akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3285|ئىنكاس: 38

ياۋرۇپا چىمپىيونلوق بىرلەشمە مۇسابىقىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-6 16:16  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پۇتبول مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار
ياۋرۇپا چىپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغان كوماندىلار چەك تارتىلىپ ھەرقايسى كوماندىلار كىچىك گورۇپپىغان بۆلۆنۈپ بولۇندى،كىچىك گورۇپپا مۇسابىقىسىمۇ باشلىنىش ئالدىدا تورماقتا،مۇنبىرمىزدىكى كۆپ قىسىم ئەزالار بۇ مۇسابىقىغا قانداق كوماندىلارنىڭ قانداق شەكىلدە تاللىنىپ،قايسى كوماندىلارنىڭ قاتنىشىدىغانلىنى بىلسىمۇ ،يەنە بىر قىسىم مۇنبەرداشلىرىمىز بىلمەسلىكى مۇمكىن،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن بىرقسىم ماتىريال توپلاپ ئۆزۆمنىڭ بىلگەنلىرى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ئەبجەش قىلىپ بىر تىما يېزىپ چىقتىم ،ئوقۇپ باققايسىلەر.




a03d42572a6e3f24c99ded027836908b.jpg


ياۋرۇپا چىپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسى ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى باشقۇرشىدىكى كولۇپلار مۇسابىقىسى بولۇپ ،ئەڭ دەسلەپكى ئاساسى بولسا 1955-1956مۇسابىقە پەسلى ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان ياۋرۇپا كولۇپلار لوڭقىسى مۇسابىقىسى،1992-يىلى ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇسابىقە قائىدىسى ۋە ئىسمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن.
خان جەمەتى مادىرىت ۋە ئا س مىلەن كوماندىسى ياۋرۇپا چىپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان كوماندىلار،3قېتىمدىن ئۇزغۇن بولغان،ئەگەر ياۋرۇپا كولۇپلار لوڭقىسى مۇسابىقىسنى ھىساپلىغاندا جەمئىي 9قېتىم چىمپىيون بولغان خان جەمەتى مادىرىت كوماندىسى نەتىجىسى ئەڭ ياخشى كوماندا ھىساپلىندۇ،ئۇنىڭ كەينىدىن 7قېتىم چىمپىيون بولغان ئا س مىلەن ۋە 5قېتىم چىمپىيون بولغان لىۋىرپول كوماندىسىمۇ ئۇتۇق قازانغان كوماندىلار ھىساپلىندۇ.


تۆۋەندە بىز بۇ مۇسابىقە بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ باقايلى:

مۇسابىقە قائىدىسى
ياۋرۇپا چىمپىيونلوق بىرلەشمە مۇسابىقىسى 3باسقۇچقا بۆلۆپ ئېلىپ بېرىلىدۇ،1-باسقۇچ سالاھىيەت مۇسابىقىسى باسقۇچى،2-باسقۇچ كىچىك گورۇپپا مۇسابىقە باسقۇچى،3-باسقۇچ شاللاش مۇسابىقىسى باسقۇچى.

سالاھىيەت مۇسابىقىسى باسقۇچى(ئىككى يولغا بۆلۈنىدۇ)

2009-2010مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ كىچىك گورۇپپا مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن 4ئايلانما سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ(4-ئايلانما قوشۇمچە مۇسابىقە)،ھەربىر كوماندا مىھمان ۋە ساھىپخان بولۇپ شاللاش مۇسابىقىسى مۇسابىقە ئويناپ،كىچىك گورۇپپا مۇسابىقىسىگە كىردىغان 10كوماندا تاللاپ چىقىلىدۇ،سالاھىيەت مۇسابىقىسىگە كىرىشنىڭ ئىككى يولى بار:چىمپىيون بولۇپ كىرىش ۋە  دەرجىسگە ئاساسەن كىرىش.

چىمپىيون بولۇپ كىچىك گورۇپپا مۇسابىقىسىگە كىرىش:1-ئايلانما سالاھىيەت مۇسابىقىسى ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ نۇمۇر جۇغلانىسىدا48-53گىچە بولغان دۆلەت بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيون كوماندىللىرى قاتنىشىدۇ،جەمئىي 6كوماندا ئىككى گورۇپپىغا بۆلۆنۈپ مىھمان ۋە ساھىپخان بولۇپ شاللاش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ،ئۇتۇپ چىققان 3كوماندا 2-ئايلانما مۇسابىقىغا كىردۇ.
ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ نۇمۇر جۇغلانىسىدا 16-47گىچە بولغان 31 دۆلەتنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىسى چىمپىيونلىرى بىۋاستە 2-ئايلانمىغا كىردۇ.
2-ئايلانما سالاھىيەت مۇسابىقىدا 34كوماندا ئىككىدىن گورۇپپىلىنىپ 17گورۇپپىغا بۆلۆنۈپ مىھمان ۋە ساھىپخان بولۇپ شاللاش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ،ئۇتۇپ چىققان 17كوماندا 3-ئايلانما مۇسابىقىغا كىردۇ.
ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ نۇمۇر جۇغلانىسىدا13-15گىچە بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە چىمپىيونلىرى بىۋاستە 3-ئايلانما مۇسابىقىغا كىردۇ.

3-ئايلانما مۇسابىقىغا كىرگەن 20كوماندا ئىككىدىن گورۇپپىلىنىپ 10گورۇپپىغا بۆلۆنۈپ شاللاش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ،ئۇتۇپ چىققان 10كوماندا قوشۇمچە مۇسابىقە باسقۇچىغا كىردۇ(4-ئايلانما سالاھىيەت مۇسابىقىسى)
4-ئايلانما مۇسابىقىغا كىرگەن 10كوماندا ئىككىدىن گورۇپپىلىنىپ 5گورۇپپا بولۇپ مىھمان ۋە ساھىپخان بولۇپ شاللاش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ،ئۇتۇپ چىققان 5كوماندا كىچىك گورۇپپا مۇسابىقە باسقۇچىغا كىردۇ.
دەرجىسىگە ئاساسەن كىچىك گورۇپپا مۇسابىقىسىگە كىرىش: ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ نۇمۇر جۇغلانىسىدا 6-بولغان دۆلەت بىرلەشمىسنىڭ 3-بولغان كوماندىسى ۋە 7-15گىچە بولغان دۆلەت بىرلەشمىسىنىڭ 2-بولغان كوماندىسى بىۋاستە 3-ئايلانما سالاھىيەت مۇسابىقىسىغا كىردۇ،بۇ  10كوماندا ئىككىدىن گورۇپپىلىنىپ 5گورۇپپا بولۇپ شاللاش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ،ئۇتۇپ چىققان 5كوماندا بىلەن نۇمۇر جۇغلانىسىدا 1-3گىچە بولغان دۆلەت بىرلەشمىسىدە 4-بولغان كوماندا،نۇمۇر جۇغلانىسىدا 4-5گىچە بولغان دۆلەت بىرلەشمىسىدە 3-بولغان كوماندا بىرلىكتە قوشۇمچە مۇسابىقە باسقۇچىغا كىردۇ،بۇ  10كوماندا ئىككىدىن گورۇپپىلىنىپ 5گورۇپپا بولۇپ شاللاش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ،ئۇتۇپ چىققان 5كوماندا كىچىك گورۇپپا مۇسابىقە باسقۇچىغا كىردۇ.
ئىككى يولغا بۆلۆپ سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىشتىكى سەۋەپ :چىمپىيون بولۇپ  ۋە  دەرجىسگە ئاساسەن سالاھىيەت مۇسابىقىسىغا كىرگەن كوماندىلار سالاھىيەت مۇسابىقە باسقۇچىدا ئۇچۇرشۇپ قالمايدۇ.3-ئايلانما سالاھىيەت مۇسابىقە باسقۇچىدا شاللانغان كوماندىلار ياۋرۇپا ئىتتىپاق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ سالاھىيەت مۇسابىقە باسقۇچىغا كىردۇ.

كىچىك گورۇپپا مۇسابىقە قائىدىسى
كىچىك گورۇپپا مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرىش ئۆلچىمى:كىچىك گورۇپپا مۇسابىقىسىگە 32كوماندا كىردۇ،نۇمۇر جۇغلانمىسىدا 1-3گىچە بولغان دۆلەت بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرگەن كوماندىلار بىۋاستە كىردۇ،نۇمۇر جۇغلانمىسىدا 4-6گىچە بولغان دۆلەت بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى ئىككىگە كىرگەن كوماندىللىرى بىۋاستە كىردۇ،نۇمۇر جۇغلانمىسىدا 7-12گىچە بولغان دۆلەت بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيون كوماندىسى بىۋاستە كىردۇ،سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە تاللىنىپ چىققان 10كوماندا بولۇپ جەمئىي 32كوماندا كىچىك گورۇپپا مۇسابىقىسى ئوينايدۇ.

كىچىك گورۇپپا مۇسابىقە باسقۇچى:32كوماندا 8گورۇپپىغا بۆلۆنۈپ ،ھەربىر گورۇپپىدىكى 4كوماندا مىھمان-ساھىپخان بولۇپ ئايلانما مۇسابىقە ئوينايدۇ،ئۇتسا3نۇمۇر،تەڭلەشسا بىر نۇمۇر،ئۇتتۇرسا نۇمۇر بىرىلمەيدۇ،ئاخىردا نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولغان 2كوماندا كىينكى باسقۇچلۇق مۇسابىقىغا كىردۇ،3-بولغان كوماندا ياۋرۇپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ 32كۈچلۈك شاللاش مۇسابىقە باسقۇچىغا كىردۇ.


شاللاش مۇسابىقە باسقۇچى قائىدىسى
ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى باشقا مەيداندا بىرلا مەيدان ئويناپ ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇشنى بەلگىلىگەندىن باشقا مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسى مىھمان-ساھىپخان تۈزىمى بويىچە ئوينلدۇ،ھەم بۇ مۇسابىقىدە پەقەت چىمپىيون بولغان 2-بولغان كوماندىغىلا مۇكاپات تەسىس قىلىنغان،باشقىشىسغا تەسىس قىلىنمىغان.

مۇسابىقە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى
سالاھىيەت

ياۋرۇپا چىمپىيونلوق بىرلەشمە مۇسابىقىسى ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى قارمىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەت بىرلەشمە چىمپيونلىرىغا ئىشكىنى چوڭ ئېچىۋەتكەن،ھەمدە ھەرقايسى دۆلەت بىرلەشمىسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى كوماندىللىرىنىڭ قاتنىشىش پۇرسىتى بار.ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ھەرقايسى دۆلەت پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەرخىل سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن ئۇلارنى دەرجىگە تىزىپ چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلارنىڭ سانىنى بىكىتىدۇ.

ئۆزگۈرۈش
1992-1993مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ ياۋرۇپا چىمپىيونلوق بىرلەشمە مۇسابىقىسى كىچىك گورۇپپا ئايلانما مۇسابىقە شەكلى ۋە ئەنئەنىۋى شاللاش مۇسابىقە تۇزۈمى ئاساسىدا ئۈزلۈكسىز تەرققىي قىلدى،ھازىرقى مۇسابىقە تۈزۈمى 2003-2004مۇسابىقە پەسلىدىن باشلانغان.3ئايلانما ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدىن كىيىن 32كوماندا 8 گورۇپپىغا بۆلۈنۈپ ،ھەربىر گۇرۇپپىدىكى 4 كوماندا ئۆز ئارا مۇسابىقىلىشىپ بىرىنجى ۋە ئىككىنجى بولغىنى گورۇپپىدىن چىقىدۇ،ئۈچۈنجى بولغىنى ياۋرۇپا ئىتتپاق لوڭقىسىنىڭ 3-ئايلانمىسىغا قاتنىشىدۇ،4-بولغىنى شاللىندۇ.

شاللاش مۇسابىقىسى
شاللاش باسقۇچىغا كىرگەن 16 كوماندا چەك تارتىش ئارقىلىق رەقىپلىرى بىكىتىلىپ،مىھمان ساھىپخان تۈزۈمى بۇيىچە ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئوينايدۇ..ىككى مەيدان مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن كۆپ بولغان كوماندا كىيىنكى باسقۇچقا كىردۇ،ئەگەر كىرگۈزگەن توپى تەڭ بولۇپ قالسا ،مىھمان مەيداندا كىرگۈزگەن توپى كۆپ بولغىنى تاللىندۇ.ئەگەر مىھمان مەيداندا كىرگۈزگەن توپىمۇ تەڭلىشىپ قالسا ،ئىككىنجى ئۇچۇرشىشتىن كىيىن ئالدىنقى،كىيىنكى مەيدىنى 15 مىنۇتتىن بولغان قوشۇمچە مۇسابىقە ئوينايدۇ،قۇشۇمچە مۇسابىقە باسقۇچىدىمۇ كىرگۈزگەن توپى تەڭ بولسا مىھمان كوماندىنىڭ كىرگۈزگەن توپى ئىككى ھەسسە بۇيىچە ھىساپلىنىدۇ.ئەگەر قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتتىمۇ توپ كىرمىگەن بولسا نوقتا توپ تىپىش ئارقىلىق ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇش بەلگىلىنىدۇ.

پاۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى قوشۇننى كىڭەيتىپ1999-2000مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە ياۋرۇپا چىمپىيونلوق بىرلەشمە مۇسابىقىسدا يەنە بىرمەيدان كىچىك گورۇپپا مۇسابىقىسى قوشۇلدى،شۇنىڭ بىلەن كىچىك گورۇپپا مۇسابىقىسى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈندى،بىرىنجى باسقۇچتا 32 كوماندا 8 گورۇپپىغا بۆلۆنۈپ ،ھەربىر گورۇپپىدىكى 4كوماندا 6 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ ئالدىنقى ئىككى كوماندا گورۇپپىدىن چىقىپ 16 كۈچلۈك كوماندىنى تاللاپ چىقىتى.ئىككىنجى باسقۇچتا تاللىنىپ چىققان 16 كوماندا  كىچىك گورۇپپا مۇسابىقىسى ئويناپ 8 كۈچلۈك كوماندىنى تاللاپ چىققان.2003-2004مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە پاۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئىككىنجى باسقۇچلۇق كىچىك گورۇپپا مۇسابىقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.



شەرەپ تاختىسى
چىمپىيونلۇق قېتىم سانى

        ئىسمى                                                                 قېتىم سانى
1.خان جەمەتى مادىرىت                                                     9
2.ئا س مىلەن                                                                   7
3.لىۋىرپول،بايرىن                                                             5
4.بارسىلونا،ئاجاكىس                                                        4
5.ئىنتىر مىلەن،مانچىستىر بىرلەشمىسى                                3
6.بىنفىيكا، بورتو ،نوتتىڭھام ئورمان،يوۋىنتىس                      2

ھەرقايسى بىرلەشمىلەرنىڭ چىمپىيون قېتىم سانى

1.ئىسپانىيە                       13قېتىم
2.ئىتالىيە                        12قېتىم
3.ئىنگىلانىت                     11قېتىم
4.گىرمانىيە                      7قېتىم
5.گوللاندىيە                     5 قېتىم
6.پور■تۇگالىيە                   4قېتىم
7.فىرانسىيە،شوتلاندىيە،رومىنىيە،سەرۋىيە ھەرقايسىسى بىر قېتىمدىن.


تۆۋەندە ھەرقايسى يىللاردىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغا كىرگەن كوماندىلار ۋە نەتىجىسىنى كۆرۆپ باقايلى

2.png 3.png 4.png 5.png 6.png 7.png 8.png 9.png 10.png 11.png 12.png 13.png 14.png 15.png 16.png 17.png 18.png 19.png 20.png 21.png 22.png 23.png 24.png 25.png 26.png 27.png 28.png 29.png 30.png 31.png 32.png 33.png 34.png 35.png 36.png 37.png 38.png 39.png 40.png 41.png 42.png 43.png 44.png 45.png 46.png 47.png 48.png 49.png 50.png 51.png 52.png 53.png 54.png 55.png 56.png 57.jpg 1.jpg 2.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 تۆھپە +10 شۆھرەت +10 تەجرىبە +5 يىغىش سەۋەبى
missi2 + 50 + 5 + 5 + 5 قوللاش!
پارتىزان + 50 + 5 + 5 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-6 13:56:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چىكىپ سىز      
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-6 13:58:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-6 14:04:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ چېلسىنىڭ رېسىمى خاتا بولۇپ قالدىمۇ؟ باللاك تۇرىدىغۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-6 14:40:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.ئىسپانىيە                       13قېتىم
2.ئىتالىيە                        12قېتىم
3.ئىنگىلانىت                     11قېتىم
4.گىرمانىيە                      7قېتىم
5.پور■تۇگالىيە                   4قېتىم
6.فىرانسىيە،شوتلاندىيە،رومىنىيە،سەرۋىيە ھەرقايسىسى بىر قېتىمدىن
.............................................................................................................................................
ماۋۇ خاتا بۇلۇپ قاپتۇ ، 5-ئورۇنغا گوللاندىيە كۇلۇپلىرى تىزلشى كىرەك . ئاجاكىس 4 قىتىم ، ئىيىنخوۋىن 1 قىتىم ئالغان جەمئىي 5 قىتىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-6 14:48:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپانىيەنىڭ 21ياشلىقلار كوماندىسى ئاۋىستىرىيە كوماندىسىغا 6توپ ئۇرۇپتۇ.4نى موراتا،1نى خىسەي ئۇرۇپتۇ دىمەك مادرىدنىڭ ياشلىرىدا ئۆمۈد زور
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-6 14:52:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىد دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى بولۇپ كىرىمى 500مىليۇندىن ئاشقان كۇلۇپ بولۇپ قاپتۇ.ساپ پايدىسى 369مىليۇن بولۇپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-6 15:02:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
messi714 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-6 14:04
ئاۋۇ چېلسىنىڭ رېسىمى خاتا بولۇپ قالدىمۇ؟ باللاك تۇرىد ...

چىلسىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى رەسىمىنى تاپالماي مۇشۇنى چىقىرىپ قويغان  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-6 15:03:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنتەربىيە يوللىغان ۋاقتى  2013-9-6 14:40
1.ئىسپانىيە                       13قېتىم
2.ئىتالىيە                        12 ...

گوللاندىيەنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئەمەسما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-6 15:19:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دورىتمۇنىد  لوڭقا ئالمىغانما ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-6 15:20:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىرلىۋەتسە  بولغۇدەك تىما  بولۇپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-6 15:21:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋدايى يوللىغان ۋاقتى  2013-9-6 15:19
دورىتمۇنىد  لوڭقا ئالمىغانما ..

بىرنى ئالغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 15:50

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش