- تىزىملاتقان
- 2012-9-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3676
- نادىر
- 6
- يازما
- 3676
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-10 18:53
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ،ئەزىز قېرىنداشلىرىم ھەممىڭلارغا مىسسى2دىن ئوتلۇق سالام، بۈگۈن سىلەرنىڭ ھۇزۇرىڭلارغا ئافرىقا ئەركەك شىرى ھەققىدىكى ئازغىنە ئىزدىنىشلىرىمدىن ئاددى سوۋغا تەييارلاپ كەلدىم، تېما مەزمۇنىنى ئوقۇپ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىڭلارنى بەرگەيسىلەر.
كامېرون جۇمھۇريىتى ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىغا جايلاشقان،يەرمەيدانى 475مىڭ440كىۋادىرات كىلۇمېتىر،نوپۇسى 20مىليۇن400مىڭ(2011-يىل) ،200دىن ئوشۇق مىللەت ۋە قەبىلىلەر دىن تەركىب تاپقان دۆلەت بولۇپ يەرلىك تىللارنىڭ تۈرى بەك كۆپ،ھۆكۈمەت تەرەپ تىلى ئىنگىلىز ۋە فىرانسۇز تىلىنى تەڭ ئىشلىتىدۇ. ئاھالىسىنىڭ تەخمىنەن %40ى خىرىستىئان ۋە كاتولىك دىنىغا ئىتىقاد قىلىدۇ،بۇلار ئاساسەن دېڭىز بويى رايۇنلىرىغا تارقالغان، ئىچكىرى جايلاردىكى تەخمىنەن %40ئاھالە نەرسىگە چوقۇنۇش(ئىپتىدائىي يەرلىك دىنلار)غا ئېتىقاد قىلىدۇ،فۇربىي مىللىتى بىلەن غەربىي شىمالدىكى بىرقىسىم مىللەتلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ(تەخمىنەن%20). كامېرۇن جۇمھۇريىتى نېگىرىيە، چاد، ئوتتۇرا ئافرىقا، گابۇن، ئىكۋاتۇر گىۋىنيىسى ،كونگو قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چىگرالىنىدۇ،پايتەخىت يائۇندى.
كامېرۇننىڭ دۇنياغا تونۇلىشىدا ئۇنىڭ مول ساياھەت بايلىقىدىن سىرت كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردىغىنى بىرسى كامېرۇن پۇتبولچىلىقى،يەنە بىرى يەرلىك مۇزىكا بىلەن ئۇسسۇل. ئۇنىڭ دۇنيا پۇتبول ساھەسىدە ‹ ئافرىقا ئەركەك شىرى›دەپ چىرايلىق نامى بار.
كامېرون پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى
كامېرون پۇتبول كوماندىسى ئافرىقا قۇرۇقلۇقىدىكى پۇتبول نەتىجىسى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغان ،دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئەڭ كۆپ قاتناشقان دۆلەت. ھازىرغىچە جەمئى 6قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان( 1982،1990،1994،1998،2002،2010)، شۇنداقلا ئافرىقىدىن تۇنجى بولۇپ 8كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن دۆلەتتۇر، 21-ئەسىرگە كىرگەندىن كېيىن 2000،2002-يىللىرى ئافرىقا لوڭقىسىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ 2003-يىلىدىن باشلاپ پۇتبولدىكى نەتىجىسىدە تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن. 2010-يىلىغا كەلگەندە دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشكەن. ئەڭ چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن يەڭگەن مۇسابىقە: كامېرۇن9-2سومالى(1960-يىلى ماداغاسقار)،ئەڭ چوڭ نومۇر بىلەن مەغلۇپ بولۇشى: روسىيە6-1كامېرۇن(1994-يىلى ئامېرىكا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى). دۇنيا لوڭقىسىغا 6قېتىم قاتنىشىپ ئەڭ ياخشى نەتىجىسى 8كۈچلۈككە كىرگەن.ئافرىقا لوڭقىسىغا13قېتىم قاتنىشىپ 4قېتىم چىمپىيۇن بولغان(1984،1988،2000،2002)،خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمە لوڭقىسىغا 2قېتىم قاتناشقان(2001،2003) بۇنىڭ ئىچىدە 2003-يىلى 2-بولغان. 2000-يىلى سىدنىي ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتبول تۈرىدە ئالتۇن مېدال ئالغان.
