- تىزىملاتقان
- 2012-10-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 995
- نادىر
- 2
- يازما
- 995
|
يېڭى پەسىل يىتىپ كېلىش ئالدىدا ، پەسىل ئالدىدىكى سىناقلار ئاخىرلاشتى ، ئەمدىكىسى رەسمىي جەڭ . ئەنچېلوتتى بېرنابۇدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئاساسلىق سەپ شەكلىنى بىكىتىپ بولدى . خانلىق بېتىس ئۇلارنىڭ يېڭى پەسىلدىكى تۇنجى رەقىبى .

دەپلەپكى مۇھىم مەزگىلدە ، ئەنچېلوتتى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى خالىمىدى ، ئۇ يەنىلا ئەڭ كۈچلۈك سەپ شەكلى بىلەن يېڭى پەسىلنى باشلىماقچى . ھازىر بۇ 11 ئىسىم ھەممىگە ئايان بولدى : كاسىللاس ، كارۋاخال ، پې پې ، راموس ، مارسېلو ، كاسېمىرو ، مودرىچ ، ئۆزىل ، ئىسكو ، كرىستىئانو رونالدو ، بېنزىما .
بۇلار ئەنچېلوتتىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدىكى ئاساسلىق ئەزالار ، بۇلار بېرنابۇدىكى تۇنجىمە مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرىشى لازىم . ئەنچېلوتتى چىرايلىق پۇتبول ۋە قىززىغان مۇسابىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ ، بۇمۇ مادرىد توپ مەستانىلىرىنىڭ ئارزۇسى .
قاپقا ئالدىدا تۇرىدىغىنى يەنىلا ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئىگېسى . 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن تارتىپ ، كاسىللاس سانتىياگو بېرنابۇ توپ مەيدانىنىڭ قاپقىسىنى بىقىپ باقمىدى . بۇ ھەپتە ئەنچېلوتتى ئۇنى ئەسلى ئورنىغا قايتۇرۇپ كېلىدۇ . گەرچە دىئېگو لوپېزنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولسىمۇ ، كاسىللاس يەنىلا ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇپ ، تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە ئاساسلىق ۋاراتار بولۇپ مەيدانغا چىقىدۇ .
كارۋاخال پەسىل ئالدىدىكى بەدەن قىززىتىش مۇسابىقىسىدە توپ مەستانىلىرى ھەم ئەنچېلوتتىنى قايىل قىلدى ، ئۇ ھۇجۇم تەرەپتە كۆپ تۆھپە قوشقاندىن سىرت ، مۇدەپىيەنىمۇ ئاقسىتىپ قويمىدى ، تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە ئەنچېلوتتى ئۇنىڭغا بەكرەك ئىشىنىشنى قارار قىلدى .
كاسېمىرو بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە ئىپادىسى ياخشى بولغان يەنە بىر توپچى ، بۇ برازىلىيەلىك ياش ماھىر ئامېرىكىدىكى مۇسابىقىلەردە ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى ئارقىلىق ھەممىنى قايىل قىلدى . ئۇنىڭ بۇ ئىپادىلىرى ئارقىلىق ھېدرانى زاپاس ئەزا ئورۇندىقىغا چىقىرىۋىتىپ ئاساسلىق ئەزالار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى .
ئۆزىل بىلەن ئىسكو ، ئوتتۇرا مەيداندىكى سېھرىگەرلەر ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئەزا بولۇشى ھەيران قارارلىق ئەمەس . ھۇجۇمچى تەرەپتە ، ھىگۇائىن كوماندىدىن يۆتكەلگەندىن كېيىن ، بېنزىما ھۇجۇم جەھەتتە ئاساسلىق تاللاش ئوبىكىتى بولۇپ قالدى ، موراتا بىلەن خېسې يەنىلا ئۇنىڭ زاپاس ئەزاسى .
مەنبە : «ماركا گېزىتى» |
|