- تىزىملاتقان
- 2012-1-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 964
- نادىر
- 2
- يازما
- 964
|
گاررېنچانىڭ ئەسلى ئىسمى ( مانوئېل . فىرانسېسكو . دوس . سانتوس ) بولۇپ ، بىرازىلىيە پۇتبول تارىخىدىكى داڭلىق پۇتبولچى . ئۇ مەيدان كونتىرول قىلىشىنىڭ ئالاھىدە بولۇشى ، ئىنكاسىنىڭ تېز ، ھەرىكىتىنىڭ چەبدەسلىكى ، سۇرئىتىنىڭ تېزلىكى ، بوسۈپ كىرىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن داڭ چىقارغان ۋە ھەممىگە تونۇلغان . پۇتبول مەستانىلىرى ئۇنىڭ پۇتبول تالانتىغا قاراپ ‹‹ گاررېنچا ›› دەپ ئاتالغۇ قىلغان . ‹‹ گاررېنچا ›› پورتۇگال تىلىدا بىر خىل كىچىك قۇشنىڭ ئىسمى بولۇپ ، بۇ ئاتالغۇ ئۇنىڭ شۇ قۇشتەك ئالاھىدە بولغانلىقىغا قاراپ قويۇلغان . بۇ ئىسىم ئاستا-ئاستا ھەممىگە سىڭىشىپ كەتكەن . گاررېنچا دۆلەت كوماندىسىغا ۋەكالىتەن ئوينىغان 60 مەيدان مۇسابىقىسىدە 52 مەيدان ئۇتۇپ ، 7 مەيدان تەڭلىشىپ ، بىر مەيدان ئۇتتۇرغان . گاررېنچا بىلەن پېلى بىللە مەيدانغا چىققان مۇسابىقىدە بىرازىلىيە كوماندىسى بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرۇپ باقمىغان .
|
|