- تىزىملاتقان
- 2010-8-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1700
- نادىر
- 0
- يازما
- 1700
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ci5 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-18 10:39
رىس رامىيلاغا 35 مىلىيۇن باھا قويدى.
رىم كۇلۇبى يازلىق يۆتكىلىش بازىرىغا ھازىرغا قەدەر 55مىلىيۇن800مىڭ ياۋرۇ مەبلەغ سىلىپ سىتروتمان، گىروۋىنىئو، مايكون، دې سانكىتىس، بېناتىيا قاتارلىق توپچىلارنى قوشۇۋالدى. بىراق بۇلارنىڭ ھازىرغا قەدەر بۇ يىللىق يازلىق بازاردىن قىلغان كىرىمى 46مىليۇن800مىڭ ياۋرۇ بولغان. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا رىم باشقۇرۇش قاتلىمى ئوسۋالدونى سېتىپ چىقىرىشنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىدۇ، ھەتتا رامىيلامۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارغاندا بۇ ئىككىسىنىڭ ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە بېرىش ئىمكانىيىتى چوڭراق.
ئىتالىيە ۋاستىللىرىنىڭ ئاشكارلىشچە، بالدىنى رىس كوماندىسىغا ۋەكىل بولۇپ رىم كوماندىسىغا رامىيلا ئۈچۈن 35مىلىيۇن ياۋرۇلۇق بىر پارچە توختام سۇنغان. ئەگەر ئىككى تەرەپ كىلىشىپ قالسا رىس تەرەپ رامىيلا بىلەن تۆت يىللىق، يىللىق مۇئاشى تۆت مىلىيۇنلۇق توختام تۈزمەكچى. بۇ تۆت مىلىيۇن مۇئاش رىم كوماندىسىدا يىلىغا بىر مىلىيۇن 200مىڭ ئىلىۋاتقان رامىيلانىڭ مۇئاشىدىن خېلىلا كۆپ.ئەگەر رىم كۇلۇبى رامىيلا ياكى ئوسۋالدونى سېتپلا قالسا بۇلارنىڭ ئورنىغىمۇ مۇۋاپىق نامزات بىكىتىپ قويغان بولۇپ، بۇلار مادىرىت رىقابەتتىكى ئاندىرىيان لوپىز بىلەن قىل ئالۋاستىدىكى نانى. ئۇندىن باشقا گىلاردىنومۇ رىم باشقۇرۇش قاتلىمىنىڭ نەزەر دائىرسىگە قايتىدىن كىردى.
|
-
|