بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-27 20:08
ئالېرگېللى خەتەردە قالدى !
گالىيانىنىڭ ئارىغا كىرىپ تۇرۇشى بىلەن ئورنىنى ساقلاپ قالغان ئالېرگېللىنىڭ كۇنى يەنە تەسكە قالدى . ئۇزغۇنلۇق سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە تەڭلشىش ، بىرلەشمىنىڭ تۇنجى مەيدانىدا ئۇتتۇرۇش سابىق زۇڭتۇڭنىڭ قاتتىق ئاچچىقىنى كەلتۇرگەن ،ئەگەر ھەپتە ئوتتۇرىسىدا ئىلىپ بىرىلىدىغان مۇسابىقىدە مىلان ئۇتتۇۇرۇپ قويسا ئالېرگېللى بۇ پەسىل ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە ئىشتىن چۇشكەن تۇنجى مەشقاۋۇل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئىنتىر 200مىليۇنلۇق توختامغا ئىرىشتى!
سىنا تورى خەۋىرى: ئىنتىر مىلان NIKEشىركىتى بىلەن قىممىتى 200مىليۇن ياۋرۇ بولغان 10يىللىق توختام تۇزگەن.
پۇلغا ئىرىشكەن ئنتىر تەرەپ بۇرۇنقى ھۇجۇمچىسى قارا قاپلان ئىيتونى قايتۇرۇپ كىلىشىنى پىلانلىغان ھەمدە ئىيتو ماھاشىنى تۆۋەنلىتىشكە قوشۇلسا يىللىقى 4مىليۇندىن 4.5مىليۇنلۇق 2يىللىق توختام تۇزۇشكە تەييارلانغان .
گۇلسامساق قايتىپ كەلدى!
بۇيىللىق يازلىق بازاردا گومىس قاتارلىق داڭلىق توپچىلارنى سىتىۋىلىپ ئوبدانلا قان تولۇقلىغان فۇلۇنىسا ئاخشام ئوينالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىدە روسسى ۋە پىزارونىڭ بىردىن توپ ئۇرۇشى بىلەن 2.1كاتانىيە كوماندىسىنى ئۇتۇپ 3نۇمۇرنى قولغا كەلتۇردى
|