akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2359|ئىنكاس: 62

خان جەمەتى مادىرىد تارىخى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-23 02:04  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مۇنبەرداشلار، كەمىنە مادىرىد مەستانىسى بېرنابۇدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام!
ھەممەيلەنگە مەلۇم، مۇنبىرىمىزدە ھەر خىل كوماندىلارنىڭ مەستانىلىرى بار، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەممىدىن ھازىر دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدە ئەڭ يارقىن بارسىلونا بىلەن خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىنىڭ مەستانىلىرى كۆپ ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۆزۈم بىر مادىرىد مەستانىسى بولۇش سۈپتىم بىلەن مۇنبىرىمىزدىكى مادىرىد كوماندىسىنىڭ تارىخىدىن ئانچە خەۋەرسىز مەستانىلىرىنى خەۋەردار قىلىش مەقسىتىدە، ئاساسلىقى مەزكۇر تېمامنى مۇنبىرىمىزدە يېقىندا يولغا قويۇلغان ئايلىق تېما باھالاش پائالىيتىگە قاتناشتۇرۇش، مۇنبىرىمىزدىكى نادىر تېمىلار سەھىپىسىگە ھۆسىن قوشۇش مەقسىتىدە، ئۇشبۇ تېمامنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇشنى لايىق تاپتىم.
مادىرىد كوماندىسىنى ياقتۇردىغان ۋە ياقتۇرمايدىغان بارلىق مەستانىلەر، قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ ئەمگەك مېۋەمدىن تەڭ بەھىرلىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!




★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★


ئىسپانىيە خان جەمەتى مادىرىد تارىخى

ئاپتورى: بېرنابۇ



خان جەمەتى مادىرىد (Real Madrid) بولسا ئىسپانىيەدىكى ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان پۇتبول كۇلۇبىنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئىسپانىيە ۋە دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدە ئەڭ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان پۇتبول كۇلۇپلىرىنىڭ بىرى.
1902-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى، كۇلۇپ رەسمىي قۇرۇلغان بولۇپ، دەسلەپتە مادىرىد جەمئىيتى پۇتبول كۇلۇبى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەنگىلىيەلىك ئاسىن يوھانسون بولسا تۇنجى بولۇپ كوماندا تېرنىرلىقىنى قولىغا ئالىدۇ. جۇئان پادىروس بولسا تۇنجى نۆۋەتلىك رەئىسلىككە سايلىنىدۇ. ئىسپانىيە پادىشاھى ئالفانسو  ⅩⅢ نىڭ 1920-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى «Real» ( ئىسپان تىلىدا خان جەمەتى دېگەن مەنىدە) دېگەن سۆزنى كۇلۇپ ئىسمىنىڭ ئالدىغا قوشۇشى ۋە پۇتبولنى پايتەخىت مادىرىد شەھىرىدە راۋاجلاندۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرىشىغا ھەمدەم بولۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە كۇلۇپ رەسمىي ھالدا خان جەمەتى مادىرىد پۇتبول كۇلۇبى دېگەن نامنى قوللىنىشقا باشلايدۇ. كۇلۇپ قۇرۇلۇپ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا خېلى بىر مەزگىلگىچە دۆلەت ئىچىدە رايونلار ئارىسىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىلەرگە ۋە يەرلىك بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ يۈرىدۇ. دۆلەت دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان ۋاقىتلىرىنى 1903-يىلىدىكى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىدىن باشلاپ تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. كۇلۇپ گۆدەك مەزگىللىرىدە 4 قېتىملىق شاھلىق لوڭقىسىنى كۆتۈرۈپ نامى بىراقلا پۈتۈن ياۋروپانى قاپلايدۇ. ئەمما ئىسپانىيە  A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىنى 1931-يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن تۇنجى قېتىم قولغا كەلتۈرىدۇ. 1933-يىلىغا كەلگەندە يەنە بىر قېتىم بىرلەشمە چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ كەينىدىنلا ئىسپانىيە دۆلەت ئىچىدە سىياسىي ھاكىمىيەت داۋالغۇپ ئىچكى ئۇرۇش پارتىلاش سەۋەبىدىن خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىمۇ خېلى بىر مەزگىل جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ (بۇ توغۇرلۇق «بېرنابۇ» دېگەن تېمىدا بىر ئاز تەپسىلىي توختالغانىدىم). 1943-يىلىغا كەلگەندە خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى تارىخىدىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر شەخىس سانتىياگو بېرنابۇ ئەپەندى كۇلۇپنى قايتىدىن تەشكىللەپ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرىدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىنىڭ تۇنجى شانلىق تارىخى «بېرنابۇ دەۋرى» يېزىلىشقا باشلايدۇ. شۇ يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بولسا كۇلۇپ تارىخىدىكى مەڭگۈلۈك يارقىن نامايەندە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بارسىلونا بىلەن ئوينالغان دۆلەت دېربىيسىنىڭ تۇنجى ئۇچىرىشىدا بارسىلونا 0:3 نەتىنجە بىلەن خان جەمەتى مادىرىدنى يېڭىۋالىدۇ، ئەمما بېرنابۇ مەيدانىدا ئوينالغان ئىككىنچى ئۇچىرىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيداندىلا خان جەمەتى مادىرىد 0:8 نەتىنجە بىلەن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدۇ ۋە ئاخىردا بۇ مەيدان مۇسابىقە 1:11 نەتىنجە بىلەن ئاياقلىشىپ خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلبە قىلغان مۇسابىقە بولۇپ قېلىش بىلەن بىرگە تارىخ بەتلىرىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالىدۇ، شۇنداقلا بۇ مەيدان مۇسابىقە خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى مەستانىلىرى قەلبىدە مەڭگۈ پەخىرلىنىدىغان نەتىنجە بولۇپ قالىدۇ.
2011102314253937.jpg

تارىختىكى كۇلۇپ گېربىلىرى



dcc451da81cb39db4ba38ffed0160924ab183033.jpg

كۇلۇپ تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر رەئىس-بېرنابۇ


1947-يىلى، چامارتىن تەنھەرىكەت مەيدانى (مادىرىد كوماندىسىنىڭ بۇرۇنقى مەيدانى) نىڭ پۈتىشى بىلەن خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى ئەزالىرى تۇنجى قېتىم نومۇر بېسىلغان ئاق رەڭلىك كوماندا كىيمىنى كىيىپ مەيدانغا كىرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن نەچچە يىلغىچە كوماندىنىڭ نەتىنجىسى ئادەتتىكىچە بولىدۇ. 1953-يىلى «سېھىرلىك مەشقاۋۇل» ئېنىرىك فېرنەندىسنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى ئەينى يىللىرىدىكى ئەڭ مودا ۋە ئەڭ ئىلغار «WM» سەپ شەكلىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. رەئىس بېرنابۇمۇ شۇ مۇسابىقە پەسلىدە مادىرىد كوماندىسى تارىخىدىكى تۇنجى رىۋايەتلىك چولپان دى سىتىفانو بىلەن توختام ئىمزالايدۇ، كەينىدىنلا ھېنتو، مورونى قاتارلىق تالانتلىق ياش توپچىلارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى ئارلىقتا 21 يىل ئۆتكەندىن كېيىن 1954-يىلى ئاندىن ئاران ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. پۈتكۈل مادىرىد شەھىرى بولسا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمىدۇ، كوچا-كوچىلاردا كىشلەر قوللىرىدا ئاق رەڭلىك بايراقلارنى لەپىلدىتىپ «چېمپىيۇن مادىرىد» دەپ تەنتەنە قىلىشىدۇ... بۇ پەقەتلا ئاشۇ شانلىق يىللارنىڭ باشلىنىش مۇقەدددىمىسى ئىدى خالاس.
1955-يىلى، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنى بويسۇندۇرغان خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى 4 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلدىغان ياۋروپا مۇسابىقىسى «لاتىن لوڭقىسى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن فىرانسىيەگە كېلىدۇ ۋە فىرانسىينىڭ زاردارى لېنىس كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشىدۇ. شۇ يىلى كۇلۇپ يەنە رەئىس بېرنابۇغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئەسلىدىكى چامارتىن تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ نامىنى «سانتىياگو بېرنابۇ مەيدانى» غا ئۆزگەرتىدۇ.
1956-يىلى، فىرانسىيدە چىقىدىغان پۇتبول ژۇرنىلى «كوماندا گېزىتى» ئورۇنلاشتۇرغان ياۋروپا كۇلۇپلىرى ئارا ئوينىلىدىغان مۇسابىقە «ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى» نىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق دەۋرى يېتىپ كېلىدۇ. 1956-يىلىدىن 1960-يىلىغىچە خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى ئۇدا 5 نۆۋەت ياۋروپا چېمپىيۇنلىقىنى قولدىن بەرمەي، ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ دەسلەپكى 5 يىلىنى مونوپول قىلۋالىدۇ. بۇ نەتىنجە «دۇنيا بويىچە بىرىنچى» دېگەن مەرتىۋىنى تىكلەيدۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى «دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك پۇتبول كۇلۇبى» دېگەن ۋەكىللىك سۆزنىڭ ئىگىسىگە، بۇ كۇلۇپتا توپ تېپىش بولسا سان-ساناقسىز پۇتبولچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسىغا ئايلىنىدۇ.
ئاشۇ يىللاردا مەيلى بوبىي چارلىتوننىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسى بولسۇن، مەيلى پورتۇگالىيەنىڭ پەخىرلىك كۇلۇبى بېنفىكا بولسۇن، ۋە مەيلى دۆلەت ئىچىدىكى مەڭگۈلۈك دۈشمەن بارسىلونا بولسۇن، ھەممىسى بۇ نامى مەشھۇر جەڭچىلەر جەمگاھى بولغان خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىغا تىغمۇ-تىغ تۇرۇشقا ئاجىز ئىدى. 1957-يىلى بېرنابۇدا فلورېنسانى يىقىتىش، 1958-يىلى بىريۇسېلدا AC مىلاننى بوغۇزلاش، 1959-يىلى لېنىس كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىش. خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى مانا شۇنداق كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان ئۇدا 4 نۆۋەت چېمپىيۇنلىققا ئېرىشىدۇ.
1957-يىلى باشلانغاندا بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن كوپا، دومىنگۇس، كانالى قاتارلىق تالانتلىق ياش توپچىلارغا يېقىنلىشىپ ئۇلارنى خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىغا ئېلىپ كەلگەن رەئىس بېرنابۇنىڭ تۇتقان يولى كېيىنكى دەۋىردىكى مادىرىد يۇقىرى قاتلىمىنىڭ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان يۇقىرى باھالىق توپچىلارنى سېتىۋېلىش، ئەمما چوقۇم باھاسىغا ئەرزىيدىغان بولۇش؛ ياش توپچىلارنى سېتىۋېلىش، ئەمما چوقۇم ئىستىقباللىق ياشلاردىن بولۇشنى ئالدىنقى شەرىت قىلغان «ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت» كە ئايلىنىدۇ. 1958-يىلى 31 ياشلىق ۋېنگىرىيە پۇتبول شاھى «ئۇچار پولكوۋنىك» پۇسكاشنىڭ يېتىپ كېلىشى بىر دەۋىر خارەكتىرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ قالىدۇ. دى سىتىفانو بولسا رەئىسنىڭ قارىماققا سېمىز كۆرۈنىدىغان، لېكىن كۈچلۈك ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك بۇ ھەمكارلاشقۇچىنى ئۆزى ئۈچۈنلا سېتىۋالغانلىقىنى ناھايتى تېزلا بايقايدۇ. بۇ ئىككەيلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ 1960-يىلىدىكى ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گېرمانىيە كۇلۇبى فىرانكىفورتنى 3 گە قارشى 7 نەتىنجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا 5 قېتىم ياۋروپا چېمپىيۇن بولۇش رېكورتىنى تاماملايدۇ. شۇ بىر مەيدان مۇسابىقە بولسا شۇ دەرىردىكى ۋەكىل خارەكتىرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر مەيدان كىلاسسىك جەڭ بولۇپ قالىدۇ.
Img366257518.jpg

xin_1720506261508234947970.jpg


1e71f7245209b4514d088d46.jpg

دى سىتىفانو



z24ae90yy07hs.jpg

ھېنتو



شۇنىڭدىن كېيىن خۇددى «شەيئىلەر ئاخىرقى چېكىگە يەتكەندە ئەكسىگە يانىدۇ» دېگەن قانۇنىيەتكە ماس كەلگەندەك، ئۇدا 5 يىل پۈتكۈل ياۋروپانىڭ پۇتبول زومىگىرى بولۇپ كەلگەن خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشقا باشلايدۇ. 1964-يىلى ئاللىقاچان 38 ياشقا كىرىپ قالغان «ئالتۇن ئوق بېشى» سالامەتلىكى سەۋەبىدىن داۋاملىق كوماندىنى يېتەكلەپ ئۈزلۈكسىز غەلبە قىلىش يولىدا مېڭىشقا ئامالسىز قالىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن رەئىس بېرنابۇ ئوتتۇرسىدىكى ئىككى پارچە خوشلىشىش خېتى بولسا خان جەمەتى مادىرىد تارىخىدىكى قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىققا ئايلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ دى سىتىفانو 12 يىللىق ئاق كىيىملىك ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىسپانىيەلىكلەر كۇلۇبىغا يۆتكىلىپ كېتىدۇ. ياۋروپا پۇتبول مەيدانلىرىدىكى مەغلۇبىيەت بولسا كۇلۇپنىڭ قەرىز ئېلىش يولىنى قىسقارتىپ قويۇپ، كۇلۇپنى بىر مەزگىل ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا سۆرەپ كىرىدۇ. كۇلۇپنىڭ 1956-يىلى باشلانغان پۇتبول مەيدانى قۇرۇلۇشى 1963-يىلىغا كەلگەندە ئاران پۈتىدۇ. 1963-يىلىدىن 1973-يىلىغىچە بولغان 10 يىل جەريانىدا خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىنىڭ ھوسۇلى 5 قېتىملىق ئىسپانىيە بىرلەشمە چېمپىيۇنلىقى، بىر دانە شاھلىق لوڭقىسى ۋە بىر دانە ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى بولۇپ قالىدۇ. ھېنتو بولسا تارىختىكى 6 نۆۋەت ياۋروپا چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشكەن بىردىنبىر پۇتبولچى بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پۇتبول سەھنىسىدە بىر مەزگىل خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىنىڭ جىمجىتلىقى ھۆكۈم سۈرىدۇ.
st061118001.jpg

ئىسپانىيەلىكلەر كوماندىسىدىكى دى سىتىفانو ۋە «ئۇچقۇر پولكوۋنىك» پۇسكاش



1973-يىلى بېرنابۇ تەنتەربىيە سارىيىنى ئۆزگەرتىپ سېلىش قۇرۇلۇشى باشلىنىدۇ، ئىككىنچى يىلى 14 يىل كوماندىغا تۆھپە قوشقان مەشقاۋۇل مۇنىئۇسنىڭ دەرىستىن چۈشىشى بىلەن كۇلۇپنىڭ بىر بۆلەك تارىخىنىڭ ئاياقلاشقانلىقى جاكارلىنىدۇ.
پۇتبول تارىخىنىڭ بارغانسىرى پايدا-مەنپەئەتنى يۇقىرى ئورۇنغا قويىدىغان دەۋىرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، 50-يىللاردىكى سەنئەتلىك تۈسكە تولغان جانلىق-تېتىك پۇتبول ئۇسلۇبىنى مەيدان ئىچىدە كۆرگىلى بولماس بولۇپ قالىدۇ. رەئىس بېرنابۇ مۇشۇ مەزگىللەردە ھەتتا نەچچە قېتىم ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا سورايدۇ، ئەمما رەئىس ئۆمىكىنىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ. يەنە تېخى كۇلۇپ رەئىسى بېرنابۇ بىلەن ھەربىي ھۆكۈمەت باش قوماندانى فىرانكو ئوتتۇرسىدا قانداقتۇر بىر مەخپىي مۇناسىۋەت بارلىقى ئەينى دەۋىردىكى كىشىلەرنىڭ قىززىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى بىلەن بارسىلونا كۇلۇبى ئوتتۇرسىدىكى ئەزەلدىن بار بولغان زىددىيەت سىياسىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تېخىمۇ كەسكىنلىشىش ۋە مۇرەككەپلىشىشكە قاراپ ماڭىدۇ.
1978-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى، 83 ياشلىق رەئىس بېرنابۇ راك كېسىلى بىلەن ئاخىرى يىقىلىدۇ، خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىنىڭ بۇ مەشھۇر تۆھپىكار رەئىسى 10 مىڭ كىشىلىك ھۆرمەت بىلدۈرگىچىلەر تەرىپىدىن ساپمۇ-ساق 18 سائەت ماتەم تۇتۇش ئارقىلىق ئۇزىتىلىدۇ. 67 يىل خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان بۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر مۆتىۋەر زات ئۆزى تۇغۇلغان جايدىكى بىر چېركاۋنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ. بېرنابۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن كىشىلەر بىر بۈيۈك دەۋىرنىڭ ئاياقلاشقانلىقىنى ۋە يېڭى بىر دەۋىرنى باشلاش زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىشىدۇ. 71 ياشلىق لۇيىس دې كارلوس بولسا بېرنابۇنىڭ رەئىسلىك ئورنىغا ئولتۇرۇپ، خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەئىسىگە ئايلىنىدۇ.
1979-يىلى خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى باشقا بىر دەۋىرگە قەدەم قويىدۇ. يۇگۇسلاۋىيەلىك بوسىكوف كوماندىنى يېتەكلىگەن شۇ يىلى شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى بىلەن «مادىرىد 2-كوماندىسى» كاستىللا ئوتتۇرسىدا يۈز بېرىدۇ. ئاخىرىدا خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى غەلبە قىلىدۇ. ئەمما كوماندىنى يېتەكلىگەن تۇنجى يىلىلا قوش چېمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن بوسىكوف كېيىنكى يىلى قاتتىق سىناققا دۇچار بولىدۇ. يەنى بىرلەشمە چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشىدىغانغا ئەڭ ئاخىرقى 1 مىنۇت قالغاندا خانلىق جەمئىيەت كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ، مىڭ تەسلىكتە ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچىغا كىرگەندە لىۋىرپول كوماندىسىدىكى ئالان كېننىدىنىڭ توپ كىرگۈزىشى بىلەن چېمپىيۇنلۇق يولى توسۇلۇپ قالىدۇ. 1981-يىلى بولسا كۇلۇپنىڭ ئىككى قولى قۇپقۇرۇق قالىدۇ.
1982-يىلى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بېرنابۇ مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىپ، ئىتالىيە 1:3 نەتىنجە بىلەن فېدىراتىپ گېرمانىيەنى مەغلۇپ قىلىپ 3-قېتىم دۇنيا چېمپىيۇنى بولىدۇ. ئەمما ئۇ دەۋىردىكى كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئېسىدە قالغىنى بولسا خان جەمەتى مادىرىدنىڭ «توپچىلارنىڭ ئىش تاشلىشى» قالايمىقانچىلىقى بولۇپ قالىدۇ. مۇستەبىت ھۆكۈمىران فىرانكونىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ 1982-يىلى ۋە 1984-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى توپچىلىرى تارىختىكى ئىككى قېتىملىق مۇھىم «ئىش تاشلاش ھەركىتى» نى ئېلىپ بارىدۇ. ئارىسىدىكى بىرسى تېخى ئەينى ۋاقىتتا 2 نومۇرلا كەينىدە قالغان ئەھۋال ئاستىدا ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيۇنلىقىدىن بىۋاستە مەھرۇم قېلىشقا سەۋەپچى بولىدۇ. ئەمما ۋاقىتلىق يۈز بەرگەن بۇ قالايمىقانچىلىقلار بۇ كۇلۇپنىڭ ئۇلۇغ روھىنى ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدۇ.
u=2103146526,755758790&fm=23&gp=0.jpg
20110219225400-1805326480.jpg

1982-يىلى قايتا ئۆزگەرتىپ سېلىنغان بېرنابۇ پۇتبول مەيدانى



1985-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى تۇنجى قېتىم ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ 3 كۈندىن كېيىن كۇلۇپ تارىخىدىكى يەنە بىر پەزىلەتلىك ۋە ئابىرويلۇق رەئىس مېندوزا بېرنابۇغا كېلىدۇ. ئۇ 10 يىل ئىدارە قىلغان خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى قايتىدىن شانلىق بىر باشلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ.
1986-يىلىدىن باشلاپ گوللاندىيەلىك بېنخاك باش مەشقاۋۇللىقىنى قولىغا ئېلىپ يېتەكلىگەن «مادىرىد بەش بۈركۈتى» دەۋرىدە خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى ئىسپانىيە، ھەتتا پۈتكۈل ياۋروپادىكى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ھۇجۇمچى قوشۇنغا ئايلىنىدۇ. بۇتىراگىنو، مىشېل، سانچىز، ۋاسكېس ۋە پاردىزا «خان جەمەتى مادىرىد تاجىسىنىڭ بەش نۇرلۇق گۆھىرى» دېگەن نامغا نائىل بولىدۇ. خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى گەرچە بىر قاتار ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا 1986-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە ئۇدا بەش يىل ئىسپانىيە بىرلەشمىسنىڭ چېمپىيۇنلىقىنى مونوپول قىلىپ، تارىخقا 2-قېتىم «ئۇدا 5 يىل چېمپىيۇن بولۇش» تەك شانلىق نەتىنجىسىنى يازىدۇ. (تۇنجى قېتىملىقى 1960~1964-يىلى ئىدى).
1989-يىلى ۋېلىشلىق جون توشاك خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىنىڭ يېڭى تېرنىرلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا كوماندا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 38 ئايلانما مۇسابىقىسىدە ئادەمنى چۆچىتىدىغان 107 توپنى ئۇرىدۇ. «چۈمۈلە» لەقەملىك ھۇگو سانچېزمۇ خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەرگەنلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ، شۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە 38 توپ ئۇرغان بۇ مېكسىكىلىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش يېڭى رېكورتىنى يارىتىدۇ. توشاك مەشقاۋۇللۇق قىلۋاتقان مەزگىلدە يېڭى توپچىلار بېرنابۇدا كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدۇ. 21 ياشلىق ھېررومۇ 1989-يىلى كوماندىغا قوشۇلىدۇ. ئەمما «بەش بۈركۈت» دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى يەنە بىر قېتىم قىسقا بىر مەزگىل پەسكويغا چۈشۈپ قالىدۇ.
d4628535e5dde7116a61fc86a7efce1b9c16fdfaaf514933.jpg

«مادىرىد بەش بۈركۈتى»



90-يىللارنىڭ ئالدىنقى بىر بۆلەك مەزگىللىرى كىرويېفنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدىكى «چۈش كوماندىسى» بارسىلونانىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىگە ھۆكۈمىرانلىق قىلىشى بىلەن ئۆتىدۇ. 1994-يىلىغا كەلگەندە خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىغا قايتىپ كەلگەن ۋالدانو ياش رائۇلنى تاللاپ چىقىش، بارسىلونادىن دانىيەلىك تالانىتلىق توپچى چوڭ لاۋدۇرۇپنى قېزىپ كېلىش قاتارلىق بارسىلونانىڭ ھۆكۈمىرانلىقىنى ئاغدۇرۇش چارىلىرىنى يۈرگۈزىدۇ. 1995-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى بېرنابۇدا سامورانونىڭ قالپاق كىيىشى بىلەن 0:5 نەتنىجە بىلەن بارسىلونانى ئار-نومۇسقا قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن توپتوغرا 4 يىل يېقىنمۇ كېلەلمىگەن ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ئاخىرى يەنە بېرنابۇغا قايتىپ كېلىدۇ.
ئەمما كەينىدىنلا بىر پەسىل ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەسلىك قىسمىتىنى باشتىن كەچۈرگەن خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى 1996-يىلى ئىتالىيەلىك كاپېللونى كوماندىنىڭ تېرنىرلىقىغا تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىدۇ. قاتتىق قول خارەكتىرلىك بۇ باش تېرنىرنىڭ ياردىمىدە كوماندا «تاشقى پىلانىت ئادىمى» رونالدونى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۈچلۈك بارسىلونا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ يەنە بىر قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشىدۇ. ئەمما كاپېللو بىلەن كوماندىدىكى نوپۇزلۇق پۇتبولچىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئوت بىلەن سۇ چىقىشالمىغاندەك دەرىجىگە بېرىپ تەرەققىي قىلىدۇ، كۇلۇپ رەئىسى سانىزنىڭ ھوقۇق كىرزىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىتالىيلىك بۇ تېرنىر ئەڭ ئاخىرقى قوللىغۇچىسىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدۇ، ئاخىردا پەقەت بىر پەسىللا كوماندىنى يېتەكلىگەن كاپېللو ئۆزىنى كوماندىدا يېتىمسىراپ قالغاندەك ھېس قىلىپ مادىرىدتىن ئايرىلىدۇ.
گېرمانىيلىك ھاينكىس بولسا خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى تارىخىدىكى كوماندىنى يېتەكلىگەن ۋاقتى قىسقىغىنە بولغان بىر تېرنىر. ئەگەر ئۇ 32 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى يەنە قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بەرمىگەن بولسا بەلكىم پۇتبول تارىخىدىكى بىر «نامسىز تېرنىر» بولۇپ تەرىپلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. سۇكېر، مىياتوۋىچ ۋە رائۇلدىن تەشكىللەنگەن ھۇجۇم سېپىگە تايانغان ھاينىكىس كوماندىنى 1997~1998-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ جېڭىگە ئېلىپ كىرىدۇ. ھەل قىلغۇچ جەڭدە مىياتوۋىچنىڭ كىرگۈزگەن توپنىڭ ياردىمىدە خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى «تاغىل ئات قوشۇنى» يۇۋېنتۇس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ كوماندا تارىخىدا 7-قېتىم يوغان قۇلاقنى دەس كۆتۈرىدۇ. ھاينكىسنىڭ كېتىشى بىلەنلا ئورنىغا كەلگەن ھىدىنىك بولسا كوماندىنىڭ بېرنابۇ لوڭقىسى بىلەن تويوتا لوڭقىسىغا ئېرىشىشىگە ياردەم قىلىدۇ.
ed7c729f881293179818.jpg

مىياتوۋىچ



20090515134134-1821379639.jpg

سۇكېر



6cjktqiq00de0005.jpg

رائۇل



11008382_846822.jpg

1998-يىلى


2000-يىلى پۈتۈن ئۆمۈرىنى دېگۈدەك مادىرىدتا ئۆتكۈزگەن ئىسپانىيلىك بوسىك خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىغا يېتىپ كېلىدۇ. گەرچە ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيۇنلىقىنى تالىشىش كۈرىشىدە گۈللىنىۋاتقان لاكرونىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپا سەھنىسىدە ئالدىنقى نۆۋەتلىك ياۋروپا ئۇزغۇنى مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن 2-لىككە ئېرىشكەن بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىدۇ. پەسىل ئاخىرىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى 0:3 نەتنىجە بىلەن تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق «ھەل قىلغۇچ دېربىيسى» دا ئوخشاشلا ئىسپانىيەدىن كەلگەن ۋالىنسىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ 8-قېتىم يوغان قۇلاقنى كۆتۈرىدۇ. شۇ يىلى قۇرۇلۇش ماگىناتى فىلورىنتىنو كۇلۇپ رەئىسى سايلىمىدا سابىق رەئىس مېندوزانىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك رەئىس سانىزنى يېڭىپ خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى تارىخىدىكى 14-رەئىسىگە ئايلىنىدۇ.
فىلورىنتىنو چولپان سىياسىتىنى تەشەببۇس قىلغۇچى، ئۇ كۇلۇپنىڭ رەئىسلىكىنى قولىغا ئېلىپلا «يىلدا بىر چولپان» ئىستىراتىگىيە فاڭجىنىنى يۈرگۈزىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى تامامەن يېپيېڭى بولغان بىر تارىخى دەۋىرگە قاراپ ماڭىدۇ. ئاخباراتچىلىق چەكسىز تەرققىي قىلغان ۋە تەنتەربىيە ئەڭ يۇقىرى پەللىدە تاۋارلاشقان بۇ دەۋىردە فىلورىنتىنونىڭ كوماندىسىغا «سامانيولى جەڭ كېمىسى» دېگەن چىرايلىق نام قويۇلىدۇ. فىلورنىتىنونىڭ تۇنجى سودىسى ئەشەددىي رەقىبى بارسىلونا قوشۇنىدىكى تازا چاقناۋاتقان چولپان، شۇ يىللىق ياۋروپا ئالتۇن توپ ۋە ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى شەرىپىگە ئېرىشكەن پورتۇگالىيلىك لۇيىس فىگونى 56 مىليۇن 100 مىڭ دوللارلىق ئەڭ يۇقىرى يۆتكىلىش سوممىسى رېكورتى يارىتىش بەدىلىگە يۆتكەپ كېلىش بولىدۇ. فىگو كوماندىغا قوشۇلغاندىن كېيىن رائۇل، كارلوس، ھېررو قاتارلىقلار بىللە پۈتكۈل ياۋروپانى تىتىرەتكۈدەك كۈچلۈك سەپ شەكلى ھاسىل قىلىدۇ. 2001-يىلى فىگو كوماندىغا ياردەملىشىپ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ ۋە بىر پۇتبولچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى شان-شەرىپى ھېساپلىنىدىغان دۇنيا پۇتبول ئەپەندىلىكىگە سايلىنىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇ يىلى خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى گەرچە ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ شاللىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن «20-ئەسىردىكى ئەڭ داڭلىق كۇلۇپ» بولۇپ باھالىنىدۇ. فىلورىنتىنونىڭ «سامانيولى جەڭ كېمىسى» مۇ شانلىق تارىخ يارىتىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ.
2001-يىلى، فىرانسىيلىك زىدانى فىلورىنتىنونىڭ 2-ئولجىسىغا ئايلىنىپ، 76 مىليۇن ياۋرو يۆتكىلىش سوممىسى بىلەن فىگونىڭ رېكورتى بۇزۇلۇپ خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئىككى پۇتبولچى ماكانلاشقان خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى بېرنابودىكى ھەقىقىي خوجاينلىق ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ. زىدانىنى ئوتتۇرا مەيدان يادىروسى قىلغان كوماندا 2001~2002-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇساپىسىدە توختىماستىن ئالغا ئىلگىرلەپ بايرىن مىيۇنخىن، بارسىلونا قاتارلىق زەردار كوماندىلارنى يەر چىشلىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەم قويىدۇ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى رەقىبى بولسا گېرمانىيە كۇلۇبى لېۋىركۇسۇن كوماندىسى بولۇپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە زىدانى بوشلۇقتىن يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئۇرغان بىر توپ دەل مۇسابىقىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، مۇشۇ توپنىڭ ياردىمىدە 1:2 نەتىنجە بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ ھەمدە كۇلۇپ تارىخىدىكى 9-يوغان قۇلاق لوڭقا خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇپ مۇزىيىغا تىزىلىدۇ. كۇلۇپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق خاتىرلىنىۋاتقان ئاشۇ مۇسابىقە پەسلىدە خان جەمەتى مادىرىد كوماندسى يەنە ئىككى دانە دەرىجىدىن تاشقىرلار لوڭقىسى، بىر دانە ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ۋە بىر دانە تويوتا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ بۇ بۈيۈك كۇلۇپنىڭ 100 يىللىق شانلىق تارىخىنى كۆڭۈلدىكىدە يېزىپ تاماملايدۇ.
6BC3S19T39GD0005.jpg
بوسىك

W020060418818461507534.jpg

200931084754328.JPG

e30483732_136361b211fg214.jpg
2002-يىللىق ياۋروپا چېمپىيۇنى




فىگو بىلەن زىدانىدىن كېيىن، 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ خوجىسىغا ئايلانغان رونالدو شۇ يىلى يازدا خەلىقئارا مىلان كوماندىسىدىن خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، بېرنابۇدىكى 3-نەپەر دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ قالىدۇ. تاشقى پىلانىت ئادىمى قىسقا مۇددەت يارىسىنى داۋالىتىپ ئارام ئالغاندىن كېيىن بىراقلا پارتىلايدۇ ۋە زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا ئالمىشىپ چىقىپ 15 سىكۇنىت ئىچىدىلا خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىغا ۋاكالىتەن تۇنجى توپىنى كىرگۈزىدۇ. 44 مەيدان مۇسابىقىدە 30 توپ ئۇرۇش، 30 مەيدان ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 23 توپ ئۇرۇشتەك بۇ سانلىق مەلۇماتلار رونالدونىڭ كوماندا ئۈچۈن 29-قېتىملىق بىرلەشمە چېمپىيۇنلىقىنى ئېلىپ بېرىشىگە يېتىپ ئاشىدۇ. شۇ يىلى رونالدو قوش پۇتبول ئەپەندىلىكنى ئالىدۇ. 2003-يىلى يازدا جەلىپكار چولپان بېھكىخاممۇ «سامانيولى جەڭ كېمىسى» گە چىقىدۇ. شۇنداق قىلىپ فىلورىنتىنو ۋەزىپىگە ئولتۇرۋاتقان مەزگىلدە «سامانيولى جەڭ كېمىسى» ھازىرقى زامان دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدىكى ئەڭ داڭلىق پۇتبولچىلار يىغىلغان بىر چولپانلار كوماندىسىغا ئايلىنىدۇ. بۇ داڭلىق چولپانلار كوماندىغا كەينى-كەينىدىن ياخشى نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كۇلۇپقا زور ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىپ بېرىدۇ.



14613923_865770.jpg

01h.jpg

1167909243.11809744.jpg



كەينىدىنلا كۇلۇپنىڭ ھەشەمەتچىلىك، ئېسىلزادىلىكە تولغان تۇرمۇشى يوشۇرۇن كېلىۋاتقان كىرزىسنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. «سامانيولى جەڭ كېمىسى» 1-ئەۋلاد چولپانلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، فىلورىنتىنو «زىدانى+پاۋىن» دىن ئىبارەت سودا سىياسىتىنىمۇ ئىشقا ئاشۇرالماي، كۇلۇپنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئىنتايىن كەمچىل ئىكەنلىكىنى ئاشكارلاشقا باشلايدۇ. سودا ساھەسىدە مۇۋاپپىقىيەت قازانغان بۇ سودىگەر خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىنىڭ رەئىسلىك ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ. داڭلىق چولپانلار ناھايتى كۆپ مۇسابىقە ۋاقتىنى ئىگەللىۋېلىشى تۈپەيلىدىن كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى ئىچىدە ئىچكى زىددىيەت شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. كېيىن، 2004~2005، 2005~2006 مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە فىلورىنتىنو داۋاملىق مايكىل ئوۋېن، كاسانو، روبىنىخو، بابۇدىستا قاتارلىق نامى بار توپچىلارنى كەينى-كەينىدىن ئۆزىنىڭ «سامانيولى جەڭ كېمىسى» گە كىرگۈزىدۇ، كوماندا ئىچىدە ئوتتۇرا قاتلامدىكى توپچىلار بىلەن ياش توپچىلار ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىدۇ، «سامانيولى جەڭ كېمىسى» مەشھۇر توپچىلارنى شۇنچە يىغىۋالسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئېسىدە تۇرغىنى شۇ بىر نۆۋەتلىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگىنى بولۇپ قالىدۇ. 2005-يىلى، فىگو ئېنتىر مىلانغا يۆتكىلىپ كېتىدۇ؛ 2-ئاينىڭ 26-كۈنى بىرلەشمە مۇسابىقە رەت تەرتىپىدە بارسىلونا كوماندىسى بىلەن بولغان نومۇر پەرقى 10 نومۇرغا چوڭىيىدۇ. ئەتىسى بولسا فىلورىنتىنو لوپېز كۇلۇپ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ «سامانيولى جەڭ كېمىسى» گە 1962 كۈن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھاياتى ئاخىرلىشىدۇ. 2006~2007 مۇسابىقە پەسلىدە ئەڭ ئاخىردا خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى بىر بىرلەشمە چېمپىيۇنلىقى بىلەنلا 6 يىلغا يېقىن شانلىق يىللارنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. 2006-يىلى زىدانى چىملىقتىن خوشلىشىدۇ، 2007-يىلى بولسا بېھكىخام، رونالدو، كارلوس قاتارلىق چولپانلار كەينى-كەينىدىن كۇلۇپتىن ئايرىلىدۇ. «سامانيولى جەڭ كېمىسى» نىڭ تۇنجى دەۋرى ئەڭ ئاخىرى مانا مۇشۇنداق ئاياقلىشىدۇ.


QQ拼音截图未命名.jpg





2006-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى، 55 ياشلىق رامون كالدېرون كۇلۇپقا كاكا، روبىن، فابىرىگاس قاتارلىق يېڭى چولپانلارنى كىرگۈزۈشنى لەۋزە قىلىش بەدىلىگە خان جەمەتىنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلىنىدۇ. ئۇ كېلىپلا ئۇزۇن ئۆتمەي «ئالتۇن مېداللىق مەشقاۋۇل» كاپېللونى كۇلۇپقا تەكلىپ قىلىپ ئەپكېلىدۇ، كەينىدىنلا كاناۋارو، ئېمېرسون قاتارلىق كۆڭۈلدىكىدەك توپچىلارنىڭمۇ مادىرىدتقا يىغىلىشىغا ئەگىشىپ، خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى ۋاننىستىلروي، دىيارا قاتارلىق ئەمەلىي كۈچى زور توپچىلارنىمۇ سېتىۋالىدۇ.
2007-يىللىق كېيىنكى يېرىم پەسىلدە رونالدو بىلەن بېھكىخام ئاساسەن دېگۈدەك سوغۇق ئورۇندۇق بېقىپ چىقىدۇ، كوماندىنىڭ توپ تېپىش ئۇسۇلىمۇ بۇرۇنقىدەك چىرايلىق بولماي قالىدۇ، 2006-يىللىق ئالدىنقى يېرىم پەسىلدە كوماندا پۈتۈنلەي دېگۈدەك بارسىلونانىڭ كەينىدە قېلىپ ماڭىدۇ، ئەمما توققۇز جېنى بار دەپ تەرىپلىنىدىغان كاپېللو ئاخىردا كۇلۇپنى نامۈمىد قويمايدۇ. بارسىلونا بىلەن ئوينالغان ساھىبىخان مەيداندا 0:2 نەتىنجە، مېھمان مەيداندا 3:3 تەڭلىشىش. نوۋكەمپودىكى شۇمەيدان مۇسابىقىدە ۋاننىستىلروي 25-توپىنى كىرگۈزۈپ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ مەرگىنىگە ئايلىنىدۇ. زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىققان رونالدومۇ ياخشى ئىپادىسىنى نامايەن قىلىپ بىر توپ ئۇرىدۇ. ئەلۋەتتە بېھكىخاممۇ بار، بېھكىخام بولسا ئاشۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى مادىرىد كوماندىسىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق توپىنى كىرگۈزۈپ بېھكىخامنىڭ كەسپىي روھى كاپېللونى تەسىرلەندۈرىدۇ. ئەڭ ئاخىردا خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى ئۇدا يېڭىش قەدىمىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ ناھايتى تەسلىكتە يەنە بىر بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشىدۇ. ئەمما ئەپسۇس، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئايلانما مۇسابىقىسىدە ۋاننسىتىلروي يارلىنىپ مەيداندىن چۈشۈرۋېلىنغاچقا، ئۇ توتتى بىلەن بولغان «ياۋروپا ئالتۇن ئاياق مۇكاپاتى» رىقابىتىدە توختاپ قالىدۇ. شۇ مۇسابىقە پەسلىدە توتتى 26 توپ كىرگۈزىدۇ. بۇ مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بېھكىخام ئامېرىكا لوس-ئانژىلىس سامانيولى كوماندىسىغا، كارلوس بولسا فەنەر باغچا كۇلۇبىغا يۆتكىلىپ كېتىدۇ. «سامانيولى جەڭ كېمىسى» بولسا پۈتۈنلەي خاتىمىگە ئايلىنىدۇ. شۇنداقلا كاپېللونىڭ پۇتبول پەلسەپىسى بىلەن ئىسپانىيەنىڭ پۇتبولنىڭ گۈزەللىكىنى قوغلىشىدىغان توپ تېپىش ئۇسۇلى ماسلىشالماسلىق سەۋەبىدىن، كاپېللو كوماندىنى پەقەت بىر پەسىللا يېتەكلەپ بىر دانە بىرلەشمە چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ بېرىپلا يەنە بىر قېتىم دەرىستىن چۈشىدۇ.
2007~2008-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە گېرمانىيلىك شۇستېر باش تېرنىرلىق ۋەزىپىسىنى قولىغا ئالىدۇ. رونالدو، بېھكىخام، كارلوس قاتارلىقلارنىڭ ئايرىلىشى بىلەن خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى روبىن، سىنېيدىر، دورىنت، مېتزېلدېر ۋە پې پې قاتارلىق توپچىلارنى سېتىۋالىدۇ. بىرلەشمىنىڭ ئالدىنقى يېرىم پەسىلدىكى مۇقىم بولغان ئېسىل ئىپادىسىگە تايىنىپ، خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى 16 مەيدان ئۇتۇش، 2 مەيدان تەڭلىشىش، 1 مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىنجە بىلەن 50 نومۇرلۇق ئۆتكەلنى تاماملايدۇ شۇنداقلا تارىختىن بۇيان يېرىم پەسلدە ئەڭ كۆپ نومۇرغا ئېرىشكەن كوماندا بولۇپ قالىدۇ. مۇشۇ ئاساسىغا تايىنىپ، خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى ئالدىنقى تۆت ئايلانما مۇسابىقىدە ئۇدا غەلبە قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە 1:5 ئومۇمىي نەتىنجە بىلەن ئەشەددىي رەقىپ بارسىلونانى قوش بوغۇزلايدۇ. ساھىبىخان مەيداندا يېڭىلگەن بارسىلونا كوماندا ئەزالىرى بېرنابۇ مەيدانىدا سەپ تۈزۈپ خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى 1:4 چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن بارسىلونانى يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ قىلىدۇ. بارسىلونا كوماندىسى مۇسابىقە ئاياقلىشىشقا 4 مىنۇت قالغان چاغدىلا ھېنىرىنىڭ توپ ئۇرۇشى بىلەن بىر توپ قايتۇرۋالالايدۇ. مانا بۇ كالدېرون ھاكىمىيەت سۈرىۋاتقان ئىككى يېرىم يىل مابەينىدىكى ئەڭ شانلىق چاغلار بولۇپ قالىدۇ.
2008~2009-يىللىق مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە كالدېرون دەۋرىدە شەكىللەنگەن كۇلۇپ قاتلىمىدىكى ئىچكى زىددىيەتلەر يانار تاغدەك پارتىلاشقا باشلايدۇ. كۇلۇپ رەئىسى، كوماندا تېرنىرىنىڭ توختىماستىن ئالمىشىپ تۇرۇشى، يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدىكى مەغلۇبىيەت، كۇلۇپنىڭ يۇقىرى قاتلىمىنىڭ قالايمىقانچىلىقى، توپچىلارنىڭ يارلىنىشىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەسلىكى، مانا بۇلار كۇلۇپنىڭ كېيىنكى تەقدىرىگە چېتىشلىق ئاساسلىق ئامىللار بولۇپ قالىدۇ.     
مۇكەممەل بىرىكىششىنىڭ كەمچىللىكىدىن راموسنىڭ قولىدىكى خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىمۇ سېپى ئۆزىدىن سۈپەتسىز بىر قوشۇنغا ئايلىنىپ قالىدۇ. يەنە تېخى يۇۋېنتۇس، لىۋېرپول ۋە بارسىلونا تەرىپىدىن قوش بوغۇزلىنىپ كېتىشى، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بەش ئايلانمىسىدا ئۇدا ئۇتتۇرۇش كالدىروننىڭ قالايمىقان سىياسىتىنىڭ بىۋاستە ئاقىۋىتىگە ئايلىنىدۇ. ئەنفېلىد مەيدانىدا 4:0 نەتىنجە بىلەن مەغلۇپ بولۇپ، ئۇدا بەش يىل ئۇزغۇنلۇقنىڭ 8 كۈچلۈككە كىرەلمەسلىك رېكورتى ئادەمنى گاڭگىراتسا، بېرنابۇ مەيدانىدا ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولۇش بارسىلونا كوماندىسى بىلەن بولغان پەرقىنى تېخىمۇ زورايتىۋېتىدۇ. خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى مەستانىلىرىنىڭ ئەڭ ئىچىنى ئۆرتىگىنى بولسا، ئەشەددىي رەقىپ بارسىلونا كوماندىسىنىڭ مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئۈچ چوڭ چېمپىيۇنلۇقنىڭ ھەممىنى قولغا كەلتۈرىشى بولۇپ قالىدۇ. كالدىرون بولسا پۈتۈن كۈچى بىلەن C رونالدونى قوغلىشىپمۇ ئۇنىڭ ھەقسىز يۆتكىلىشىنى قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ، شۇنداقلا لەۋزە قىلغان C رونالدو بىلەن كاكانى قولغا كەلتۈرەلمىگەن كالدىرون ئاخىرى تەخىتتىن چۈشىدۇ.


000.jpg
كالدىرون


b7003af33a87e950352a9eb711385343faf2b21193139417.jpg



ئىسپانىيە زەردارى خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىنىڭ سابىق رەئىسى فىلورىنتىنو تۇيۇقسىز ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ 2009-يىلى يازدىكى خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىنىڭ رەئىس سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. 2006-يىلى ئايرىلىپ ئارلىقتا 1171 كۈن ئۆتكەندە، «سامانيولى جەڭ كېمىسى» نىڭ ياراتقۇچىسى پۈتۈن دۇنيا توپ مەستانىلىرىنىڭ ئالدىدا 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىنىڭ رەئىس سايلىمىغا قاتنىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر قايسى چوڭ ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. ئېنگىلانىد ئاخپارات ۋاستىلىرى C رونالدو، فابىرىگاس قاتارلىقلار ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلسا، ئىتالىيە ئاخپارات ۋاستىلىرى كاكا، ئىبىرايىموۋىچ، ھەتتا رونالدىنخونىڭمۇ ئاق رەڭلىك جەڭ كىيمىنى كىيىپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىشىدۇ. كاتالونىيە ئاخپارات ۋاستىلىرىمۇ مېسسىنىڭ بېرنابۇغا كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەشكە باشلايدۇ.چۈنكى ئۇ دېگەن فىلورىنتىنو.
مادىرىدتىكى چوڭ بىر مېھمانخانىدا ئېلىپ بېرىلغان رەئىس سايلىمىدا فىلورىنتىنو تەنتەنىلىك ھالدا: «مەن يەنە قايتىپ كەلدىم» دەپ جاكارلايدۇ. ئىسپانىيە، ئىتالىيە، فىرانسىيە، ئەنگىلىيە، پورتۇگالىيە،  قاتار، ياپونىيە قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 200 نەپەردىن ئوشۇق مۇخپىرلار بۇ كاتتا مېھمانخانىغا يىغىلىدۇ... ئالدىنقى قېتىم فىلورىنتىنو ھۆكۈمرانلىق قىلغان 6 يىل گەرچە شانلىق ۋە تۈگمەس تالاش-تارتىش ئىچىدە ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى شۇكى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئەزەلدىن ھېچكىممۇ كاپتال يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ مۇشۇنداق چوڭ نەتىنجىلەر قازىنىپ باقمىغان. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ بەلكىم ئۇنىڭ چارىسىنى ئۆرنەك قىلالايدىغاندىن بىرەرسىنىڭ چىقىشى ناتايىن.


71cf3bc79f3df8dc46b0904ecc11728b4610285b.jpg




2009-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، «سامانيولى جەڭ كېمىسى» نىڭ ئىجادچىسى فىلورىنتىنو لوپېز قايتا رەئىسلىك تەختىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، پۈتۈن كۈچى بىلەن «سامانيولى جەڭ كېمىسى 2-دەۋرى» نى يارىتىشقا باشلايدۇ. 2009-يىلى يازدا خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى 250 مىليۇن ياۋرو مەبلەغ چىقىرىپ 10 نەپەر پۇتبولچىنى يۆتكەپ ئەكىلىدۇ. گەرچە بۇلارنىڭ ئىچىدە 2006~2007-يىلدىكى ياۋروپا مەرگىنى، دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى كاكا، 2008-يىللىق ياۋروپا مەرگىنى، ئالتۇن توپ ساھىبى، دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى كىرىستىيانو رونالدو، فىرانسىيە پۇتبول ئەپەندىسى بېنزىما قاتارلىقلار بولسىمۇ، « سامانيولى جەڭ كېمىسى II » تۇنجى يىلىدا فىلورىنتىنونىڭ ئويلىغىنىدەك نەتىنجىلەرگە ئېرىشەلمەي قالىدۇ. بىر قانچە دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلارنى ئۆزىگە توپلىغان خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى ئەكسىچە ناھايتى تەسلىكتە ئالغا ئىلگىرلەيدۇ، ھەتتا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 96 نومۇرغا ئېرىشىشتەك رېكورىت يارىتىپ تۇرۇپمۇ ئاران 2-لىككە ئېرىشىدۇ، ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدە بولسا لىئون كوماندىسى تەرىپىدىن چۆكتۈرۋېتىلىدۇ. باش تېرنىر پېللېرگىنى بولسا سالپايغان ھالدا ئىشتىن چۈشىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن سامانيولى جەڭ كېمىسىنىڭ سەپىرى «ئەسەبىي ئادەم» مورىنىئونىڭ قوماندانلىقىغا ئۆتىدۇ. مورىنئو كوماندىغا باش تېرىنىرلىقىقا ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇشى بىلەنلا ئۆزىل، دىمارىيا قاتارلىق تېخىمۇ ئەمەلىي كۈچى بار توپچىلارنى يىغىشقا باشلايدۇ. كەينىدىنلا ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى لىئون كوماندىسىنى قوش بوغۇزلاپ، 6 يىلدىن بۇيانقى ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ 8 كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرەلمەسلىكتەك شەرەپسىز تارىخىغا خاتىمە بېرىدۇ. كەينىدىنلا خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى ئىككى قېتىملىق ئۇچىرىشىشتا 0:5 ئومۇمىي نەتىنجە بىلەن توتتىنھام رېس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، 2002-يىلىدىن بۇيان  ئېنگىلانىد كۇلۇپلىرىنى يېڭەلمەسلىكتەك سېھىرلىك ئەپسۇننى بىچىت قىلىدۇ. 4-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەردە ئوينالغان ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ جېڭىدە مۇسابىقە ۋاقتى توشپ، قوشۇمچە ۋاقىت قوشۇپ بېرىلگەن باسقۇچقا قەدەم قويغاندا خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى C رونالدونىڭ بىر كاللا توپىغا تايىنىپ 0:1 نەتىنجە بىلەن بارسىلونا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، شاھلىق لوڭقىسىنى قايتا دەس كۆتۈرىدۇ. ئەمما ئاخىردا يەنىلا ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيۇنلىقىدىن قۇرۇق قالىدۇ.   
2011~2012 مۇسابىقە پەسلى، مورىنىئو يېتەكچىلىكىدىكى خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى قايتىدىن باش كۆتۈرۈشكە باشلايدۇ. ئاق رەڭلىك قوشۇن ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 6-ئايلانمىسىدىن 15-ئايلانمىسىغىچە ئۇدا 10 مەيدان غەلبە قۇچۇپ، بىرلەشمە چېمپىيۇنلۇقىنىڭ 32-لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۇختا ئاساس سېلىۋالىدۇ. 35-ئايلانما مۇسابىقىدە ھېدىرا بىلەن C رونالدونىڭ تۆھپىسىنىڭ نەتىنجىسىدە خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى نوكەمپودا 3 نومۇرنى تولۇق ئېلىپ قايتىپ كېلىدۇ، 36-ئايلانما مۇسابىقىدە بولسا يەنە 0:3 نەتىنجە بىلەن بېلباۋ رىقابەتنى مەغلۇپ قىلىپ مۇددەتتىن ئىككى ئايلانما بۇرۇن بىرلەشمە چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشىدۇ. بۇ قېتىملىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسى سەپىرىدىكى خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىنىڭ 17-ئايلانمىدىن تارتىپ تاكى 38-ئايلانمىغىچە ئۇدا 10 ئايلانما غەلبە قازىنىش، 100 نومۇرلۇق چوڭ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، پۈتۈن بىر پەسىلدە 121 توپ كىرگۈزۈشتەك نەتىنجىسى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى پەخىرلەندۈرىدۇ.


ac345982b2b7d0a211bc7fdecbef76094a36acaf2edda247.jpg




بىر تەكىتلەپ ئۆتۈپ كېتىشكە ئەرزىيدىغىنى C رونالدونىڭ خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىغا قاتناشقان ئۈچ پەسىلدىن بۇيان توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمىنىڭ پەۋقۇلادە يۇقىرىلىقى بولۇپ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى تارىخىدا ئۇدا ئىككى پەسىل كىرگۈزگەن توپ سانى 40 قا يەتكەن تۇنجى پۇتبولچى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ھازىرغىچە 144 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، جەمىئىي 146 توپ ئۇرۇپ، 36 ياردەمچى پاس بېرىدۇ. ئوتتۇرچە ھېساپ بىلەن ھەر مەيدانغا 1 توپ كىرگۈزۈشتەك ئادەمنى چۆچۈتىدىغان نەتىنجە ئۇنى خان جەمەتى مادىرىد تارىخىدىكى توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى پۇتبولچىغا ئايلاندۇرىدۇ.
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى، خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرلار لوڭقىسىنىڭ ئىككى قېتىملىق ئۇچىرىشىشىدا 4:4 ئومۇمىي نەتىنجە (مېھمان مەيدان 3:2، ساھىبىخان مەيدان 1:2) بىلەن مېھمان مەيداندا كۆپ توپ كىرگۈزگەنلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ بارسىلونا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ 9-قېتىم ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرىلار لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ ھەمدە 3 يىلدىن بېرى بارسىلونانىڭ بۇ لوڭقىنى مونوپول قىلۋېلىشتەك دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ 2-ئۇچىرىشىشتا خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 1:3 نەتىنجە بىلەن بارسىلونا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىدۇ. C رونالدو 2 توپ، ۋارانى بىر كاللا توپ بىلەن بارسىلونا كوماندىسىنىڭ بۇ توسالغۇسىز سەپىرىنى ئاياقلاشتۇرىدۇ. ئومۇمىي نەتىنجىدە 2:4 بىلەن مادىرىد يەنە بىر قېتىم ئىسپانىيە دۆلەت دېربىيسىدە ئۇدا غەلبە قىلىدۇ.


730_791237_393656.jpg.jpg
QQ拼音截图未命名.jpg




ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىگە قايتىپ كەلسەك، 3 كۈننىڭ ئالدىدىكى دۆلەت دېربىيسىدىن كېيىن خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى يەنە بارسىلونا كوماندىسىنى كۈتىۋالىدۇ. شاھلىق لوڭقىسىدىكى مەغلۇبىيەت بارسىلونا كوماندىسىنىڭ بېرنابۇدا قىساس ئېلىش ئىستىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۋەتكەن، خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى بولسا بىر تۈركۈم ئاساسلىق ئەزالىرىنى ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىگە جەڭ تەييارلىقى قىلدۇرۇشقا قالدۇرۇپ قويغان بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بېنزىمانىڭ 6-مىنۇتقا كەلگەندە بىر توپ ئۇرۇشى، راموسنىڭ 82-مىنۇتتا بوغۇزلاش خارەكتىرىدىكى توپىغا تايىنىپ يېرىم ئاساسلىق ئەزا سەپ شەكلىدىكى خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى بېرنابۇدا 1:2 نەتىنجە بىلەن بارسىلونا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، 4 كۈن ئىچىدە ئەشەددىي رەقىبىنى قوش بوغۇزلايدۇ.
2013-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى مورىنىئونىڭ بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بېرنابۇدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ.
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، «سامانيول جەڭ كېمىسى ئاتىسى» فىلورىنتىنو يەنە بىر قېتىم رەقىپسىز سايلامدا جەڭ قىلماي غەلبە قازىنىپ، خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىنىڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرىدۇ.
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئىتالىيلىك ئەنچىلوتتى مورىنىئونىڭ ئورنىغا سامانيولى جەڭ كېمىسىنىڭ يېڭى قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ بېرنابۇغا يېتىپ كېلىدۇ. پۇتبول مەيدانىدىن چېكىنگەندىن بۇيان نەچچە يىل مادىرىد يۇقىرى قاتلىمىدا خىزمەت قىلۋاتقان «چىملىقتىكى سېھىرگەر» زىدانى بولسا ئەنچىلوتتىنىڭ ياردەمچىسىغا ئايلىنىدۇ.


0b46f21fbe096b63a485988b0d338744eaf8ac49.jpg
61E3AD0AD253BC90B27F0177F6BBCF25.jpeg




2013-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى 91 مىليۇن ياۋرو بىلەن توتتىنھام رېس كوماندىسىنىڭ قاتىل ھۇجۇمچىسى، تونۇلۋاتقان ياش توپچى بېلنى يۆتكەپ كېلىدۇ. بۇ يۇقىرى يۆتكىلىش سوممىسى C رونالدونىڭ 96 مىليۇن ياۋرولۇق دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى يۆتكلىش رېكورتىنىڭ كەينىگىلا تىزىلىدۇ.
يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى 513 مىليۇن 200 مىڭ ياۋرو چىقىم قىلىپ جەمئىي 27 نەپەر توپچى كىرگۈزگۈزىدۇ.
2009-2010 مۇسابىقە پەسلىدە C رونالدو (96 مىليۇن)، كاكا (65 مىليۇن)، بېنزىما (35 مىليۇن)، نېگىرىدو (5 مىليۇن)، ئاربىلوئا (4 مىليۇن)، شاۋى ئالانسو (35 مىليۇن)، ئاربىئول (15 مىليۇن)؛
2010-2011 مۇسابىقە پەسلىدە كارۋالۆ (8 مىليۇن)، كانالېس (5 مىليۇن 500 مىڭ)، دىمارىيا (25 مىليۇن)، ئۆزىل (15 مىليۇن)، ھېدىرا (10 مىليۇن)، پېدىرو لېئون (10 مىليۇن)، ئادىبايور (ئىجارە شەكلىدە 4 مىليۇن)؛
2011-2012 مۇسابىقە پەسلىدە خەمىت ئالتۇنتوپ (ئەركىن توپچى سالاھىيتىدە قېتىلىدۇ)، نۇرى ساھىن (10 مىليۇن)، كالىخون (4 مىليۇن)، كونتىراۋ (30 مىليۇن)، ۋارانى (10 مىليۇن)؛
2012-2013 مۇسابىقە پەسلىدە مودىرىچ (35 مىليۇن)، ئېسسىن (ئىجارە)، دىيېگو لوپېز (3 مىليۇن 500 مىڭ)؛
2013-2014 مۇسابىقە پەسلىدە كارۋاخال (6 مىليۇن 500 مىڭ)، كاسىمېرو (5 مىليۇن 300 مىڭ)، ئىسكو (27 مىليۇن)، ئىللارامېنىدى (39 مىليۇن)، بېل (91 مىليۇن)؛


377adab44aed2e73913346dd8601a18b86d6fa6d.jpg

69c7e52f24eead4264e25c6c45d40d68.jpg






پايدىلىنىش تېمىلىرى:
   
بېرنابو
   سامانيولى جەڭ كېمە ئەتىرىتى



ئاخىرى تۈگدى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +150 تۆھپە +20 شۆھرەت +20 تەجرىبە +20 يىغىش سەۋەبى
turgunjan + 50 قالتىس!
nayil + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
پارتىزان + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-8 13:59:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-8 14:03:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا تامغىلىق تىما ، مانا نادىر تىما . ھارمىقايسىز ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
apandem بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2013-9-8 14:06:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-8 14:10:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالغا مادرىد  !  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-8 14:13:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىردەمىنىڭ ئىچىدە نادىر تىمدىن بىرنى پۈتكۈۋەتكەن گەپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-8 14:22:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت       نادىر   تىما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-8 14:32:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللىڭىزغا  دەت كەلمىسۇن نادىر تىما بولۇپتۇ ......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-8 14:32:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىدنىڭ تارىخىنى بىلىۋالدىم ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-8 14:38:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن نادىر تېما تىل ئىشلىتىشلىرى بەك پاساھەتلىكقۇ بىرنابو ئەپەندىم. ئەمما شائىر ئالامەت يازغان رومانكەن ماۋۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-8 15:09:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنتەربىيە يوللىغان ۋاقتى  2013-9-8 14:13
بىردەمىنىڭ ئىچىدە نادىر تىمدىن بىرنى پۈتكۈۋەتكەن گەپ[s ...

ئاخشام بىر كېچە ئولتۇرۇپ يازغان تېما بۇ
سىزگە ئوخشاش خەۋەر يازىمەن دېگەن بولسام بىر كېچىدە ئون نەچچە تېما يېزىۋەتمەي...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-8 15:10:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماھىر يوللىغان ۋاقتى  2013-9-8 14:38
ھەقىقەتەن نادىر تېما تىل ئىشلىتىشلىرى بەك پاساھەت ...

ئانچە ئەمەس
شۇنداقتىمۇ بەزىبىر نۇقسانلاردىن مۇستەسنا بولالمىدۇققۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 03:02

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش