پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1727|ئىنكاس: 36

چېگىش ھىسيات ، شان-شەرەپ ، مەستانىلەر قەلبى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىس-تۇتتەكسىز جە

22

تېما

28

دوست

1437

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9347
يازمىسى: 1437
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 263
تۆھپە: 9
ۋاقتى: 428
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 23:34:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-8 12:03  


ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ! مۇنبەردىكى بارلىق قېرىداشلار روزا ھىيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !
تۇرمۇشنىڭ ۋە تىرىكچىلىكنىڭ تۈرلۈك ئېھتىياجلىرى ئنسانىيەت ئالىمىدە ياشاۋاتقان تالاي ئارزۇ-ئارمان ئىگىلىرىنى ئۆزى مېڭىشنى خالىمايدىغان بىر يولغا سالىدۇ-دە،بۈيۈك ئارزۇلارنىڭ ئىگسى بولغان شۇ كىشىلەر تۇرمۇشنىڭ غېمىدە بىر ئۆمۈر تىپىرلاپ ھايات مۇساپىسىنى ھەقىقى ئنسانلىق سالاھىيتى،مېھرمۇھەببىتى بىلەن داۋاملاشتۇردۇ.بۇ جەرياندا ئىنسان تالاي جەۋىر-جاپالارغا،قېيىنچىلىقلارغا،ھاياتنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن قسمەتلىرىغا دۇچار بولۇشى،ھەتتا مېھر-مۇھەببەتىنمۇ ئايرىلىپ قىلىشى مۇمكىن. لېكىن ئۆزنىڭ ھاياتىنى ئنسانىيەت بەختى ئۈچۈن سەرپ قىلغان كىشلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ قىسمەتلەر ئۇنىڭ ھايات خاتىرسىنىڭ بىر بېتى،ئۆچمەس ئىزناسى بولۇپ قىلىشى بىر ھەقىقەت ، بەزىدە ئىنسان يوقۇتۇش بەدىلىگە كۈتمىگەن خۇشاللىققا ئىرشىپمۇ قالىدىكەن ، چىرايلىق چېچەكتىن ئايرىلىپ قالغىنىمىز بىلەن تاتلىق مېۋىسىگە ئېرىشىدىكەنمىز . مانا بۇ تۇرمۇشتىكى قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ، پۇتبول دۇيناسىدىمۇ بۇنداق ئىشلار تالاي يۇز بىرىپ تۇردۇ ، ئۇزىنى تەربىيلىگەن كوماندىسىغا قارشى جەڭگە چۇشىدىغان پۇتبولچىلارمۇ ، ئۇزى تەربىيلىگەن باتۇرلىرىغا قارشى جەڭ قىلىدىغان ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس ، ئەمما بۇ مۇناپىقانە ئاسىيلىق ئەمەس. بۇ ئاسىيلىق ئەسلى ماھىيەتلىك بۈيۈك ئەنئەنىنى ئىنسان تۇرمۇشىنىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلاندۇرىدىغان ئاسىيلىق. بۇ ئاسىيلىق ئىنساننىڭ مەۋجۇدلۇق قەدەملىرىنىڭ ئەڭ تۇغرا يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئاسىيلىق. بۇ ئاسىيلىق ئۆزىنى تاۋار قىلىپ، چىرىپ كەتكەن نىمجان تېنىنى سۆرەپ ھېچقانداق قىممەتسىز ۋە ئۈنۈمسىز تىمىسقىلاپ يۈرگەن چۈشكۈن ، روھىنى تاۋلايدىغان ئاسىيلىق ، كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىق شۇكى،   ئىنساننىڭ ئاسىيلىقى ئىككى ياقلىمىلىق خاراكتىرگە ئىگە. سېنىڭ ۋارىسانە ئاسىيلىقىڭ ھىدايەتكە ۋە بەخىتكە باشلايدۇ. مۇناپىقانە ئاسىيلىقىڭ سېنى ھالاكەت جىلغىسىغا ئاپىرىپ تاشلايدۇ. دېمەك، ئىنسان تىرىشىپ تىرمىشىپ، ئەقلىنى ئىشلىتىپ، مىڭ –مىڭ بەدەل تۆلەپ بەخىتكە ئىنتىلىپ ئۇزىنىڭ چىقىش يولىنى ئىزدەيدۇ ، پۇتبول دۇنياسىدىكى ئۇزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئەنە شۇنداق جەۋىر -جاپا تىل-ئاھانەتتىن مۇستەسنا ئەمەس . بەزى توپچىلار پۇل ئۈچۈن ئۆز كوماندىسىدىن ۋاز كەچسە يەنە بەزىللىرى شان-شەرەپ ئۈچۈن كوماندىسىدىن ۋاز كىچىۋاتىدۇ ، يەنە بەزىللىرى بولسا تەلەيسىزلىكىدىن ئۆز كوماندىسىدا ئىقتىدارىنى ۋە ئۇزىنى ئىسپاتلاشقا پۇرسەت تاپالماي كوماندىسىدىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇر بولۇپ قىلۋاتىدۇ ،
تۇۋەندە بىز بىر نەچچە پۇتبۇلچىلارنىڭ  ئۇزىنى تەربىيلىگەن كوماندىغا قارشى جەڭ قىلغان بىر قانچە توپچىلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى
[/size


1.فىگو --
ھەممىمىزگە مەلۇم فگو پورتۇگالىيە تارىخىدىكى ئۇتۇق قازانغان توپچىلارنىڭ بىرسى ، پورتۇگالىيە تارىخىدىكى تۇنجى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى، ئىلگىرى-كېيىن بارسىلونا ، مادرىت، ئىنتىر قاتارلىق زەردارلارغا كۇچ قوشۇپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشىپ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن . مەنمۇ فىگونى دەپ بىر مادرىت مەستانىسى بولغان.

  





2000-يىلى يازدا فىگونىڭ ۋاستىچىسى جوسى ۋىيگا تۇيۇقسىزلا فىگونىڭ خانلىق مادىرىتقا يۆتكەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى ،ئەشەددى رەقىبى بولغان بارسىلونادىن 65 مىليون ياۋرۇ ئارقىلىق پورتۇگالىيىلىك گىگانىت چولپان فىگونى يۆتكەپ كىلىپ پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇردى ، ئېھتىمال نۇرغۇن پۇتبول مەستانىلىرى بۇ ئىشنىڭ ئارقا كۈرىنىشىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن ، فىگو مادىرىتنىڭ كىيىمىنى كىيىپ مۇسابىقىگە قاتناشقان ۋاقىتلاردا ، بارسېلونا مەستانىلىرىنىڭ ھەر خىل ھاقارەت قىلىشىغا ئۇچۇرغان . بىراق بەلكىم ئىنتايىن ئاز ئادەملەر بىلىشى مۇمكىن ، فىگو ئۈچۈن 23- نويابىر بىر ئۇنتۇلماس بىر كۇن بۇلىشى ئۇنىڭ قەلبىدە مەڭگۈلۈك بىر ساقايماس داغ قالغان بۇلىشى مۇمكىن ، 2002- يىلى23-نويابىر فىگو خان جەمەتى مادىرىتنىڭ ئەزاسى سۇپىتىدۇ  ، نەكەمپو پۇتبول مەيدانىغا مۇسابىقە ئوينىغىلى باردۇ ، ئۇ ئىلگىرى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مۇئاۋىن كاپىتانى بولغان ئەمدىلىكتە بۇ كوماندىغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن كەلدى ، بۇ پەيىتتە غەزەپ - نەپرىتى تۇلۇپ تاشقان بارسېلونا توپ مەستانىلىرى ، فىگوغا قارىتىپ ھەر خىل نەرسىلەرنى ئېتىپ ئۇنى خائىن دەپ ھاقارەت قىلشتى ، ئەڭ قىزىق نۇقتا بولسا بىر بارسېلونا مەستانىسىنىڭ فىگورا قارتىپ ئاتقان چوشقا كاللىسى بولدى ، شۇنىڭدىن كېيىن بارسېلونا مەستانلىرى فىگوغا چوشقا كاللىسى دەپ ئاتايدىغان بۇلدى





------------------------------------------------------------------------------

2- ۋانپىرىس
ئىتنىڭ تەبئىتى پۇراشتا.ئەگەر ئۇ پۇراش سېزىمىنى يوقىتىپ قويسا،بەخىتسىزلىك بولىدۇ.ئادەمنىڭ بەختسىزلىكى بىرەر ئېيىقنى،ۋەھشىي شىرنى ياكى ياۋۇزدۇشمىنىنى يىڭەلمەسلىكىدە ئەمەس، بەلكى ئۆزىدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىنى-روھى تەبىئىتىنى ۋەمۇھەببەت ئىقتدارىنى يوقۇتۇپ قويغانلىقدا.ئادەمنىڭ پۇلىنىڭ يوقلىقى ، ئۆينىڭ يوقلىقى ،مال -دۇنياسىنىڭ بولمىغانلىقى ئىچ ئاغرىتىشقا تېگىشلىك ئەمەس-بۇلار ئەسلىدىلا ئادەمگە تەئەللۇق ئەمەس.ھەقىقەتەن ئىچ ئاغرىتىشقا تىگىشلىكى ئادەمنىڭ ھەقىقى بايلىقى ۋە ئەڭ ئالى بەخىتنى-مۇھەببەت ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقى .بۇ دۇنيادا ھەر خىل ئادەملەر بولىدۇ بەزىلەر ئۇزىنىڭ ئېسىل ئەخلاق- پەزىلىتى سادىقلىقى بىلەن يۇز- ئابروينى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۇش ئۈچۈن تىرشىدۇ ، يەنە بىر قىسىم ئادەملەر شان-شەرەپ ئۈچۈن  ئەخلاق -پەزىلەت سادىقلىقنى قايرىپ قۇيدۇ ، بىر پۇتبولچى شان شەرەپ ئۈچۈن ئارسىنالنى تاشلاپ كەتتى ، بۇ پۇتبولچىنىڭ ئەجىرگە يارشا ئارسىنالنىڭ  ئۇزۇندىن بىرى لوڭقىسىز قىلىشى سەۋەپلىك مېھرى ئىللىق كوماندىسىنى تاشلاپ قىزىل ئارمىيىگە قىتىلىپ كەتتى شان-شەرەپ ئۈچۈن كوماندىسىنى 8-2 نەتىجە بىلەن قىرغىن قىلغان كوماندىغا قىتىلىپ كەتتى ، ۋانپىرىس مانچىستىر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىدىغان خەۋرى چىققاندا ئارسىنالنىڭ ئۆلمەكنىڭ ئۇستىگە تەپمەك بولغاندەك، مەستانىلىرىنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن يىرىم بولدى ھەتتا ۋانپىرىسنى بۇ يەردىن تىزراق يوقال بولمىسا  ئولتۇرۇۋاتىمىز  دەپ مەستانىلىرىنىڭ تەھتىت خىتىنىمۇ تاپشۇرۋالدى ، ئارسىنال مەستانىللىرى بۇ توپچىدىن نۇرغۇنلىغان ئۇمۇتلەرنى كۈتكەن ھەم ئارسىنال كوماندىسىنى غەلبىگە باشلايدۇ دەپ قارايتى ، ئەپسۇس ۋانپىرىس ئۇنداق قىلالمىدى ئارسىنالنىڭ ئىككىنچى ‹‹ھىنرى ››سى بۇلالمىدى ، مانا بۇ پۇتبولچىمۇ شان-شەرەپ ئۇچۇن ئۇزىنىڭ زەپەر قۇچقان كوماندىسىغا قارشى جەڭ قىلىشنى باشلىدى








-----------------------------------------------------------------------------------


3- كىرىستىيانو رۇنالدو.......[/size
مانا بۇ پۇتبول دۇنياسىدىكى رەزىللىك كۈرشى فو بۇۋاي ئۆز قۇلى بىلەن ئىنتايىن ئۆتكۇر بولغان خەنجەردىن بىرنى تاۋلاپ چىقتى ، فو بۇۋاي ئۇزىنىڭ بۇ خەنجىرىنىڭ جەڭ مەيدانىدا ئۇزىنىڭ ھەققى رۇلىنى جارى قىلدۇرغىنى كورۇپ قاتتىق پەخىرلىنەتتى ، مانا بۇ خەنجەر دەل ھازېرقى زامان قاتىل ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى كىرىستىيانو رۇنالدو ئىدى






،فو بۇۋاينىڭ بىر قېتىم ئېزىپ كەتتى ئازغاندىمۇ ئورنىغا ئەكەلگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئازدى ، چۈنكى ئۇزى تاۋلاپ چىققان بۇ خەنجەر ئۇزىنىڭ يۈرىكىگە قادالغان ئىدى ، رۇنالدو ئانا كوماندىسىدىن ئايرىلىپ تېخىمۇ كۇچلۇنۇپ كەتتى ھەتتا ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ يۇقىرى يۆتكىلىش سوممىسىنى يارتىپ پۇتبول دۇنياسىنى زىلزىلگە سالغان چاغدا فو بۇۋاي خۇشال بولۇپ ئۇزىنىڭ مۇشۇنداق بىر ياراملىق جەڭچىنى تەربىيىلىگەندىن پەخىرلەنگەن ئىدى، فو بۇۋاي كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ خەنجەرنىڭ ئۇزىنىڭ يولىنى توسۇشتىكى ئەڭ چوڭ توساق بولۇپ قىلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن بولغىيتى ،مانا بۇ پەسىل رۇنالدو ، فورىگسىننىڭ كوماندىسىنىڭ ئەڭ كۇچلۇك ۋاقىتتىكى ئۇزغۇنلۇق ئىلىش چۈشىنى ئۆز قۇلى بىلەن بىتچىت قىلۋەتتى ، رۇنالدو ئۇزىنىڭ ئانا كوماندىسىنىڭ يولىنى تۇسۇپ قويدى بۇ چاغدا فورىگسىن قانداق ھېسياتتا بولغاندۇ ، رۇنالدو ئۇزىنىڭ ئانا كوماندىسىغا توپ ئۇرغاندا قانداق ھېسياتتا بولغاندۇ ؟ بەلكىم بۇ پۇتبول دۇنياسىنىڭ يەنە بىر قىزىق نوقتىسى بولسا كېرەك







---------------------------------------------------------------------------------
4- گوتزى  ......
پۈتۈن دۇنيادىكى مەستانىلىرىنىڭ قايىللىقىنى ئەڭ ھەيۋەت ئالۋاستى مەيدانى بار،  پۇتبولچىلارغا روھى مەدەت بىرىپ مەيدانلىرىدىن ئۆز پۇتبولچىلىرىغا بولغا ئالقىش سادالارنى  ئۇزۇلدۇرمەيدىغان  . ھەر قانداق كىشىنى ئۈزىگە قايىل قىلىپ ، ئۈزىگە جەلپ قىلىدىغان سېرىق ھەرە قوشۇنى دورتمونىت كوماندىسى كوماندىنىڭ يادروسى بولغان ئومۇتلۇك چولپان گوتزىنى جەلپ قىلالمىدى بۇنىڭدىكى سەۋەب نېمە ؟





دورتمونىت كوماندىسىدا شان-شەرەپ دىسىمۇ يامان ئەمەس بار مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىمۇ ياخشى ، مەستانىلىرىنىڭ قوللىشى ئەڭ ياخشى كوماندا تۇرسا مۇشۇنداق شارىئىتتىمۇ  دورتمونىتنى تاشلاپ كېتىپ قالدى بۇ پۇتبولچى پۇل ئۈچۈن ، ھەم تېخىمۇ چوڭ شان-شەرەپ ئۈچۈن دوتمونىتنى تاشلاپ ئەشەددى رەقىبى بەيىرىن مىيونخن كوماندىسىنىڭ قوينىغا ئۇزىنى ئاتتى




دورتمونىت كوماندىسى مەستانىلىرىنىڭ قوللىشى تىرىنىرلارنىڭ ئۆتكۇر بايقىشى ئارقىلىق كوماندىغا ياش ماھىرلارنى قوشۇپ ،سىستىمىلىق تەربىيلەپ  دورىتمونىت كوماندىسىنىڭ ئەڭ چوڭ كۈشەندىسى بولغان  بەيرىنى 2-4 نەتىجە بىلەن يېڭىپ مەستانىلەرنى خاتىرجەم قىلدى ، دورتمونىت كوماندىسى  گوتزىنىڭ بولمىسىمۇ بۇلدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ ، ھەمدە دورتمونىتتا تۈمەنلىگەن گوتزىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ قويدى


  


6

تېما

7

دوست

636

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12761
يازمىسى: 636
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 3126
تۆھپە: 5
ۋاقتى: 388
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 11:51:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما گوتىز بەيرىندە ئاساسلىق بولالمايدۇ
ھۇرا مادرىد!!!!!!!!!!!!!!!!

379

تېما

24

دوست

5490

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10433
يازمىسى: 5490
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 28138
تۆھپە: 52
ۋاقتى: 3352
h
ھالەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ بايرىن لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 12:05:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بونداق ئىشلار ئادەمىنىڭ تورمىشىغا ئوخشاش بەزى يىقىن دوسلارمۇ بىر كۈنلەردە دۈشمەنلىشىپ قالغاندەك.

9

تېما

3

دوست

1008

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11127
يازمىسى: 1008
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 985
تۆھپە: 10
ۋاقتى: 281
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 14:48:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەلۋە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-8 14:49  

تېمىغا مۇناسىۋەتسىز، بالىلار!! ما توپ تەپكۈچكام يوقاپ كەتتى ،نېمە ئىش بولدى؟قايسىڭلار بىلىسىلەر؟؟

Zirek

23

تېما

6

دوست

1513

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10264
يازمىسى: 1513
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 198
تۆھپە: 11
ۋاقتى: 734
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 15:46:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدو بارسلونادىكى ئۆچنى ئالىمەن دەپ كەلگەنغۇ دەيمە ، بىر قىسىم ئىملا خاتالىقلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ياخشى چىقىپتۇ.
قاغا قاق ئېتىدۇ ، ئۆز كۆڭلىنى خوش ئىتىدۇ .

13

تېما

10

دوست

3055

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10830
يازمىسى: 3055
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 2090
تۆھپە: 8
ۋاقتى: 779
h
ھالەت

يازما يوللاش ئۇستىسى مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 16:16:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېرەك يوللىغان ۋاقتى  2013-8-8 15:46
رونالدو بارسلونادىكى ئۆچنى ئالىمەن دەپ كەلگەنغۇ دەيمە ...

رونالدو بارسىلونادىكى ئۆچىنى ئالىمەن دەپ كەلگەن؟، ئايەملىك قارا يۇمۇردىن بىرنى ئاڭلىۋالدىمغۇ. رونالدو كىچىكىدىن تارتىپ مادرىد مەستانىسى، 2008- يىلى رونالدو مانچىستىر بىرلەشمىسىنى ئۇزغۇنلۇققا ئېرىشتۈرگەندىن كىيىنلا ئۆزىنىڭ مادرىدقا بارغۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق فۇرگېسىننىڭ ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىشى بىلەن 1 يىل كىچىكىپ يۆتكىلىشكە قوشۇلغان. دېمەك رونالدونىڭ مادرىدقا يۆتكىلىشى ئۇنىڭ كىچىكىدىن مادرىد مەستانىسى بولغانلىقى ئۈچۈن.

13

تېما

10

دوست

3055

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10830
يازمىسى: 3055
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 2090
تۆھپە: 8
ۋاقتى: 779
h
ھالەت

يازما يوللاش ئۇستىسى مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 16:21:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىگونىڭ مادرىدقا يۆتكىلىشى ئامالسىزلىقتىن بولغان، ھەم بارسىلونا فىگونىڭ ئانا كوماندىسى ئەمەس،
رونالدوغا كەلسەك ئۇنىڭمۇ ئانا كوماندىسى لىسىبون رىقابەت كوماندىسى، ئۇ مانچىستىردىكى ۋاقتىدا لىسىبون رىقابەت كوماندىسىغىمۇ سايىپخان ۋە مىھمان مەيداندا توپ ئۇرغان. ئۇنىڭ9 مادرىدقا يۆتكىلىشى ئۆزىنىڭ كىچىكىدىن مادرىد مەستانىسى بولغانلىقى ئۈچۈن.
بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 1- نومۇرلۇق يۇدا گۆتىز دېسەك توغرا بولىدۇ. چۈنكى دورتمۇند ئۇنىڭ ئانا كوماندىسى، ھەم ھازىر دورتمۇندنىڭ ھالىتى شۇنداق ياخشى كىتىپ بارماقتا. مۇشۇنداق شارائىتتا بەيرىنغا قوشۇلۇپ كەتكىنى قاملاغمىغانلا بىر ئىش بولدى. ئەگەر راسىتلا قوشۇلغۇسى بولسىمۇ 1نەچچە يىلدىن كىيىن دورتمۇندنىڭ ھالىتى سەل ناچارلاشقاندا ئاندا يۆتكەلسىمۇ بولاتتى.

ئەڭ نوچىسى ~ رونالدو

202

تېما

0

دوست

4346

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8444
يازمىسى: 4346
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1115
تۆھپە: 1
ۋاقتى: 1219
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 16:38:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ
بەزى ۋاقىتلاردا پۇتبولچىلارغا راسلا ئامال يوق ،ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى كوماندىسىغا قارشى توپ ئويناپ قالىدىغان ئىش بوپ تۇرىدۇ ، لىكىن خائىن ئاتىلىدۇ ،،،،،،،،،،،،،،،ھەي مەنمۇ شۇنداق بولدىمغۇ
لىكىن رونالدونىڭ يۆتكىلىشى ئوخشىمايدۇ
C:\Documents and Settings\Administrator

ئەڭ نوچىسى ~ رونالدو

202

تېما

0

دوست

4346

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8444
يازمىسى: 4346
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1115
تۆھپە: 1
ۋاقتى: 1219
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 16:39:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىمدە قىلىشىچە توررىس چىلسىغا يۆتكىلىپ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسنى لىۋىرپولغا قارشى ئوينىغانغۇ دەيمەن
C:\Documents and Settings\Administrator

ھەق يولىدىن ئۆزگ

603

تېما

9

دوست

7913

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8221
يازمىسى: 7913
نادىر تېما: 5
ياۋرۇ: 2865
تۆھپە: 19
ۋاقتى: 1363
h
ھالەت

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 17:50:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلۋە يوللىغان ۋاقتى  2013-8-8 14:48
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز، بالىلار!! ما توپ تەپكۈچكام يوقاپ  ...

مەن بىلىمە ئۇنىڭغا ھىچ ئىش بولمىدى. پەقەت مۇنبەر ئالماشتى شۇ.

ھەق يولىدىن ئۆزگ

603

تېما

9

دوست

7913

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8221
يازمىسى: 7913
نادىر تېما: 5
ياۋرۇ: 2865
تۆھپە: 19
ۋاقتى: 1363
h
ھالەت

ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 17:50:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما.نادىر بولۇشقا تامامەن ھەقلىق.

9

تېما

3

دوست

1008

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11127
يازمىسى: 1008
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 985
تۆھپە: 10
ۋاقتى: 281
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 17:56:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈكسەل يوللىغان ۋاقتى  2013-8-8 17:50
مەن بىلىمە ئۇنىڭغا ھىچ ئىش بولمىدى. پەقەت مۇنبەر ئالم ...

ھە، شۇنداقمۇ؟نېمە سەۋەپتىن مۇنبەر ئالماشتۇرغاندۇ؟شۇنداق ياخشى تېمىلارنى يازاتتى،ھەي ئېسىت~~!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号 )