پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 902|ئىنكاس: 21

بارسىلونا يېڭى مەشقاۋۇلى : جېرراردو . دانىئېل . مارتېنو !!!~

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھايات _ شاھمات تاختىسى !!~~

59

تېما

3

دوست

964

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10104
يازمىسى: 964
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 56443
تۆھپە: 100892
ۋاقتى: 188
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-15 16:20:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                        1.jpg


   ئىسىم - فامىلىسى              :     جېرراردو . دانىئېل . مارتېنو
   تۇغۇلغان ۋاقتى                   :     1962-يىلى 11-ئاينىڭ 22- كۈنى
   بوي ئېگىزلىگى                   :     1 مېتىر 73 سانتىمېتىر
   ئېغىرلىقى                          :     74 كېلوگىرام
   تۇغۇلغان ئورنى                  :     روسارىئو
   دۆلەت تەۋەلىكى                 :     ئارگېنتىنا
   كەسپى                              :     پۇتبول تېرىنېرى
   بۇرۇنقى مەيداندىكى ئورنى   :     ئالدى بەل
   توپ تەپكەن كۇلۇبلىرى        :     نېۋېل قېرى يىگىتلەر كوماندىسى ،  تېنىرېففى كوماندىسى ، رانوس كوماندىسى

   پۇتبولچىلىق ھاياتى  

   جېرراردو . دانىئېل . مارتېنو بولسا ئالدى بەل توپچىسى بولۇپ ، نېۋېل قېرى يىگىتلەر كوماندىسى ، تېنىرېففى كوماندىسى ۋە رانوس كوماندىسى قاتارلىق كوماندىلاردا توپ تەپكەن . ئاساسلىق ئۆزىنىڭ ئانا يۇرت كوماندىسى نېۋېل قېرى يىگىتلەر كوماندىسىدا توپ تەپكەن . ئۇ نېۋېل قېرى يىگىتلەر كوماندىسىغا ۋەكالىتەن 505 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان بولۇپ ، كۇلۇب تارىخىدا مەيدانغا چىقىش سانى بويىچە 4- ئورۇندىكى توپچى ھېسابلىنىدۇ . ئۇ نېۋېل قېرى يىگىتلەر كوماندىسىدا ھەقىقى تۈردە ئۆزىنى نامايان قىلغان ۋە تۆھپە قوشقان ئاساسلىق توپچى . 1991 \ 1990 يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئىسپانىيە تېنىرېففى كوماندىسىغا ۋەكالىتەن 15 مەيدان مۇسابىقىغە قاتنىشىپ 1 توپ ئۇرغان . 1995 \ 1994 مۇسابىقە پەسلىدە ئارگېنتىنا رانوس كوماندىسىغا ۋەكالىتەن 30 مەيدان مۇسابىقىغە قاتنىشىپ 3 توپ ئۇرغان . بۇ ئارىلىقىتىكى ئىككى پەسىلنى ھېسابقا ئالمىغاندا 1980-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە ئارگېنتىنا نېۋېل قېرى يىگىتلەر كوماندىسىدا توپ تەپكەن .

                                           2.jpg


   تېرىنېرلىق تارىخى  

   2007-يىلى پاراگۋاي پۇتبولچىلار جەمىئىيىتى 2006-يىلدىكى گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى پاراگۋاي كوماندىسى تېرىنېرى جون . روئېزنىڭ كوماندا تېرىنېرلىقىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ، يەنە بىر قېتىم چەت ئەللىك تېرىنېرغا كۆز تىكتى . ئەڭ ئاخىرىدا ، ئالدى-كەينى بولۇپ پاراگۋاي دۆلەت ئىچىدىكى زەردار كېررو . پورتىنو كوماندىسى ۋە ئەركىنلىك كوماندىسىنى يېتەكلەپ چىمپىيون بولغان ئارگېنتىنالىق چىمپىيون تېرىنېر مارتېنو ، پاراگۋاي پۇتبولچىلار جەمئىيىتى رەئىسى ئوسكار . خاررېسوننىڭ تەكلىپ قىلىشىغا نائىل بولىدۇ .  7-ئاينىڭ 23-كۈنى بارسىلونا ئورگان تورىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى ، ئۇ بولسىمۇ ئارگېنتىنالىق تېرىنېر مارتىنو بارسىلونا كوماندىسىغا تېرىنېر قىلىپ بەلگىلەنگەنلىكى ، ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن 2 يىللىق توختام ئىمزالىغانلىقى ئىدى .

                                          3.jpg


   مارتېنو پاراگۋاي بىرلەشمىسىدە ، 112 مەيدان مۇسابىقىدە تېرىنېرلىق قىلىپ ، ئۇتۇش نىسبىتى %67.5 گە يەتكۈزۈشتەك ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ ، 2005-يىلى ئارگېنتىنا بىرلەشمىسىگە قايتىپ كېلون كوماندىسىغا تېرىنېرلىق قىلغان نەتىجىسى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان ئىدى . ھەتتا ئۆزىمۇ بۇ نەتىجىسىگە قارىتا : ‹‹ قارىغاندا مەن يەنىلا پاراگۋاي پۇتبولىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان ئوخشايمەن ! ›› دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدى . پاراگۋاي پۇتبولچىلار جەمئىيىتى مارتېنونىڭ پاراگۋاي دۆلەت كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى بولغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا ، پاراگۋاي دۆلەت ئىچى ئاخبارات ۋاستىلىرى : ‹‹ بۇ قارار پاراگۋاي پۇتبولچىلىقىنىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان بولدى ! ›› دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدى .
   
                                        4.jpg


   شۇنداق ، كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك ، مارتېنو پاراگۋاينى قولىغا ئېلىشى بىلەن يېڭىچە بىر پاراگۋاي كوماندىسى مەيدانغا كەلدى . ئارگېنتىنا ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ مارتېنونىڭ پاراگۋاي كوماندىسىدىكى تېرىنېرلىق مۇساپىسىنى مەخسۇس پىروگرامما قىلىپ تونۇشتۇردى . ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، مارتېنو پاراگۋاي كوماندىسىدا ئەزەلدىن بولغان كۈچلۈك مۇداپىيەنى نامايان قىلىپلا قالماي ، ھۇجۇم جەھەتتىمۇ يېڭىچە بىر ھۇجۇم ئەندىزىسى ھاسىل قىلغان ئىدى . شۇنداق ، پاراگۋاي كوماندىسى جەنۇبى ئامرىكىدا ‹‹ مۇداپىيىسى ئەڭ قاتتىق كوماندا ›› دەپ مەشھور ئىدى . 2002 يىللىق كورىيە-ياپونىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە قېرى مالدىنىنى كوماندىغا تەكلىپ قىلغان ئىدى ، مەقسەت ، تېخىمۇ قاتتىق مۇداپىيە سېپىنى تۈزۈش ئىدى . شۇ سەۋەبتىن ، پاراگۋاي كوماندىسى كىشىلەر تەرىپىدىن ‹‹ جەنۇبى ئامرىكىدىكى ئىتالىيە كوماندىسى ›› تەرىپلەنگەن . لېكىن مارتېنو كوماندىغا تېرىنېر بولغاندىن كېيىن ، پاراگۋاي كوماندىسىنىڭ مۇداپىيىگە بەكلا ئېتىبار قىلىشى ئىدىيە جەھەتتىكى خاتالىق دەپ قارىدى ، ئۇ : ‹‹ جەنۇبى ئامرىكىدا ، پاراگۋاي كوماندىسىنىڭ مۇداپىيىسى يېتەرلىك قاتتىق ، بىراق دۇنياغا نەزەر سالىدىغان بولساق ، بولۇپمۇ ياۋروپادىكى بېتۇن مۇداپىيىگە سېلىشتۇرغاندا پەرىق چوڭ . توپچىلىرىمىزنىڭ تېخنىكىسى ئۈستۈن تۇرۇقلۇق ، بىز نېمىشقا ھۇجۇمغا كۈچ سەرپ قىلمايمىز ، كوماندىمىزنى نېمىشقا ھۇجۇم ۋە مۇداپىيە بىردەكلىكىدە ئەڭ نوچى كوماندا قىلالمىغۇدەكمىز ؟؟ ›› دىگەن ئىدى .

                                        5.jpg


   پاراگۋايلىقلار ئىنتايىن ئېھتىياتچان ، بۇ ئېھتىياتچانلىق بۇ كىچىك نامرات دۆلەت ئىدىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىزمۇ ئەمەس ئەلۋەتتە . شۇڭا پۇتبولغا نىسبەتەن چوڭ تۈردە ئىسلاھ ئېلىپمۇ بېرىپ باقمىغان . سەۋەب ، پاراگۋايلىقلار ئىسلاھ قىلىشقا جۇرئەت قىلالمايدۇ ، بىراق ، ئارگېنتىنالىق مارتېنو قىلالايدۇ . مارتېنو تېرىنېر بولغاندىن كېيىن ، پاراگۋاينىڭ ئەنئەنىۋى مۇداپىيە ئارتۇقچىلىقىنى كۈچەيتىپلا قالماي ، ھۇجۇم ئويناش ئۇسۇلىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى . دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى جەنۇبى ئامرىكا تاللاش مۇسابىقىسىدە مارتېنو پاراگۋاي كوماندىسىنى يېتەكلەپ ، 18 مەيداندا 10 مەيدان ئۇتۇپ ، 3 مەيدان تەڭلىشىپ ، 5 مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجىنى ياراتتى . بولۇپمۇ دەسلەپكى 5 مەيدان مۇسابىقىدە 4 مەيدان ئۇتۇپ 1 مەيدان تەڭلىشىشتەك ياخشى نەتىجىنى ياراتتى .
   ئۇندىن باشقا تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، جەنۇبى ئامرىكىدىكى كۈچلۈك رەقىب بىرازىلىيە كوماندىسى ۋە ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن بولغان 4 قېتىملىق ئۇچرىشىشتا 2 مەيدان ئۇتۇپ ، 1 مەيدان تەڭلىشىپ ، 1 مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك ئېسىل نەتىجىنىڭ ساھىبى بولدى .

                                        6.jpg


   سېھېرلىك تېرىنېر

   ئەگەر بۇ يۇقىرى سەۋىيىلىك سېمفونىيەنىڭ ئۈنۈمدارلىقى ئالاھىدە بولغان بولسا ، ئەڭ ئالدى بىلەن ئالقىش ۋە تەشەككۈرىمىزنى سېمفونىيە دېرىژورىغا ياڭرىتىمىز ، ئۇ بولسىمۇ ئارگېنتىنالىق تېرىنېر مارتېنو . پاراگۋاي دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس سىرتىدىمۇ ، ھەممە بىردەك بۇ 10 يېشىدىلا چاقنىغان ئارگېنتىنالىق توپچى ‹‹ تاتا ›› ( مارتېنو دېمەكچى ) پاراگۋاي كوماندىسىنى يېڭى بىر دەۋىرگە باشلاپ كىردى دەپ قارايدۇ . شۇنداق ، بىر تېرىنېر بولۇش سۈپىتى بىلەن مارتېنو پاراگۋاينىڭ بەختى . بۇندىن بۇرۇن يېشىل چىملىقنى كەزگەن مارتېنو قابىل ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ئىدى . ئۇنىڭ ھۇجۇم پەلسەپىسى پاراگۋاي كوماندىسىغا يېڭىچە روھ ۋە ئىنتىلىش ئېلىپ كەلدى . ئۇ پاراگۋاي دۆلەت ئىچىدىكى زەردار كېررو . پورتىنو كوماندىسى ۋە ئەركىنلىك كوماندىسىنى يېتەكلەپ چىمپىيون بولغان ۋاقىتلاردىلا پاراگۋايلىقلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن . ئۇ پاراگۋاينى يېتەكلەپ بىرازىلىيە ۋە ئارگېنتىنا كوماندىلىرىنى يەڭگەندە ، ئۇنىڭ قابىلىيىتى ھەممىنىڭ ئېتراپ قىلىشغا ئېرىشكەن .
   دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدىكى پاراگۋاي كوماندىسى ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان ، مارتېنومۇ كەڭ پاراگۋاي توپ مەستانىلىرىغا زور ئۈمىدلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى . شۇنداق ، پاراگۋاي ئۈچۈن بۇ شانلىق ئالتۇن دەۋىر پاراگۋاي تارىخىدىن ئورۇن ئالدى .

                                        7.jpg

                                        8.jpg

                                        9.jpg

                                        10.png

                                        11.jpg

                                       
      مارتېنونىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تېرىنېرلىق ھاياتىغا زور مۇۋاپىقىيەتلەر تىلەيمەن !!! بارسىلونادىكى ھاياتىنىڭ خۇددى پاراگۋايدىكىگە ئوخشاش شانلىق ۋە نەتىجىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .....
                                                                                                                                   تۈگىدى

4

تېما

0

دوست

986

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12599
يازمىسى: 986
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 3354
تۆھپە: 1030
ۋاقتى: 206
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-15 16:45:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

چىۋەر

1

تېما

1

دوست

1502

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11292
يازمىسى: 1502
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 132956
تۆھپە: 1503
ۋاقتى: 481
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-15 16:58:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىنى بۇنىڭ قانداق كارامىتى باركىن كۆرۈپ باقايلى
چىۋەر

ھايات _ شاھمات تاختىسى !!~~

59

تېما

3

دوست

964

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10104
يازمىسى: 964
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 56443
تۆھپە: 100892
ۋاقتى: 188
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-15 17:06:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزخان يوللىغان ۋاقتى  2013-8-15 16:45
ئۈچ ئادەمنىڭ ئىسمىمىكىن دەپتىمەن تىمىسىدىن.بارسېلونا ...

ھەنىم بولسا ئۇنىڭ ئىسمى بولسىمۇ سىزنىڭ يازغان تېمىڭىز بىلەن تەڭكەن !!!~

4

تېما

0

دوست

986

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12599
يازمىسى: 986
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 3354
تۆھپە: 1030
ۋاقتى: 206
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-15 17:07:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

IQUIT

26

تېما

6

دوست

1001

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10552
يازمىسى: 1001
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 688970
تۆھپە: 825
ۋاقتى: 453
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-15 17:13:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى نېمىشقا تاتا  دەيدىغانلىقىنى خېلى ئىزدىنىپ ئاخىرى تاپقانئىدىم . تاتانىڭ مەنىسى  : چوڭ تاغا ، چوڭ دادا  دىگەندەك  بىر نېمە  بولىدىكەن .   كىچىكىدىن توپ  تەپكەن چاغلىرىدا باشقىلار بۇنى شۇنداق  ئاتايتىكەنتۇق . شۇنىڭ بىلەن  لەقەم بولۇپ  قاپتۇ ...
ئاخىرى دەۋزاخ بولغان ياخشىلىق ياخشىلىق ئەمەس، ئاخىرى جەننەت بولغان يامانلىق يامانلىق ئەمەس.

6

تېما

8

دوست

1462

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  204
يازمىسى: 1462
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1943400
تۆھپە: 1627
ۋاقتى: 329
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-15 17:19:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەلبە پەقەت تىرىشقاندىلا ئاندىن قولغا كىلىدۇ ، ئالغا بارسىلونا ،
ئۇيغۇر تىلىم جان تىلىم ، ئىملاغا دىققەت قىلىڭ !!!

==› بارسىلونا ‹==

30

تېما

22

دوست

922

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12718
يازمىسى: 922
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 1254867
تۆھپە: 978
ۋاقتى: 167
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-15 17:42:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالغا بارسىلونا  !  ماردىنو  غەيرەت قىل
ئۆزۈمىز ئىگىلىپ بەرگەچكە ،باشقىلار ئۈستىمىزگە مىنىۋالدى...

پەقەت ۋە پەقەتلا پۇتبول !

19

تېما

12

دوست

1443

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10226
يازمىسى: 1443
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 33919138
تۆھپە: 959
ۋاقتى: 614
h
ھالەت

ئىجاتچان ئەزا مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-15 17:47:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    قېنى بۇنىڭ كارامىتىنىمۇ كۈرۈپ باقمامدۇق.   مۇھىمى مۇھىم مۇسابىقىلەردىكى ئىپادىسىەە قارىساق بۇلىدۇ.
بارساغا تىرنىر بولمىسا بولمايدىغان يەرگە كەلدى. ئىلگىركى بارساغا تېرنىر كىرەك ئەمەستەكلا تۇيغۇ بىرەتتى....

*_*

124

تېما

7

دوست

8601

جۇغلانما

كوماندا باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  378
يازمىسى: 8601
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 60656
تۆھپە: 2628
ۋاقتى: 1406
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-15 17:47:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزخان يوللىغان ۋاقتى  2013-8-15 16:45
ئۈچ ئادەمنىڭ ئىسمىمىكىن دەپتىمەن تىمىسىدىن.بارسېلونا ...

ۋاي مەنمۇ تېخى 3 ئادەم تىرنىر بولغان ئوخشايدۇ دەپتىمە...

*_*

124

تېما

7

دوست

8601

جۇغلانما

كوماندا باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  378
يازمىسى: 8601
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 60656
تۆھپە: 2628
ۋاقتى: 1406
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-15 17:49:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ كاماچۇيغا ئوخشايدىكەن

ياخشىلىققا ياخش

7

تېما

5

دوست

1898

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10830
يازمىسى: 1898
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 54750
تۆھپە: 102156
ۋاقتى: 404
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-15 18:00:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنۈگۈن ئالۋىسنى ماختاپ، ماختىغان قىز تويدا ... دەپ بىرازىلىيىگە توپ ئۇرۇپ قويغانتى ئالۋىس، بۈگۈن تاتاھاگاتونى ماختاپسىلەر، ئەمدى بارسىلوناغا نىمە ياخشى كۈنلەرنى كۆرسىتەر بۇ ؟
ياخشىلىققا ياخشىلىق ئىنسان ئېشىدۇر، يامانلىققا ياخشىلىق ئەرنىڭ ئېشىدۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )