پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 914|ئىنكاس: 31

بۇندىن بۇرۇن مىلان ۋە بارسىلونادا توپ تەپكەن داڭلىق چولپانلار ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھايات _ شاھمات تاختىسى !!~~

59

تېما

3

دوست

964

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10104
يازمىسى: 964
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 56443
تۆھپە: 100892
ۋاقتى: 188
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 16:27:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nayil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-18 17:02  

   ئەسسلامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار !! يەنە بىر تېما كەتتى ئەمسە ...

   مىلان ئىتالىيەدىكى زەردار بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن شان-شۆھرەتلەرنى قازانغان . ئەلۋەتتە بۇ نام-شۆھرەتلەرنىڭ شاھىدى مىلان ئۈچۈن قان كېچىپ جەڭ قىلغان قەيسەر جەڭچىلەردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . بارسىلونا بولسا ئۆزىنىڭ ئويناش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ، ياشلار مەشىق بازىسىنىڭ تەربىيلەش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرىلىقى ، كوماندا بىر پۇتۇن گەۋدىسىنىڭ مۇستەھكەملىكى بىلەن ھەممىگە تونۇشلۇق زەردار كوماندا . بارسىلونادا چولپانلار ئەزەلدىن كەم بولۇپ باققان ئەمەس . بارسىلونا باتۇرلىرى ھەر قاچان رەقىبلىرىنى يەر چىشلەتكەن ، شۇنداقلا ھەر قانداق بىر كوماندىنىڭ قارا چۈشى ھېسابلىنىدۇ . تۆۋەندە مەن مىلان ۋە بارسىلونادا توپ تەپكەن داڭلىق چولپانلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى !! ( ئارقىدىن ئالدىغا قارىتا تونۇشتۇرۇلدى !!! )

   13 . ۋېنىستون . بوگاردى         (  گوللاندىيە  )

2.jpg
1.jpg


   ۋېنىستون . بوگاردى 1970-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى گوللاندىيىنىڭ ئامېستېردامدا دۇنياغا كەلگەن . بوگاردى ئىشتىن سىرىتقى كۇلۇبتا ئوڭ قانات ھۇجۇمچى سالاھىتى بىلەن پۇتبول ھاياتىنى باشلىغان . 1990-يىلى يۇرتىدىكى سىپارتاك كۇلۇبىغا قوشۇلۇپ ، كەسپى پۇتبولچىلىق ھاياتىنى باشلىغان . 1994-يىلى گوللاندىيە زەردارى ئاياكېسقا قوشۇلغاندىن كېيىن بويىنىڭ ئېگىزلىكى ۋە ئىنكاسىنىڭ تېز ۋە چاققانلىقىدىن ئوتتۇرا بېك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋە بۇ ئورۇندا كۆزگە كۆرۈنگەن . 98 \ 97 مۇسابىقە پەسلىدە مىلانغا قوشۇلغان ، لېكىن 3 ئايدىن كېيىنلا بارسىلوناغا قوشۇلغان . ئۇ پەقەت مىلانغا ۋەكالىتەن 3 مەيدانلا مۇسابىقە ئوينىغان . 97-يىلىدىن 2000-يىلغىچە بوگاردى ، بارسىلونا ئۈچۈن 41 مەيدان مۇسابىقىغە قاتنىشىپ 4 توپ ئۇرغان . كوماندا بىلەن بىرلىكتە ئۇدا ئىككى قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمە چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن ( 98 \ 97 يىللىق ۋە 99 \ 98 يىللىق بىرلەشمە ) . 1998-يىلى يەنە ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى چىمپىيونى ۋە ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن .

   12 . كىرېستوفى . دۇگاررې      (  فىرانسىيە  )

3.jpg
4.jpg


   كىرېستوفى . دۇگاررې 1972-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇغۇلغان . ئۇنىڭ كەسپى پۇتبولچىلىق ھاياتى بوردو كوماندىسىدىن باشلانغان . 1988 -يىلىدىن 1996-يىلىغىچە بوردو كوماندىسىغا ۋەكالىتەن 187 مەيدان مۇسابىقىغە قاتنىشىپ 34 توپ ئۇرغان . ئۇ 1994-يىلدىن 2002-يىلغىچە فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولغان . شۇنداقلا ،  1998-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيونى ۋە 2000-يىلى ياۋروپا لوڭقىسى چىمپىيونى بولغان فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ ئەزاسى . ئۇ دۆلەت كوماندىسىغا ۋەكالىتەن 55 مەيدان مۇسابىقىغە قاتنىشىپ 8 توپ ئۇرغان . 1996-يىلى مىلانغا قوشۇلغان ۋە مىلانغا ۋەكالىتەن 21 مەيدان مۇسابىقىغە قاتنىشىپ 5 توپ ئۇرغان . 98 \ 97 مۇسابىقە پەسلىدە بارسىلوناغا قوشۇلغان ۋە 7 مەيدان مۇسابىقىغە قاتناشقان .

   11 . مايكېل . جون . رېزگېر      (  گوللاندىيە  )

5.jpg


   مايكېل . جون . رېزگېر 1973-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇغۇلغان . مەيداندىكى ئورنى ئوڭ قانات مۇداپىيىچى ( ئوڭ بېك ) . ئۇ كەسپى پۇتبولچىلىق ھاياتىنى گوللاندىيە زەردارى ئاياكېس كۇلۇبىدىن باشلىغان . 1996-يىلى ئىتالىيە سەركىسى مىلانغا قوشۇلغان ، بىراق بىر پەسىلدىن كېيىنلا بارسىلونا كوماندىسىغا قوشۇلغان .
   ئۇ بارسىلونادىكى 7 يىل ھاياتىدا ، 2 قېتىم بىرلەشمە چىمپىيونى ۋە 1 قېتىم شاھلىق لوڭقىسى چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن . 2000-يىلىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىپادىسىى ئاستا-ئاستا تۆۋەنلەشكە باشلىغان . 2004-يىلىغا كەلگەندە ، ئەركىن توپچى سالاھىتى بىلەن ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى مېدلىسبورىگ كوماندىسىغا قوشۇلغان . ئۇ 98-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى .

   10 .  ئىبرايىموۋېچ     (  شىۋىتسىيە  )

6.jpg
7.jpg


   ئىبرايىموۋېچ 1981-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى شىۋېتسىيەدە تۇغۇلغان . ‹‹ تۆگە ›› نى كۆپ تونۇشتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق ، ھەممىگە تونۇشلۇق چولپان .
   2009-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەردە بارسىلونا كۇلۇبى ، شىۋېتسىيەلىك ھۇجۇمچى ئىبرايىموۋېچنى قوشۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولغان 5 يىللىق توختام ئىمزالىغانلىقىنى ئاشكارلىدى . يۆتكىلىش باھاسى 66 مىليون ياۋرو بولدى . 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىبرايىموۋېچ بارسىلونادىن مىلانغا قوشۇلدى ، يۆتكىلىش باھاسى 24 مىليون ياۋرو بولدى .

   9 . مارك . ۋان . بوممېل       ( گوللاندىيە  )

8.jpg
9.jpg


   مارك . ۋان . بوممېل 1977-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇغۇلغان . بۇ ‹‹ كېچىكىپ ئېچىلغان گۈل ›› كەسپى پۇتبول ھاياتىنى گوللاندىيە زەردارى ئېتىنخوۋېن كۇلۇبىدىن باشلىغان . ئۇ ئېيىنخوۋېندىكى پۇتبولچىلىق ھاياتىدا 169 مەيدان مۇسابىقىغە قاتنىشىپ 46 توپ ئۇرغان .
   2005-يىلى يازدا ، ۋان . بوممېل ئەركىن توپچى سالاھىتى بىلەن بارسىلوناغا قوشۇلدى . گەرچە كوماندا بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە چىمپىيونلىقى ۋە ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ ، ئۇ ئىسپانىيەدە قاتتىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇۋېرىشنى خالىمىدى .
   2006-يىلى يازدا بايرېن مىيونخېنغا قوشۇلۇپ ، كاپىتان سالاھىتى بىلەن 2 قېتىم بىرلەشمە چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى . 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋان بوممېل بايرېن مىيونخېن كۇلۇبى بىلەن يېرىم يىل بۇرۇن توختامنى بېكار قىلىپ مىلانغا قوشۇلدى . ئۇ مىلاندا پەقەت بىرلا پەسىل توپ تەپكەن بولسىمۇ ، مىلاندا ئۆزىنى نامايان قىلدى ۋە بىرلەشمە چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى . 2012-يىلى ئېيىنخوۋېنغا قايتىپ 2013-يىلى گوللاندىيە بىرلەشمىسى ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىدا قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن ئايرىلدى ، مۇسابىقىدىن كېيىن ئۇ پۇتبول ساھەسىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى . بۇ قىزىل كارتا ئۇنىڭ پۇتبول ھاياتىغا ئاخىرقى گۇۋاھچى بولۇپ قالدى .

   8 . فىرانسېسكو . كوكو        (  ئىتالىيە  )

10.jpg


   فىرانسېسكو . كوكو 1977-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇغۇلغان . مەيداندىكى ئورنى سول قانات مۇداپىيىچى . 1995-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى مىلانغا ۋەكالىتەن مىلاندىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى ئوينىغان . ئۇ مىلاننىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 1996-يىلى ۋە 1999-يىلى ئىتالىيە بىرلەشمە چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن . مىلاندا سول قانات مۇداپىيىچى ئورنىدا رىقابەت كۈچلۈك بولغانلىقتىن ، كوكونىڭ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى كۆپ بولمىغانىدى . 2002 \ 2001 يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە بارسىلوناغا ئىجارە شەكلىدە قوشۇلغان ۋە 23 مەيدان مۇسابىقىغە قاتناشقان .

   7 . دېمتېرو . ئالبېرتېنى       (  ئىتالىيە  )

11.jpg


   دېمتېرو . ئابېرتېنى 1971-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى تۇغۇلغان . مەيداندىكى ئورنى ئارقا بەل . ئۇ مىلان ياشلار مەشىق بازىسىدىن چىققان ئىقتىدارلىق توپچى ، شۇنداقلا كاپېرو دەۋرىدىكى مىلاننىڭ موھىم ئەزاسى . ئۇ 17 يېشىدىلى بىرلەشمىدىكى قەدىمىنى باشلىغان . ئۇنىڭ مەيدان كۈزىتىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ، ئوتتۇرا مەيداندىكى توپ كونتىرول قىلىشىتىكى تەمكىنلىكى ھەممىنى جۇملىدىن كاپېرونى قايىل قىلدى . ئۇ مىلان بىلەن بىرلىكتە ئاز بولمىغان شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى . ئۇ مىلان ئۈچۈن 14 يىل كۈرەش قىلدى . بۇ 14 يىل جەريانىدا ئۇ مىلان ئۈچۈن 293 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 21 توپ ئۇرغان .
   ئۇ 2005 \ 2004 مۇسابىقە پەسلىدە بارسىلوناغا قوشۇلغان . ئۇ بارسىلونادا پەقەت بىر پەسىل توپ ئوينىغان بولسىمۇ ، بارسىلونا پۇتبول مەستانىلىرى قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان . 2005-يىلى يازدا ، ئۇ بارسىلونادا پۇتبول ساھەسىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . ئۇنىڭ خوشلىشىش مۇسابىقىسى شۇنچىلىك ھەيۋەتلىك بولدىكى مىلان ۋە بارسىلونانىڭ چولپانلىرى مەيداننى لەرزىزگە كەلتۈرىۋەتتى .

   6 . زامبىروتتا         (  ئىتالىيە  )

12.jpg


   زامبىروتتا 1977-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇغۇلغان . مەيداندىكى ئورنى ئوڭ قانات مۇداپىيىچى . ئۇ كۆپ قىرلىق توپچى بولۇپ ، ئوڭ قانات مۇداپىيىچى بولۇشتىن سىرت ، ئارقا بەل ، سول قانات مۇداپىيىچى ۋە ئوڭ قانات ئالدى بەلنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ تامامەن چىقىپ كېتەلەيدۇ . 1994-يىلى 17 ياشلىق زامبىروتتا كومو كوماندىسىدا كەسپى پۇتبولچىلىق قەدىمىنى باسقان .
   2007 \ 2006 يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ يۇۋېنتوس كۇلۇبىدىن 14 مىليونلۇق باھا بىلەن بارسىلوناغا قوشۇلغان . ئۇ بۇندىن بۇرۇن ‹‹ دۇنيادىكى بىرىنچى يان يول مۇداپىيىچى ›› شەرىپىگە ئېرىشكەن . زامبىروتتانىڭ بارسىلونادىكى توپچىلىق ھاياتى يۇۋېنتۇستىكىدەك ئۇنداق شانلىق بولمىدى ھەم يۇۋېنتۇستىكىدەك رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى . ئۇ 2  يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا رېجىكارد يېتەكچىلىكىدىكى بارسىلوناغا تامامەن سىڭىپ كېتەلمىدى ۋە يۇۋېنتۇستىكى قاتتىق مۇداپىيىسى بارسىلونادا قانداقتۇر ئاجىزلاپ قالغاندەك ئىدى . ئۇ رېجىكاردنىڭ جەڭ پىلانىدىكى موھىم ئەزا بولسىمۇ ، لېكىن كۆپىنچى ۋاقلاردا ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن تامامەن چىقىپ كېتەلمىدى ، بۇنىڭغا قارىتا ئۇ ھەم رېجىكاردمۇ ھەيران ئىدى . لېكىن ئۇنىڭ بارسىلونادىكى رولىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ . ئۇنىڭ ئىقىتىدارىغا نىسبەتەن بۇ ئىپادە راستىنلا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىدى .
   2009 \ 2008 يىللىق مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە ئۇ يەنە ئىتالىيە تۇپرىقىغا قايتىپ كەلدى ، لېكىن قايتىپ كەلگەندىكى كوماندىسى يۇۋېنتۇس بولماي بەلكى مىلان بولدى . يۆتكىلىش باھاسى 13 مىليون ياۋرو بولدى . زامبىروتتا مىلانغا قوشۇلغاندىن كېيىنمۇ ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولدى ، چۈنكى ئۇنىڭ يېشىمۇ چوڭىيىپ قالغان ئىدى . بىراق ئۇنىڭ مۇسابىقە تەجرىبىسى مىلان ئۈچۈن ئەڭ موھىم ئامىل ئىدى . ئۇ مىلاندا ھېچقانداق بىر نەتىجە يارىتالمىغان بولسىمۇ ، لېكىن مىلان پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى .

   5 . دەيۋېس           (  گوللاندىيە  )

13.jpg


   ئېدگار . سىتېۋېن . دەيۋېس 1973-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇغۇلغان . ئۇنىڭ بويى پاكار بولسىمۇ ، بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ كۈچلىكلىكى ، مەيداندىكى ھەرىكەت دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ، ئارقا بەلدىكى مۇداپىيىسىنىڭ قاتتىقلىقى بىلەن ھەممىگە تونۇشلۇق . ئۇ گوللاندىيە زەردارى ئاياكىس ياشلار مەشىق بازىسىنىڭ ئۈلگىلىك ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرى . ئۇنىڭ كەسپى پۇتبولچىلىق ھاياتى ئانا كوماندىسى ئاياكىس كۇلۇبىدىن باشلانغان . ئۇ توپ تالىشىشنىڭ ئىزچىل ۋە ئۈنۈملۈكلىكى ، يىراقتىن توپ ئۇرۇشنىڭ ئالاھىدە بولۇشى بىلەن 18 يېشىدىلا ئاياكېس كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئارقا بەل توپچىسى بولۇپ قالغان . ئۇ ئاياكېس كوماندىسىنىڭ ‹‹ ئالتۇن دەۋرى ›› دىكى ۋە شۇ ‹‹ ئالتۇن دەۋرى ›› نى ياراتقان توپچىلارنىڭ بىرى .
   ئاياكېستىكى ئېسىل ئىپادىسى 1996-يىلى ئۇنى ئىتالىيە زەردارى مىلانغا ئېلىپ كەلدى . مىلان مەستانىلىرى ئۇنىڭدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەن ئىدى . لېكىن ئاياكېستا چاقنىغان بۇ يولتۇز مىلانغا كېلىپ كوماندىغا سىڭىشىپ كېتەلمىدى . شۇ سەۋەبتىن ئۇ يەنىلا شۇ سوغۇق ئورۇندۇققا بەنىد قىلىندى . ئۇ بىر يىللىق بىرلەشمىدە پەقەت 15 مەيدانلا مۇسابىقىغە چىقتى . 98 \ 97 مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە ، ئەمدىلا كوماندىغا ئۆزلىشىۋاتقان دەيۋېس مۇسابىقىدە ئېغىر يارىلىنىپ ، يېرىم يىللىق كېسەل كارۋىتىغا ھەمراھ بولۇپ قالىدۇ . ئاخىرىدا مىلاننىڭ تاقىتى توشۇپ ، قىشلىق يۆتكىلىشتە ئەرزانلا باھا بىلەن يۇۋېنتۇسقا سېتىۋېتىدۇ .
   يۇۋېنتۇسقا قوشۇلغان دەيۋېس يەنە قايتا ئويغىنىدۇ . ئۇنىڭ يۇۋېنتۇستىكى ئىپادىسى ‹‹ ياۋا توڭگۇز ›› نىڭ قايتا تىرىلگەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ . ئۇ يۇۋېنتۇستا ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى يەنە بىر قېتىم يارىتىدۇ . 2004- يىلىغا كەلگەندە ، ‹‹ ياۋا توڭگۇز ›› نىڭ يۇۋېنتۇستىكى ئورنى تەۋرەپ قالىدۇ ھەم كۇلۇب بىلەن مۇئاش مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپ تالاش-تارتىشلار بولىدۇ . شۇندىن كېيىن قىشلىق يۆتكىلىشتە بارسىلوناغا ئىجارە شەكلىدە قوشۇلىدۇ . ئۇ بارسىلوناغا قوشۇلۇپ ‹‹ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى نەتىجىسى ئەڭ ياخشى ئىسپانىيە كۇلۇبى ›› نىڭ شاھىدى بولىدۇ . 2004-يىلى يازدا ، دەيۋېس يۇۋېنتۇسقا قايتىدۇ ، بىراق مۇئاش مەسىلىسىدە يەنە بىرلىككە كېلەلمەي ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس بىلەن خوشلىشىدۇ .

   4 . كىلويۋېرت         (  گوللاندىيە  )

14.jpg


   پاترېك . كىلويۋېرت 1976-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېستېردامدا تۇغۇلغان . ئۇ گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى توپ ئۇرۇش رېكورتىنى ساقلاپ تۇرغۇچى ( 40 توپ ) . ئۇ 7 يېشىدا ئاياكېس كوماندىسى مەشىق بازىسىغا قوشۇلغان . 1994-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاياكېس بىرىنچى كوماندىسىدىكى بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىسىنى ئوينايدۇ ۋە بىر توپ ئۇرىدۇ .
   كىلويۋېرت بويى ئېگىز ، كۈچلۈك ، تېخنىكىسى ئۈستۈن ھۇجۇمچى . ئۇ 98 \ 97 مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە مىلانغا قوشۇلدى . ئۇ مىلانغا كەلگەن بىرىنچى پەسىلدىلا ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ، 24 مەيدان مۇسابىقىدە 6 توپ ئۇردى . بىراق مىلاندىكى ھۇجۇم سېپىدىكى رىقابەتنىڭ كۈچلۈكلىكى ۋە بېرخوفنىڭ مىلانغا قوشۇلۇشى سەۋەبىدىن ، 99 \ 98 مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە بارسىلوناغا قوشۇلدى .  ئۇ بارسىلوناغا كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنى ھەقىقى تۈردە ئىسپاتلىدى . كېلىپ بىرىنچى پەسلىلا بىرلەشمە چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى . 2000 \99 مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە ، بارسىلونانىڭ 9-نومۇرىغا ئېرىشتى . ئۇ بارسىلونادىكى 6 يىللىق پۇتبول ھاياتىدا،  ئۆزىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ياراتتى . بىراق ئالدى-كەينى بولۇپ رېۋالدو ۋە ساۋىئولالارنىڭ قوشۇلۇشى ئۇنىڭ مەيداندىكى ئورنىغا خەۋپ ئېلىپ كەلدى . 2003-يىلى رونالدىنھونىڭ قوشۇلۇشى ئۇنىڭ بارسىلونادىكى ھاياتىغا تېخىمۇ چوڭ بىر بېسىم ئېلىپ كەلدى . 04 \ 03 مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ بىرلەشمىدە ئاران 8 توپ ئۇرۇپ ئەڭ ناچار نەتىجىسىنى ياراتتى ، مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلىدىن ۋە مەيدان سىرتىدىكى تۇرمۇشىنىڭ قالايمىقانلىق سەۋەبىدىن ، بارسىلونا كۇلۇبى بۇ چولپان بىلەن خوشلاشتى .

   3 . رېۋالدو              (  بىرازىلىيە  )

15.jpg


   رېۋالدو 1972-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇغۇلغان . ئۇنىڭ يۇرتى بىرازىلىيەنىڭ شەرقى شىمالىدا بولۇپ ، پۇتبول چولپانلىرى چىقىدىغان رايون ئەمەس ئىدى . شۇ سەۋەبتىنمۇ بىرازىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇنىڭدىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتمىگەن ئىدى . كىچىكىدىن نامراتلىقتا چوڭ بولغان رېۋالدو ئىچ مىجەز يېتىلدۈرگەن ئىدى . ئۇ 13 يېشىدا سان كېروس ئۆسمۈرلەر كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان ھەمدە سېستىمىلىق مەشىق قىلىش شەرىپىگە ئېرىشكەن . 16 يېشىدا سان پاۋلو ياشلار كوماندىسىغا قوشۇلغان . شۇ يىلى ئۇنىڭ دادىسى قاتناش ۋەقەسىدە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۈينىڭ بارلىق يۈكى بۇ ئۆسمۈرنىڭ زىممىسىگە ئارتىلىدۇ ، ئۇ شۇ سەۋەبلىك ئۆزى ئەڭ قىزىقىدىغان پۇتبولدىن ۋاز كېچىپ باشقا خىزمەت تېپىپ ئائىلىنى بېقىشقا يۈزلىنىدۇ . لېكىن ئۇنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭ ئارزۇسىنىڭ كۆزدە تۇتۇپ ، ئۇنىڭ داۋاملىق توپ تېپىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ .
   ئاتلانتا ئولىمپىك يىغىنىدىن كېيىن رېۋالدو ئىسپانىيە لاكلونىيە كوماندىسىغا قوشۇلىدۇ ۋە كوماندىنىڭ رېكورتلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن يېڭىلايدۇ . بۇ ياشنىڭ ئېسىل ئىپادىسى بارسىلونا كۇلۇبىنى ئۆزىگە تارتىدۇ . 1997-يىلى بارسىلونا كۇلۇبى رىۋالدونى 16 مىليون ياۋرولۇق باھا بىلەن سېتىۋالىدۇ ۋە 6 يىللىق توختام تۈزىدۇ . ئۇنىڭ توختام بۇزۇش ھەققىنى 92 مىليون ياۋرو دەپ بېكىتىدۇ . ئۇ بارسىلوناغا قوشۇلۇپ بىرىنچى پەسىلدىلا 19 توپ ئۇرىدۇ ، شۇنداقلا ‹‹ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر چەت ئەللىك توپچى ›› شەرىپىگە ئېرىشىدۇ . رىۋالدو بارسىلونادا ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى يارىتىدۇ ،ھەم ئەڭ يۇقىرى شەرەپلەرگە ئېرىشىدۇ . 1999-يىلى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى ۋە ياۋروپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ ، پۇتبول ھاياتىغا ئۆچمەس بىر ئىز قالدۇرىدۇ .
   2002-يىلىغا كەلگەندە ، رىۋالدو بىلەن كۇلۇب تەرەپتە ئارازچىلىق ئەۋجىگە چىقىدۇ . 6-ئايغا كەلگەندە بارسىلونا تەرەپ رىۋالدو بىلەن 1 يىل بۇرۇن توختام بېكارلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن رىۋالدو ئەركىن توپچى سالاھىتىدە مىلانغا قوشۇلىدۇ . لېكىن ئۇنىڭ مىلاندىكى كۈنلىرى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ ۋە ئاساسلىق ئورۇنغا ئېرىشەلمەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىلاندىنمۇ ئايرىلىپ بىرازىلىيەگە يول ئالىدۇ . 2004-يىلى گىرىتسىيە زەردارى ئولىمپىكىياس كۇلۇبىغا قوشۇلىدۇ . ئۇ گىرىتسىيە ، ئۆزبىكىستان ۋە ئافرىقىدىكى ئانگولا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كۇلۇبلاردا توپ تېپىدۇ . 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 40 ياشلىق رىۋالدو ئانگولا كابىسكوپ كۇلۇبىدىن ئايرىلىدۇ .

   2 . رونالدىنھو          (  بىرازىلىيە  )

16.jpg


   رونالدىنھو 1980-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان . ئۇ دۇنيا پۇتبولچىلىقىدا 21 ئەسىردىكى تېخنىكىسى ئەڭ ئۈستۈن پۇتبولچى نامى بىلەن مەشھور . ئۇ 2004-يىلى ۋە 2005-يىلى كەينى-كەينىدىن 2 قېتىم دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالانغان . 2005-يىلى ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى شۇنداقلا تۇنجى نۆۋەتلىك خەلىقئارا كەسپى پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ‹‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى ›› شەرىپىگە ئېرىشكەن .
   رونالدىنھو ھەقىقى تۈردە تونۇلغان ۋاقتى 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسى بولۇپ ، پۇتۇن دۇنيا پۇتبول مەستانىلىرىنى ھەيران قالدۇرغان . ئۇنىڭ كۆرۈش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ، پاس بېرىشىنىڭ ئۈنۈملۈكلىكى ۋە ئالداپ بۆسۈپ كىرىشنىڭ ئالاھىدە بولۇشى ، تېخنىكىسىنىڭ ئۈستۈن ھەم ھەر خىل ئۇسۇلدا توپ ئۇرۇشنىڭ كۆرۈنەرلىكلىگى بىلەن زەردارلارنىڭ ئالاھىدە دېققىتىنى تارتقان .
   1998-يىلى رونالدىنھو شۇ يەردىكى گىرىمىئو كۇلۇبى بىلەن بىرىنچى قېتىملىق توختامىنى ئىمزالىغان . 2001-يىلى 3-ئايدا ، فىرانسىيە زەردارى پارىژ سېنت-گېرمان كۇلۇبى 4 مىليون 500 مىڭ ياۋرولۇق باھا بىلەن ئۇنى قوشۇۋالغان ۋە 5 يىللىق توختام ئىمزالىغان .
   2003-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى بارسىلونا كۇلۇبى 28 مىليون ياۋرولۇق باھا بىلەن بىرازىلىيىلىك تالانت ئىگىسى رونالدىنھونى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى . ئۇ بارسىلوناغا قوشۇلغان بىرىنچى كۈندىن باشلاپ بۇ زەردارغا سۇدەكلا سىڭىپ كەتتى . بۇ ئۇنىڭ غەلبە دەرۋازىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بەردى . ئۇ بارسىلونادىكى پۇتبول ھاياتىدا كامپ نونىڭ ھەقىقى شاھزادىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى . ئۇنىڭ كامپ نودا قالدۇرغان ھەر بىر ئىزى پۇتكۈل بارسىلونا پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ يۈرىكىگە ئورناپ كەتتى .
   2006 -يىللىق دۇنيا لوڭقسى موسابىقىسىدىن كۇلۇبقا قايتىپ كەلگەن رونالدىنھونىڭ ئىپادىسىدە داۋالغۇچ يۈز بەردى . مېسسىنىڭ تېزلىكتە يېتىلىشى ئۇنىڭ كامپ نودىكى ئورنىغا تەھدىت ئېلىپ كەلدى . ئۇنىڭ بارا-بارا مەيدان سىرتىدىكى تۇرمۇشىنىڭ ئاشكارلىنىشى ۋە كۆپىيىشى ئۇنىڭدەك ئاساسى ئەزانى ئاستا-ئاستا ئورۇندۇق بېقىشقا مەجبۇر قىلدى . 2008-يىلى 1-ئايدا ، كۇلۇب تەرەپ رونالدىنھونىڭ سول تىز بوغۇمىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى . شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ كامپ نونىڭ ئەتىۋارلىق ‹‹ شاھزادىسى  ›› كامپ نودىن بارغانسىرى يىراقلاشتى .
   2008-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى مىلان كۇلۇبى رونالدىنھونىڭ مىلانغا قوشۇلغانلىق خەۋىرىنى ئېلان قىلدى . ئۇ مىلانغا قوشۇلغاندىن باشلاپ مىلان مەستانىلىرىغا ‹‹‹ سامبا ئۇسۇلچىسى ›› نىڭ مىلاندىكى كېچىلىكىنى تەقدىم ئەتتى . شۇنداق ، ئۇنىڭ مەيداندىكى ھەر بىر ھەرىكىتى ئادەمگە ھوزۇر بېرىدۇ ۋە ھاياجانلارغا چۆمدۈرىدۇ . مىلان يادروسى كاكانىڭ مادرېدقا يۆتكىلىشى بىلەن رونالدىنھونىڭ مىلاندىكى ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە ئىپادىسى بارغانسىرى ياخشىلىنىدۇ . 2010-يىلى دۇنيانى لەرزىگە سالغان بۇ ‹‹ سامبا ئۇسۇلچىسى ›› بىرازىلىيەگە قايتىدۇ .

   1 . رونالدو          (  بىرازىلىيە  )

17.jpg


   رونالدو 1976-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇغۇلغان . ‹‹ تاشقى پىلانت ئادىمى ›› نامى بىلەن ئاتالغان بۇ پۇتبول سەنئەتكارى ، يېڭى دەۋىر پۇتبولى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتتى ۋە ئىزلارنى قالدۇردى . ئۇنىڭ ياراتقان رېكورتلىرى ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ، شان-شۆھرەتلىرى سان-ساناقسىز .
   16 ياشلىق رونالدو دۆلەت ياشلار كوماندىسىغا تاللىنىپ ، 57 مەيدان مۇسابىقىدە 59 توپ ئۇرۇپ ، يېڭى بىر پۇتبول شاھىنىڭ يېتىلىپ چىقىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . 1994-يىلى رونالدو گوللاندىيە زەردارى ئېيىنخوۋېن كۇلۇبىغا قوشۇلۇپ ياۋروپا سەپىرىنى رەسمىي تۈردە باشلايدۇ . 96 \95 مۇسابىقە پەسلىدە ئېيىنخوۋېنغا ۋەكالىتەن 13 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 12 توپ ئۇرىدۇ . ئارقىدىنلا يارىلىنىش ئۇنى مەيداندىن ۋاقتىنچە ئايرىيدۇ .  ھاياتىدىكى بىرىنچى قېتىملىق تىزىنىڭ يارىلىنىشى دەل مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ . 1996-يىلى 2-ئايدا ئوپراتسىيە مۇۋاپىقىيەتلىك بولىدۇ . 7-ئايدا ئىسپانىيە زەردارى بارسىلوناغا 19 مىليون 500 مىڭ ياۋرولۇق يۇقىرى باھا بىلەن قوشۇلىدۇ . ئۇ بارسىلونادا پەقەت بىر پەسىللا ئوينىغان بولسىمۇ ، ھاياتىدىكى ئەڭ ئېسىل مۇكاپات ‹‹ دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى ›› گە ئېرىشىدۇ . ئۇنىڭ كامپ نودا قالدۇرغان ئىزناسى كىشىلەر كۆز ئالدىدىن ھازىرغىچە كەتكىنى يوق .
   2007-يىلى مادرېد 7 مىليون 500 مىڭ ياۋرولۇق تۆۋەن باھا بىلەن مىلانغا سېتىۋېتىدۇ . ئۇنىڭ مىلاندىكى ئىپادىسىمۇ ياخشى بولىدۇ . قايتا-قايتا يارىلىنىش بۇ ‹‹ تاشقى پىلانت ئادىمى ›› نى پۇتبول مەيدانىدىن ياراقلاشتۇرىدۇ . ئۇنىڭ پۇتبول ھاياتى مەيلى دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن ، مەيلى كۇلۇبلاردا بولسۇن ئىنتايىن مۇۋاپىقىيەت ئىچىدە ئۆتتى . 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى رونالدو پۇتبول ساھەسىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى . بۇ خەۋەرنىڭ چىقىشى نۇرغۇن ئادەملەر كۆڭلىنى غەش قىلدى ئەلۋەتتە !! شۇنداق قىلىپ كىشىلەر كۆڭلىدىكى بۇ ‹‹ پۇتبول شاھى ›› مەيداندىن خوشلاشتى .

                                                                                                                                                تۈگىدى .


   

   

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى تۆھپە شۆھرەت تەجرىبە يىغىش سەۋەبى
مەنزىل + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
dilmurat. + 50 قوللاش!
missi2 + 50 + 10 قالتىس!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 150  تۆھپە + 20  شۆھرەت + 10  تەجرىبە + 10   باھا خاتىرىسى

13

تېما

2

دوست

1070

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12453
يازمىسى: 1070
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 653518
تۆھپە: 1121
ۋاقتى: 207
h
ھالەت

مىلان لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-18 18:41:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ بىر نادىر تىما...ئاجايىپنى ئىچكەشكە ئاجايىپ يىزىۋەتتىڭىزمۇ نىمە بەك تەپسىلىي يىزىلىپتۇ...تولۇق ئوقۇپ چىقتىم...

ھايات _ شاھمات تاختىسى !!~~

59

تېما

3

دوست

964

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10104
يازمىسى: 964
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 56443
تۆھپە: 100892
ۋاقتى: 188
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-18 18:45:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
CR.7 يوللىغان ۋاقتى  2013-8-18 18:41
ماۋۇ بىر نادىر تىما...ئاجايىپنى ئىچكەشكە ئاجايىپ يىزىۋ ...

رەھمەت !! ئاجايىپنىغۇ ئىچمىگەن ، غۇلجىغا قايتىپ ئاتا-ئانا ، دوس بۇرادەرلەر بىلەن ھېيىت ئۆتكۈزۈپ ئىلھاملىنىپ قالغان چېغىم بار !!!~

ئەڭ نوچىسى ~ رونالدو

205

تېما

0

دوست

4173

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8444
يازمىسى: 4173
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10057504
تۆھپە: 624
ۋاقتى: 1073
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-18 18:59:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەپسىلى يىزىپسىز

بىرازىلىيەلىكلەرنىڭ جەننىتى مادرىدمۇ ياكى بارسىلونامۇ
C:\Documents and Settings\Administrator

ئەڭ نوچىسى ~ رونالدو

205

تېما

0

دوست

4173

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8444
يازمىسى: 4173
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10057504
تۆھپە: 624
ۋاقتى: 1073
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-18 19:03:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ كۈنلەردە مۇنبەر چۆلدەرەپ قالغان چىراي ،،،،،،،،،،
مۇشۇنداق ئىسىل تىمىغىمۇ ئىنكاس يىزىپ قوياي دىمەپسىلە باللا ،،،،،، ئەزالار قاتارىدا 846 ئادەم زىيارەت قىلىۋاتىدۇ دەيدۇ بولمىسا
C:\Documents and Settings\Administrator

ئىستىقباللىقلار بازىسى-بىرمىن

365

تېما

23

دوست

6125

جۇغلانما

كوماندا باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  440
يازمىسى: 6125
نادىر تېما: 18
ياۋرۇ: 237
تۆھپە: 632
ۋاقتى: 1065
h
ھالەت

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى مىلان لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-18 19:04:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوجان دىگەن بالا بىر ئاز چاقنىيالىغان بولسا ئۇمۇ بۇ سەپكە قىتىلاتتى!
ئەڭ مەينەت ئادەم---دەل چىقمچىلارىدۇر

پۇتبول--ئىس تۈتە

7

تېما

3

دوست

877

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  6768
يازمىسى: 877
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10051066
تۆھپە: 331
ۋاقتى: 362
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-18 19:22:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تىما بوپتۇ!...جاپا چەكتىڭىز!
ما بۆجەن قايارگە كەتتى شۇندا قىپ؟

32

تېما

1

دوست

2095

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11753
يازمىسى: 2095
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 56819
تۆھپە: 2282
ۋاقتى: 362
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-18 19:24:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بودەك رونالدو تازنىڭ مىلاندا توپ تەپكەنلىكىنى بۈگۈن بىلىدىم جۇما.
بىراۋ دىدى تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار،مەن دىدىمكى تۇخۇمنىڭ ئەشۇ تاشتا دەردى بار.

پۇتبول كۇرۇشھۇز

3

تېما

0

دوست

210

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10114
يازمىسى: 210
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 498676
تۆھپە: 213
ۋاقتى: 531
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-18 19:41:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  تېما   بۇلۇپتۇ.    ئەتىراپلىق تىزىپسىز .   
پۇتبول كۇرۇش ھۇزۇر، پۇتبول ئويناش بەخىت.

0

تېما

0

دوست

44

جۇغلانما

تاماشىبىن

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  13013
يازمىسى: 44
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 146
تۆھپە: 46
ۋاقتى: 19
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-18 19:55:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  تېما   بۇلۇپتۇ   چاۋاك

0

تېما

1

دوست

439

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12428
يازمىسى: 439
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 51460
تۆھپە: 572
ۋاقتى: 267
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-18 20:10:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گوللاندىيلىكلەر كۆپ سالماقنى ئگەللەيدىكەن

0

تېما

1

دوست

439

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12428
يازمىسى: 439
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 51460
تۆھپە: 572
ۋاقتى: 267
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-18 20:10:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىۋالدو ئۆزبىكىستاندىمۇ توپ ئوينىغانما ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )