- تىزىملاتقان
- 2012-9-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3676
- نادىر
- 6
- يازما
- 3676
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-20 15:42
ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە نىيمار بىرازىلىيە سانتوس كۇلۇبىدا ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ئىپادىسى بىلەن دۇنياغا تونۇلدى،بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىدىمۇ ئۆزىنىڭ ياخشى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ بىرازىلىيەنىڭ ئۈمىد چولپىنى، يېڭى پىلى دەپ ئاتالماقتا،بۇ يىل ئىسپانىيە زەردارى بارسىلونا ئۇنى ئوڭۇشلۇق ھالدا كوماندىغا قىتىۋالدى.
ئۇندىن باشقا ئىسپانىيەدىكى يەنە بىر داڭلىق كۇلۇب بولغان بارسىلونانىڭ ئەشەددى رەقىبى رىئال مادرىد ئىلگىرى مالاگا كۇلۇبىدا توپ ئويناپ بىرلەشمە ۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقتا نام قازانغان ماھىر ئىسكونى سىتىۋالدى، ئىسكو مەيلى مالاگا ياكى ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلگەن ،ئىسپانىيەنىڭ كەلگۈسى ئۈمىد چولپانلىرىنىڭ بىرسى دەپ قارالغان ماھىر. ئىسكو بۇ پەسىل تۇنجى ئايلانمىدا خانلىق بىتىس بىلەن بولغان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە بىر پاس ھەم ھەل قىلغۇچ بىر توپ ئۇرۇپ رىئال مادرىدنى قۇتقۇزۇپ غەلىبىگە باشلاشتا مۇھىم رول ئوينىغان پۇتبولچىدۇر، بىلنىڭ كېلىش-كەلمەسلىكىدىن قەتئىنەزەر ئىسكو مادرىدنىڭ كوزۇر ماھىرى بولۇپ قىلىشىدا مەسىلە يوق.
ئىلگىرى مادرىد-بارسىلونا جېڭى تىلغا ئېلىنسا بىۋاستە ھالدا مىسسى-س.رونالدونىڭ جېڭى تىلغا ئېلىناتتى،گەرچە مەيداندا ئۇلاردىن باشقا ماھىرلار بولسىمۇ،
يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلىنىشى بىلەنلا كىشىلەرنىڭ نەزىرى مىسسى-رونالدو ئېلىشىشىدىن تەبىئىيلا نىيمار-ئىسكو جېڭىگە يۆتكەلگىلى تۇردى، ئەمەلىيەتتە نىيمار بارسىلوناغا كېلىپ تولۇق بىر مەيدان رەسمى مۇسابىقە ئويناپ باقمىدى،گەرچە زاپاس بولۇپ چۈشسىمۇ ئۇنىڭ ئىپادىسىگە كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ،نىيمارنىڭ ھازىرچە تولۇق مۇسابىقە ئوينىماسلىقى ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالى،كوماندا جەڭ تاكتىكىسىنىڭ ئېھتىياجى قاتارلىق ھەرتەرەپلىمە ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك،ئىسكوغا كەلسەك ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە چىنىقىپ چىققان ماھىر،شۇڭا ناھايتى تىزلا مادرىدقا ماسلىشىپ كىتەلىدى، ئىككىلا ماھىرغا شان-شەرەپلەر يار بولسۇن.
بۇ ئىككىسى ھەققىدە ئىلمى مۇنازىرە قىلىپ ئۆز كۆز قارىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقساق، ئىلگىرىكى مىسسى -رونالدو دىيىشىپ قېرىنداشلارغا ئاھانەت قىلىشىدىغان ئېغىزىمىزنى ياخشى باشقۇرۇپ ئىسىل، مەدەنىي ئىنكاس يېزىشنى ئۆزىمىزگە ئادەت قىلايلى ! 26-ئۆكتەبىردىكى جەڭدە بۇ ئىككىسى تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە ئېلىشىپ قىلىشى مۇمكىن، بىزگە قىزىغان مۇسابىقە بولسا بولدى .
تۆۋەندە نىيمار بىلەن ئىسكونىڭ كۆزنى چاقنىتىدىغان ئېسىل ماھارەتلىرى بىرىلدى،كۆزىڭىزنى ئاسراڭ!
|
|