كامېرۇن پۇتبولچىلىقىنىڭ دەسلەپكى ئىزنالىرىنى سۈرۈشتۇرگەندە 19-ئەسىردە گېرمانىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئېلىپ كىرگەن بولۇپ دەسلەپتە دىڭىز بويىدىكى دۇئالا شەھىرى ۋە پايتەخىت يائۇندى ئەتراپلىرىدا پۇتبول ئوينىغان،كېيىنچە گېرمانىيلىكلەر بىلەن يەرلىكلەر ئۆزئارا مۇسابىقىلەشكەن، ئەمما كامېرۇن پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى دۆلەت مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بىر قەدەر تىز راۋاجلانغان دىيىشكە بولىدۇ. كامېرۇن 1960-يىل 1-يانۋار مۇستەقىللىق جاكارلىغان،1972-يىلى 20-ماي جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەت قۇرۇلغان،كامېرۇن پۇتبول بىرلەشمىسى ھەم كوماندا بولسا 1959-يىلى قۇرۇلغان، 1962-يىلى خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئەزا بولغان. كامېرۇن كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە كىيىمى دۆلەت بايرىقىنىڭ رەڭگىنى ئاساس قىلغان ، ساھىبخان مەيداندا يېشىل مايكا،قىزىل كالتە ئىشتان ،سىرىق پايپاق كىيىدۇ، مىھمان مەيداندا بولسا سىرىق مايكا،يېشىل كالتە ئىشتان ،قىزىل پايپاق كىيىپ ئوينايدۇ.كامېرۇن ئا دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 1961-يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان، 1961-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە دۇئالا بۆكەن كوماندىسى چىمپىيۇنلىقنى بەرمىگەن، كېيىنچە كوماندىلارنىڭ كۆپىيىشى ھەم بىر قانچە قېتىملىق بىرلەشتۈرۋىتىش جەريانلىرىدىن كېيىن يائۇندى كانۇن كۇلۇبى كۈچەيگەن، بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ھازىرغىچە 10قېتىم چىمپىيۇن بولغان. ئافرىقا كۇلۇپلىرى مۇسابىقىسىدە 3قېتىم چىمپىيۇن بولغان،1قېتىم ئافرىقا غالىبلار لوڭقىسى چىمپىيۇنى بولغان، بۇ كۇلۇب كامېرۇن بىرلەشمىسىنى مونۇپۇل قىلىۋالغان كۈچلۈك كۇلۇبلارنىڭ بىرى.
كامېرۇن كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى مۇساپىسى
كامېرۇن كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئەڭ كۆپ قاتناشقان ئافرىقا دۆلىتى كوماندىسىدۇر.تۇنجى قېتىم
1982-يىلى ئىسپانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كامېرۇن ئۈچ مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسىدە تەڭلىشپ كىرگۈزگەن توپ سانى ئاز بولۇش سەۋەبلىك گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان،ئەمما شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا چىمپىيۇنى بولغان ئىتالىيە بىلەن ئوينىغان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 1-1تەڭلەشكەن.
