- تىزىملاتقان
- 2011-9-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4244
- نادىر
- 5
- يازما
- 4244
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سېرىق ھەرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-11 09:16
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
ئاگسۇنبۇرگ 0 - 4 دورتمۇند
2013-2014-يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسى 8 - ئاينىڭ 10 - چىسلا رەسمى باشلاندى ... سېرىق ھەرە قوشۇنى - دورتمۇند كوماندىسى بىرىنجى ئايلانما مۇسابىقىنى مىھمان مەيداندا ئاگسۇنبۇرگ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ...
مۇسابىقە باشلىنىپ دورتمۇند كوماندىسى مىھمان مەيدان بولسىمۇ ئىپادىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ مەيداننى كونتۇرۇل قىلىپ ئوينىدى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 24 مىنۇت بولغاندا بۇ يىل يىڭى يۆتكىلىپ كەلگەن ئابامىياڭ بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 0 - 1 قىلدى ، كىيىنكى مىنۇتلاردا ئاگسۇنبۇرگ كوماندىسى كۈچەپ ئوينىدى ، ئالدىنقى مەيدان 0 - 1 ئاياغلاشتى ...
كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ دورتمۇند كوماندىسى يەنىلا ئۈستىنلىكنى ئىگەللەپ مۇسابىقە ئوينىدى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 66 مىنۇت بولغاندا رىئۇس پاس چىقىرى يەنە شۇ ئابامىياڭ يەنە بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 0 - 2 قىلدى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 78 مىنۇت بولغاندا يەنە شۇ ئابامىياڭ بىر توپ ئۇرۇپ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە قالپاق كەيدى ، نەتىجە 0 - 3 بولدى ، 85 مىنۇت بولغاندا دورتمۇند كوماندىسى نوقتا توپقا ئىرىشىپ بۇ توپنى لەيۋەندوۋىسكى ئۇرۇپ نەتىجىنى 0 - 4 قىلدى ...
كىيىنكى مىنۇتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي دورتمۇند كوماندىسى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە 4 - 0 غەلبە قىلىپ ، تۇنجى قەدەمنى ئوڭۇشلۇق باستى ... داۋاملىق مۇشۇ پىتى ھۇررا سېرىق ھەرە قوشۇنى - دورتمۇند كوماندىسى ...بۇ مەيدان مۇسابىقىنى دورتمۇند كوماندىسىنىڭ رەئىسى شۇنداقلا گىرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نەق مەيدانغا كىلىپ كۆردى ...
بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى بىر قىزىق نوقتا بولسا تۈركىيەلىك داڭلىق چولپان خەلىل.ئالتۇن توپ ئاگسۇنبۇرگ كوماندىسى توپچىسى سالاھىتىدە 7 - نۇمۇرلۇق كىيىمىنى كىيىپ مۇسابىقە ئوينىدى ...
لىۋىرىكسۇن 3 - 1 فىرۇنبۇرگ
لىۋىرىكسۇن كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى فىرۇنبۇرگ كوماندىسى بىلەن ئوينىدى ، لىۋىرىكسۇن كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا ئىپادىسىنى ياخشى جارى قىلدۇردى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 22 مىنۇت بولغاندا جىسىلىڭ بىر توپ ئۇردى ، 40 مىنۇت بولغاندا فىرۇنبۇرگ كوماندىسى نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ، ئالدىنقى مەيدان ئاياغلاشتى ...
كىيىنكى مەيدان لىۋىرىكسۇن كوماندىسى ياخشى ئويناپ 47 مىنۇت بولغاندا يىڭى يۆتكىلىپ كەلگەن كۆرىيەلىك چولپان سون بىر توپ ، 53 مىنۇت بولغاندا سام بىر توپ ئۇرۇپ لىۋىرىكسۇن ئۆزمەيدانىدا 3 - 1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى ...
بىرلىن ھېرتا 6 - 1 فىرانكفۇرت
بۇ يىل دەرىجە ئۆرلەپ چىققان بىرلىن ھېرتا كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا فىرانكفۇرت كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، بىر پەسىل ب دەرىجىدە چىنىقىپ ب دەرىجىنىڭ چىمپىيۇنى بولۇپ چىققان بىرلىن ھېرتا كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا فىرانكفۇرت كوماندىسنى قىرغىن قىلدى ، بىرلىن ھېرتا كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ياخشى بولدى ، نەتىجىدە بىرلىن ھېرتا ئۆزمەيدانىدا 6 - 1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى ...
ھانۋېر96 2 - 0 ۋولسۇنبۇرگ
ھانۋېر96 كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا كۈچلۈك ۋولسۇنبۇرگ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، نەتىجىدە 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدىن كىيىن ھانۋېر96 كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا 2 - 0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى ... ۋولسۇنبۇرگ كوماندىسىدىن 2 ئەزا قىزىل كارتا يىدى ...
خوفىنھام 2 - 2 نىرۇنبۇرگ
خوفىنھام كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا نىرۇنبۇرگ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، نەتىجىدە ئاۋال ئىككى توپ ئۇرغان خوفىنھام كوماندىسى كىيىنكى مەيدان ئىككى توپ يەپ تەڭلىشىپ قالدى ... ھەر ئىككىلى كوماندىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى ...
|
|