- تىزىملاتقان
- 2008-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4486
- نادىر
- 1
- يازما
- 4486
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-6 20:03
پۇتبول مەستانىلىرىغا تونۇش بولغان تەقلىدىي پۇتبول ئويۇنىنىڭ 2014-يىللىق نۇسخىسى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ياۋرۇپادا، 9-ئاينىڭ 24-كۈنى جەنۇبى ئامېرىكا بازىرىدا ئېلان قىلىنىدۇ.
ياپونىيە كونامىي KONAMI شىركىتى ئېلان قىلغان كۆرۈنۈشلەر
6مىنۇتلۇق ئېلان قىلغان كۆرۈنۈش
يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن ئىقتىدارى
1.ئالدىنقىسىدىن كۆپ يېڭىلىقلار كىرگۈزۈلدى. ئوينىغۇچى دوستلىرى بىلەن تەڭ كۆپ ئادەم بىلەن تور ئارقىلىق ئۇلاپ ئوينىيالايدۇ.
2.مۇداپىئەنى كۆچۈرۈش (ساختىلىق قىلىش) ئىقتىدارى ئۆزگەرتىلدى. مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا قارشى تەرەپنىڭ ساختىلىق قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى قېتىلدى.
3. پىشۋالار بىرلەشمىسىدىكى « 1 توپ بىلەن نام چىقىرىش » سېستمىسىدا قايتىدىن ئۆزگەرتىلدى. ئالدىنقىسىدا بۇ ئىقتىدار مۇرەككەپ بولغاچقا بۇ قېتىم ئاسانلاشتۇرۇلدى.
4.پىشۋالار بىرلەشمىسىدە يېڭىدىن ئىقتىدار قېتىلغان بولۇپ. ئوينىغۇچى دۆلەت كوماندىسى ۋە باشقا كۇلۇبلاردىكى كوماندا ئەزالارنى خالىغانچە يۆتكەپ ئىشلتىش ھوقۇقى بېرىلدى.
5. « 1 توپ بىلەن نام چىقىرىش » تەربىيەلەنگەن ماھىر تور ئارقىلىق مۇسابىقىگە قاتناشتۇرالايدۇ.
يېڭىدىن ئېرىشكەن ھوقۇقلار
كونامىي شىركىتى بۇ قېتىم ئىسپانىيە، فىرانسىيە ۋە گوللاندىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئىشلەش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە بىر قىسىم توپچىلاردىن باشقىلارنىڭ ئىشلەش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. ئەمما ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە يالغان ئىسىم ۋە يالغان كىيىم ئىشلىتىلگەن. (ئامېرىكا EA ئويۇن شىركىتى ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ مۇستەقىل ئىشلەش ھوقۇقى بولغانلىقى ئۈچۈن) بىراق مانچستىر بىرلەشمىسى قاتارلىق كوماندىلارنىڭ تولۇق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ئەمما EA شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقان كۇلۇبلارنى ئىچىگە ئالمايدۇ. (ئارسىنال، چېلسى، ئاستون ۋېللا، ئېغىرتون، مانچىستىر شەھىرى، نىۋكاسىر، توتىنخام) ، گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىن 2كوماندىنىڭ ئىشلەش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. بايرىن مىيۇنخىن يەنە بىرسى دورتمۇند بولۇشى مۇمكىن. (چۈنكى دورتمۇندنىڭمۇ EA بىلەن بولغان توختامىمۇ بار)
كونامىي ئويۇنىنىڭ لاتېن ئامېرىكىسىدىكى قارشى ئېلىنىشى يۇقىرى بولغاچقا، بۇ قېتىم بىرازىلىيە ۋە ئارگېنتىنا بىرلەشمسى قېتىلدى. تارقالغان خەۋەرلەردە ئىسپانىيە B بىرلەشمىسىنىڭمۇ ئىشلەش ھوقۇقىغا ئېرىشىشى مۇمكىن. ئاسىيا دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.
ئويۇن ھەققىدە
تولۇق ھوقۇققا ئېرىشكەن بىرلەشمىلەر
1.گوللاندىيە بىرلەشمىسى : ھەممە كوماندىلار
2.فىرانسىيە بىرلەشمىسى : ھەممە كوماندىلار
3.ئىسپانىيە ئا بىرلەشمىسى: ھەممە كوماندىلار
4.ئىسپانىيە ب بىرلەشمىسى : ھەممە كوماندىلار
5.ئارگېنتىنا بىرلەشمىسى: ھەممە كوماندىلار
6.بىرازىلىيە بىرلەشمىسى: ھەممە كوماندىلار
7.ئىنگىلاند بىرلەشمىسى: مانچستىر بىرلەشمىسى
8.گېرمانىيە بىرلەشمىسى: بايرىن مىيۇنخىن
9.ئىتالىيە بىرلەشمىسى: ھەممە كوماندىلار (بىر قسىم ماھىرلاردىن باشقا)
10.پورتىگالىيە بىرلەشمىسى: لېسبىن، پورتو، پراگا، بېفىنكا |
|