ئافرىقا ئەركەك شىرى دىگەن نامنىڭ مەيدانغا كېلىشى
1990-يىلى ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 14-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە كامېرۇن ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا چىمپىيۇنى ئارگېنتىنا، رۇمىنىيە،سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى كوماندىلىرى بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلىنىدۇ،تۇنجى مەيدان مارادونا باشچىلىقىدىكى ئارگېنتىنا بىلەن كامېرۇن مۇسابىقىلەشكەندە كامېرۇن كوماندىسنىڭ ئىپادىسى كىشىلەرنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىدۇ،كامېرۇن ماھىرى بىيىك ئۈسكەن توپ ۋاراتارنىڭ سەۋەنلىكىدىن ئارگېنتىنا ۋاراتارىغا كىرىپ كېتىدۇ،پۈتكۈل مۇسابىقە جەريانىدا كامېرۇن كوماندىسى ئۆزلىرىنىڭ سۈرئىتىنىڭ تىزلىكى، تولۇپ تاشقان بەدەن قۇۋۋىتى ھەم ئۆزگىچە تاكتىكىسى بىلەن مارادونا باشچىلىقىدىكى دۇنيا چىمپىيۇنىغا تەڭلىشىش پۇرسىتىمۇ بەرمەيدۇ،مۇسابىقىدىن كېيىن دۇنيا ئەھلى ئافرىقىدىن كەلگەن بۇ يېڭى كوماندىغا يۇقىرى باھا بىرىدۇ،‹ئافىرىقا ئەركەك شىرى › دىگەن نام شۇ چاغدا بىرىلىدۇ.ئىككىنچى مەيداندا رۇمىنىيە كوماندىسنى بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن ئۇتقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىشى مۇقىملىشىدۇ. سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن ئوينىغاندا كامېرۇن كوماندىسى 4-0نەتىجىدە ئۇتتۇرۋىتىدۇ،لېكىن يەنىلا 6نومۇر بىلەن گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقىدۇ. مۇسابىقە جەريانىدا كامېرۇن كوماندىسدىن كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بىر قانچە ماھىر مەيدانغا كېلىدۇ.
رۇگىر.مىللا 1952-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى پايتەخت يائۇندىدا تۇغۇلغان، دادىسى تۆمۈريول ئىشچىسى بولۇپ كىچىك چىغىدا دادىسى ئىشلىگەن ئورۇندا توپ ئويناپ يۈرەتتى،13يېشىدا ئۇ دۇئالادىكى كۇلۇب بىلەن توختام ئىمزالاپ ئۆزىنىڭ كەسپى پۇتبول ھاياتىنى باشلايدۇ،18ياشقا كىرگەندە كوماندا بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۇرىدۇ.كېيىن يائۇندى چاقماق كوماندىسىغا كېلىىپ مۇسابىقە ئوينايدۇ ھەم دۆلەت كوماندىسغا تاللىنىدۇ. 1976-يىلى مىللا ‹ئافرىقا پۇتبول ئەپەندىسى› بولۇپ باھالىنىدۇ. فىرانسىيە موناكو كوماندىسىدا ئۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپالمايدۇ،كېيىن فىرانسىيەنىڭ مونتىپىللىر كوماندىسدا يېڭى ئىپادىسنى تېپىپ مەزكۇر كۇلۇب تارىخىدىكى رىۋايەت خاراكتىرلىك شەخس بولۇپ قالىدۇ.
1978-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ مىللا دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى سۈپىتىدە كامېرۇن كوماندىسى ئۈچۈن جەڭلەرگە قاتنىشىدۇ،1982-يىللىق ئىسپانىيە دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە مىللا 6توپ ئۇرۇپ كامېرۇن كوماندىسىنى تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا ئېلىپ كىرىدۇ، ئىسپانىيەدە 3مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە تەڭلىشپ قىلىپ بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرمايدۇ، مىللانىڭ ئىپادىسىمۇ يامان ئەمەس بولىدۇ. 1987-يىلى ئۇ دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنىدۇ،ئەمما 1990-يىللىق ئىتالىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئالدىدا كامېرۇن زوڭتۇڭى ئۇنىڭغا ئۆزى تېلىفۇن قىلىپ كوماندىغا قاتنىشىشىنى تەكلىپ قىلىپ تۇرۋالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن مىللا قايتىدىن كوماندىغا قايتىپ دۇنيا لوڭقىسىغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ.
ئىتالىيەدە 38ياشقا كىرىپ قالغان مىللا داڭلىق شەخىسكە ،كامېرۇن كوماندىسى بىر داڭلىق كوماندىغا ئايلىنىدۇ،تۇنجى مەيدان چىمپىيۇن كوماندا ئارگېنتىنانى يەڭگەندە دۇنيا ئەھلى ھەيران قالىدۇ،ئىككىنچى مەيداندا رۇمىنىيەنى 1-2نەتىجىدە يېڭىۋالىدۇ،بۇ مەيداندا مىللا ئۆزىلا ئىككى توپ ئۇرىدۇ،گەرچە رۇسىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ يەنىلا گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقىدۇ. دۇنيا پۇتبول ساھەسىمۇ كامېرۇن كوماندىسغا ‹ ئافرىقا ئەركەك شىرى› دىگەن نامنى بىرىدۇ. شاللاش باسقۇچىدا كامېرۇن بىلەن كولۇمبىيە ئۇچرىشىپ قالىدۇ، مۇسابىقىدە زاپاس ئەزا قاتارىدا چىققان مىللا بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرىدۇ،ۋاقىت قوشۇپ بىرىلگەن ئۇزارتىلغان مۇسابىقىدە يەنە بىر توپ ئۇرۇپ 1گە قارشى 2نەتىجە بىلەن كولۇمبىيەنى شاللىۋىتىدۇ. بۇ توپنى مىللا كولۇمبىيەنىڭ ‹ساراڭ قاپقىچىسى› خىگۇيتادىن تارتىۋىلىپ قاپقىغا ئۇرۋىتىدۇ
كامېرۇن كوماندىسى 8كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەندىن كېيىن توپ ئۇرۇش ماشىنىسى لىيىنكىر بار بولغان ئېنگىلانىد بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ، بۇ مەيدان مۇسابىقە شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ قىزىغان مۇسابىقىلەرنىڭ بىرىدۇر،مۇسابىقىدە كامېرۇن كوماندىسى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ 3كە قارشى 2نەتىجە بىلەن شاللىنىپ كېتىدۇ،بىراق ئۇلار ئافرىقا كوماندىلىرىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى تارىخ بېتىگە پۈتۈپ قويۇپ قايتىدۇ،2002-يىلىغا كەلگەندە ‹ئافرىقا كىچىك شىرى› دەپ نام ئالغان سىنىگال كوماندىسى بۇ نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى.
1994-يىلى 15-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلدى، مىللا ئويلىمىغان يەردىن يەنە بۇ چوڭ خەلقارالىق مۇسابىقە مەيدانىغا قەدەم باستى، بۇ چاغدا ئۇ 42ياشقا كىرىپ قالغان ئىدى، بۇ قېتىم كامېرۇن كوماندىسى بىرازىلىيە،شىۋىتسىيە قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلار ھەم كونا رەقىبى رۇسىيە بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ قالدى، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى رۇسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە كامېرۇن كوماندىسى 6توپ كەتكۈزۈپ قويغان بولسىمۇ مىللا رۇسىيەگە بىر توپ ئۇرۇپ كوماندىنىڭ يۈزىنى ئازراق بولسىمۇ ساقلاپ قالىدۇ، بۇ بىر توپنى كىرگۈزۈشى بىلەن مىللا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تارىخىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ توپ كىرگۈزگۈچى ماھىر بولۇپ قالىدۇ،ئۇندىن باشقا مىللا ئۈچ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشالىغان بىردىنبىر ئافرىقا پۇتبول ماھىرىدۇر.
مىللا كامېرۇنغا 5توپ ئۇرغان رۇسىيە ھۇجۇمچىسى سالىنكوف بىلەن بىللە
مىللانىڭ مەيداندىكى ئىپادىسى ئۇنى دۆلىتىدە يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلغان، بىر قېتىملىق رايۇنلۇق ھۆكۈمەت ئەمەلدارى سايلىمىدا ئۇ ئەڭ يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشىپ سايلانغان بولسىمۇ بىراق ئۆزى رەت قىلىۋەتكەن. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى ئۇ كامېرۇن خەلقىنىڭ پەخرلىك ئوغلى ،شۇنداقلا داڭلىق پۇتبول چولپىنى.
يەنە بىر داڭلىق چولپان ئومام.بىيىك
ئومام.بىيك 1990-يىلى ئارگېنتىناغا بىردىبىر توپنى ئۇرغاندىلا نامى چىقىپ كەتكەن كامېرۇننىڭ داڭلىق پۇتبولچىسى.ئۇ 1966-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان،مەيداندىكى ئورنى ھۇجۇمچى،ئوڭ پۇتىنى كