elan ornielan orni
كۆرۈش: 894|ئىنكاس: 29

لىۋېرپول 8-19-كۈنى خەۋەرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
8-ئاينىڭ 19-كۈنى



     1- مىگنولىت : بۇ مىنىڭ چۈشۈمدىكىدەك لىۋېرپول دىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقە بولدى
      بىلگىيلىك ۋارتا مىگنولىت لىۋېرپول غا قىتىلغاندىن بۇيانقى تۇنجى مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدا چوڭ تۆھپىدىن بىرنى ياراتتى ، ئۇ ئىنگىلاند بىرلەشمىسى 1-ئايلانما مۇسابىقىسىدا لىۋېرپول بىلەن سىتوك شەھرى كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدا مۇسابىقە ئاخىرلىشاي دەپ قالغاندا كالگەن قارشى تەرەپنىڭ نوقتا توپىنى توسۇپ چىقىرۋىتىپ ، لىۋېرپول نىڭ تۇنجى ئايلانما غەلبە بىلەن باشلىشىغا چوڭ تۆھپە قوشتى .
      ئۇ بۇ توپنى ئەسلەپ مۇنداق دىدى : » مۇسابىقە جەريانىدا مەن باشتىن مۇسابىقە نەتىجىسىنىڭ تەڭلشىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپلا تۇردۇم ، كۈتۈلمىگەندە ئەنسىرگىنىمدەك مۇسابىقە داۋاملىشىپ 87 مىنۇتقا قەدەم باسقاندا قارشى تەرەپكە بىر دانە نوقتا توپ تىپىش پۇرسىتى كىلىپ قالدى ، بۇنداق كوماندىغا يىڭى كىلىپ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدىلا بۇنداق نوقتا توپ كەلسە ...
      ( ئىشقىلىپ نوقتا توپنى ئۇ توسۇپ چىقىرۋەتكەندە كىلەي دەپ قالغان 3 نۇمۇردىن ئۈمۈدىنى ئۈزگەن لىۋېرپول مەستانىللىرىنىڭ يۈركى يىرىلىپ كىتەيلا دىدى ...   )



      2-ئەينەك گىزىتى : جىرراد نىڭ ئوتتۇرلىقتا كىلىشتۇرشى بىلەن سۇيارىز كوماندىغان قايتىپ كەلدى
       » ئەينەك گىزىتى « نىڭ خەۋرىگە قارىغاندا ، لىۋېرپول ھۇجۇمچىسى سۇيارىز ھازىر كوماندا مەسقاۋۇلى روجىس بىلەن يارشىپ قالغان ، بۇ ئارلىقتا جىررېد نىڭ كىلىشتۈرشى چوڭ رول ئوينىغان .
      سۇيارىز بۇ يىل يزدىن باشلاپ توختىماي لىۋېرپول دىن ئايرىلىش خىيالىدا بولۇپ كەلگەن ئىدى ، بىراق لىۋېرپول يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ قەتئىي مەيدانى بىلەن ساتماسلىقى سۇيارىزنىڭ لىۋېرپول دىن كىتىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇراگىۋايلىق ئامال يوق غورورىنى قويۇپ تۇرۇپ ، كۇلۇپقا ئۆزىرخالىق قويدى . بۇنىڭ بۇنداق قىلىشىغا كوماندا كاپىتانى جېرراد ئوينىغان رولى ئالاھىدە چوڭ بولدى . شۇنىڭ بىلەن ئارسىنالنىڭ سۇيارىز غا ئېرىشىش ئارزۇسى كۆپۈككە ئايلاندى .
      ( سۇيارىزنى سىتىۋەتمىگەنلىكى لىۋېرپول نىڭ بۇ پەسىل 4 نىڭ ئىچىگە كىرىشىگە تىخىمۇ زور ئىشەنچ ئاتا قىلدى ، باشقا كوماندىلارنىڭ 1-ئايلانمىدىكى ئىپادىسىگە قارىغاندا لىۋېرپول نىڭ 4 نىڭ ئىچىگە قايتىپ كىلىشىدا ئۈمىد زور تۇرىديا ...   )



