ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 3535 |
تۆھپىسى: سەر |
|

ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدا چىلىسى بايرىن كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كىيىن، مورىنھو تولىمۇ ئاچچىقلىدى. مۇسابىقىدىن كىيىن ئۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ، رامىرىسىنىڭ قىزىل كارتىسى مۇسابىقىنىڭ ھالقىلىق نوقتىسى بوپ قالدى، باش رىپىر يالغان يىقىلغان بايرىن توپچىسىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەستىن ئەكسىچە رامىرىسقا كارتا چىقاردى،بۇ ئادالەتسىزلىك! گۇۋاردىيالانىڭ كوماندىسى داۋاملىق يالغان يىقىلىش ئارقىلىق پايدىغا ئىرىشىدۇ.
ئەمما ، بۇ مۇسابىقىدىن كىيىن ، گوتىز، مارتىنىز، روببىن قاتارلىقلار يارلىنىپ مەشىقتىن قالدى، ئەمدىلا يارىسى ساقايغان گوتىز يەنە بىرەر ئاي ئەتراپىدا مەيدانغا چىقالمايدۇ. گوتىزنىڭ يارلىنىشىغا قۇشۇپ مورىنھونىڭ بۇ سۆزلەرنى قىلىشى بايرىن باش مۇدىرى رۇممىنگېنىڭ غەزىۋىنى قوزغىدى.
مورىنھو بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماستىن يەنە، مۇسابىقە جەريانىدا باش رىپىر بايرىنغا يان باستى دەپ ئەيىپلىدى، مورىنھو، مارتىنىز ئاخىرقى توپنى كىرگۈزگەن ۋاقىت ، ئەسلى مۇسابىقە ئاللىقاچان ئاخىرلىشىپ بولىشى كىرەك ئىدى، ئەمما رىپىر قەستەن بىر مىنۇت ئۇزارتىۋەتتى!
رۇممىنىگى مۇخبىرلانىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ غەزەپلەنگەن ھالدا « مورىنھو دىگەن بۇ ئادەم نۇمۇس قىلىش دىگەننى بىلمەيدىكەن ! گوتىزنىڭ پۇتى سۇنۇپ كەتكىلى تاسلا قالسا ، ئۇ يەنە بۇنى يالغان يىقىلىش داۋاتىدۇ. گوتىزنىڭ ھېلىمۇ تەلىيى بار ئىكەن، ئېغىر ئاقىۋەت كەپ چىقمىدى..»
بايرىن رەئىسى ھانىسمۇ خاپا بولغان ھالدا « ئاشۇ ۋاقىتتا مورىنھۇنى تازىلىق ئۆيىگە چىقىپ كەتتىمىكىن دەپ گۇمانلىنىمەن، گوتىز يىقىلغاندا ، مەن بولدى ئۇ تۈگەشتى ، پۇتى سۇنۇپلا كەتتى دەپ ئويلىغان، ئۇ ئېنىقلا بىۋاستە قىزىل كارتىغا لايىق قائىدىگە خىلاپ ھەركەت. شۇنداق داڭلىق بىر مەشقاۋۇلنىڭ بۇنى بايقىيالماسلىقى مۇمكىن ئەمەس...شۇڭا ئۇ چۇقۇم شۇ ۋاقىتتا نەق مەيداندا يوق بولىشى مۇمكىن...» |
|