پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 914|ئىنكاس: 31

ئېنتېر تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر 5 داڭلىق چولپان !!!~~

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھايات _ شاھمات تاختىسى !!~~

60

تېما

3

دوست

984

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10104
يازمىسى: 984
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 56517
تۆھپە: 100912
ۋاقتى: 190
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 12:31:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nayil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-6 13:49  

   ئىتالىيە زەردارى ئېنتېرنىڭ يېقىندىن بۇيانقى نەتىجىسى ئانچە كۆرۈنەرلىك ئەمەس ، شۇنداقلا يېقىنقى بىر نەچچە پەسىللىك مۇسابىقىلەردە قانائەتلىنگۈدەك نەتىجە ھاسىل قىلالمىدى . لېكىن ، شۇنى ئىنكار قىلالمايمىزكى ، ئېنتېر يەنىلا دۇنيا پۇتبولچىلىقىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر زەردار كوماندا . دۇنيا پۇتبولچىلىقىغا قارايدىغان بولساق ، ئېنتېردەك نۇرغۇنلىغان ئەستىن چىقماس پۇتبول چولپانلىرىنىڭ ماھارەت سەھنىسى ، تارىخى ۋە نەتىجىسى شانلىق كوماندا ئازدىن-ئاز تېپىلىدۇ .
   ئېنتېر قۇرۇلغاندىن تا ھازىرغىچە ساناقسىز پۇتبول چولپانلىرى بۇ ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلدى ۋە تونۇلدى . بۇ چولپانلار ئىچىدە قايسىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىكەنلىكىنى تاللاش بىز ئۈچۈن ئەڭ قىيىن بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى . بۇنىڭ ئىچىدىن ئەڭ مۇنەۋۋەر 5 چولپاننى تاللاش تېخىمۇ تەس ئەلۋەتتە . يېقىندا ئامرېكا تەنتەربىيە ئاخباراتى ‹‹  bleacher report  ›› ، ئېنتېر تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر 5 چولپاندىن تەركىب تاپقان بىر رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى . ئەمسە تۆۋەندە بۇلار بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى !! قېنى كەتتى ئەمسە !!!~~~~

   1 . جوسسېف . مېئاززا  

                                     1.jpg


   ئېنتېر تارىخىدا نۇرغۇن كىشى قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان مۇنەۋۋەر چولپانلار كۆپ بولسىمۇ ، ھېچكىم مىئاززا دىگەن بۇ ئىسىمدىن ھالقىپ ئۆتەلمەيدۇ . ھەم سىز ۋە مەنمۇ بۇنى ئىكار قىلالمايمەن . چۈنكى ئېنتېرنىڭ پۇتبول مەيدانىنىڭ ئىسىمى دەل بۇ چولپاننىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان . بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئېنتېر تارىخىدىكى ئورنىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .
   مىلاندىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، مىئاززا ئېنتېردىكى ئەڭ مول-ھوسۇللۇق ھۇجۇمچى بولۇپ قالدى . ئۇ ياراتقان نۇرغۇن توپ ئۇرۇش رېكورتلىرى ھازىرغىچە بۇزۇلغىنى يوق . ئۇ ئېنتېر تارىخىدا 288 توپ بىلەن مەرگەنلەر قاتارىدا ھازىرغىچە شاھلىق ئورنىنى ئىگەللەپ كەلمەكتە . ھەمدە تاق پەسىلدە 31 توپ ئۇرۇپ ، تاق پەسىللىك مەرگەنلىك رېكورتىنىمۇ ساقلاپ كەلمەكتە .
   مېئاززانىڭ شانلىق نەتىجلىرى خەلىقئارا سەھنىلەردە يارىتىلغان . ئۇ ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە 2 قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيونى بولغان ، شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدە ئېنتېر بىلەن بىرلىكتە ئۇنتۇلماس نەتىجىلەرنى ياراتقان . مېئاززا ئېنتېرنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، 1929-يىلىدىن 1930-يىللارغىچە ، 3 قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسى چىمپىيونى ، 1 قېتىم ئىتالىيە لوڭقىسى چىمپىيونى ۋە 1 قېتىم مېدبور لوڭقىسى چىمپىيونى بولغان . مىئاززا ، دۇنيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىكى نامدار تۆھپىكارلار قامۇسىنىڭ بىر ئەزاسى . شەك-شۇبھىسىزكى ، ئۇ ئېنتېر تارىخىدىكى بىرنچى ئورۇندىكى ھەقىقى چولپان .

2 . جاسېنتو . فاچېتتى

                                  2.jpg


   فاچېتتىنىڭ بۇ تىزىملىكتە 2- ئورۇنغا تىزىلىشقا تامامەن ھەقلىق . بۇ قىل سىغمايدىغان تاللاش . ئۇ دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدىكى ئەڭ داڭلىق ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇداپىيىچى ، شۇنداقلا مۇداپىيىچىلەرنىڭ ھۇجۇمغا قاتنىشىشنى ئىسلاھ قىلغۇچى . ئۇ ئېنتېرنىڭ پولات سول قانات مۇداپىيىچىسى ، ئۇ ئېنتېر ئۈچۈن 629 مەيدان مۇسابىقىغە قاتنىشىپ ، 75 توپ ئۇرغان .
   فاچېتتى ئېنتېر بىلەن بىرلىكتە 4 قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمە چىمپىيونى ، 2 قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونى ، 1 قېتىم ئىتالىيە لوڭقىسى چىمپىيونى ۋە 2 قېتىم قىتئەلەر لوڭقىسى چىمپىيونى بولغان . سىتاتېسكىغا ئاساسلانغاندا ، ئۇنىڭ كەسپى ھاياتىدا پەقەت ۋە پەقەت بىر قېتىملا مەيداندىن ئالماشتۇرۇپ چۈشۈرۋېتىلگەن . ئۇ ئېنتېرنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسىلا بولۇپ قالماي ، ئىتالىيەنىڭمۇ رىۋايەتلىك توپچىسى . ئۇ ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە 1968-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى چىمپىيونى بولغان .
   تاكى 2006-يىلى كۆز يۇمغىچە ، ئۇ ئېنتېر بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان . شۇبھىسىزكى ، ئۇ ئېنتېرنىڭ ئەڭ بۈيۈك پۇتبولچىسى .

   3 . جاۋۋېر . زانېتتى

                                  3.jpg


   زانېتتىنىڭ سىماسىنى كۆرگەن ھەر بىر كىشىنىڭ كۆز ئالدىغا ئېنتېر كېلىدۇ . ئۇنىڭ جىسمى ۋە جەڭگىۋار روھى ئېنتېرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ . ئۇ ئېنتېرنىڭ ھەقىقى كاپىتانى ۋە ئابىدىسى .
   زانېتتى ئېنتېر ئۈچۈن 800 مەيداندىن ئارتۇق مۇسابىقىغە قاتنىشىپ ئېنتېر تارىخىدا يۈكسەك رېكورت ياراتتى . شۇنداقلا ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىكى مۇسابىقىدە بۇ رېكورتىنى يېڭىلاپ كېلىۋاتىدۇ . ئۇ ھەرگىزمۇ قارام مۇداپىيىچى ئەمەس ، مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئۇ ئەڭ ئاددى ئۇسۇل بىلەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ . ئۇ ھەقىقى تۈردە پۇتبولغا جان كىرگۈزگۈچى ۋە پۇتبول بىلەن سۆز ئىپادىلىگۈچى . ئۇ ھازىرقى پۇتبول ساھەسىدىكى ھەر بىر پۇتبولچىنىڭ نەمۇنىچىسى .
   زانېتتىنىڭ تەشكىللىشى ئاستىدا ، ئېنتېر جەمئىي 16 تۈردە چىمپىيون بولدى . ئۇنىڭ ئىچىدە 5 قېتىم بىرلەشمە چىمپىيونى ، 4 قېتىم ئىتالىيە لوڭقىسى چىمپىيونى ، 4 قېتىم ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيونى ، 1 قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونى ، 1 قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چىمپىيونى ۋە 1 قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاقداشلار لوڭقىسى چىمپىيونى بولدى . ئۇ ھەقىقى ئېنتېر جەڭچىسى ، ئۇ بۇ شەرەپلەرگە ئېرىشىشكە ھەقلىق .

   4 . رونالدو

                                  4.jpg


   گەرچە يارلىنىش سەۋەبى بىلەن ئېنتېردا پەقەت 6 يىل توپ تەپكەن بولسىمۇ ، رونالدو يەنىلا ئېنتېر پۇتبولچىلىق تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس توپچى . ئۇ ئېنتېرغا ۋەكالىتەن پەقەت 99 مەيدان مۇسابىقىغە قاتناشقان ، باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمىسىمۇ ، ئۇنىڭ ئېنتېردىكى ھاياتى ئۇنى ئېنتېر تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى قاتارىغا كىرگۈزدى .
   رونالدو ئېنتېرغا كەلگەن بىرىنچى يىلىلا 25 توپ ئۇردى . ھەر قانداق بىر پۇتبولچى بىرىنچى قەدىمىدىنى ئۇنىڭدەك باسقان ئەمەس . ئۇ كوماندا بىلەن 1998-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقداشلار لوڭقىسى چىمپىيونى بولدى ، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ساناقسىز شەرەپلەرگە ئېرىشتى . رونالدو شۇ ۋاقىتتىكى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى ، ھەقىقى تاشقى پىلانت ئادىمى . 3 قېتىملىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى ، كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالغان ، شۇنداقلا پۇتبولنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن تالانت ئىگىسى ھەم ئېنتېر تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى .

   5 . لوئېس . سۇئارېز

                                  5.jpg


   ئېنتېردىكى سۇئارېز ئېنتېر تارىخىدىكى مۇنەۋۋەر توپچىلارنىڭ بىرى . مەيلى قانداق بولسۇن ، ئۇ ئېنتېر سەھنىسىدىكى موھىم شەخىس . ئۇ توپ تەپكەن ۋاقىتلاردا ، ئۇنىڭ بارسىلونادىن ئېنتېرغا يۆتكىلىشى شۇ مەزگىلدىكى ئەڭ قىممەت يۆتكىلىش رېكورتىنى ياراتقان ، شۇنداقلا ئېسىل ئىپادىسى ئۇنىڭ بۇ باھاغا لايىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان . ياۋروپا ئالتۇن توپ ساھىبى بولغان سۇئارېز 60-يىللاردىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ئىدى .
    ئۇ پۇتبول ساھەسىدە كەڭ ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشكەن ئىسپانىيىلىك مۇنەۋۋەر توپچى ھەم ئېنتېردا ئۇنتۇلغۇسىز ئىزلارنى قالدۇرغان چولپان . ئۇ 10 يىللىق ئېنتېر ھاياتىدا ، 3 قېتىم بىرلەشمە چىمپىيونى ، 2 قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونى ۋە 2 قېتىم قىتئەلەر لوڭقىسى چىمپىيونى بولغان .

         تۆۋەندىكىسى ئېنتېر ۋە مىلاننىڭ تۆھپىكار كاپىتانلىرىنىڭ ئامرىكىدىكى ئۇچراشقان سۈرەتلىرىكەن !!!~قوشۇپ قويدۇم !!~

                                    maldini are zanetti .jpg

                                    maldini vs zanetti.jpg

                                    6.jpeg

                                    7.jpeg

                                    8.jpeg

                                    9.jpeg


179

تېما

14

دوست

2057

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  2265
يازمىسى: 2057
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 403129
تۆھپە: 337
ۋاقتى: 1158
h
ھالەت

مىلان لۈكچىكى 3 - لىك لوڭقىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 14:33:26 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
vieri

پۇتبول،پۇتبول،

3

تېما

0

دوست

243

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  805
يازمىسى: 243
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1045415
تۆھپە: 255
ۋاقتى: 607
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 14:42:24 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىيېرى، رېكوبا،كاردوبا …قاتارلىقلارمۇ يوقارقىلارنىڭ داۋامىغا تىزىلىدۇ

ياغاچ كەسكەن پالتىنىڭ سىپى ياغ

33

تېما

3

دوست

3676

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11693
يازمىسى: 3676
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 66802
تۆھپە: 3978
ۋاقتى: 957
h
ھالەت

نادىرچى مۇنبەر قىززىقچىسى بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 14:46:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زانىتتى ھەقىقەتەن ئېسىل توپچى ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىنى ئېنتىردا تىرىنىرلىق قىلىپ ئۆتكۈزەرمىكىن
پۇتبول دۇنيادىكى بىرىنچى ھەرىكەت
5#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

ياغاچ كەسكەن پالتىنىڭ سىپى ياغ

33

تېما

3

دوست

3676

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11693
يازمىسى: 3676
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 66802
تۆھپە: 3978
ۋاقتى: 957
h
ھالەت

نادىرچى مۇنبەر قىززىقچىسى بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 14:48:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىغا ئۇلىساق ئېيتىئو، سىنىدىر،ئبراھىمجانلارمۇ تىزىلىدۇ
پۇتبول دۇنيادىكى بىرىنچى ھەرىكەت

كاكا 10

11

تېما

2

دوست

387

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9777
يازمىسى: 387
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 103668
تۆھپە: 427
ۋاقتى: 124
h
ھالەت

ئالاھىدە تۆھپە يۇۋىنتۇس لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 15:18:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىنىيدىر ، ئبرايىمۋوچ
كاكا ئالغا 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئۈچۈن!!!..

5

تېما

7

دوست

1105

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12272
يازمىسى: 1105
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1559193
تۆھپە: 1192
ۋاقتى: 315
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 15:19:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتىر مىلان دەپ ئاتىسا توغرىمۇ ياكى خەلىقئارا مىلان دىسەكمۇ؟
[img

Manchester

1

تېما

2

دوست

1492

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8586
يازمىسى: 1492
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 7448737
تۆھپە: 1192
ۋاقتى: 347
h
ھالەت

مانچىستىر لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 15:22:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدونىڭ  ئورنىغا  ۋىيئېرىنى  تىزغان  بولسا  مۇۋاپىقتى  ...
Manchester United

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

103

تېما

1

دوست

1700

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8045
يازمىسى: 1700
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 110060
تۆھپە: 622
ۋاقتى: 1321
h
ھالەت

ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 15:28:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۇررا0998 يوللىغان ۋاقتى  2013-8-6 15:19
ئىنتىر مىلان دەپ ئاتىسا توغرىمۇ ياكى خەلىقئارا مىلان د ...

ئېنتىر مىلان توغرا. خەلقئارا مىلان دەپ ئاتىساقمۇ توغرا بولىدۇ، لىكىن خەلقئارا مىلان دىگەن ئاتالغۇ بىزگە خەنزۇچە تەرجىمىسىدىن كىرگەن. خەنزۇلار ئېنتىر مىلاننى 国际米兰 دەپ ئاتايدۇ. ئەڭ توغرسى ئېنتىر مىلان ياكى ئېنتىر.
[ئادەم بولۇشنى ئۈگىنىۋالايلى!

ھايات _ شاھمات تاختىسى !!~~

60

تېما

3

دوست

984

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10104
يازمىسى: 984
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 56517
تۆھپە: 100912
ۋاقتى: 190
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 15:34:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېنتېرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئادەمنىڭ ئىچىنى بەكمۇ ئاچچىق قىلىدۇ . ئېنتېر بالدۇرراق كۈچىنى يىغسا بولاتتى . بۇ قېتىمقى يازلىق بازاردىمۇ ئېنتېرنىڭ ھەركىتى كۆرۈنەرلىك ئەمەس !! زانېتتىغا ئۆچ پۇتبول مەستانىلىرى بولمىسا كېرەك !!!~~

چەكلىك ھاياتتا،

6

تېما

0

دوست

228

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9594
يازمىسى: 228
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 51978
تۆھپە: 196989
ۋاقتى: 195
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 15:54:29 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىريانومۇ ئوينىغاندەك قىلغانغۇ بۇ كۇلۇپتا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )