- تىزىملاتقان
- 2012-10-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 995
- نادىر
- 2
- يازما
- 995
|
بېلنىڭ باجدىن كېيىنكى يىللىق مائاشىنىڭ 9مىليوندىن 10 مىليونغىچە بولىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ، ئۆزىل ، بېنزىما ، دىمارىيا قاتارلىق ئەزالار بۇنىڭدىن نارازى بولدى .

ئەنگىلىيە «كۈنلۈك ئاخبارات گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە ، ئەنچېلوتتى ئامرېكىدىكى ۋاقتىدا فلورىنتىنوغا بېلنىڭ ئۇنىڭ پىلانى ئىچىدە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ ، بېلنى سېتىۋىلىشنىڭ كېرىكى يوقلىقىنى ئېيىتتى .
ئەمەلىيەتتە ، ئىتالىيەلىك بۇ ترېنېر فلورىنتىنوغا يەنە كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنىڭ نارازىلىقىنى يەتكۈزدى ، چۈنكى بېلنىڭ يىللىق مائاشى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى . ئۇنىڭ باجدىن كېيىنكى يىللىق مائاشىنىڭ 9مىليوندىن 10 مىليونغىچە بولىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ، ئۆزىل ، بېنزىما ، دىمارىيا قاتارلىق ئەزالار بۇنىڭدىن نارازى بولدى .
كېيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىكى بەزى ئاساسلىق ئەزالار بۇ ئىشتىن قاتتىق نارازى بولدى ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ھازىرقى سەپ شەكلى ۋە ئەزالار بارلىق چېمپيونلۇققا ئېرىشىشكە يىتىپ ئاشىدىكەن ، يەنە ئارتۇق مەبلەغ سېلىشنىڭ كېرىكى يوق ئىكەن . فلورىنتىنو ESPN نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا :«100 مىليون مەن ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن پۇل .» دەپ ئېيتقان . توختام ئۇزارتىش ئالدىدا تۇرغان كرىستىئانو (9-ئاينىڭ تۇنجى ھەپتىسى ئېلان قىلىنىدۇ .) مۇ بۇنىڭغا نارازى بولدى ، چۈنكى ئۇنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى باھا بىلەن كۇلۇب يۆتكەلگەنلىك رېكورتى بۇزۇلۇش ئالدىدا ئىدى . «بېلنىڭ يۆتكىلىشى توغرىسىدا مېنىڭمۇ ئۆزۈمنىڭ پىكرى بار ، لېكىن مەن بۇنى تاراتقۇلارنىڭ ئالدىدا ئېيتمايمەن .» ، بۇ ئۇنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېيتقانلىرى . رونالدو بېلنىڭ يۆتىكىلىش ئىشلىرىنىڭ بۇ يىلقى ياۋرۇپا ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى باھالاش بىلەت نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ .
ئۆزىلنىڭ دادىسى 6-ئايدا بېرنابۇغا كېلىپ ئۆزىلنىڭ مائاش ئۆستۈرۈپ توختام ئۇزارتىش ئىشىنى سۆزلەشكەن . بېنزىمامۇ كۇلۇبنىڭ ئۆزى بىلەن يەنە 2 يىل توختام ئۇزارتىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ . بېلنىڭ يۆتكىلىش ئىشىغا قارشى تۇرغان ھەمدە كرىستىئانونىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن دىمارىيامۇ ئۆزىنىڭ كۇلۇبتا تېخىمۇ ئۇزۇن توپ ئوينىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ . ھېچكىمنىڭ بېلنىڭ قابىلىيتىدىن گۇمانلانغىنى يوق ، بىراق ئۇنىڭ بۇ يۇقىرى مائاشى پۇل-مال قاتلىمىدىن ھالقىپ كەتكەن بىر مەسىلە .
مەنبە : «ئاس گېزىتى» |
|