پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 419|ئىنكاس: 18

ئىراق پۇتبولچىلىقىدىكى قەھرىمان : يۇنىس . مۇھەممەد !!!~

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھايات _ شاھمات تاختىسى !!~~

59

تېما

3

دوست

964

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10104
يازمىسى: 964
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 56443
تۆھپە: 100892
ۋاقتى: 188
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-19 17:52:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nayil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-20 13:13  

   ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم !! بۇندىن بۇرۇن مېسسى 2 ئىراق پۇتبولچىلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن . بۇ تېما ھەممىمىزگە ئىراق پۇتبولچىلىقىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ئىدى . مەن تۆۋەندە مۇ ئېراق كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ، داڭلىق پۇتبولچى يۇنىس . مۇھەممەدنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن . قېنى دېققىتىڭلار تۆۋەندىكى تېمىدا بولسۇن !!!

                                           1.jpg


     ئىسىم - فامىلىسى             :       يۇنىس . مۇھەممەد
     تۇغۇلغان ۋاقتى                  :       1983-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
     مەيداندىكى ئورنى             :       ھۇجۇمچى
     بوي ئېگىزلىكى                  :       1مېتىر 86 سانتىمېتىر
     ئېغىرلىقى                         :       86 كېلوگىرام
     تۇغۇلغان ئورنى                 :       ئىراق كوركوك
     دۆلەت تەۋەلىكى               :       ئىراق
     دىنى ئېتىقادى                  :       ئىسلام دىنى
     دۆلەت كوماندىسىدا          :       56 مەيدان مۇسابىقىغە قاتنىشىپ 25 توپ ئۇرغان .
     توپ تېپىدىغان كۇلۇبى      :       قاتار ئەل ساد كۇلۇبى
     توپ تەپكەن كۇلۇبلىرى      :       ئال گاراففا كۇلۇبى ، ئال ئارابى كۇلۇبى ، ئال ۋاھرا كۇلۇبى
     
                                 2.jpg


   ئېرىشكەن نەتىجىلىرى  

   2007-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى چىمپىيونى ، 2007-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسى ‹‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى ›› ، 2007-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسى ‹‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن ›› ، 2007-يىلى ‹‹ فىرانسىيە پۇتبولى ›› گۇرۇپپىسى سايلىغان ‹‹ ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ›› سايلىمىدا ، يۇنىس 29-ئورۇنغا تىزىلغان . 2007-يىلى ‹‹ فاچېتتى مۇكاپاتى ›› غا ئېرىشكەن .

                               9.jpg


   كەسپى پۇتبول ھاياتى

   2002-يىلى 3-ئايدا ، يۇنىس بىرىنچى قېتىم ئىراق دۆلەتلىك ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىغا چاقىرتىلدى ، بىراق مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى بولمىدى . 1 ئايدىن كېيىن سۈرىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىپ ، ئۆزىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى ئوينىدى . شۇنىڭدىن كېيىن ، يۇنىسىنىڭ دۆلەت كوماندىسىغا ۋەكالىتەن ئوينىغان مۇسابىقىلىرى بارا-بارا كۆپىيىپ ، ئىراق دۆلەت كوماندىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان موھىم ھۇجۇمچى بولۇپ قالدى .

                              4.jpg


   ئولىمپىك كوماندىسى

   2004-يىلى يۇنىس مۇھەممەد ئىراق دۆلەت كوماندىسىنى يېتەكلەپ ئافىنا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشتى ۋە پۇتبول تۈرىدە تۆتىنچى بولۇپ ، ئولىمپىك پۇتبول تۈرىدە ئىراق دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى ياراتتى . بۇ مۇسابىقىدىكى ئىراق كوماندىسى پۇتۇن دۇنيا خەلقىنى ھەيران قالدۇردى . ئۇلارنىڭ جەڭگىۋار ، جۇشقۇن پۇتبول روھى ھەممىنى قايىل قىلدى . يۇنىس پورتۇگالىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بىر توپ ئۇرۇپ ، خەلىقئارا سەھنىدە رەسمى تۈردە چاقنىدى . 2006-يىلى يۇنىس يەنە بىر قېتىم ئىراق ئولىمپىك كوماندىسىنى بىلەن دوھا ئاسىيا ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشتى . يۇنىس ئېسىل ئىپادىسى بىلەن 3 توپ ئۇرۇپ ، كوماندىنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغە ئېلىپ كىردى ، بىراق ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ يارىلىنىشى تۈپەيلى رەقىبىدىن مەغلۇپ بولۇپ 2- بولۇپ قالدى . 2006-يىلى يۇنىس ‹‹ ئاسىيا ئەڭ مۇنەۋۋەر ياش پۇتبولچى ›› بولۇپ باھالاندى .

                               5.jpg


   ئاسىيا لوڭقىسى

   يۇنىس مۇھەممەد 2007-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسىدە تېخىمۇ چاقناپ كەتتى ۋە ھەر مەيدان مۇسابىقىدە ئېسىل ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئىراق كوماندىسىنى تارىخى خاراكتىرلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغە ئېلىپ كىردى . بۇ جەرياندا ئۇ 4 توپ ئۇرۇپ بولغان ئىدى . ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ، ئىراق كوماندىسى يۇنىسىنىڭ ئۇرغان بىر توپى بىلەن رەقىبىنى يېڭىپ ، ئىراقنىڭ تۇنجى ئاسىيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى .
   يۇنىس . مۇھەممەد ئىراق كوماندىسىنى ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرىشىدىكى ئەڭ موھىم شەخىس بولۇپ قالدى . بىرىنچى مەيدان تايلاند دۆلەت كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈپ ، كوماندا ئۈچۈن ئەڭ موھىم بولغان بىر نومۇرنى قولغا كەلتۈردى . 8 كۈچلۈك ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرگەندە ، ۋېيىتنام كوماندىسىغا 2 توپ ئۇرۇپ كوماندىنى يېرىم ھەل قىلغۇچغا ئېلىپ كىردى . ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى يۇنىسىنىڭ ئۇرغان بىردىن - بىر توپى ئىراق كوماندىسىنى چىمپىيونلۇققا نائىل قىلدى . يۇنىس 4 توپ ئۇرۇپ، ياسېر ۋە تاكاخارا قاتارلىقلار بىلەن مەرگەنلەر قاتارىدا 1-ئورۇنغا تىزىلدى .
   
                               7.jpg


   يۇنىسنىڭ ئىراق كوماندىسىدىكى تۆھپىسى ئۇنىڭ ھەيران قالارلىق تالانتى ، ئالداپ بۆسۈپ كىرىشى ۋە توپ ئۇرۇشىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنىڭ يۇقىرىلىقى بولۇپلا قالماي ، ئەڭ موھىمى ئۇنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى ھارماس جەڭچى روھى ۋە ئېسىل ئىپادىسى . ئىراق كوماندىسى ئەڭ قىيىن شارائىتتا قالغاندىمۇ ئۇنىڭ مەيداندىكى بوشاشماس قەيسەر روھى ، بوشاشماي توپ قوغلىشى ۋە ۋارتارغا يۇقىرى بېسىم بىلەن ئۇرغان توپلىرى سەبداشلىرىغا تېخىمۇ چوڭ مەدەت ۋە ئىلھام ئېلىپ كېلىدۇ . شۇنداق ، مۇسابىقە مەيدانىدا بىز يۇنىسنىڭ ‹‹ ھېچقانچە ئۈمىد يوق ›› دەپ قارىغان توپلارنىمۇ بوشاشماي قوغلاۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز .
   بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن يۇنىسنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1 مېتىر 86 سانتىمېتىر ، ئېغىرلىقى 80 كېلوگىرام بولۇپ ، قاتار بىرلەشمىسىدە توپ تېپىدۇ . 07 \ 06 مۇسابىقە پەسلىدىكى بىرلەشمىدە ئۇ 19 توپ ئۇرۇپ ، بىرلەشمە مەرگىنى بولىدۇ . ئۇ يەنە 2003-يىلى ‹‹ ئاسىيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى پۇتبولچى ›› نامزاتى ئىچىگە كىرگەن .
   ئىراق كوماندىسى ئاسىيا چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن بىلەن ، كوماندىنىڭ يادرولۇق ھۇجۇمچىسى يۇنىس ‹‹ ئالتۇن ئاياق ›› نى كىيەلمىدى . گەرچە يۇنىس ، ياسېر ۋە تاكاخارالار بىلەن ئوخشاش 4 توپ ئۇرۇپ بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان بولسىمۇ ، ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ياسېرنى مەرگەن قىلىپ بېكىتتى . يۇنىس بولسا ‹‹ ئالتۇن توپ ›› نى ئېلىپ ئۈيىگە قايىتتى .
   ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن بۇرۇن ياسېر بىلەن تاكاخارا 4 توپ بىلەن مەرگەنلەر قاتارىدا 1- ئورۇنغا تىزىلغان بولسىمۇ ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە يۇنىس بىر توپ ئۇرۇپ ، توپ سانىنى 4 توپقا يەتكۈزدى ۋە ئۇلارنىڭ يەنە بىر مەرگەنلىك تالىشىش رەقىبى بولۇپ قالدى . گەرچە ئېراق كوماندىسى ياسېر باشچىلىقىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىنى ئۇتۇپ لوڭقىنى كۆتۈرگەن بولسىمۇ ، ‹‹ ئالتۇن ئاياق ›› نى تارتۇقلىغاندا ، سەھنىدىكى ئۇ بولماي بەلكى ياسېر بولۇپ قالدى .

