- تىزىملاتقان
- 2013-8-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بانكا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-12 10:05
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم پۇتبولچى مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزىز قېرىنداشلار. روزا ھېيتىڭلار ياخشى ئۆتىۋاتامدۇ؟ نەخ گەپكە كەلسەم ئالدىنقى ئايدا ۋىلايىتىمىزدىكى پۇتبولچىلار ئاساسەن دېگۈدەك ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئارام ئالدۇق، خوتەن بىرلەشمىسى ۋە باشقا ھەرقايسى دوستلۇق مۇسابىقىلەرمۇ ئېلىپ بېرىلمىدى. مانا ھېيتتىن كېيىن يەنە قايتىدىن بۇ ئىشلارنىڭ جانلىنىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەلۋەتتە يېقىندىن بۇيان بىزمۇ قاتتىق تىرىشىش ئارقىلىق ناھىيىمىزدىكى پۇتبولچى تورى كوماندىسىنى قايتا رەتلەپ تەرتىپكە سالدۇق. ھازىر تەتىل مەزگىلى بولغاچقا ئەزالىرىمىزمۇ تولۇق ھەم ناھايىتى جۇشقۇن ھالەتتە تۇرىۋاتىدۇ. چىرا پۇتبولچى تورى كوماندىسى ھېيتتىن كېيىنكى مەشىقنى باشلاش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە بىز ئەزالىرىمىز تولۇق بولغان پەيتتە مەشىق قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ھەرقايسى يۇرتتىكى پۇتبولچى ئەزىمەتلەرنى ناھىيەمىزگە تەكلىپ قىلىپ بىر نەچچە مەيدان تەكلىپلىك دوستلۇق مۇسابىقىسى ئويناشنى قارار قىلدۇق. ۋاقىت خېلى يىتەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن بىز ۋىلايەت تەۋەسىدىن تۆت كوماندا تەكلىپ قىلىپ ھەر ھەپتە ئاخىرىدا ئايلانما مۇسابىقە (دوستلۇق مۇسابىقىسى) ئېلىپ بارماقچى. ئەگەر كىلىشكە ئىمكانىيەت، شارائىت بار كوماندىلار مۇشۇ تېمىغا ئالاقىلىشىش ئادرىسىنى قالدۇرساڭلار، مۇنبەردىكى ئەزالار كېلەلەيدىغان كوماندىلارغا ئۇقتۇرۇپ قويساڭلار، ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئاساسىدا مۇسابىقە ئېلىپ بارساق. بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقانلارغا ئالاھىدە مۇكاپاتىمىزمۇ يوق، پەقەت نەتىجىسى ياخشى بولغان كوماندىلارغا نىسبەتەن پۇتبولچى مۇنبىرىدە شۇ كوماندىنىڭ ھەممە ئىش-ئىزلىرى قاتتىق تەشۋىق قىلىنىدۇ، ھەمدە شۇ كوماندىنىڭ كوماندا بەلگىسىنى مۇنبەر مىدال ئامبىرىغا كىرگۈزۈپ مۇنبىرىمىزدىكى شۇ كوماندىنىڭ ئەزالىرى ۋە شۇ كوماندىنىڭ مەستانىلىرىگە تاقاپ قويۇلىدۇ. ئۇنىڭاىن باشقا مۇسابىقىگە كەلگەن ھەرقايسى كوماندىلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ، بۇندىن كېيىنكى ئىشلاردا ئۆز-ئارا قوللاشنى كۈچەيتىمىز.
ھازىرغىچە بىز بىلەن ئالاقە قىلىپ مۇسابىقە ئويناشقا پۈتۈشكەن كوماندىلاردىن خوتەن كۆك بۆرە كوماندىسى ۋە خوتەن پۇتبول بىرلەشمىسىگە قاتنىشىۋاتقان putbol.cn كوماندىسى قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇ ئىككى كوماندىنى يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە تەكلىپ قىلىمىز.
قېنى ئەمىسە ئەزىمەتلەر خوتەن پۇتبولچىلىقى سۇسلاپ قالمىسۇن، ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى، غەيرەت قىلايلى.... ھۇررا ................................
مەنبە ؛
http://www.putbolqi.com/forum.php
پوتپولغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن يەنى باشقا يۇتتىكى پوتپول خۇمار قىرىنداشلىرىمنى كوزدە تۇتۇپ بۇنى كوچۇرۇپ يولىدىم ئەپۇ قىلىڭلا ، مۇشۇ ناھيەگە يىقىن ئەتراپتىكى دوسلارنىڭ بىرىپ بىلە ئوينىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن ، ئەر قەيسى جايلاردا پوتپولنىڭ قىزغىنلىقى سۇزلاشماسلىقىنى ئۇمۇت قىلىمە |
|