- تىزىملاتقان
- 2013-5-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1515
- نادىر
- 2
- يازما
- 1515
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-23 12:40
3
5-نۆۋەتلىك بېرنابۇ لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى بۈگۈن سەھەر ئېلىپ بېرىلدى.راھۇل ئانا كوماندىسىغا كاپىتانلىق سالاھىتى بىلەن 45مىنۇت مەيدانغا چىقتى.ئاخىردا 5-0نەتىجە بىلەن ئەل ساد كوماندىسى ئۈستىدىن غەلبە قىلدى.
بېيجىڭ ۋاقتى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەر سائەت 4:30مىنۇت ئۆتكەندە 35-نۆۋەتلىك بېرنابۇ لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى رەسمى باشلاندى.
بۇمەيدان مۇسابىقە راھۇلغا نىسپەتەن ئالاھىدە بىر مەيدان ئۇزۇتۇش مۇسابىقىسى بۇلۇپ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 23مىنۇت بولغاندا دىمارىيانىڭ پاس چىقىرشى بىلەن راھۇل تۇنجى توپنى ئۇرۇپ ئۈستۈنلىككە ئۆتتى.
كىيىنكى يېرىم مەيداندا زاپاس ئەزالار قاتارىدىن ئالمىشىپ چىققان ئېسكو ،بېنزىمالار داۋاملىق توپ ئۇرۇپ نۇمۇر پەرقى چوڭايدى،ياش ماھىر خېسسى 2توپ ئۇردى،ئاخىردا مادىرىت 0گە قارشى 5نەتىجىلىك چوڭ نۇمۇر پەرقى بىلەن بۇ نۆۋۋەتلىك لوڭقىنىڭ چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى.
مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرى مادىرىت راھۇل ئۈچۈن ئاددىغىنە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى.مادىرىتنىڭ بۇ قەھرىمانى مەيداننىڭ ئوتتۇرسىدا مادىرىت ئۈچۈن بىرلىكتە لوڭقا تەنتەنىسى قىلىپ نۇرغۇنلىغان مادىرىت مەستانىلەر قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى.
مادىرىتنىڭ ھازىرقى ئىسمى جىسمىغا لايىق مۇنەۋۋەر كاپىتانى كاسىللاس ئۈزى بېرىپ كاپىتانىلق يەڭ بەلگىسىنى راھۇلغا تاقاپ قويدى.
كىرىستيان رونالدو بۈگۈنكى مۇسابىقىدە 11-نۇمۇرلۇق كىيىمنى كىيىپ چىقتى.راھۇل بۇرۇنقى 7-نۇمۇرلۇق كىيمىنى كىيىپ مۇسابىقىغە چۈشتى.
مۇسابىقە جەۋھىرى:
|
|