- تىزىملاتقان
- 2008-8-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 2508
- نادىر
- 3
- يازما
- 2508
 
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-2 16:39
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
چېلسىي VS ئىنتېر مىلان
خەلقئارا جېنىس لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ 3-مەيدان مۇسابىقىسى ئۇيغۇر ۋاقتى 2-ئاۋغۇست تاڭ سەھەر 6 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە چېلسىي بىلەن ئىنتېر مىلان ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى ، نەتىجىدە چېلسىي 13-مىنۇتتا ئوسكار ، 29- مىنۇتتا ھارزاد ( نۇقتا توپ ) لارنىڭ توپ ئۇرۇشى بىلەن 2:0 نەتىجىدە ئىنتېر مىلان ئۈستىدىن غەلبە قىلدى ، كېيىنكى مەيدان چېلسىينىڭ رەقىبى بولسا مىلان VS ۋالىنسىيەنىڭ مۇسابىقىسىدىكى ئۇتۇپ چىققۇچى مىلان بولۇپ ، بۇلار 4-ئاۋغۇست مۇسابىقىلىشىدۇ ، ئىنتېر مىلان بولسا ۋالىنسىيە بىلەن تۇتۇشىدۇ .
رېئال مادرىد VS لوس-ئانژىلىس سامان يولى كوماندىسى
ياۋروپا سامان يولى كوماندىسى بىلەن ئامرېكا سامان يولى كوماندىللىرى ئوتتۇرىدىكى جەڭدە رېئال مادرىد كوماندىسى تەرەپتىن دىمارىيا 14-مىنۇتتا تۇنجى توپنى ئۇردى ، ئالدىنقى مەيدان 1:0 نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتى ، كېيىنكى مەيداندا مۇسابىقىنىڭ 51-مىنۇتىغا كەلگەندە ئالمىشىپ چىققان بېنزىما بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2:0 قىلىپ ئۆزگەرتتى ، ئارىدىن 10 مىنۇتلارچە ئۆتۈپ لوس ئانژىلىس كوماندىسى تەرەپتىن جوزى ۋېللا رېئال ( Jose Villarreal ) بۇ كوماندىنىڭ تۇنجى توپىنى ئۇردى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 75-مىنۇتقا كەلگەندە بېنزىما يەنە بىر توپ ئۇردى ، مۇسابىقە 3:1 نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتى ، رېئال مادرىدنىڭ كېيىنكى مەيدان رەقىبى يۇۋىنتۇس كوماندىسىنى نۇقتا توپ جېڭىدە ئۇتقان ئېۋىرتون كوماندىسى بولۇپ بۇلار 3-ئاۋغۇست مۇسابىقە ئوينايدۇ .
|
|