- تىزىملاتقان
- 2008-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4425
- نادىر
- 1
- يازما
- 4425
|
ئەسىلامۇئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى!
ئەمدىكى مەقسەتكە كەلسەك ، ئۆتكەن پەسىلدە بىر پەسىللىك ھەرقايسى بىرلەشمىلەرنىڭ خىيالىي بىرلەشمسى ۋە خىيالىي ئوزغۇنلۇق قاتارلىق خىيالىي بىرلەشمىلەرنى ئۇڭۇشلۇق ئاخىرلاشتۇرغان ئىدۇق. مانا ھەش-پەش دىگۈچە يىڭى پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىللىرى ۋە ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىللىرىنى كۈتىۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز ...
بۇ پەسىلدىن باشلاپ خىيالىي بىرلەشمە يېڭى تۈزۈلمە ئورنىتلغان. (/thread-37007-1-1.html ) ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك :
خىيالىي ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى: بۇ خىيالى ئۇزغۇنلۇققا چۇقۇم ئالدىنقى پەسىلدە ھەر قايسى بىرلەشمىلەردە نەتىجىسى ئالدىنقى ئۇرۇنغا تىزىلغانلار قاتنىشىدىغان بولغاچقا ئورنىغا قاتنىشىمەن دەپلا قاتناشقىلى بولمايدۇ شۇڭا 4چوڭ بىرلەشمىگە قاتنىشالىساق دەرىجىمىزنى يۇقرى كۈتۈرسەكلا چۇقۇم پۇرسەت كىلىدۇ. (ئەگەر قاتنىشالمايدىغانلار بولسا،ئورنىغا شۇ بىرلەشمىدىكى ئىپادىسى ياخشى ئەزا قاتنىشىدۇ)
خىيالىي دۇنيا لوڭقىسى: 2014-يىللىق خىيالى دۇنيا لۇڭقىسىغا بۇ يىل 4 چوڭ خىيالى بىرلەشمىگە قاتناشقانلاردىن شاللاش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىپ 32 ئەزانى تاللاپ قاتناشتۇرىلىدۇ. چۈنكى خىيالى بىرلەشمىگە كۈچ قوشقانلار چۇقۇم شۇنداق سورۇندىن قۇرۇق قالمايدۇ.
خىيالىي ئىتتىپاق لوڭقىسى: ھەمىمىزگە مەلۇم ئەمەلىيەتتىكى ئىتتپاق لوڭقىسىغا ئوخشاش خىيالىي بىرلەشمىدە پەقەت مۇشۇ بىرلەشمىنىڭ جەلىپ قىلىشى تۆۋەن. كوماندا جىق لېكىن تونۇش بولمىغان كوماندىلار كۆپ بولغانلىقتىن ئالدىنقى پەسىلدە نۇرغۇن ئەزا تىزىملاتقان بولسىمۇ ئوينايدىغانلار ساناقلىقلا چىقىپ ئاخىرى 8كۈچلۈكتىلا باشلىدى. تەكلىپىم: ئەگەر بۇ مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلسا، بۇ مۇسابىقىنى ئىسلاھ قىلىپ خىيالىي ئۇزغۇنلۇق ۋە بىرلەشمە بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىلىدىغان قىلساق (ھەرقايسى بىرلەشمىدىكى زەردارلارنىڭ سوئالىنى چىقارساق) شۇندىلا بۇ ئويۇننىڭ جەلىپ قىلىش ۋە قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولاتتى.
جاۋاب تېمىسى ھەققىدە: ئالدىنقى پەسىلىنىڭ ئاخىرىدا بۇ قائىدىنى ئۆزەم تەكلىپ بېرىپ قالدۇرغان ئىدىم. خىيالىي ئويۇننىڭ جاۋاب تېمىسىنى چىقارغان بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغانلار ساناقلىقلا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوخشاشلا تەكشۈرەيدىغان ئىش. شۇڭا تېما پاخالچىلىقى ۋە ۋاقىتنى تىجەش ئۈچۈن جاۋاب تېمىسى چىقىرىلمايدۇ. مۇسابىقە ئاخىرلاشقان ھامان سوئال تېمىسىنىڭ ئاخىرىغا نەتىجە ۋە جاۋابلارنى قوشۇپ يوللىسا ياكى جەدۋەل ئىشلەيدىغانلارغا يوللسا بولىدۇ.
يەنە قانداق ئويلىشىدىغان تەكلىپ-پىكىرىڭلار بولسا قالدۇرۇپ قويغايسىلەر.... |
|