بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jasur007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-12 12:04
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن !
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
يېڭى مۇسابىقە پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ ھەر قايسى جايلاردا ئۆتكەن پەسىللىك مۇسابىقىلەرنىڭ ئاخىرقى ھېساۋاتى بوغۇلماقتا ، مۇشۇ مۇسابىقىلەر جۈملىسىدىن شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى كەچتە 2013 - يىللىق تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى ، ئالدىنقى پەسىللىك تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى گالاتا ساراي كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا ئالدىنقى پەسىللىك تۈركىيە لوڭقىسى چىمپىيۇنى فەنەر باغچە كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، بۇ ئىككى كوماندا تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى تالاشتى ، 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىمۇ يېڭىش يېڭىلىش بىلىنمىگەچكە مۇسابىقە ئۇزارتىلغان ۋاقىتقا قەدەم قويدى، مۇسابىقىنىڭ 99-مىنۇتىدا قېرىمايدىغان دىۋە دىروگبانىڭ كاللا توپ ئۇرۇشى بىلەن گالاتا ساراي ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى ، ھەمدە ئاخىرغىچە شۇ نەتىجىنى ساقلاپ قېلىپ بۇ مۇسابىقىدە چىمپىيۇن بولدى .
بۇ ئىككى كۇلۇبنىڭ مۇسابىقىسىدە ئەزەلدىن سېرىق-قىزىل كارتىلار كام بولغان ئەمەس ، شۇنىڭدەك بۇ قېتىمقى مۇسابىقىمۇ باشتىن ئاخىرى جىددىي ھالەتتە ئېلىپ بېرىلدى ، گالاتا ساراي تەرەپ ئالتە سېرىق كارتىغا ، فەنەر باغچە تۆت سېرىق ، بىر قىزىل كارتىغا ئېرىشتى . دىروگبا مۇشۇنىڭ بىلەن 10 قېتىم ھەر تۈرلۈك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 10 توپ ئۇرۇپ 10 لوڭقىغا ئېرىشتى
مۇسابىقە سۈرەتلىرى
مۇسابىقە فىلىمى
|