پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 2155|ئىنكاس: 34

بارسىلونانىڭ ئوڭ قانات مۇداپىيىچىسى : دانىيېل . ئالۋېس !!!~~

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھايات _ شاھمات تاختىسى !!~~

89

تېما

5

دوست

1568

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10104
يازمىسى: 1568
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 505
تۆھپە: 5
ۋاقتى: 289
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 16:35:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nayil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-14 20:18  

  
   ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار . ئالدىنقى ۋاقىتلاردا بارسىلونانىڭ بىر قانچە توپچىلىرىنى تونۇشتۇرغان ، بۈگۈن دانېيىل . ئالۋېسقا كەپتۇ . قېنى بارسىلونا ئوڭ قانات سەركىسى دانېيىل . ئالۋېس بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى !! كەتتى ئەمسە !!!!~~~

                               1.jpg


   ئىسىم - فامىلىسى   :         دانىيېل . ئالۋېس . دا . سېلۋا
   تۇغۇلغان ۋاقتى        :        1983-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى
   دۆلەت تەۋەلىكى      :        بىرازىلىيە
   كۇلۇبى                   :        بارسىلونا كۇلۇبى
   تۇغۇلغان ئورنى       :        يۇئازېرو
   بوي ئېگىزلىكى        :        1 مېتىر 73 سانتىمېتېر
   ئېغىرلىقى               :        64 كېلوگىرام
   مەيداندىكى ئورنى   :       ئوڭ قانات مۇداپىيىچى  ( ئوڭ بېك )
   كۇلۇبتىكى نومۇرى   :        2- نومۇر
   توپ تەپكەن كۇلۇبلىرى   : باھىيا كۇلۇبى  ، سېۋېللىيا كۇلۇبى  ، بارسىلونا كۇلۇبى
   
                               2.jpg


   كەسپى ھاياتى توغرىسىدا چۇشەنچە  :

   ئالۋېس بولسا ھازىرقى پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ، ئەڭ قىزغىن ۋە ئەڭ ھەرىكەتچان ئوڭ قانات توپچىلىرىنىڭ بىرى . ئۇنىڭ بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ كۈچلۈكلىكى ، مۇداپىيىسى ياخشى بولۇپلا قالماي ھۇجۇمغا ئىزچىل قاتنىشىشى ۋە ياردەمچى پاس تاشلاش ئۈنۈمدارلىقىنىڭ ئالاھىدە بولۇشى ، كۆپ قىرلىقلىقى ئۇنى ھەممىگە تونۇتتى . 2008-يىلى يازدا ، سېۋېللىيا ئۈچۈن 6 يىل جەڭ قىلغان بۇ جەڭچى بارسىلوناغا قوشۇلدى .
   2002-يىلى ئالۋېس باھىيا كۇلۇبىدىن سېۋېللىياغا قوشۇلىدۇ . ئۇ دەسلەپتە كۇلۇبتا ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملىيەلمەيدۇ . لېكىن 2004\2003 مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە ئالۋېس كوماندىدا ئۆز ئورنىنى تاپىدۇ . شۇ يىلى ئۇ سېۋېللىيا ئۈچۈن 29 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ ، ئېسىل ئىپادىسى بىلەن سېۋېللىيانىڭ تەۋرەنمەس ئوڭ قانات مۇداپىيىچىسى بولۇپ قالىدۇ .

                               3.jpg


   ئۇزۇن ئۆتمەي ئالۋېس سېۋىللىيا كوماندىسى مۇداپىيە سېپىنىڭ ئايرىلماس بىر ئەزاسى بولۇپ قالىدۇ ، ئۇنىڭ مۇداپىيەسىنىڭ قاتتىقلىقى ، ھۇجۇمغا ئىزچىل قاتنىشىشى كوماندىنى غەلبە يولىغا باشلاپ كىرىدۇ ۋە 2006\ 2005 يىللىق ياۋروپا ئىتتىپاقداشلار لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ . شۇنداقلا مۇشۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ياۋروپا پۇتبولچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ‹‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى ›› شەرىپىگە ئېرىشىدۇ . نەچچە ئايدىن كېيىن ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە سەبداشلىرى بىلەن بىرلىكتە بارسىلونانى مەغلۇپ قىلىدۇ . ئۇ گەرچە يان يول توپچىسى بولسىمۇ ، لېكىن سېۋىللىيانىڭ ئوتتۇرا ئالدى مەيدان تەشكىللىگۈچىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ مەيداندىكى ئورنى يان يول بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن ، ئوتتۇرا يولغا كېسىپ كىرىپ ھۇجۇم قىلىشىمۇ ئالاھىدە ئىدى .

