، ‹‹ زامبوروتا›› ، ‹‹خۇنتىلار›› ، ‹‹پاتو›› ، ‹‹ پاززىنى›› ، ‹‹ بويان›› ، ‹‹ ئەنىبىروسسىنى›› ، ‹‹ ئىمانوئىرسىن›› ، ‹‹ مۇنتارى›› ، ‹‹بولىيلو›› ، ‹‹ مونتىرىۋو›› ، ‹‹فەنبوممىل›› ، ‹‹نىستا›› ، ‹‹ياڭكىلوۋسىكى›› ، ‹‹ روي كوستا›› ، ‹‹ مىكىس›› ، ‹‹ نوچىرنو›› ، ‹‹ ئابىيادى›› ، ‹‹ئاباتى›› ، ‹‹يىپىس›› ، ‹‹ئەندۇننىنى›› ، ‹‹دىروڭ›› ، ‹‹ ئاكالى›› قاتارلىق داڭلىق چولپانلار بار
كۇماندا تارىخدىكى دۇنيا پۇتبول ئەپەندسى بولغان ماھىرلار
1992-يىلى ۋەن-باستىن
1993-يىلى روبىرىت باگگىيو
1995-يىلى گىئورگى-ۋىيئا
1996-يىلى رونالدو
1997-يىلى رونالدو
1999-يىلى رىۋالدو
2002-يىلى رونالدو
2004-يىلى رونالدىنخو
2005-يىلى رونالدىنخو
2007-يىلى كاكا
كۇماندا تارىخدىكى ياۋرۇپا پۇتبول ئەپەندىلىرى
1969-يىلى لىۋىرا
1982-يىلى روسسى
1987-يىلى گۇللىت
1988-يىلى ۋەن-باستىن
1989-يىلى ۋەن باستىن
1990-يىلى پافەن
1992-يىلى ۋەن-باستىن
1993-يىلى روبىرىت-باگىگىيو
1995-يىلى گئورگى-ۋىيئا
1996-يىلى رونالدو
1999-يىلى رىۋالدو
2002-يىلى رونالدو
2004-يىلى شىۋچىنكو
2005-يىلى رونالدىنخو
2007-يىلى كاكا
كۇلۇپ تارىخدىكى ئۇزغۇنلۇق لوڭقسى ‹‹ئالتۇن ئاياق ›› مۇكاپاتى
1962-1963 يىللىق ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقە پەسلى ئارتافىنى (14توپ)
1988-1989يىللىق ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقە پەسلى ۋەن-باستىن (10توپ)
2005-2006يىللىق ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقە پەسلى شىۋچىنكو (9توپ)
2006-2007 يىللىق ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقە پەسلى كاكا (10 توپ)
كۇلۇپ تارىخدىكى ئىتالىيە بىرلەشمسى ‹‹ئالتۇن ئاياق›› مۇكاپاتى
1939-1940 مۇسابىقە پەسلى بوففو 24 توپ
1941-1942 مۇسابىقە پەسلى بوففو 22 توپ
1949-1950 مۇسابىقە پەسلى نودار 35 توپ
1950-1951 مۇسابىقە پەسلى نودار 34 توپ
1952-1953 مۇسابىقە پەسلى نودار 26 توپ
1953-1954 مۇسابىقە پەسلى نودار 27 توپ
1961-1962 مۇسابىقە پەسلى ئارتافىنى 22 توپ
1967-1968 مۇسابىقە پەسلى پۇلادى 15 توپ
1986-1987 مۇسابىقە پەسلى ۋىردىس 17 توپ
1989-1990 مۇسابىقە پەسلى ۋەن-باستىن 19 توپ
1991-1992 مۇسابىقە پەسلى ۋەن-باستىن 25 توپ
1999-2000 مۇسابىقە پەسلى شىۋچىنكو 24 توپ
2003-2004 مۇسابىقە پەسلى شىۋچىنكو 24 توپ
2011-2012 مۇسابىقە پەسلى ئىبىراھىموۋىچ 26 توپ
كۇماندا تارىخدىكى مەرگەنلەر قاتارى
1. نودار 221 توپ
2. شىۋچىنكو 175 توپ
3. لىۋىرا 164 توپ
4. ئارتافىنى 161 توپ
5. بوففۇ 136 توپ
6. ئىنزاگى 126 توپ
7.ۋەن-باستىن 124 توپ
8. سان-ئاۋدىنو 106 توپ
9. پۇلادى 104توپ
10.ۋان-مىرىگ 98 توپ
11. كاكا 95 توپ
12. بىگكىيان 90 توپ
13. لىدخورىم 89 توپ
14.بوررىنى 88 توپ
15. ۋىردىس 76 توپ
16. سىمونى 75 توپ
17. سىرونا 72 توپ
18. ئاكارى 70 توپ
19. مارسالو 70 توپ
20. مورىددى 68 توپ
كۇماندا تارىخدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى
ۋارتار : لىرونزو
بىكلار : باروسسى ، تاسوددى ، مالدىنى ، لىدخورىم
ئۇتتۇرا مەيدان : لىجكارىد ، تىراپاتونى ، لىۋىرا
ھۇجۇمچىلار : ئارتافانى ، ۋەن-باستىن ، نودار
تىرنىر : ساگكى
مىلاننىڭ شانلىق نەتىجلىرى
ئىتالىيە بىرلەشمە لوڭقسى چىمپىيونى ---18次,1901,1906,1907,1950/51,1954/55,1956/57,1958/59,1961/62,1967/68,1978/79,1987/88,1991/92,1992/93,1993/94,1995/96,1998/99,2003/04,2010/11; (18 قىتىم)
ئىتالىيە ‹‹ب››دەرىجلىكلەر چىمپىيونى---1980/81,1982/83 (2 قىتىم)
ئىتالىيە لوڭقسى چىمپىيونى---1966/67,1971/72,1972/73,1976/77,2002/03 (5 قىتىم)
ئىتالىيە دەرىجدىن تاشقىرى لوڭقسى چىمپىيونى---1989,1992,1993,1994,2004,2011 (6 قىتىم)
ئىتالىيە ‹‹خوبىت››ئالتۇن تامىغا لوڭقسى ---1900,1901,1902 (3 قىتىم)
ئىتالىيە ئىتتپاقداشلار لوڭقسى---1915 (1 قىتىم )
بىلىروسكىنى لوڭقسى ---1992,1993,1994,1996,1997,2002,2005,2006,2007,2009,2011 (11 قىتىم)
TIMلوڭقسى چىمپىيونى --- 2001,2006,2008,2009 (4 قىتىم )
ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقسى ---1963,1969,1989,1990 ، 1994 ، 2003 ، 2007 ( 7 قىتىم )
ياۋرۇپا غالىبلار لوڭقسى --- 1967/68,1972/73 ( 2 قىتىم )
ياۋرۇپا دەرىجدىن تاشقىرى لوڭقسى --- 1989,1990,1994,2003,2007 ( 5 قىتىم )
لاتىن لوڭقسى --- 1951,1956 ( 2 قىتىم )
ئۇتتۇرا ياۋرۇپا لوڭقسى--- 1982 ( 1 قىتىم )
دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقسى --- 1969 ، 1989 ، 1990 ، 2007 ( 4 قىتىم )

كۇماندا تارىخدىكى ئەڭ.......لەر
مىلان دىربىسىدا ئەڭ يۇقىرى پەرىق بىلەن ئۇتقان مۇسابىقە مىلان 6 : 0 ئىنتىر مىلان
ساھىپخان يۇقىرى نۇمۇر بىلەن ئۇتقان مۇسابىقسى مىلان 9 : 0 پالىرىمو
مىھمان يۇقىرى نۇمۇر پەرىق بىلەن ئۇتقان مۇسابىقسى مىلان 8 : 0 رىنايا
ساھىپخان يۇقىرى نۇمۇر بىلەن ئۇتتۇرىغان مۇسابىقە مىلان 1 : 6 يوۋىنتوس
مىھمان يۇقىرى نۇمۇر بىلەن ئۇتتۇرىغان مۇسابىقە مىلان 1 : 6 ئالىساندرويا
بىرلەشمىدە ئۇدا ئۇتتۇرماسلىق رىكورتى ‹‹ 58›› مەيدان ئۇدا ئۇتتۇرۇپ باقىمىغان
ئۇدا غەلبە قىلىش مەيدان سانى ‹‹10 مەيدان ›› ئۇدا غەلبە قىلغان
مىھمان مەيدان ئۇدا غەلبە قىلىش سانى ‹‹8 مەيدان›› ئۇدا غەلبە قىلغان
مىھمان مەيدان ئۇدا ئۇتتۇرماسلىق سانى ‹‹ 19 مەيدان ›› ئۇتتۇرمىغان
ئۇدا غەلبە قىلالماسلىق قىتىم سانى ‹‹11 مەيدان›› غەلبە قىلالمىغان
ئۇدا مەغلوپ بولغان قىتىم سانى ‹‹5 مەيدان ›› مەغلوپ بولغان1961-1962 مۇسابىقە پەسلى ‹‹24 مەيدان›› غەلبە قىلغان
مىھمان مەيدان غەلبە قىلغان قىتىم سانى ئەڭ كۆپ پەسىل 1963-1964 مۇسابىقە پەسلى ‹‹ 11 مەيدان ›› غەلبە قىلغان
غەلبە قىلغان قىتىم سانى ئەڭ ئاز پەسىل 1957-1958 مۇسابىقە پەسلى ‹‹9 مەيدان›› غەلبە قىلغان ئارانلا
ئۇتتۇرماسلىق قىتىم سانى ئەڭ كۆپ پەسىل 1991-1992 مۇسابىقە پەسلى ‹‹ پۈتۈن بىر يىل ›› ئۇتتۇرۇپ باقىمىغان
توپ كىرگۈزۈش سانى ئەڭ كۆپ پەسىل 1958-1959 مۇسابىقە پەسلى ‹‹ 84 توپ ›› كىرگۈزگەن
توپ كىرگۈزۈش سانى ئەڭ ئاز پەسىل 1966-1967 مۇسابىقە پەسلى ‹‹36 توپ ›› كىرگۈزگەن
توپ كەتكۈزۈش سانى ئەڭ ئاز پەسىل 1993-1994 مۇسابىقە پەسلى ‹‹15 توپ ›› كەتكۈزگەن ئارانلا
توپ كەتكۈزۈش سانى ئەڭ كۆپ پەسىل 1932-1933 مۇسابىقە پەسلى ‹‹62 توپ ›› كەتكۈزگەن
ئۇدا توپ كەتكۈزمىگەن ۋارتار : سىيباستىيانو-روسسى ئۇدا ( 930 مىنۇت ) توپ كەتكۈزمىگەن
مەيدانغا چىقىش قىتىم سانى ئەڭ كۆپ ماھىر : مالدىنى ‹‹ 902 مەيدان›› چىققان
بىرلەشمىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ماھىر: نودار ‹‹ 257 مەيدان مۇسابىقىدە 210 توپ ›› كىرگۈزگەن
خەلىقئارالىق مۇسابىقلەرگە ئەڭ كۆپ قاتناشقان ماھىر : پاۋلو-مالدىنى ‹‹ 126 مەيدان›› چىققان
مىلان كۇماندسىنىڭ ناخشا تىكستى
ناخشا ئىسىمى : Inno Milan
ئورۇنلىغۇچى : تونى . لىنىس . گۇانتىنى
Milan,Milan solo con te Milan Milan sempre per te Camminiamo noi accanto ai nostri eroi sopra un campo verde sotto un cielo blu conquistate voi una stella in piu ha brillate in nole insieme cantiamo Milan Milan solo con te Milan Milan sempre per te Con il Milan nel cuore nel profondo dell'anima un vero amico sele insieme cantiamo Milan Milan solo con te Milan Milan sempre per te Con il sogno che la violenza no non ti sporchi maie insieme cantiamo Milan Milan solo con te Milan Milan sempre per te
مىلان ناخشسى
مىلاننىڭ ماشنا ئىلانى

مىلان تارىخدىكى مۇنەۋۋەر تىرنىرلار

ئىنسانىيەت سىلەر بىلەن بىللە

مىلاننىڭ رەئىسى ۋە سىياسىيون- بىلىروسكىنى

مىلاننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە مىلاننىڭ كۇمپىيوتىرى-گالىيانى

لوڭقا كۈتۈرىگەن شۇ دەقىيقىلەر

گوللاندىيەلىك ئۈچ قىلچۋاز

سان-سىرو ھىكايسى مەزكور مەيداننىڭ ئىچىدە بارلىققا كەلگەن
 |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|