akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 754|ئىنكاس: 22

ئۇزغۇنلۇق ياكى ئۇزغۇنلار ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

20090506165150-1334577541.jpg

بۇ مەسلىنى ئوتتۇرغا قويۇشنى خېلى بۇرۇنلا ئويلىغان ، مانا بۈگۈن ۋاقىت چىقىرىپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ باقسام دىگەن نىيەتتە بۇ تېمىغا قەلەم تەۋرەتتىم .

UEFA Champions League نى تەرجىمە قىلغان ۋاقىتتا مۇنبەردىكى 95 پىرسەت كۆپچىلىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى ( ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ) دەپ تەرجىمە قىلىپ ئىشلەتتى ، مەنچە بۇنداق تەرجىمە قىلىش توغرا ئەمەس دەپ قارايمەن . كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇ مۇسابىقىنى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى ( ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ) دەپ تەرجىمە قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرسى دەل بۇ مۇسابىقىنىڭ خەنچە تەرجىمىسى 欧洲冠军联赛  يەنە بىر ئاتىلىشى  欧洲冠军杯 دىن كەلگەن دەپ ئويلىدىم .(يەنە بىرسىگە مۇسابىقىنىڭ خاراكتىرى ياۋروپانىڭ چىمپىيولۇقىنى تالىشىدىغان مۇسابىقە بولغاچقا ) .
مىنىڭ ئويلىغىنىم بۇ مۇسابىقىنىڭ تەرجىمىسى ياۋروپا ئۇزغۇنلار بىرلەشمىسى ( ياۋروپا ئۇزغۇنلار لوڭقىسى ) دەپ تەرجىمە قىلىنىشى كىرەك . تۆۋەندە مەن يۇقارقىدەك تەرجىمە قىلىشىمنىڭ بىر قانچە سەۋەپلىرىنى دەپ ئۆتسەم .
1-سەۋەپ : ئىنگىلىزچە Champion سۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى تەرجىمىسى بولسا ئۇزغۇن ( چىمپىيون ) دەپ ئېلىنىدۇ . ئىنگىلىز تىلىدا ئىسملارنى كۆپلىككە ئايلاندۇرۇشتا شۇ ئىسىمنىڭ كەينىگە ‹‹ s ›› ھەرپىنى قوشۇش ئارقىلىق كۆپلىككە ئايلاندۇرىمىز . مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ‹‹ Champions ›› سۆزىنىڭ تەرجىمىسى ئۇزغۇنلار ( چىمپىيونلار ) دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ . ھەرگىزمۇ ئۇزغۇنلۇق ياكى چىمپىيونلۇق دەپ ئەمەس . League نىڭ مەنىسىنى دەپ ئولتۇرمىدىم ، چۈنكى بۇنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ .
2-سەۋەپ : بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىن كوماندىلار ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەت بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنى بولىشى كىرەك . ياۋروپادىكى 5 چوڭ بىرلەشمىدىن باشقا بىرلەشمىلەردىن كەلگەن كوماندىلار ئاساسەن ئۆز دۆلىتىنىڭ بىرلەشمىسىدە ئۇزغۇن بولغانلار . بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا بۇ مۇسابىقە ھەر قايسى دۆلەت بىرلەشمىللىرىنىڭ ئۇزغۇن كوماندىللىرى ئوتتۇرسىدىكى جەڭ ، شۇڭا ئۇزغۇنلار بىرلەشمىسى دەپ ئاتلىشى كىرەك .
بۇنىڭغا بىر مىسال ئالساق : 2012-2013 پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلار لوڭقىسىدىكى ھالاكەت گورپىسى ھەممىڭلارنىڭ ئىسىدە بولسا كىرەك . ئىسپانىيە ئۇزغۇنى خانلىق مادىرىد ، ئىنگىلاند ئۇزغۇنى مانچىستېرشەھرى ، گېرمانىيە ئۇزغۇنى دورتموند يەنە گوللاندىيە ئۇزغۇنى ئاياكىس قاتارلىقلار . مانا بۇ دەل ئۇزغۇنلار ئوتتۇرسىدىكى رىقابەت . بۇ پەسىللىك ئۇزغۇنلار لوڭقىسىنىڭ گورپا ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق ، ئىتالىيە ئۇزغۇنى يۇۋىنتىس ، تۈركىيە ئۇزغۇنى گالاتاساراي ، دانىيە ئۇزغۇنى كوپىنھاگىن يەنە خانلىق مادىرىد قاتارلىقلار بىر گورۇپقا بۆلىندى ( بۇنداق مىساللا باشقا گورپىلاردىمۇ مەۋجۇت ئەلۋەتتە ) . خانلىق مادىرىد ئالدىنقى پەسىل ئىسپانىيەدە ئۇزغۇن بولالمىغان بولسىمۇ ، لىكىن ئۇلانىڭ بۇ پەسىل ياۋروپا ئۇزغۇنلار لوڭقىسىدا ئۇزغۇن بولۇش مۇمكىنچىلىكى ھەرگىزمۇ تۆۋەن ئەمەس .

خۇلاسە كالام : UEFA Champions League نىڭ توغرا تەرجىمىسى ياۋروپا ئۇزغۇنلار بىرلەشمىسى ( ياۋروپا ئۇزغۇنلار لوڭقىسى ) . مەن يۇقاردا ئۆزۈمنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۈم . قېنى ئەمسە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى ( ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ) دەپ تەرجىمە قىلىشنى توغرا دەيدىغانلار بولسا ئەركىن ئازادە پىكىرلىشىپ باقساق .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-8-30 21:18:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى نەچچە يىل شۇنداق دەپ كۆنۈپ قاپتىمىز ئەمدى ئۇنداق ئاتاش تەس كىلە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-8-30 21:40:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىردا ئۇزغۇن كوماندىدىن بىرسى چىقىدۇ ئەمەسمۇ ، كۆنگەن يامانمۇ كۆيگەنمۇ دېسە كۆنگەن يامان دەپتىكەن، مېنىڭچە بۇرۇنقىدەك ئىشلىتىۋېرەيلى ، لېكىن تاللاشقا توغرا كەلسە ياۋروپا ئۇزغانلار بىرلەشمىسى دېگەننى لايىق كۆردۈم ، ئۇزغانلار لوڭقىسى دېسە بىرخىل ماس كەلمىگەندەك تۇيۇلىدىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-8-30 21:45:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىگنىڭز ئورۇنلۇق،لىكىن كۆيگەندىن ،كۆنگەن يامان دەپتىكەن شۇڭا دەمالققا ئۆزگەرتىپ بۇلالىشمىز تەس......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-8-30 21:46:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالدۇق.لىكىن نەچچە يىل بولدى ئۇزغۇنلۇق ياكى چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى دەپ ئاتاپ كۆنۈپ قالدۇق.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى دىگەنمۇ ئۇزغۇنلار تالىشىدىغان لوڭقا دىگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ.بۇ ھەم باشقىلاردىن بىۋاستە قۇبۇل قىلىش زۆرۈر بولمىغاچقا تەرجىمىسىنى ئىشلەتمەستىن ،ئۆز تىلىمىزغا ئۆزلەشتۈرۈپ ئۇزغۇنلۇق ياكى چىمپىيۇنلۇق دەپ ئاتىغىنىمىز ياخشى.ئۇزغۇنلار بىرلەشمىسى دىگەندىن ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى دىسەك جانلىق ئاڭلىنىدىكەن.خەخ نىمە دىسە بىۋاستە شۇنى ئۆلۈك تەرجىمە قىلغاندىن،ئەسلى ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى ئاساس قىلىپ ئۆزىمىز ئۆزلەشتۈرىۋالغىنىمىز ياخشى.بۇمۇ مېنىڭ كۆز قارشىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-8-30 21:50:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازغۇن گۇرۇپپا بىرلەشمىسى دەمدۇق يا،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-8-30 21:52:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ياخشىسى چىمپىئونلۇق لۇڭقىسى دەپلا ئاتاۋىرلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-8-30 22:00:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-8-30 22:00:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسى ياخشى ئويلىنىپسىز ، بىراق كۆنگەن يامان دەپ ، ھەممىسى ئۇزغۇنلۇق دەپ ئاتىغىلى ئۇزاق بولدى ، ئۆزگەرتمەك تەس كىلىدۇ ...

مەنغۇ چىمپىيونلۇق دەپلا يازىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-30 22:03:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزخان يوللىغان ۋاقتى  2013-8-30 21:46
تەرجىمە شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالدۇق.لىكىن نەچچ ...

خاتالاشتىڭىز ... ئەسلى ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى ئاساس قىلىپ ئۆزلەشتۈرمىز دىسەك چوقۇم ئۇزغۇنلار بىرلەشمىسى دىيىش كىرەك . ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى دىگەنمۇ ئۇزغۇنلار تالىشىدىغان لوڭقا دىگەن مەنىنى بىلدۇرسە مۇجىمەل بولۇپ قالارمىكى . ئەگەر شۇنداق دەيمەن دەپ تۇرىۋالسىڭىز ، ياۋروپا بىرلەشمىسىدىمۇ ئۇزغۇنلۇقنى تالىشىدىغاندۇ ؟ ياكى ئىككىنجىلىكنى تالىشامتى ؟ ئۇ چاغدا ياۋروپا بىرلەشمىسىنىمۇ ئۇزغۇنلار تالىشىدىغان لوڭقا دەيدىكەنمىز دە ؟
ئۇزغۇنلار بىرلەشمىسى دىگەنلىك ئۇزغۇن كوماندىلار توپلىنىپ بىر بىرلەشمە ھاسىل قىلدى دىگەنلىك ، ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى دىگەنلىك ھەرگىزمۇ ئۇزغۇنلار تالىشىدىغان لوڭقا دىگەنلىك ئەمەس .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-8-30 22:05:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
银河战舰 يوللىغان ۋاقتى  2013-8-30 22:03
خاتالاشتىڭىز ... ئەسلى ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى ئاساس قىلى ...

خاتالاشمىدىم.ياۋرۇپا بىرلەشمىسىدە چىمپىيۇنلۇقنى تالىشىدۇ.لىكىن ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى دىگەنلىك زىغىرلىغىدەك گەپ ئەمەس،ئۇزغۇنلارنىڭ لوڭقا تالىشىشى دەپ چۈشەنسەكلا بولىدۇ ،زادى بولمىسا بىز ئۇزغۇنلۇق لۇڭقىسى دەيلى ،سىز ئۇزغۇنلار بىرلەشمىسى دەڭ.چۈنكى بىر بىرىمىزنى زورلاپ دىگۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-30 22:08:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى ( ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ) : ياۋروپانىڭ ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىدىغان مۇسابىقە .
ياۋروپا ئۇزغۇنلار بىرلەشمىسى ( ياۋروپا ئۇزغۇنلار لوڭقىسى ) : ياۋروپادىكى ئۇزغۇن كوماندىلار ئوتتۇرسىدىكى لوڭقا تالىشىش مۇسابىقىسى .

مەن مۇشۇنداق چۈشەندىم ، ھەم پىكىرىمدە چىڭ تۇرىمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-27 04:04

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش