- تىزىملاتقان
- 2012-1-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 765
- نادىر
- 1
- يازما
- 765
|
ۋاڭيى تەنتەربىيە تورى 8-ئاينىڭ5-كۈنى خەۋىرى :
ماردېنو بارسىلونا كوماندىسىغا تېرىنېر بولۇپ قوشۇلغاندىن كېيىن ، كوماندىنىڭ قاپقىچى مەسىلىسى ئۇنى ھەيران قالدۇردى . كوماندىنىڭ 1-ۋە 2- نومۇرلۇق ۋارتارلىرىدىن ۋالدېس بىلەن پىنتونىڭ توختامى كېلەر يىلى يازدا توشىدۇ . بەلكىم ئىككىلىسى كوماندىدىن ئايرىلىشى مۆمكىن . ۋېلانوۋانىڭ قاپقىچى كىرگۈزۈش پىلانىدا ، رېينا بىلەن مارك.ئاندىرى . تېرسىتېگېننى سېتىۋېلىپ ، رېينانى ئاساسى قاپقىچى ، تېرسىتېگېننى
كەلگۈسى ئىز باسار قىلىش ئىدى . يېڭى تېرىنېر ماردىنونىڭ قارىشى باشقىچە . ‹‹ دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى ›› نىڭ باش بەت خەۋىرىدە ، ماردېنو بۇرۇنقى كوماندىسى قېرى يىگىتلەر كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق قاپقىچىسى گوزماننى كامپ نوغا ئەكىلىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ .
گوزمان بۇ يىل 27 ياشتا بولۇپ ، قېرى يىگىتلەر مەشىق بازىسىدىن چىققان قاپقىچى . بىر يىل ئىجارىگە بېرىلگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، ئۇنىڭ كەسپى ھاياتى تامامەن قېرى يىگىتلەر كوماندىسىدا ئۆتكەن . گوزماننىڭ بوي ئېگىزلىكى 1مېتىر 92 سانتىمېتېر بولۇپ ، كونتىروللۇقى يۇقىرى ، ئىنكاس سۇرئىتى تېز . ماردېنو قېرى يىگىتلەر كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ۋاقتىدا ، گوزمان كوماندىنىڭ ۋە ماردىنونىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى ئىدى .
ئالدىنقى پەسىللىك ئارگېنتىنا كۈزلۈك بىرلەشمىدە ، قېرى يىگىتلەر كوماندىسى 2- بولدى . 19 ئايلانما مۇسابىقىدە پەقەت 11 توپلا كەتكۈزۈپ قويدى . ئەتىياز پەسىللىك بىرلەشمىدە ، قېرى يىگىتلەر كوماندىسى چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى . 38 ئايلانمىدا جەمئىي 32 توپ كەتكۈزۈپ قويدى .
ئالدىنقى پەسىللىك جەنوبى ئامرېكا ئازات قىلغۇچى لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا گوزماننىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ئالاھىدە بولدى . يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى تۇنجى ئۇچرىشىشىدا گوزمان ئەجەللىك توپلارنى قايتا-قايتا توسۇپ ئېسىل ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرغان ئىدى . قېرى يىگىتلەر كوماندىسى نوقتا توپ جېڭىدە شاللىنىپ كەتكەن بولسىمۇ ، گوزمان ئىككى نوقتا توپنى توسۇپ توپ مەستانىلىرىنىڭ قوللىشىغا ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى .
|
|