elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 969|ئىنكاس: 24

بىز قانداق مەستانىلەر؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۈلكەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-5 17:55  





     توپ مەستانىللىرى بىر قانچە خىل بولىدۇ. بىرىنچى خىلى كۇلۇپ مەستانىللىرى: كۇلۇپ مەستانىلىرى. ئۇلار مەلۇم كۇلۇپنىڭ مەڭگۇلۇك مەستانىسى ھىساپلىنىدو. ئۇلار مەيلى ئۆزلىرى ياقتۇردىغان كۇلۇپنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر شۇ كۇلۇپ ئۈچۈن مۇسابىقە كۆرۇشىدو ۋە قوللايدو.مەلۇم بىر كۇلۇپنىڭ مەڭگۈلۈك مەستانىسىغا ئايلانغان كىشى ئۈچۈن  كۇلۇپ ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىككىنچى ئائىلىسى. ئۇلار كۇلۇپقا ئائىلىسىگە كۆڭۇل بۆلگەندەك كۆڭۇل بۆلىدو. كۇلۇپ نەتىجىسى ياخشى بولغاندا بۇ خۇشالىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولىدو. كۇلۇپ نەتىجىسى چۈشۈپ كەتسە ياكى دەرىجىدىنىمۇ چۈشۈپ كىتىش ھالتىگە بىرىپ قالسىمۇ يەنىلا شۇ كۇلۇپ، كۇماندا ئۈچۈن مەدەت بىرىشىدو.بۇنداق مەستانىلەرنىڭ ئارىسىدا ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى ئىغىر- بىسىقلىق بىلەن  مۇسابىقە كۆرۈپ مەدەت بىرىدىغانلارمۇ،ئۇچىغا چىققان ئەسەبىي پۇتبول لۇكچەكلىرىمۇ بولىدو.بۇنداق توپ مەستانىللىرى ئاساسەن ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتتىكى كۇلۇپنىڭ مەستانىسىدۇر. ئىككىنچى خىلىدىكى مەستانىلەر چولپان مەستانىلىرىدۇر. ئۇلار كۇلۇپ ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆزلىرى ياقتۇردىغان پۇتبول ماھىرلىرى ئۈچۈن مۇسابىقە كۆرۈشىدو. بۇنداق كىشىلەر ئۆزلىرى ياقتۇردىغان ماھىرلارنىڭ باشقا كۇلۇپلارغا  يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ ياقتۇردىغان ماھىر قايسى كۇلۇپقا بارسا شۇ كۇلۇپنىڭ مەستانىسى بولىشىدو. بۇنداق مەستانىلەر ئۈچۈن ئۆزلىرى ياقتۇردىغان ماھىرلارنىڭ مەيدانغا چىقىش ئەھۋالىغا قاراپ مۇسابىقە كۆرىدۇ. تىلۋىزۇر ئارقىلىق مۇسابىقە كۆرىدىغان بۇنداق مەستانىلەر ناۋادا ماھىر مەيدانغا چىقالمىغان بولسا ئەڭ ئاخىرقى بىر مىنۇتقىچە شۇماھىرنىڭ چىقىشىنى ساقلاپ تۇرىدۇ.ناۋادا ماھىر ئاساسى ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىپ مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن چۈشۈپ كەتسە مەستانىلەرمۇ دەرھاللا تىلۋىزۇرنى باشقا قانالغا يۈتكەپ ماھىر بىلەن تەڭلا مۇسابىقىدىن خوشلىشىدۇ. ناۋادا ئۆزلىرى ياقتۇردىغان ماھىر شۇ كۇلۇپتىن كىتىپ قالسا ، كۇلۇپ شۇ كۇنىلا بۇخىل مەستانىلەرنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدو دە، ماھىر يىڭىدىن بارغان كۇلۇپ ياكى كۇماندا بۇرۇن ئۆزلىرى ياقتۇرمايدىغان كۇلۇپ بولىشىدىن قەتئى نەزەر  ئەمدىلىكتە ئۆزلىرى قوللايدىغان، مەدەت بىرىدىغان كۇلۇپقا ئايلىنىدو. ئۈچىنچى خىل مەستانىلەر بىر كۇلۇپنىڭ سادىق مەستانىسى ھىساپلىنىشىدو، ئەمما ئۇلار ئارىسىدا مەلۇم بىر پۇتبول ماھىرنى قوغلىشىپ يەنە باشقا كۇلۇپلارنىڭ قوشۇمچە مەستانىسى ھىساپلىنىشىدو. ئەمما ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ماھىرلار كۇلۇپ ئالماشقاندا ئۇلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان قۇشۇمچە كۇلۇبىمۇ ئۆزگىرىپ بىرىشىدو. ناۋادا ئۆزلىرى ئەڭ ياقتۇردىغان كۇلۇپ كۇماندىسى بىلەن ئۆزلىرى ئەڭ ياقتۇردىغان ماھىر توپ تىپىدىغان كۇلۇپ كۇماندىسى مۇسابىقىلەشسە بۇنداق مەستانىلەر ئۈچۈن ئاخىرقى تاللاش تولىمۇ قىيىنغا توختايدو. تۆتىنچى خىل مەستانىلەر ئۈچۈن توپ چولپانلىرى مۇھىم ئەمەس ئۇلار ئۈچۈن تىرنىر مۇھىم.بۇنداق مەستانىلەر نەتىجە قوغلىشىدىغان مەستانىلەر بولۇپ،مەلۇم بىر كۇلۇپنى شەرەپنىڭ يۇقىرى چوقىسىغا ئېلىپ چىققان تىرنىرغا ئەگىشىپ «ئۆي» كۆچۈپ تىرنىر كەينىدىن كۇلۇپلارنىڭ مەستانىسى بولۇشىدۇ. بەشىنچى خىل مەستانىلەر ئۈچۈن كۇلۇپ، چولپان،تىرنىر ئۇقۇمى مۇھىم ئەمەس.بۇ مەستانىلەرنىڭ قەلبىدە پەقەت پۇتبول توپى ۋە مەيدانىلار بولىدۇ. بۇ مەستانىلەر شارائىت يار بەرسە مەيدانغا بېرىپ، بولمىسا تىلۋىزۇر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ھەرقانداق پۇتبول مۇسابىقىسى بولسىلا ئۇلارنىڭ كىملىكى بىلەن ھىساپلىشىپ ئولتۇرماي پۇتبولدىن خۇشاللىق تىپىشىدۇ. دىيارىمىزدىكى توپ مەستانىللىرى ئارىسىدا  ئۈچىنچى ۋەبەشىنچى خىل توپ مەستانىللىرىغا كىرىدىغانلار كۆپرەك. دىيارىمىزدىكى پۇتبول مەستانىللىرى ياخشى كۆرىدىغان كۇلۇپلارنىڭ ھەممىسى چەتئەلدىكى داڭلىق كۇلۇپلاردۇر. ئۇلار زەردار كۇلۇپلارنىڭ تارىخى نەتىجىسى، بۇ كۇلۇپلاردىكى دۇنياۋى ماھىرلارغا بولغان ھۆرمەت  ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىمىغان پۇتبول چۈشەنچىسى ئارقىلىق ھەرخىل كۇلۇپلارنىڭ مەستانىسى ھىساپلىنىشىدو. چۈنكى دىيارىمىزدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە كۇماندىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش بوشلۇقى يوق بولغاچ، چەتئەللەردىكى كۇماندا كۇلۇپلارغا مەستانە بولۇش بۇ خىل كىشىلەرنىڭ پۇتبولغا بولغان ھۆرمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى ۋاستىگە ئايلىنىپ قالغان.  ئەمما بۇنىڭ پۇتبول تەرەققى قىلغان گۈللەنگەن بىر يەردىكى پۇتبول مەستانىسى بىلەن بولغان پەرقى خىلى بار.چۈنكى پۇتبول تەرەققى قىلغان يەرلەردە پۇتبول مەستانىللىرى ئەتراپىدىكى پۇتبول مۇھىتى ئارقىلىق مەۋجۇت ،ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۇلۇپمۇ بىلىشىدو.چۈنكى بۇ خىل مەستانىلەر كۇلۇپنىڭ مۇسابىقىلىرىدە ئىزچىل كۇلۇپنىڭ كىيىملىرىنى كىيىشىپ مەيداننى قىزىتىپ بىرىشىدو. بىز پەقەت مىدىيە، تارقىتىش ۋاستىللىرىنىڭ ئىككىلەمچى ياردىمى ئارقىلىقلا ئۆزلىرىمىز ياقتۇردىغان كۇلۇپ بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلىشقا تىرىشىمىز. بىزنىڭ بۇخىل مەستانىلىقىمىز ھەقىقى مەنىدىكى كۇلۇپ مەستانىلىقى دەپ قاراپ كەتكىلى بولمايدو. چۈنكى تارقىتىش مىدىيەلىرى داڭلىق كۇلۇپلارنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۇش نىسبىتىنى قوغلىشىپ كۆپرەك تارقاتقاچ، بىزمۇدەسلەپتە پۇتبولدىن ھۇزۇرلىنىشنى ئاساس قىلغان بەشىنچى خىل مەستانىلىقتىن بىلىپ –بىلمەي ئاستا-ئاستا تەبىئىلا ۋاستىلىك سەۋەپلەر بىلەن ئەگىشىش خاراكتىرىدا  ھەر خىل كۇلۇپلارنىڭ مەستانىلارغا ئايلىنىمىز.ئەمما بۇ بىزنىڭ پۇتبول مەستانىلىقىمىزنى ئىنكار قىلغانلىق ئەمەس.چۈنكى پۇتبولغا بولغان مەستانىلىق بىلەن مەلۇم كۇلۇپقا مەستانە بولۇش تەڭداش ئۇقۇم ئەمەس.ئارىمىزدىكى نۇرغۇن پۇتبول مەستانىلىرى بەلكىم مەلۇم كۇلۇپنىڭ مەستانىسى. ئەمما يەنە نۇرغۇن كىشىلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنى قانداق كۇلۇپ بولىشىدىن قەتئى نەزەر ھەقىقى بىر مەيدان قىزىغان مۇسابىقە بولسا ئوخشاشلا ھۇزۇر ھىس قىلىپ تۇرۇپ،چىچىلماي،تىرىكمەي تۇرۇپ پۇتبولنىڭ سىھرى كۈچىدىن ھوزۇرلىنىدۇ. ھەقىقى پۇتبول مەستانىسى ئۈچۈن  داڭلىق كۇلۇپ بولۇشىنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. ئۇلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان كۇلۇپ ، كۇماندا ياكى ماھىرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كۇندىلىك تۇرمۇشىغا ئىلىپ كەلگەن تەسىرى بىلەن پۇتبول مۇھىتىغا سىڭىپ شۇ كۇلۇپ، كۇماندا ۋە چولپاننىڭ مەستانىسى ھىساپلىنىشىدو. دىمەك ئۇلار ئۆز مۇھىتى،ئۆز ئەتراپىدىكى كۇماندىلاردىن ئۆزلىرىنىڭ پۇتبولدىكى چىگراسىنى ئايرىۋىلىشىدو. ئۇلار ياخشى كۆرگەن كۇلۇپ بەلكىم دۇنياۋى داڭلىق كۇلۇپ بولىشىمۇ مۈمكىن.ياكى يىڭى قۇرۇلغان، تۇۋەن دەرىجىلىك بىرلەشمە ئوينايدىغان كۇلۇپ ياكى كۇماندا بولىشىمۇ ، ۋەياكى ئىشتىن سىرىتقى كۇماندا بولىشىمۇ مۇمكىن.ئۇلار ھۆرمەتلەيدىغان چولپان ئۈزلىرى بىلەن بىر دۆلەتتە ياشىغان ، شۇنداقلا بىرمىللەت بولىشىمۇ ، ۋەياكى ئوخشاش شۇنداقلا ئوخشىمىغان ئىتىقاتىكى باشقا ئەللەرباشقا ئېرىقتىكى ماھىرلاربولىشىمۇ مۈمكىن. ھەقىقى بىر پۇتبول مەستانىسى ئۈچۈن ئۆزى مەدەت بىرىدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان كۇلۇپنىڭ داڭلىقلىق دەرىجىسىنىڭ ھاجىتى يوق.گەپنى يەنە تەكرارلىساق، پەقەت ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتتا مەۋجۇت بولسىلا بولىدو. بۇ نوقتىدىن بىز ياخشى كۆرىدىغان كۇلۇپلار پەقەت بىر مەۋھۇم نەرسىدۇر. بىز تارقىتىش ۋاستىللىرىنىڭ ياردىمى بىلەن مەستانە بولۇشقان چولپان ۋە كۇلۇپلاردىن ئۆزلىرىمىزنىڭ سايىسىنى تاپالماي ياشايمىز. ئۆزىمىز ياخشى كۆرىمىز دەپ قارايدىغان كۇلۇپلارنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئىلىپ كەلگەن بىۋاستە تەسىرى كۆپ ھاللاردا كۆڭۇل ئىچىش ،ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىش خاراكتىرى بىلەنلا چەكلىنىدو خالاس.ئەمما قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر بىز پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان،پۇتبولدىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىدىغان پۇتبول مەستانىسى  ھىساپلىنىشقا ھەققىمىز بار.




