- تىزىملاتقان
- 2011-9-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4255
- نادىر
- 5
- يازما
- 4255
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
ئارسىنال كوماندىسى يەنە بىر توپچىدىن قۇرۇق قالدى ، ئالدىنقى كۈنلىرى ئارسىنال داڭلىق ھۇجۇمچى ھىگۇايىننى يۆتكەپ كىلىشكە بەك كۈچىگەن ئىدى ، ھەتتا بەزى تاراتقۇلار ھىگۇايىننى لوندونغا كىلىپ بولدى دەپمۇ خەۋەر بەرگەن ئىدى ، لىكىن يىقىندا ھىگۇايىن ناپولى كوماندىسى يۆتكىلىپ كەتتى ...
يەنە يىقىندا ئارسىنال كوماندىسى بىرازىلىيەلىك ياش چولپان بىرناردغا بەك قىزىققان بولۇپ بۇ تالانتلىق ياش چولپاننى كوماندىغا يۆتكەشكە تەييارلانغان ئىدى ، بۇ توپچىنىمۇ تاراتقۇلار ئارسىنال بىلەن بىرلىككە كىلىپ بولدى ، ئارسىنال بۇ توپچىغا 5 يىللىق توختام بىلەن يىللىق مۇئاشىنى 3 مىلىيۇن تەييارلاپ قويدى دەپ خەۋەر تارقاتقان ئىدى ...
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ توپچىمۇ بۆلەك كوماندىغا يۆتكىلىپ كەتتى ، 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئوكرانىيە زەردارى دونسىك كان ئىشچىللىرى كوماندىسى ئۆز توربىتىدە ئىلان قىلىپ 5 يىللىق توختام ۋە 25 مىلىيۇن ياۋرو بىلەن بۇ توپچىنى قىتىۋالغانلىقىنى جاكارلىدى ...
بىرنارد بىرازىلىيە بىرلەشمىسىدە سۈرىتىنىڭ تىزلىكى ۋە چەپدەسلىكى بىلەن تىزلا كۆزگە كۆرۈنگەن ، 62 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ پاس چىقىرىش بىلەن بىرگە 12 توپ ئۇرغان ...
بۇ پەسىل ھەر قايسى بىرلەشمىدىكى كۈچلۈك كوماندىلار ئۆز كوماندىسىنى تىخىمۇ كۈچلەندۈرش ئۈچۈن يىڭى چولپانلارنى كوماندىغا قىتىۋالدى ... بۇنىڭ بىلەن يىڭى پەسىللىك مۇسابىقىدە ھۇجۇم سىپى كۈچلۈك بولدىغان كوماندىلار تۆۋەندىكىچە :
1 - ئورۇندا تۇرغىنى بارسىلونا كوماندىسى، بارسىلونا كوماندىسىغا نىمار قىتىلغاندىن كىيىن بارسىلونانىڭ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم سىپى تىخىمۇ كۈچلەنگەن ، مىسسى بىلەن نىمارنىڭ ئالدىنقى پەسىل ئۇرغان توپىنى قوشقاندا 60 توپ بولۇپ بىرىنجى ئورندا تۇرغان ...
2 - ئۇرۇندا تۇرغىنى ياۋروپادىكى باي كوماندا پارىژ كوماندىسى ، 3 -ئورۇندا مادىرىد ، 4 - ئورۇنغا دورتمۇند كوماندىسى تىزىلغان ...
1. بارسىلونا ( مىسسى + نىمار ) 60توپ
2 . پارىژ سانت گىرمان ( ئىبىراھىموۋىچ + كاۋانى ) 59 توپ
3 . مادىرىد ( رونالدو + بىنزىما ) 45 توپ
4 . دورتمۇند ( لەيۋەندوۋىسكى + ئابامىياڭ ) 43 توپ
5 . مانچىستىر بىرلەشمىسى ( روننى + ۋان پىرىس ) 38 توپ
6 . موناگو ( رودىلىگىس + فاركاۋ ) 38 توپ
7 . مانچىستىر شەھىرى 37 توپ
8 . توتىنھام رىس 35 توپ
9 . ناپولى 32 توپ
10 . بەيرىن 28 توپ
ئالدىنقى پەسىل دەرىجىسى چۈشۈپ كەتكەن ئايال پادىشاھ كوماندىسى ئۆز توربىتىدە ئىلان قىلىپ كورىيەلىك چولپان پارىكنى گوللاندىيە ئىيىنخوۋىن كوماندىسىغا ئىجارە بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى . بۇنىڭ بىلەن ئايال پادىشاھ كوماندىسى دەرىجىسى چۈشۈپ كەتكەندىن كىيىن كۈچلۈك ئەزالىرىنى بۆلەك كوماندىلارغا ئىجارىگە بىرىۋەتتى ...
3 ئادەم سۇغا چۈشۈپ كەتتى ، سىز پەقەت بىر ئادەمنىلا قۇتقۇزالايسىز ؟ ئۇنداقتا سىز كىمنى قۇتقۇزىسىز ؟ ...
|
|