                              4.jpg


   2007\ 2006 يىللىق مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە ، ئالۋېس سەبداشلىرى بىلەن ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى . شۇنداقلا ، ياۋروپا ئىتتىپاقداشلار لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى بولۇش بىلەن بىرلىكتە ، ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنىمۇ قولغا كەلتۈردى .
   
                              5.JPG


   بارسىلوناغا كېلىشتىن بىر پەسىل بۇرۇن ئالۋېس سېۋېللىيا بىلەن بىرلىكتە مادرېدنى مەغلۇپ قىلىپ ، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى كۆتۈردى ھەمدە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىن تاللىنىپ چىقتى . ئۇزغۇنلۇقتا گەرچە تۈركىيە زەردارى فەنەر باغچە كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىۋېتىلگەن بولسىمۇ ئالۋېسنىڭ ئىپادىسى ھەممىنىڭ كۆزىنى چاقناتتى .
   
                              6.jpg


   2008-يىلى ئالۋېس 35 مىليون 500 مىڭ ياۋرولۇق باھا بىلەن ئىسپانىيە زەردارى بارسىلونا كوماندىسىغا قوشۇلدى . بۇ باھا يان مۇداپىيىچى باھاسىنىڭ رېكورتىنى ياراتتى . بارسىلوناغا قوشۇلغان بىرىنچى پەسىلدىلا ، ئۇ ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىپ ، كوماندىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىدى . ئۇنىڭ ئوڭ قاناتتىكى مېسسى بىلەن ماسلىشىشى كۆرۈنەرلىك بولۇپ ، ئەڭ قورقۇنۇشلۇق ئوڭ قانات سېپىنى شەكىللەندۈردى . ئۇ بىرىنچى پەسىلدىلا بارسىلونا بىلەن بىرلىكتە ، بىرلەشمە چىمپىيونى ، شاھلىق لوڭقىسى چىمپىيونى ۋە ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى . ئارقىدىنلا يەنە ، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ، ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ۋە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى .

                            7.jpg

                            8.jpg

                            9.jpg


   ئالۋېسنىڭ بىرازىلىيە كوماندىسىدىكى ئورنىمۇ بارغانچە مۇستەھكەملىنىپ ، كوماندىدىكى ئاساسلىق ئەزا بولۇپ قالدى . ئۇ بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن 2007-يىلى ئامرىكا قىتئەسى چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى .
   گەرچە بويى 1مېتىر 73 سانتىمېتېر ، ئېغىرلىقى 64 كېلوگىرام بولسىمۇ ، مەيداندىكى كۈچ سىنىقىدا ئۇ تەۋرەپ قويغىنى يوق . ئۇ ئەزەلدىن ھېرىپ قالغىنى يوق ، ئۇنىڭ مۇداپىيە ۋە ھۇجۇمغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشى ئۇنىڭ قابىلىيىتىنى ۋە جاسارىتىنى نامايان قىلىپ تۇرۇپتۇ .
   2011-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەردە ، بارسىلونا ئورگان تورىدا ئالۋېس بىلەن يەنە 3 يىللىق توختام ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلدى . توختام ۋاقتى 2015-يىلىغىچە ئىدى .
   بۇندىن ئىلگىرى ئالۋېسنىڭ بارسىلونا كوماندىسى بىلەن بولغان توختامى 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ئىدى . بۇ ئارلىقتا توختام ئۇزارتىش ئىشىدا خېلى تالاش-تارتىشلار يۈز بەردى . سەۋەبى مۇئاش مەسىلىسى بولۇپ ، بارسىلونا ئالۋېسنىڭ 8 مىليونلۇق مۇئاش تەلىپىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىدىن ئىدى . شۇنىڭدىن كېيىن مىلان ، مانچېستېر بىرلەشمىسى قاتارلىق زەردارلار ئۇنى يۆتكەش پىلانىغا كىرگۈزدى دىگەن خەۋەرلەر ئەۋىج ئېلىپ كەتتى ، ھەتتا مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى ئۇنىڭغا 10 مىليونلۇق مۇئاش تەييارلاپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى . ئەڭ ئاخىردا ، ئالۋېس يەنىلا بارسىلونادا قېلىشنى تاللىدى .
   ئالۋېسنىڭ توختام ئۇزارتقانلىقى ھەممىنى ھەيران قالدۇردى . تالاش-تارتىشلار تازا ئەۋجىگە چىققاندا ، ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ‹‹ بارسىلونا ئالۋېسنىڭ ئورۇن باسارىنى ئىزدىمەكتە ... گوللاندىيىلىك ۋاندىۋېر ، مانچىستېر بىرلەشمىسىدىكى رافائىل قاتارلىقلار بارسىلونانىڭ سېتىۋېلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى .... ›› دىگەندەك خەۋەرلەرنى ئېلان قىلغىلى تۇردى . ئاخىرىدا ، ئالۋېس ئۆز ئېغىزى بىلەن بارسىلونا بىلەن پات ئارىدا توختام ئۇزارتىدىغانلىقىنى دىگەندىن كېيىنلا بۇ خەۋەرلەرمۇ ئاستا-ئاستا بېسىقىپ قالدى .
   
                                          10.jpg


   ئالۋېس بارسىلونا كۇلۇبى بىلەن توختام ئۇزارتقاندىن كېيىن ، بارسىلونا تەرەپ ئۇنىڭ مۇئاشى توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەر ئېلان قىلمىدى . بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تەھلىلىچە ،ئالۋېسنىڭ مۇئاشى 6 مىليوندىن كەم ئەمەس ئىكەن ، ئۇنىڭ بارسىلونادىن تەلەپ قىلغان 8 مىليون مۇئاشنىڭ ئەمەلىلەشكەنلىكىمۇ مۆمكىن دەپ تەھلىل قىلغان .
   توىتام ئۇزارتىشتىن بۇرۇن ئالۋېسنىڭ مۇئاشى 3 مىليون ئىدى ، شۇنىڭ بىلەن بىللە 500 مىڭلىق مۇكاپات سوممىسىمۇ بار ئىدى . لېكىن ئالۋېسنىڭ قارىشىچە ئۇنىڭ قوشقان تۆھپىلىرىگە بۇ مۇئاش بەكلا ئاز بولۇپ قالغانىدى . شۇ سەۋەبتىن ئۇ 8 مىليونلۇق مۇئاش تەلەپ قىلىغانىدى . لېكىن بۇ مۇئاش تەلىپى بارسىلونا تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن كېيىن ، ئالۋېسنىڭ ۋەكالەتچىسى ، ئالۋېسنىڭ بارسىلونانىڭ 6 مىليونلۇق مۇئاشىنى رەت قىلغانلىقىنى ئاشكارلىدى .

                                           11.jpg


   شۇنداق ، ئالۋېس يۇقىرى مۇئاش تەلەپ قىلىشقا ھەقلىق . ئۇ 2008-يىلى بارسىلوناغا قوشۇنغاندىن باشلاپ ، ئىزچىل ئاساسلىق ئەزا بولۇپ ئوينىدى . ئۇ بارسىلونا ئوڭ قانات سېپىنىڭ موھىم ئەزاسى . ئۇنىڭ ئىختىيارى توپ تېپىشىمۇ ئۆزگىچە . ئۇ بارسىلونانىڭ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى ۋە تۆھپىكارى .
   ھازىر ئالۋېس پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ نوچى ئوڭ قانات مۇداپىيىچى بولۇپ قالدى . ئۇنىڭ بارسىلونا ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

                                           12.jpg

                                           13.jpg

                                           14.jpg


   ئېرىشكەن شەرەپلىرى     :