                              6.jpg


   ئۇرۇش ئوتى ئىچىدىكى ئىراق كوماندىسىنىڭ جاسارىتى قايىللىقىمىزنى قوزغىماي قالمايدۇ ، ئەلۋەتتە . ئىراق كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ، كوماندا كاپىتانى يۇنىسنىڭ ئۇرغان كاللا توپى بىلەن ئاسىيا لوڭقىسى چىمپىيونى بولدى . مۇسابىقىدىن كېيىن ، ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى يۇنىسنى ‹‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى ›› قىلىپ بېكىتتى .
   مۇسابىقىدىن كېيىن ، داغدۇغىلىق مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلدى . ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئالدى بىلەن ‹‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى ›› نامزاتىنى ئېلان قىلدى . يۇنىس مۇكاپاتلاش سەھنىسىگە چىققاندا ، ئىراق دۆلەت بايرىقىنى يېپىنچاقلىۋالغان ئىراق كوماندا ئەزالىرى خوشاللىقىنى ئەۋجىگە چىقاردى . كەينىدىنلا ‹‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن ›› نى ئېلان قىلغاندا ، يۇنىس سەھنىگە چىقىشقا تەمشىلىپ بولغان ئىدى . ئەپسۇس ، ئېلان قىلىنغىنى ئۇ بولماستىن ، ياسېر ئىدى . بۇ دەمدە ، مەيدان قىسقىغىنا سۈكۈتكە چۆمدى . بۇ قارار يۇنىسقا تەسىر قىلدى بولغاي ، چىراي ئىپادىسىدە بايىقى خوشاللىقلار نەلەرگىدۇر ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى . ئارقىدىنلا ، مۇكاپات سوممىسى 25 مىڭ دوللار بولغان مۇكاپاتنى يۇنىسنىڭ قولىغا بېرىشى بىلەن يۇنىسنىڭ چىرايىغا ئازراق كۈلكە يۈگرىدى .
   
                              8.jpg


   تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش سادالىرى ۋە چۇقان-سۈرەنلىرى ئىچىدە ، تارىخ ياراتقان ئىراق كوماندىسى مۇكاپاتلاش سەھنىسگە چىقتى . ئۇلارغا بۇ لوڭقىنى تارقاتقۇچى خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بىلاتېر ئىدى . ئىراق كوماندىسىنىڭ كاپىتانى يۇنىس لوڭقىنى ئېگەز كۆتۈرگەن ۋاقىتتا مەيدان ئىچى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى . ئىراق كوماندا ئەزالىرىنىڭ كۆزلىرىگە خوشاللىق ياشلىرى لىق تولدى . ‹‹ بىز چىمپىيون ›› مىلودىيىسىنىڭ ياڭرىشى كەيپىياتنى تېخىمۇ جانلاندۇرىۋەتتى .
   غەلبە شاتلىقى ئىچىدىكى يۇنىس : ‹‹ ئىراق خەلقى مېنىڭ توپ ئۇرۇشىمغا مۇھتاج ، چىمپىيونلۇققا مۇھتاج !! بىز بىر مۆجىزە ياراتتۇق . ئېراق خەلقىنىڭ قوللىغىنىغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت !! ›› . ‹‹ ئالتۇن كەشنى ئېلىش ئالماسلىقىم موھىم ئەمەس ، موھىمى بىز ۋە ئىراق خەلقى بىرلىكتە مۆجىزىنى بارلىققا كەلتۈردۇق !! گەرچە ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ ، بىراق ئىراق پۇتبول كوماندىسى دۆلەت ئىچىدە يەنىلا زور قوللاش ۋە ئالقىشلارغا ئېرىشىدۇ . بىز پۇتكۈل ئىراق خەلقى ئۈچۈن بۇ جەڭگە ئاتلاندۇق ، بىزنىڭ غەلبىمىز ئىراق خەلقىغە مەنسۇپ !! ›› دەپ ئىپادە بىلدۈردى .
   
                               3.jpg


   2007-يىلى ، يۇنىس ‹‹ فىرانسىيە پۇتبولى ›› گۇرۇپپىسى سايلىغان ‹‹ ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ›› سايلىمىدا 29-ئورۇنغا تىزىلىپ ، ئىراق خەلقىنىڭ ، جۈملىدىن پۇتكۈل ئاسىيا خەلقىنىڭ پەخرىگە ئايلاندى ۋە پۇتكۈل ئاسىيا پۇتبولى ئۈچۈن غۇرۇرىنى نامايان قىلدى .

                                                                                                                                                    تۈگىدى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
dilmurat. + 50 نادىر تېما !

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ياغاچ كەسكەن پالتىنىڭ سىپى ياغ

33

تېما

3

دوست

3676

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11693
يازمىسى: 3676
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 66802
تۆھپە: 3978
ۋاقتى: 957
h
ھالەت

نادىرچى مۇنبەر قىززىقچىسى بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-20 13:48:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇنۇس ئىراقنىڭ داڭلىق پۇتبولچىسى بولۇشقا مۇناسىپ،2007-يىلىدىكى ئاسيا لوڭقىسىدكى ئىپادىسى ھەقىقەتەن ياخشى بولغان، دۇنيا لوڭقىسى ئاسيا تاللاش مۇسابىقىسىدىمۇ جۇڭگوغا بىر توپ ئۇرغان ئىدى ،ھازىر قىرىپ قالغاندەك تۇرىدۇ بۇ
پۇتبول دۇنيادىكى بىرىنچى ھەرىكەت

ۋازكەچمەيمەن.

30

تېما

0

دوست

1471

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  3564
يازمىسى: 1471
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10051867
تۆھپە: 131
ۋاقتى: 845
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-20 14:37:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


مانا بۇ رەسىم ھەممىنى ئىپادىلەيدۇ، ئىراقتىكى  ئۇرۇش ،قالايمىقانچىلىق ،خەلق بىرۋاق تاماق  يېسە ئىككى ۋاق يوق مۇشۇنداق شاراھىتتىمۇ نەتىنجە ناچار ئەمەس، مەسىلەن 2007-يىلى  ئىراق كوماندىسى .....

يەنە بىر دۇنياخەلقىنى تەسىرلەدۇرگەن مەشۇر رەسىم: ئامىركا ئەسكىرى ۋە ئىراقلىق كىچىك قىز(ئارتۇقچە قۇشۇپ قويدۇم) ئامىركا ئىراق ئۇرۇشى.

سۆرەتكە تارتقۇچى:Michael Yon
تەڭ ئەمەس بىز دەۋىر ئالدىدا، تەڭ بولارمىز قەبرە ئالدىدا.

ھۇررا شىنجاڭ !!!

280

تېما

12

دوست

4033

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9222
يازمىسى: 4033
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 357089
تۆھپە: 1443
ۋاقتى: 1186
h
ھالەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە مادرىد لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-20 14:44:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى 20 سائەت ئالدىدا يوللاپتىكەن ئەمدى تەستىقلىنىپتۇ .
ئىسىل تېما بوپتۇ
شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ئەزىمەتلەر ھۇررا !!!

ياغاچ كەسكەن پالتىنىڭ سىپى ياغ

33

تېما

3

دوست

3676

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11693
يازمىسى: 3676
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 66802
تۆھپە: 3978
ۋاقتى: 957
h
ھالەت

نادىرچى مۇنبەر قىززىقچىسى بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-20 14:51:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا كېچىكىپ تەستىقلىنىپتۇ بۇ تېما،  مۇشۇنداق ياخشى يېزىلغان ئەجىرلىك تېمىلارغا ئىنكاس بەك ئاز چۈشىدىكەن،
پۇتبول دۇنيادىكى بىرىنچى ھەرىكەت

ھۇررا شىنجاڭ !!!

280

تېما

12

دوست

4033

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9222
يازمىسى: 4033
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 357089
تۆھپە: 1443
ۋاقتى: 1186
h
ھالەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە مادرىد لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-20 15:30:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2013-8-19 23:51
بەكلا كېچىكىپ تەستىقلىنىپتۇ بۇ تېما،  مۇشۇنداق ياخشى ي ...

تېما كىچىكىپ تەستىقلانغانلىقى ئۈچۈن شۇڭا ئىنكاس ئاز يېزىلغان گەپ .
شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ئەزىمەتلەر ھۇررا !!!

ياغاچ كەسكەن پالتىنىڭ سىپى ياغ

33

تېما

3

دوست

3676

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11693
يازمىسى: 3676
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 66802
تۆھپە: 3978
ۋاقتى: 957
h
ھالەت

نادىرچى مۇنبەر قىززىقچىسى بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-20 15:47:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilmurat. يوللىغان ۋاقتى  2013-8-20 15:30
تېما كىچىكىپ تەستىقلانغانلىقى ئۈچۈن شۇڭا ئىنكاس ئاز  ...

ئۇنداقمۇ ئەمەس، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە 3-4تېما تەستىقلىنىپتۇ،ئۇلارغا ئىنكاسلار كۆپرەك يېزىلىپتۇ،ئەمما بۇ تېمىغا
پۇتبول دۇنيادىكى بىرىنچى ھەرىكەت

12

تېما

5

دوست

1112

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12806
يازمىسى: 1112
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 55995
تۆھپە: 1205
ۋاقتى: 175
h
ھالەت

مۇنبەر قىززىقچىسى بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-20 15:49:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بالا 2006 يىلىمۇ ئىنىق ئىسىمدە يوق ئامرىكا بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە كەينىگە مولاقچىلاپ بىر توپ ئۇرىۋەتكىنى مۇشۇ شۇ، پەقەت ئىسىمدىن چىقمايدۇ بۇ.
بۇ يەرنىڭ مەيدانى جىمجىت!

5

تېما

7

دوست

1081

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12272
يازمىسى: 1081
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1559122
تۆھپە: 1168
ۋاقتى: 314
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-20 15:58:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا ئىراق كوماندىسىنىڭ نەتىجىلىرىگە كۆزيۇمغىلى بولمايدۇ.شۇنچىۋىلا ئورۇش قالايمىقانچىلىقى ئىچىدە تۇرۇپمۇ ئاسىيا پۇتبولچىلقىنىڭ سەركىسى بولالاپتۇ...كىيىنكى كۈنلىرىڭگە ئامەت تىلەيمەن يۇنىس . مۇھەممەد
[img

alding karap pikir kil izing g

1

تېما

1

دوست

2133

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11121
يازمىسى: 2133
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10055729
تۆھپە: 1798
ۋاقتى: 291
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-20 17:09:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىپلاس يەھۇدىيلار ،
مۇھەممەد

مەن ئۇيغۇرنىڭ مەستانىسى

2

تېما

0

دوست

272

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9245
يازمىسى: 272
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10050566
تۆھپە: 326
ۋاقتى: 71
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-20 17:39:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يونىس ئەمەس يۇنۇسقۇ دەيمەن ئىسمىنى
مەن يەنىلا سەنسىز!!!

ھايات _ شاھمات تاختىسى !!~~

59

تېما

3

دوست

964

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10104
يازمىسى: 964
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 56443
تۆھپە: 100892
ۋاقتى: 188
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-20 17:45:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماھىر يوللىغان ۋاقتى  2013-8-20 17:39
يونىس ئەمەس يۇنۇسقۇ دەيمەن ئىسمىنى

younis .  mahmoud   كەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )