- تىزىملاتقان
- 2011-4-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 267
- نادىر
- 0
- يازما
- 267
|
ماۋۇ ئىزدىنىش تورىغا قاپلانچاق يوللىغان تېما ئىكەن. مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچ، مۇشۇ يەرگە كۆچۈرۈپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم.
تېما ئادىرىسى:
http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=54442
8-ئاينىڭ 13-كۈنى 2013-يىللىق شىنجاڭ پۇتبولچىلارجەمىيىتى لوڭقىسى باشلىنىدۇ ، مۇسابىقە تاق ئايلانما شەكلىدە ئوينىلىدۇ .ئاساسى ئۇچۇرلار ئابدۇغىنىنىڭ تىمىسىدا يوللانغان ، ئۇنىشۇ تىمىدىن كۆرىۋىلىڭلار ، بۇ قىتىم مەن ۋاقىت چىقىرالاساملا پۈتۈن مۇسابىقىنى ئەڭ كەسپى ئەڭ تەپسىلى ھالەتتە خەۋەر قىلىمىز ، مىكروبىلوگدا 11ئادەمنىڭ مىكرولوبىگى ۋە ئۆزەمنىڭ شەخسى بىلوگىدا يوللاپ تۇرىمىز . ئۈندىداردا بولسا بىر ئامال قىلساق ،سەۋدايىنىڭ ۋاقتى يىتەمدۇ ئۇقالمىدىم ، ئەگەر ھىلىقىدەك تىمىنى رەسىمگە تارتىپ ، ئۈندىداردا تارقىتالايدىغانلاربولسا ،بىز بىلەن ئالاقىلاشساڭلار ، مۇشۇ ئىشنى ئەتىدىن باشلاپ باشلىۋالساق .
كاتتا يايلاق پۇتبول مۇسابىقە خەۋىرى
http://11adam.cn/forum.php?mod=v ... =5335&fromuid=1
مىنىڭ توختىلىدىغىنىم مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە مۇسابىقە تەھلىلى قاتارلىقلار .
مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى :
8-ئاينىڭ 13-كۈنى
ئاتۇش بىلەن ھەرەمباغ
كورلا بىلەن ئەزكا
گۇاڭخى بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى
8-ئاينىڭ 14-كۈنى
كورلا بىلەن ئاتۇش
گۇاڭخى بىلەن ھەرەمباغ
مەشرەپ بىلەن ئەزكا
8-ئاينىڭ15-كۈنى
گۇاڭخى بىلەن كورلا
مەشرەپ بىلەن ئاتۇش
شىنجاڭ ئۇىۋىرسىتىتى بىلەن ھەرەمباغ
8-ئاينىڭ16-كۈنى
مەشرەپ بىلەن گۇاڭخى
شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىىتىتى بىلەن كورلا
ئەزكا بىلەن ئاتۇش
8-ئاينىڭ17-كۈنى
شىنجاڭ ئۇنىۋىرىسىتىتى بىلەن مەشرەپ
ئەزكا بىلەن گۇاڭخى
ھەرەمباغ بىلەن كورلا
8-ئاينىڭ18-كۈنى
ئەزكا بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى
ھەرەمباغ بىلەن مەشرەپ
ئاتۇش بىلەن گۇاڭخى
8-ئاينىڭ19-كۈنى
ھەرەمباغ بىلەن ئەزكا
ئاتۇش بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋىرىسىتتى
كورلابىلەن مەشرەپ
ئەسكەرتىش :
ھەربىر كۈننىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى 12:00،
2-مەيدان مۇسابىقە 14:00،
3-مەيدان مۇسابىقە 16:00دە ئوينىلىدۇ .
كوماندىلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى تەھلىلى :
گەرچە ئۆزىمىزنىڭ يۈرتىنىڭ مۇسابىقىسى بولسىمۇ ، ياشقا چوڭيىپ قالغاندا ، يىڭىدىن يىتىلىپ چىقىۋاتقان چولپانلىرىمىزنىڭ خەۋرىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ ،بولالمايدىكەنمىز ،شۇڭابۇ تەھلىلنىڭ توغرىلىق نىسبىتى بەلكىم بەك تۆۋەن بولۇپ قىلىشى مۇمكىن .
بۇ قىتىملىق مۇسابىقىغا يەتتە كوماندا قاتناشقان بولۇپ ، ھازىر مەن تونۇيدىغان چولپانلار ئەڭ جىق بولغان كوماندا ھەرەمباغ كوماندىسى ئىكەن ،شۇڭلاشقا مەن شەخسەن ئۇلارنى بۇ قىتىملىق مۇسابىقىنىڭ ئۇزغۇنلىقنىڭ ئەڭ چوڭ نامزاتى دەپ قارىدىم .
بۇ كوماندىدا بۇرۇن رادىئو -تىلىۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ پۇتبول كوماندىسىدا توپتەپكەن ماھىرلار بىلەن ھازىر جوڭگو كەسپى بىرلەشمىلىرىدە توپ تىپىۋاتقان چولپانلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ ، خۇنەن شىياڭتاۋ ۋە رادئوتىلىۋىزيە ئىدارىسىنىڭ ئالدى ھوجۇمچىسى ئەكرەم ، رادىئو-تىلىۋىزيە ئىدارىسى كوماندىسىنىڭ بىكى ئەھەتجان ، شىنجاڭ كوماندىسىنڭ قاپقىچىسى ئەكرەمجان،گۇجۇ كوماندىسىنىڭ ئالدى ھوجۇمچىلىرىدىن ئىلھامجان بىلەن ئابلەت ،شىنجىن قىزىلياقۇت كوماندىسىنىڭ توپچىلىرىدىن يەھيا بىلەن دىلمۇرات ،خىنەن كوماندىسىنىڭ سول بىكى ،ئابدىۋەلى قاتارلىقلاربار ، سەپ شەكلى رەتلىك .
يەنە بىر ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى شىنجاڭ گۇاڭخى كوماندىسى بۇ كوماندا بارىنى تەكلىپ قىلدى ، بارى بۇ كوماندىنىڭ 7-نومۇرىنىى كىيىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا چىڭدۇداتوپ تەپكەن ئەراپاتمۇ بۇ كوماندىدا ئۇ نىڭدىن باشقا ئالدىنقى قىتىم 5-باشلانغۇچتا ئوينىغان مۇسابىقىمىزدا يۈسۈپ ئىمىن ئاكىمىزغىلا پاس چىقىرىپ بەرگەن ،مەن شالۋاقلىرىم ئىقىپ كەتكۈچە 11ئادەم كوماندىسىدىكىلەرگە ماختاپ بەرگەن دىلشاتمۇ مۇشۇ كوماندىدا .
شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى كوماندىسى بولسا ئالدىنقى قىتىم ئالى مەكتەپلەربىرلەشمىسىدە مەغلۇپ بولۇپ كەتكەندىن ، بۇ قىتىم خىلى كۈچىدى ، ئۇلار بۇ قىتىم ئالدىنقى يىلى ب دەرىجىلىك بىرلەشمىگە قاتناشقان شىنقاڭكوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدانى نىزامىدىننى ، ھوجۇمنىڭ چىكىتى دەپ ئاتالغان ئەسقەرنى ۋە جوڭگو دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئاسىيا لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنلىقىغا ئېرىشكەن تۇرسۇنجان قاتارلىقلاربار .
شىنجاڭ مەشرەپ كوماندسىسىدا بولسا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ كونا كاپىتانى پەرھات ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى شۆھرەت ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ قىتىم 5-باشلانغۇچنى ۋىيفاڭ لوڭقىىسدا ئۇزغۇن قىلىشقا تۆھپىسىنى قوشقان مەشقاۋۇل ئەلىجان ، 5يىل ئالدىدىكى شىنجاڭ كوماندسىىسدا سۈرئىتى بىلەن داڭىق چىقارغان قازاق كىراي قاتارلىقلار بار .
ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئىيتشقا تىگىشلىكى قارىماي ئەزكا كوماندىسى ،ئەزكا غۇ بىزنىڭ 11ئادەم كوماندىمىزنىڭ يېرىم ساھىپىخان مەيدانى ، مۇشۇنداق ماختاپ بەرسەكمۇ ياكى باھانى ئەرزان قىلىپ بەرمەيدۇ (چاقچاق ) .مەن راستىمنى ئىيتسام ئۇلارنىڭ تولۇق بىرەر مەيدان مۇسابىقسىىنى كۆرۈپ باقمىغان ،لىكىن ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ كوماندا قارىماي ۋە قەشقەردىكى ياخشى ئوينايدىغان بالىلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ پاسلىشىچانلىقى بەك ياخشىكەن ، بەلكىم بۇ قىتىملىق مۇسابىقىدا ھەممىنى ھەيران قالدۇرىشى مۇمكىن .
ئاتۇش كوماندىسدا بولسا گۇاڭجۇ خىڭدا كوماندىسىدا توپ تىپىۋاتقان شەۋكەت بىلەن ئالىي مەكتەپلەر بىرلەشمىسىدە ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان ئالىمجان بار ، بولۇپمۇ ئالىمجاننىڭ توپ ئوينىشىنى بەك ئاڭلاپ كەتتتۇق ،لىكىن كۆرۈپ باقمىدۇق ، بۇ بىر قىتىملىق ياخشى پۇرسەت .
كورلا كوماندىسى توغىرىسىدا مەندە ئازراقمۇچۈشەنچە يوقكەن ، كەچۈرۈڭلار .
مەنبە :
شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمىيىتى لوڭقىسى توغىرىسىدا
http://11adam.cn/forum.php?mod=v ... =5344&fromuid=1
|
|