   بارسىلونا   

   2009 \ 2008 يىللىق ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى چىمپىيونى
   2009 \ 2008 يىللىق ئىسپانىيە بىرلەشمە چىمپىيونى
   2009 \ 2008 ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونى
   2009 - يىللىق ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيونى
   2009- يىللىق ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيونى
   2009- يىللىق دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چىمپىيونى
   2010 \2009 يىللىق ئىسپانىيە بىرلەشمە چىمپىيونى
   2011 \2010 يىللىق ئىسپانىيە بىرلەشمە چىمپىيونى
   2011 \2010 يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونى
   2011 \2010 يىللىق ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيونى
   2011 \ 2010 يىللىق ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيونى
   2011 \2010 يىللىق دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چىمپىيونى
   2012 \ 2011 يىللىق ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى چىمپىيونى
   2013 \2012 يىللىق بىرلەشمە چىمپىيونى
   2013 \2012 يىللىق كاتالونىيە لوڭقىسى چىمپىيونى

   سېۋېللىيا

   2006 \ 2005 يىللىق ياۋروپا ئىتتىپاقداشلار لوڭقىسى ‹‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى ››
   2006 \ 2005 يىللىق ياۋروپا ئىتتىپاقداشلار لوڭقىسى چىمپىيونى
   2006-يىللىق ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيونى
   2007 \ 2006 يىللىق ياۋروپا ئىتتىپاقداشلار لوڭقىسى چىمپىيونى
   2007 \2006 يىللىق شاھلىق لوڭقىسى چىمپىيونى
   2007-يىللىق ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيونى

   بىرازىلىيە

   2007 -يىللىق ئامرىكا قىتئە چىمپىيونى
   2009-يىللىق ئۇيۇشما لوڭقىسى چىمپىيونى
   2013-يىللىق ئۇيۇشما لوڭقىسى چىمپىيونى

                                 15.jpg

                                 16.jpg

                                 17.jpg

                                 18.jpg

                                 19.jpg

                                
   ئالۋېسنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پۇتبولچىلىق ھاياتىغا زور ئۇتۇق نەتىجىلەرنى تىلەيمەن !!!!

                                                                                                                                          تۈگىدى .


   
                              

   
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى تۆھپە شۆھرەت يىغىش سەۋەبى
missi2 + 50 + 5 + 5 قوللاش! ئېسىل يازما بو.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50  تۆھپە + 5  شۆھرەت + 5   باھا خاتىرىسى

6

تېما

0

دوست

986

جۇغلانما

زىيارەت چەكلەنگەن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12599
يازمىسى: 986
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 5
تۆھپە: 0
ۋاقتى: 207
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 20:24:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

axkar

2

تېما

1

دوست

487

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  1017
يازمىسى: 487
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1567
تۆھپە: 0
ۋاقتى: 355
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 20:31:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرازىليە  بىكلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى، بىرازىليەدە ھوجۇمغا قاتنىشىدىغان بىكلار ئەزەلدىن كام بولمىغان ، مۇنداقچە ئىيتساق بىرازىليەدە  ھوجۇمغا قاتناشمايدىغان بىك يوق .  ئەينى يىللاردىكى كافۇغا ئوخشىتىمەن بۇنى .

`مۇبارەك بولسۇن`

1

تېما

2

دوست

707

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  6802
يازمىسى: 707
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 731
تۆھپە: 2
ۋاقتى: 1779
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 21:01:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ نەزىرىمدە يېقىنقى يىللاردىكى  ، ئىپادىسى ئەڭ قالتىس ئوڭ بېك دەپ قارايمەن .
ئۇ دۆلەت كوماندىسىدا ۋە كۇلۇبتا كەم بولسا بولمايدىغان ئەزا .
ئادىرىيانو بىلەن سېۋېليادا سەبداشكەنتۇقتە بۇ . ئادىريانو ئەينى ۋاقىتتا يارلانمىغان بولسا  ، بارسانىڭ ئىككى قانىتى بىرازىلىيەلىك بۇلۇپ قالاركەن .

بۆرە رىۋايىتى

194

تېما

4

دوست

2375

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  2263
يازمىسى: 2375
نادىر تېما: 5
ياۋرۇ: 155
تۆھپە: 21
ۋاقتى: 1102
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 21:09:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى مايكوننىمۇ يوق قىلدىمۇ بۇ
بىز رىۋايەتتە كۆك بۆرىلەر بىز، بىز ئۇيۇشقان جەم بۆرىلەر بىز، بىز رىۋايەتتە داڭقى كەتكەن شۇ بۆرىلەر بىز

ئىستىقباللىقلار بازىسى-بىرمىن

396

تېما

29

دوست

7775

جۇغلانما

كوماندا باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  440
يازمىسى: 7775
نادىر تېما: 18
ياۋرۇ: 10
تۆھپە: 26
ۋاقتى: 1215
h
ھالەت

نادىرچى يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىلان لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 21:12:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر پۇتبولچىدا بۇلۇشقا تىگىشلىك ھەممە نىمە بار بۇنىڭدا
ئەڭ مەينەت ئادەم---دەل چىقمچىلارىدۇر

10

تېما

11

دوست

1894

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12272
يازمىسى: 1894
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 147
تۆھپە: 13
ۋاقتى: 586
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 21:13:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2014-يىلى سامباچىلارنى گۈل كەلتۈرىۋىتەرمىكىن دەيمەن.ۋارتار سەيسار بىكلار مارسىلو،لۇيىسى،شېرۋا،ئالۋىس ھۇجۇمچىلار مۇ خىل ئەينا....
[img

ياغاچ كەسكەن پالتىنىڭ سىپى ياغ

61

تېما

5

دوست

4960

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11693
يازمىسى: 4960
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 4613
تۆھپە: 29
ۋاقتى: 1294
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 21:14:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالۋىسنىڭ مۇداپىئە ۋە ھۇجۇمغا ئوخشاشلا قاتنىشىشى ئۇنىڭ بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇرىدۇ،كافۇدىن كېيىن مۇشۇ بىرازىلىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق ئوڭ بىكى بولۇپ قالدى، بارسىلوناغا نىسبەتەن پويۇلغا ئوخشاش ئەڭ مۇھىم مۇداپىئەچى ،داۋاملىق ئەڭ ياخشى ئىپادەڭنى جارى قىلدۇرۇشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن
پۇتبول دۇنيادىكى بىرىنچى ھەرىكەت

52

تېما

6

دوست

1907

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12453
يازمىسى: 1907
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 609
تۆھپە: 6
ۋاقتى: 369
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 21:23:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغان قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن...بۇ ئورانگوتاننى مەخسۇس تىما قىلىپ يوللىمىسىڭىزمۇ بىلەتتۇق مەنچە ئادەمدىن تۆرەلمىگەن جۇمۇ مۇشۇ ئالۋىس
مانا مەن تارانچى. مانا مەن ئۇيغۇر!
Ben Taranchi. Ben Uygur
I was Taranqi. I Uighur
Я уйгурский taranci
Je Uyghur taranci

52

تېما

6

دوست

1907

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12453
يازمىسى: 1907
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 609
تۆھپە: 6
ۋاقتى: 369
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 21:24:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشكار يوللىغان ۋاقتى  2013-8-14 20:31
بىرازىليە  بىكلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى، بىرازىليەدە ھوجۇم ...

نىمىسىنى كافۇغا ئوخشاتتىڭ تايكا....؟كىيىم نومۇرى؟‹
مانا مەن تارانچى. مانا مەن ئۇيغۇر!
Ben Taranchi. Ben Uygur
I was Taranqi. I Uighur
Я уйгурский taranci
Je Uyghur taranci

==› بارسىلونا ‹==

62

تېما

24

دوست

1477

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12718
يازمىسى: 1477
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: -521
تۆھپە: 3
ۋاقتى: 371
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 22:31:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئاجايىپ قايىل بۇنىڭغا، ئەمدى ئىپادىسى تۆۋەنلەپ كىتەمىكى بىراق......

kal~bem

1

تېما

10

دوست

499

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11517
يازمىسى: 499
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 355
تۆھپە: 10
ۋاقتى: 442
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 22:43:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاس تاشلاشلىرى پەيزى جىما بۇنىڭ...
kal~bem  =  قەلبىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号 )