              پۇتبول مەستانىلەر ئۈچۈن پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۇرۇش جەريانىدىكى ئىپادىسى ئىككى خىل بولىدو. بىرىنچىسى؛ بىر خىل پۇتبول مەستانىللىرى بار.ئۇلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن دۆلەت ياكى كۇلۇپ ياكى ئۆز يۇرتىنىڭ كۇماندىسىنىڭ ياخشى نەتىجسىنىلا كۆرۈشنى ،ھەمدە ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان كۇلۇپ ياكى كۇماندىدا ئۆزلىرىگە ھەر جەھەتتە يىقىن بولغان بىر توپ كىشىنىڭ توپ تىپىشىنى كۆرۈشنى خالايدو. خەلقارا مۇسابىقىلەردە بۇنداق كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۆز توپىدىن مەدەنىيەت ۋە ئىرق جەھەتتە يىراق بولغان ماھىرلار مەيلى قانچىلىك تالانتىلىق بولسۇن ئۇلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا سىغىپ كىتەلىشى بەكلا تەس. ناۋادا ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن دۆلەت كۇماندىسى بىلەن كۇلۇپ كۇماندىسىنىڭ نەتىجىسى چۈشۈپ كەتسە مەيدان ئىچى ۋە سىرتىدا جىدەل چىقىرىشىپ ئاممىۋى تەرتىپنى قالايمىقان قىلىشىدو. قەستەن قارشى كۇماندىىىڭ مەستانىللىرى بىلەن جىدەل چىقىرىشىدو.ۋە ماھىرلارنى ھاقارەتلىشىدو. بۇ خىل كىشىلەرگە «ئۆز» مەركەز  ئىدىيىسى چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن. بۇنداق مەستانىلەرنى« پۇتبول لۇكچىكى» دەپ ئاتاشقا بولىدو.گەرچە ئۇلار پۇتبولنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرسىمۇ پۇتبولدىن ھوزۇرلىنىشقا  ھەرخىل قاراش ۋە مەقسەتلىرى ئارلىشىپ كەتكەن بولىدو.
      يەنە بىر خىل مەستانىلەر بار.ئۇلار ئۈچۈن  قىزىغان،ياخشى بىرمەيدان پۇتبول مۇسابىقىسىدە كۇلۇپ ،ھەتتا دۆلەت چىگراسىدىن ھالقىپ چىقىپ كىتىشىدو . ئېسىل بىر مەيدان مۇسابىقىدىن ھوزۇرلانسا،ھەتتا ئۆزلىرى ياقتۇرمايدىغان كۇماندا، كۇلۇپلارنىڭ تولىمۇ ئېسىل كىرگۈزگەن توپلىرىنى كۆرگەندە، ھەتتا قارشى تەرەپنىڭ ماھىرلىرى ئىسىل ھەركەتلەرنى ئىشلىگەندە ھۆرمەت بىلەن چاۋاك چىلىشىپ مەدەت بىرىشىدو.   ئۇلار پۇتبولنى بىر خىل سەنئەت نوقتىسىدىن تۇرۇپ چۈشىنىدو ۋە بۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىشىنى بىلىشىدو. بۇنداق مەستانىلەرگە ئايلىنىشقا يالغۇز پۇتبولنى ياخشى كۆرۈشلا كۇپايە قىلمايدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن لازىم بولىدىغىنى ھەقىقى پۇتبول سۈيۈش روھى ۋە ساپا كىتىدۇ.
    چەتئەللەردىكى كۇلۇپلارنىڭ مەستانىلەرنىڭ قانداقلىقىنى نەق مەيدان ئارقىلىق كۆرۈپ تۇرىمىز.ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدىكى مەستانىلەر بىلەن مەيداندىكى پۇتبولچىلارنىڭ ئارلىقى بىر مىتىرمۇ كەلمەيدۇ.پۈتۈن مەيداننى قاپلىغان چاۋاك سادالىرى مۇتىۋەرلەرچە سالاپەت بىلەن ئىغىر بىسىقلىقىنى ساقلاپ ئولتۇرغان مەستانىلەرنىڭ ئۆز كۆڭلىنى ئىپادىلەشتىكى ۋاستە. ئەمما ئىنگىلاد مەستانىللىرى سىرتقى ئەللەرنىڭ كۇلۇپلىرى بىلەن مۇسابىقە ئوينىغاندا بۇ خىل مۇتىۋەرلىكىنى داۋاملىق ساقلاپ تۇرالمايدۇ. گىرمان بىرلەشمىسىدىكى لىق ئولتۇغان تاماشىبىلار بىزگە ھاياجان ئاتا قىلسا، كۆزىمىزگە غىل –پال چىلىقىدىغان، مەستانىلەر بىلەن مەيداننى ئايرىشقا تارتىلغان، بىز ئوڭايلىقچە كۆرەلمەيدىغان تور گىرمان مەستانىلەرنىڭ ئىھتىياتچان ئەمەلىيەتچىل خاراكتىرىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. ئەمما گىرمان مەيدانلىرىدا تىخى بۇ تورلاردىن ئۆتۈپ مەيدانغا  قەدەم تەشرىپ قىلدىغان ئەسكى- تۈسكى لاقا- لوقىلار باشقا بىرلەشمىلەرگە قارىغاندا ئاز. ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى كۆرۈش سۇپىسى بىلەن مەيداننىڭ ئارلىقىنىڭ يىراقلىقى يەتمىگەندەك ئىگىز قىلىپ ئورنىتىلغان تۆمۈر رىشاتكا  بىر تارىخنى ئۈنسىز بايان قىلىپ تۇرىدۇ. ئىسپانىيەدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئىككى بۇقا ئۈسۈشكەندە بۇقىلارنى ھۇركىتىدىغان تورىياتۇرلار مەيدان ئىچىدە  ئەمەس بەلكى مۇسابىقە كۆرۈش سۇپىسىدا بۇ بۇقىلارنىڭ چىشىغا تىگىشكە ئادەتلەنگەن. دىمەك بىز ئۆزىمىز ياخشى كۆرىمىز دىگەن كۇلۇپلارنىڭ پارىڭى بولغاندا شۇ كۇلۇپلارنىڭ رىياللىقىدىكى مەستانىلەرنىڭ خۇيلىرىنىمۇ ئاز تولا تارتىپ قالىمىز.
   

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 تۆھپە +5 شۆھرەت +5 تەجرىبە +5 يىغىش سەۋەبى
بېرنابۇ + 50 + 5 + 5 + 5 ياخشى تېما
زەردار + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-5 17:26:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پۇتپۇلنى   سۆيىدىغان،پۇتبولدىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىدىغان پۇتبول مەستانىسى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-5 17:31:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-5 17:44:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېما  دىگەن مانا  مانداق بۇلىدۇ .   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-5 17:48:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورۇن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-5 17:59:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا شۇنداق  ..كەن   .....مەن  لىۋىرپۇل   مەستانسى  خالاس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-5 18:13:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-5 18:35:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى ۋاقىتتا سەرسان دىگەن ئەزا مۇشۇنداقراق تېما يازغان..
سىز قايسى تىپتىكى مەستانە دەپمۇ دەيمەن.  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-5 19:58:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
madrid يوللىغان ۋاقتى  2013-9-5 18:35
ئەينى ۋاقىتتا سەرسان دىگەن ئەزا مۇشۇنداقراق تېما يازغ ...

بۇرادەر قارسام خىلى كونا ئەزاكەنسىز ، ۋاقىتىڭىزىغا قارسام مۇنبەرگە تۇلا كىرىپ كەتمەيدىغان ئۇخشايسىز،  مەستانە بولغاندىن كىيىن يۇقاپ كەتمەي كىرىپ تۇرايلى مۇنداق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-5 20:14:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خۇشخۇي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-5 20:20  

مەن مادىرىتنىىڭ مەڭگۇلۇك مەستانىسى .. شەخىس  ئادەمگە مەستانە بولمىدىم ... شەخىسكە  مەستانە بولغانلار  مۇنبەر تىلىمىز بۇيۇنچە مۇردا مەستانىسى دەپ قۇيمىز  .. ئەڭ ياختۇردىغان توپچىم  بار لىكىن مەستانە بولمۇدۇم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-5 20:30:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىچقانداق كۇلۇپقا مەستانە بولماي پەقەت پۇتبولدىن ھۇزۇرلىنىدىغان مەستانىلەر قانداقتۇ دەيمەن …ئادەتتە بىرەر مۇسابىقە كۆرسەم  بىلىپ بىلمەي بىر تەرەپنى قوللاپ قالىمەن ,ئۇياق توپ ئۇرسىمۇ خۇشال بولسا ھۇزۇرلانسا بۇياق توپ ئۇرسىمۇ خۇشال بولسا ھۇزۇرلانسا…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-5 20:37:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئېتالىيە زەردارى ئا س مىلان بىلەن چىملىقتىكى ئېتوتچى بالوتېللى مەستانىسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 17:42

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش