- تىزىملاتقان
- 2011-9-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4244
- نادىر
- 5
- يازما
- 4244
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سېرىق ھەرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-5 10:23
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
بۈگۈن ئەتىگەن خەلىقئارا جىنىس لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئىككى مەيدان مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلدى ... نەتىجىلەر تۆۋەندىكىچە :
ۋالىنسىيە 4 - 0 ئىنتىر مىلان
بۈگۈن سەھەر شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 2:10 مىنۇت ئۆتكەندە خەلىقئارا جىنىس لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلدى ، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى كۈچلۈك كوماندا ۋالىنسىيە كوماندىسى بىلەن ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ زەردارى ئىنتىر مىلان كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى ...
بۇ مەيدان مۇسابىقە بەك كەسكىن ئىلىپ بىرىلدى ، ھەر ئىككىلى كوماندا ئىپادىسىنى ياخشى جارى قىلدۇردى ، 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدىن كىيىن ۋالىنسىيە كوماندىسى رەقىبىنى چوڭ پەرىق 4 - 0 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلدى ... ئىنتىر مىلان ئىچىنىشلىق ئۇتتۇرۇپ قويدى ...
مىلان 0 - 2 چىلسى
يەنە بىرمەيدان جىنىس لوڭقىسىنى تالشىش مۇسابىقسىدە زەردارلار ئۇچۇرشىشى بولدى ، يەنى ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ زەردار چىلسى كوماندىسى بىلەن ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ زەردارى مىلان كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى ... چىلسى كوماندىسى باشتىن - ئايان مەيداننى كونتۇرۇل قىلىپ ئوينىدى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 29 مىنۇت بولغاندا بىلگىيەلىك چولپان دىبرۇينى بىر توپ ئۇردى ، كىيىنكى مەيدان 90 مىنۇت بولغاندا گىرمانىيەلىك چولپان شۈللىر بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى مۇقىملىدى ، بۇنىڭ بىلەن چىلسى كوماندىسى غەلبە قىلدى ... چىلسى كوماندىسى ئەمدى مادىرىد كوماندىسى بىلەن جىنىس لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچلۇق مۇسابىقىسىنى ئوينايدۇ ...
|
|