ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 700 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hasrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-4 14:44
لىياۋنىڭدا ئۆتكۈزىلىۋاتقان 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسى تۈنۈگۈن 2 - ئايلانمىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايسى كوماندىلارنىڭ 4 كۈچلۈككە كىرىشى ھەممىمىزنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا ، بولۇپمۇ شىنجاڭ كوماندىسى تۇرۇشلۇق ئا گورۇپتا كۈچلۈك رەقىبىمىز گۇاڭدۇڭ جېجاڭغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ بۇ گورۇپنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددى ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى ، تۆۋەندە تورداشلار 3- ئايلانمىغا قارىتا كۆز قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقايلى :
ئا گورۇپ :
كوماندا نامى ئۇتتۇق تەڭ ئۇتتۇرۇق ئۇرغان توپ يىگەن توپ ساپ توپ نۇمۇر
1 - جېجاڭ 1 1 0 1 0 1 4
2 - گۇاڭدۇڭ 1 0 1 2 2 0 3
3 -شىنجاڭ 0 2 0 0 0 0 2
4 - جاڭسۇ 0 1 1 1 2 1 - 1
ئۈچىنچى ئايلانمىدا شىنجاڭ گۇاڭدۇڭ بىلەن تۇتىشىدۇ ، ئەگەر قايسى ئۇتسا گورۇپتىن چىقالايدۇ ،تەڭلىشىپ قالسا شىنجاڭ شاللىنىدۇ، گۇاڭدۇڭ جاڭسۇ بىلەن جېجاڭنىڭ نەتىجسىگە قارايدۇ . جاڭسۇ جېجاڭ بىلەن ئوينايدۇ ، ئەگەر جېجاڭ ئۇتۇپ قالسا گورۇپتىن 1 - بولۇپ چىقىدۇ ، ئۇتتۇرۇپ قويسا گۇاڭدۇڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ نەتىجىسىگە قارايدۇ ، دىمەك بۇ گورۇپتىكى 4 كوماندىنىڭ ھەممىسى بىر - بىرىنىڭ چىرايىغا قارايدىغان مۇرەككەپ ۋەزىيەت پەيدا بولدى ، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا جېجاڭ بىلەن گۇاڭدۇڭ گورۇپتا ئاكتىپ ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ ، ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ 2 توپ كىيىن ئەھۋالدا گۇاڭدۇڭنى 3 تە 2 نەتىجە بىلەن يېڭىپ ھەل قىلغۇچقا بۆسۈپ كىرگەن ، پىسخىكا جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە بولسىمۇ گۇاڭدۇڭدا ئالى بىرلەشمىدە توپ تىپىدىغان دۆلەت كوماندىسى نامىدىكى ئەزالار بار ، ئىككى كوماندىنىڭ ئۇتۇش نىسپىتى 50 پىرسەنىت .
جېجاڭ كوماندىسى بولسا خاڭجۇ يىشىل شەھەر كوماندىسىنى ئاساس قىلىپ تەشكىللەنگەن بولۇپ ، ياپۇنلۇق تېرىنىرنىڭ يىتەكلىشى بىلەن يەر يۈزىدە توپ كونتىرول قىلىشنى ئاساس قىلىپ تىز ئىلگىرلىگەن كوماندىلارنىڭ بىرى ، تۇنجى ئايلانمىدا شىنجاڭ بىلەن تەڭلشىپ قالغان بولسىمۇ مەيداندا ئۈستۈن ھالەتتە تۇرغان ، ئىككىنچى ئايلانمىدا گۇاڭدۇڭنى ئۇتتى ، جاڭسۇ كوماندىسى سىرتتىن توپچىلارنىڭ نوپۇسىنى يۆتكەش ئارقىلىق مۇنەۋۋەر تەنھەركەتچىلەرنى قوبۇل قىلغان ياش كوماندا ، ئالدىنقى ئىككى مەيداندىكى ئىپادىسدىن قارىغاندا جېجاڭ كوماندىغا چوڭ تەھدىت پەيدا قىلىشى تەس ، بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ئۇتۇش نىسپىتى : جېجاڭ 60 پىرسەنەت ، جاڭسۇ 40 پىرسەنت
گۇرۇپتىن چىقىشقا نىسپەتەن ئۇنۋېرسال باھا : جېجاڭ 60 پىرسەنت ، گۇاڭدۇڭ 60 پرسەنت ، شىنجاڭ 50 پىرسەنت ، جاڭسۇ 40 پىرسەنت |
|