      3-ۋالۇنسىيا رەئىسى : باشقا ئىش بولىسىلا ، سىسوكو لىۋېرپول غا قىتىلىدۇ
      ۋالۇنسىيا رەئىسى ئامادو سارۋا كوماندىنىڭ سول بىكى ئالىي سىسوكو پات يىقىندا لىۋېرپول غا قىتىلىدۇ ، ئۇ ھازىر بەدەن تەكشۈرتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ دەپ جەزىملەشتۈردى .
     ئۆتۈپ كەتكەن نەچچە ھەپتىنىڭ ياغى ، فىرانسىيە بىكى لىۋېرپول بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقانلىق خەۋرى ئۈزۈلمىگەن ئىدى ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا سىسوكو نىڭ لىۋېرپول غا قىتىلىش ئىشى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتكەن ، شۇنداقلا ۋالۇنسىيا رەئىسى بۇ خەۋەرنى جەزىملەشتۈرۈپ ، سىسوكو نىڭ ئىجارە شەكلىدە لىۋېرپولغا قىتىلىدىغانلىقىنى ، ئىجارە مۇددىتىنىڭ 1 يىل بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان .
      ( بۇ ئاداشنىڭ كىلىشى بىلەن بىزنىڭ سول بىك تا زاپاس ئادەمنىڭ يوق بولۇش تارىخىغا خاتىمە بىرىپ ، خالىغانچە ئېنرىك بىلەن ئالماشتۇرۇپ ئويناپ ، دۈشمەنلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋىتىدىغان بولدۇق ...   )



      4-ئەينەك گىزىتى : توتتېنھام كوماندىسى بىلەن لىۋېرپول روسىيە ئەنجى كۇلۇبىنىڭ يان ھۇجۇمچىسى ۋىليام تالاشماقتا
      گەرچە ئەنجى كۇلۇبى باشتىن ئاخىر لىۋېرپول بىلەن ئالاقىلىشىپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ » ئەينەڭ گىزىتى « نىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا ، بۇ يان ھۇجۇمچىنى تالىشىش كۆرىشىگە توتتېنھام مۇ قىتىلىۋالغان
       ئەنجى كۇلۇبىنىڭ خوجايىنىنىڭ مەبلەغنى قايتۇرۋىلىپ كوماندىدىن ۋاز كىچىش ئۈچۈن كوماندىنىڭ پۇلغا يارايدىغان غوللۇق ئەزالىرىنىڭ سىتىشقا باشلىغان ئىدى ، لىۋېرپول ۋىليام بىلەن بولغان شەخسىي توختام مەسلىسىدە بىرلىككە كەپ بولغان بولۇپ ، كۇلۇپلار ئارا يۆتكىلىش ھەققىدىلا سۆھبەتلىشىۋاتقان ئىدى ، ئەنجى كۇلۇبىنىڭ قويغان باھاسى 30 مىليون فوندىستېرلىڭ بولۇپ ، لىۋېرپول 26 مىليون فوندىستېرلىڭ باغا قويغان ، ھازىر دەل باھا تالىشىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ .
      ( مۇشۇ بوئاس دىگەن لاۋزا كەلگەندىن بىرى لىۋېرپول كىمنى سىتىۋالىمىز دەپ ھەركەت قىلىپ بولغىچىلام پۇلنىڭ كۆزىگە ياغاچ تىقىپ بۇلاپ قىچىۋاتىدۇ ، بۇرۇن خىلى ئامراقتىم بوئاس قا ، يىقىننىڭزى تازا خوشام قالمىدىيا ...



      5-دوقمۇش خەۋرى : مىلان كۇلۇبى بىلەن لىۋېرپول كۇلۇبى پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىنىڭ بىكىنى تالاشماقتا
       مىلان كۇلۇبى بىلەن لىۋېرپول كۇلۇبى پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىنىڭ بىكى ساكې نى يۆتكەپ كىلىش كۆرىشىگە كىرىشىپ قالدى ، ئەڭ ئاخىرىدا نەتىجىسى قانداق بولىدۇ بۇنىڭ كەلگۈسىدە ئاندىن بىلەلەيمىز ...
       ( بىك سىتىۋىلىش بىر ياخشى ئىش ، ئاگگېر نىڭ بەزى قىلىقلىرى با ، 1-ئايلانمىغا ئوخشاش چەكلەنگەن رايون ئىچىدە ئۇششاق ھەركىتى جىق ، بىر ئوڭشىلىپ كەتسە بولىتى ...   )
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-8-19 12:05:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنجىنىڭ قويغان 20مىليۇن فونتىستىرلىڭ باھاسىغا لىۋىرپول26مىليۇن فونتىستىرلىڭ باھا قويدى،تېخى ھازىر باھا تالىشىش باسقۇچىدا دېگىنىڭىز قانداق گەپ بوپ كەتتى ،خاتالىق بارمۇ قانداق؟~~!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-8-19 12:22:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4نىڭ ئىچىگە كىرىش بەك تەس، بۇلۇپمۇ لۇكاسىتىر،توتىنھام،سىۋانىس،بۇلارمۇ بۇ ئورۇنغا خىرىس قىلغۇچى،ئالدىمىزدا نۇرغۇنلىغان مۇسابقىلەر بار، كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللا يۈز بىرىپ قىلشى مۈمكىن،لىۋىرپۇل ئاۋۇ بۈدۈر چاچنى ئىلۋالسا ئامىتى كىلدۇ دەپ قارايمەن،،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-19 12:31:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلۋە يوللىغان ۋاقتى  2013-8-19 12:05
ئەنجىنىڭ قويغان 20مىليۇن فونتىستىرلىڭ باھاسىغا لىۋىرپ ...

خاتالىق با ... ئەسلى 30 مىليون تى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-19 12:34:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىپقىزىل يوللىغان ۋاقتى  2013-8-19 12:22
4نىڭ ئىچىگە كىرىش بەك تەس، بۇلۇپمۇ لۇكاسىتىر،توتىنھام ...

نېۋكاستېل بىلەن سىۋانسى مومكىن بولماسمىكى ، لىكىن ما توتتېنھام سەل لاۋزا ... مۇشۇ ھەر يىلى خەجلەۋاتقان پۇلىغان ... خىلى خىلى كوماندىنى بىر نىمە قىلغىلى بولا بولغىيتتى ... بىراققۇ مادرېد قا سۇن مايمۇن نى 81 مىليونغا شۇنداق سىتىۋالسىلام ھەممە ئىشى پۈتتى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-8-19 12:44:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىل نى ساتقۇزۇپ رەقىبلەرنى ئاجىزلاشتۇرماقچىما..
ئەمما ئاۋۇ تويماس بىرنىمە تەلەپ قىلغان ئادەملەرنى بىرىپ قالسا ماۋۇ فۇ قىرى  رىس تىخىمۇ كۈچلىنىپ كىتەمدىكى~~~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-8-19 12:57:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىۋىرپولمۇ يېڭى پەسىلدە خېلى كۈچ قوشقۇدەكتە ، 4نىڭ ئىچىگە قايتىپ كەلسە بۇلاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-8-19 13:15:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ما خەۋەرلەر سەرخىل بوپتىكەن بىراق ئىملا خاتالىقى بەك  تولىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-8-19 13:34:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-8-19 14:00:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-8-19 14:08:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى سۇ ياۋنى يۈگەن سېلىپ ئىشلىتىسىلەركەندە .. خالاغاندا ئادەم تالتىپ ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-8-19 14:19:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilhux يوللىغان ۋاقتى  2013-8-19 12:34
نېۋكاستېل بىلەن سىۋانسى مومكىن بولماسمىكى ، لىكىن ما  ...

لىۋىرپۇلنىڭ ھازىرقى ھۇجۇم سىپى ھەقىقەتەن قۇرقۇنۇچلۇق،مۇداپىيەمۇ يامان ئەمەس،لىكىن ئۇتتۇرا مەيدان سەل خەتەرلىك،چۈنكى جىلاردنىڭ يارسى بار،سەللا دىققەت قىلمىسا يارلىنىپ قىلشى مۈمكىن،قالغان ئۇتتۇرا مەيدان توپچىلارغا تازا ئىشىشەش قىلالمايمەن، لىۋىرپۇل بازا تاقالغىچە ياخشى ھۇجۇم تەشكۈلگىچىدىن بىرنى سۇقاپ كەتسە  بۇ پەسىل گەپ يوق چىلسى،مانچىستىرلارغا بىسىم قىلىپ ئويناتتى،ئەمما لىۋىرپۇلنىڭ تازا بىريەرگە بارغاندا نەدىكى بىركاماندىلارغا قۇلدىكى 3نۇمۇرنى بىرۋىتىدىغان قىلقى بار،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-6 02:08

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش