- تىزىملاتقان
- 2013-3-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 105
- نادىر
- 0
- يازما
- 105
|
مورىنىئو يەنىلا شۇ مورىنىئو، بۇ پورتىگالىيەلىك مەشقاۋۇل تالاش-تارتىش قوزغاشقا، ھەممىلا جايدا ئاساسلىق بولۇشقا ئامراق. نەچچە كۈن ئالدىدا ئۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسېسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا كىرىستىيانو رونالدونى قاتتىق مەسخىرە قىلغان، ھەمدە «خان مادرىدنىڭ سىياسەتۋازىلىقى بەك كۈچلۈك» دېگەن. بۇ گەپلەر يەنە بىر قېتىم قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغان بولۇپ، كىرىستىيانو رونالدومۇ بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرغان.
مورىنىئو زىيارەت جەريانىدا:« 2000-يىلى مەن بىرىنچى قېتىم مەشقاۋۇللۇق ئورنىغا چىقتىم، ئۇنىڭدىن بۇرۇن مەن پەقەت چوڭ كۇلۇبلارنىڭ ياردەمچى مەشقاۋۇلى بولۇپ، ئۇلۇغ مەشقاۋۇللار بىلەن بىللە ئۇلۇغ توپچىلارنى يىتەكلەپ باققان. مەن رونالدوغا مەشقاۋۇل بولغان، ھازىرقى ئەمەس بۇرۇنقى رونالدو، ھەقىقىي رونالدو، بىرازىلىيەلىك رونالدو. مەن يەنە رىۋالدو، فىگو، گۇئاردىئولا قاتارلىق ئۇلۇغ توپچىلارغا مەشقاۋۇل بولغان» دېگەن.
مورىنىئو بىلەن كىرىستىيانو رونالدونىڭ مۇناسىۋىتى بەزىدە ياخشى بەزىدە ناچار بولۇپ، ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئىككى كىشى ئېغىز جېڭى قىلىشقا باشلىغان، يەنى مورىنىئو كىرىستىيانو رونالدونى يالغان يېقىلىشقا ئامراق دېسە، كىرىستىيانو رونالدو مورىنىئونى قىلىدىغان ئىشى بولمىسىلا چاتاق تېرىشقا ئامراق دەيتتى. مورىنىئو يەنە كىرىستىيانو رونالدونى تەربىيە كۆرمىگەن دەپ، ئۇنىڭ كىچىك ۋاقتىدا ياخشى تەربىيەگە ئېگە بولالمىغانلىقىنى سۆرەپ چىقاتتى. مورىنىئو خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا مەشقاۋۇل بولغاندىن كېيىن ئۇ كىرىستىيانو رونالدو بىلەن ناھايىتى تېزلا ياخشى بولۇپ قالغان. ئىككىسى كۆپ قېتىم بىر-بىرىنى ماختىغان، يەنى كىرىستىيانو رونالدو مورىنىئونى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ تېرىنىر دېسە، مورىنىئو كىرىستىيانو رونالدونى ماختاپ ئۇنى مېسسىدىن كۈچلۈك دەيتتى. ھەمدە «ئالتۇن توپنى كىرىستىيانو رونالدوغا بەرمىگەنلىك بىر جىنايەت» دېگەن. بىراق ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۆلەكلىرىدىن باشلاپ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى يامانلىشىشقا باشلىدى، يەنى كىرىستىيانو رونالدو كوماندىدىكى ئىسپانىيەلىك توپچىلار بىلەن بىر تەرەپ بولۇپ مورىنىئونىڭ كوماندىدىن كېتىشى توغرىسىدا ھەرخىل گەپ- سۆزلەرنى قىلدى.
مورىنىئونىڭ بۇ قېتىمقى گېپىگە قارىتا كىرىستىيانو رونالدو:« ھاياتىمىزدا بەزى ئىشلار بىزنىڭ باھا بىرىشىمىزگە ئەرزىمەيدۇ، شۇڭا مەن بۇلارنى باھالاپ ئولتۇرمايمەن. چۈنكى مەن بۇرۇندىن تارتىپ مېنى يىتەكلىگەن مەشقاۋۇللارنى بەك ھۆرمەت قىلىمەن، ئۇلاردىن ئۆگىنىمەن. مەن ئاللىبۇرۇن باشقىلارنىڭ مېنى مەسخىرە قىلىشىغا كۆنۈپ كەتتىم، مەن ئۆزۈمنىڭ قاچىسىغا تۈكۈرمەيمەن» دېگەن. كىرىستىيانو رونالدو بىلەن مورىنىئونىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى يامانلاشتى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئورتاق ۋاستىچىسى مېندېسمۇ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئامال قىلالمىدى.
مورىنىئو يەنە خان مادرىدقىمۇ نارازىلىقىنى بىلدۈردى ئۇ:« خان مادرىد ناھايىتى ئالاھىدە، خان مادرىد چېلسى ئەمەس. خان مادرىد سىياسەتنى بەكرەك يۈرگۈزىدۇ، پۇتبولغا، تەنتەربىيەگە ئۇنداق ئەمەس. ئىككىنچى يىلى بىز چېمپىيون بولدۇق، بىز ئىسپانىيە تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس كوماندا بولۇپ، بىرلەشمىدە 100 نومۇر ئالدۇق، 126 توپ كىرگۈزدۇق. ئۈچىنچى يىلى بىز چوڭ سايلامغا دۇچ كەلدۇق. بىز پەقەت ئوتتۇرىدا قىسىلىپ قالدۇق، بۇ نورمال ئەمەس. پەقەت خان مادرىدنىڭ ئىچكى قاتلىمىدىكىلەرلا بۇنى چۈشىنىدۇ» دېگەن.
مۇسابىقە مەيدانىدا ئۇلار يەنە ئۇچرىشىپ قالدى، ياۋروپادىكى ئىككى چوڭ كۇلۇب ئۈستىدە توختالغاندا مورىنىئو كۈلۈپ تۇرۇپ :« ئەگەر مەن بولمىغان بولسام، خان مادرىد ئامېرىكىغا كېلىپ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان بولاتتى. خان مادرىد ھازىر ئامېرىكىدا مەشىق قىلىۋاتىدۇ، ھەم بۇ مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، ئەمما بۇنىڭ ھەممىسىنى مەن بۇرۇن تەشكىللىگەن» دېگەن. مورىنىئو خان مادرىدتىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا خان مادرىد ئۈستىدە توختۇلۇپ بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم خان مادرىد توغرىسىدا سۆزلىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ئىككى ئايدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇ يەنە خان مادرىدنى سۆرەپ چىقتى، قارىغاندا بۇ پورتىگالىيەلىك مەشقاۋۇلنىڭ خاراكتېرى ھەقىقەتەن ئۆزگەرمەيدىغان ئوخشايدۇ.
ئىگىلىنىشىچە مورىنىئونىڭ بۇ گەپ سۆزلىرى خان مادرىد يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنى ناھايىتى بىئارام قىلغان ھەمدە خان مادرىدنىڭ نۇرغۇن پىلانلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋەتكەن بولۇپ، خان مادرىد باشلىقلىرى كۆپچىلىكنى نەزىرىنى ھازىرقى يېڭى مەشقاۋۇل باشچىلىقىدىكى خان مادرىدقا قارىتىشىنى ئۈمىد قىلغان. ھەمدە مورىنىئوغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.
|
|