- تىزىملاتقان
- 2011-9-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4244
- نادىر
- 5
- يازما
- 4244
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سېرىق ھەرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-4 10:51
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
2013 - يىلى 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى كەچتە بىرقىسىم دوسلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكىزىلدە نەتىجە تۆۋەندىكىچە :
موناگو 5 - 2 توتىنھام رىس
يەنە بىر مەيدان كۈچلۈكلەر دوسلۇق مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلدى ، فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ بۇ يىل ئا بىرلەشمىگە ئۆرلەپ چىققان ، بۇ يىل ئالاھىدە قان تولۇقلىغان كۈچلۈك كوماندىسى موناگو كوماندىسى بىلەن ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى توتىنھام رىس كوماندىسى بىر مەيدان دوسلۇق مۇسابىقىسى ئوينىدى ، 90 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىدىن كىيىن موناگو كوماندىسى يۇقىرى توپ سانى يەنى 5 - 2 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى ... موناگو كوماندىسىغا يۇقىرى باھا بىلەن يۆتكەلگەن توپ ئۇرۇرش ماشىنىسى فاركاۋ 2 توپ ئۇردى ...
لىۋىرپۇل 2 - 0 ئولىنپىياكىس(گىرىتسىيە)
ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى زەردار كوماندا لىۋىرپۇل كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا گىرىتسىيەنىڭ كۈچلۈك ئولىنپىياكىس كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە لىۋىرپۇل كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى ، 90 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىدىن كىيىن لىۋىرپۇل كوماندىسى 2 - 0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى ...
پارىژ سانت گىرمان 2 - 1 بوردو
2013 - يىلى 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى 2013 - يىللىق فىرانسىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۆتكىزىلدى ، فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى پارىژ سانت گىرمان كوماندىسى بىلەن فىرانسىيە لوڭقىسى چىمپىيۇنى بوردو كوماندىسى بۇ لوڭقىنى تالاشتى ، ھەر ئىككىلى كوماندا ئۈچۈن بۇ لوڭقا مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئاساسلىق ماھىرلىرىنى مەيدانغا چىقاردى ، مۇسابىقە جەريانىمۇ دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقە بولۇپ كەتتى ، 90 مىنۇتلۇق دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىدىن ھەر ئىككىلى كوماندىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغانلىقتىن 1 - 1 تەڭلەشتى ، قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتتا پارىژ سانت گىرمان كوماندىسى 1 توپ ئۇرۇپ بوغۇزلاپ 2013 - يىللىق فىرانسىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولدى ، پارىژ سانت گىرمان كوماندىسى 15 يىلدىن كىيىن بۇ لوڭقىنى ئالدى ... مۇبارەك بولسۇن پارىژ سانت گىرمان كوماندىسى ...
|
|