- تىزىملاتقان
- 2012-1-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 964
- نادىر
- 2
- يازما
- 964
|
بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى روسېل : ‹‹ 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە يەنە بىر توپچى سېتىۋالىمىز ! ›› دىگەن ئىدى . لېكىن ‹‹ كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى ›› نىڭ بۈگۈنكى باش بەتلىك خەۋىرىدە : ‹‹ بارسىلونا بۇ يازدا ھېچقانداق بىر مۇداپىيىچى سېتىۋالماسلىقى مۆمكىن ! پەقەت پۇيولنىڭ يارىسىنىڭ ساقىيىشىنى كۈتۈۋاتىدۇ ! ›› دەپ بېسىلدى .
بۇ يىل يازدا بارسىلونا دىياگو.سېلۋاغا ئېرىشىشنى ئويلىغانىدى ، بىراق سېلۋا پارىژ سېنت-ژېرمان بىلەن توختام ئۇزارتتى . ھازىرقى نىشان بولسا چېلسىدىكى داۋېد . لوئىس بىلەن لىۋېرپولدىكى ئاگېر . لېكىن بۇ ئىككىلىسى بارسىلونانىڭ شەرتىگە تامامەن توشمايدۇ .
داۋېد . لوئېسنىڭ ئىقتىدارىغا گەپ كەتمەيدۇ ، لېكىن چېلسى ئۇنى سېتىۋېتىشنى خالىمايدۇ . شۇڭا ئۇنىڭ باھاسى 50 مىليوندىنمۇ ئېشىپ كەتتى . بارسىلونا كۇلۇبى پۇتبول ئىشلىرى باشقۇرغۇچىسى سانېخنى لوندۇنغا لوئېسنىڭ يۆتكۈلۈش ئىشى توغرىسىدا سۆزلىشىشكە ئەۋەتتى . لېكىن سانېخنىڭ چېلسىنى باھا چۈشۈرۈشكە قايىل قىلىش نىسبىتى تۆۋەنرەك . ئاگېر لوئېسقا قارىغاندا جىق ئەرزان ، لېكىن ئاگېرنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك يارىلىنىش كېسەللىك تارىخى بار ، موھىمى بارسىلونانىڭ سەپ قۇرۇلمىسىغا چۈشۈش چۈشمەسلىكى بىر مەسىلە .
‹‹ كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى ›› نىڭ دىيىشىچە : ‹‹ ئەگەر بارسىلونا بۇ ئىككى مۇداپىيىچىنى ئېلىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ، ئاخىرىدا ھېچكىمنى ئالماسلىقى مۆمكىن ، شۇنداقلا پۇتۇن ئۈمىدنى پۇيولنىڭ يارىسىنىڭ ساقىيىشىغا باغلىشى مۆمكىن ! ›› دەپ كۆرسەتكەن . ‹‹ دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى ›› نىڭ دىيىشىچە ، پۇيول 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا ساقىيىپ كوماندىغا قايتىپ كەلسە ، پۇيول ، پېكى ۋە ماسچېرانو مۇداپىيە سېپىدىكى ئاساسى ئايلانما ئەزالار بولىدىكەن . لېكىن پۇيول يېقىندا : ‹‹ يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە يەنە ئېغىر يارىلانسام ، پۇتبول ساھەسىدىن چېكىنىشنى ئويلىشىمەن ! ›› دىگەنىدى ، بۇ بارسىلوناغا تېخىمۇ بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ .
بارسىلونا مۇداپىيىچى ئالمايلا قالماي ، بارتېلادىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشى مۆمكىن . ‹‹ كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى ›› نىڭ ئاشكارلىشىچە ، ۋېللارىئال بۇ يازدا بارتېلانى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ . ئالدىنقى پەسىلدە ، پۇيول ، پېكى ۋە ماسچېرانولارنىڭ نۆۋەتلىشىپ يارىلاندى ، مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ بېلانوۋا بارتېلاغا پۇرسەت بەرمىدى . بارتېلانىڭ توختامى كېلەر يىلى يازدا توشىدۇ ، ئۇ تېخى توختام ئۇزارتمىدى . ئۇنىڭ كامپ نودىكى كەلگۈسى تېخى ئېنىق ئەمەس .
|
|