- تىزىملاتقان
- 2011-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-27
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 2992
- نادىر
- 9
- يازما
- 2992
 
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-1 17:51
كاكانى ياقتۇرمايدىغان مەستانىلەر بەك ئاز بولسا كېرەك، چۈنكى ئۇ كېلىشكەن، ئەخلاقلىق ھەم ناھايتى تالانتلىق پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى، ھەممە پۇتبولچىلارغا ئۈلگە بولۇشقا مۇناسىپ دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. بۇ 6 يىل ئاۋالقى پۇتبول ئەپەندىسى گەرچە نەچچە يىللاردىن بۇيان مەيداندا ناھايتى ئاز كۆرۈنگەن بولسىمۇ، ئۇنى ياقتۇرىدىغان مەستانىلەر ھەر ۋاقىت ئۇنىڭغا مەدەت تىلەپ، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئۇنىڭ ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ كەلدۇق، ئۇ مەيداندا ئېسىل ئىپادىسىنى نامايەن قىلغاندا، توپ ئۇرغانلىرىدا چەكسىز شادلاندۇق. گەرچە ئۇ مادىرىد كوماندىسىغا يۆتكەلگەندىن بۇيان ئۇزۇن مەزگىل ئاساسلىق ئورنىنى يوقىتىپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما كۇلۇپقا ساداقەتمەنلىك بىلەن تۆھپىسىنى قوشۇپ كەلدى، نۇرغۇن قېتىم كاكانىڭ يۆتكىلىش خەۋەرلىرى چىقتى، نۇرغۇنلىرىمىز ئۇنىڭ كېتىشىنى خالىدۇ، نۇرغۇنلىرىمىز ئۇنىڭ مادىرىدتا قېلىشىنى ئۈمىد قىلدۇق. يېقىندا يەنە ئۇنىڭ مادىرىدتىن كېتىش خەۋىرى چىقىشقا باشلىدى. مەيلى ئۇ كەتسۇن ياكى داۋاملىق مادىرىدتا قالسۇن، بىز ئۇنىڭ قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمىز ۋە ئۇنىڭ چىملىق مەيداندا ئەڭ ئاخىرغىچە بىز مەستانىلەرگە ھەمرا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
تۆۋەندە كاكانىڭ ئۆزۈم نەچچە ۋاقىتتىنياقى ساقلاپ يۈرگەن رەسىملىرىنى مۇنبەرداشلارغا، جۈمىلىدىن كاكا مەستانىلىرىگە سوۋغا قىلدىم، رەسىملەرنىڭ بەزىلىرى كومپىيۇتېر ئېكران رەسىمى قىلىشقا، بەزىلىرى باش سۈرەت قىلىشقا ماس كېلىدۇ. ياقتۇردىغانلار خالىغانچە ساقلىۋالساڭلار بولىدۇ.
|
|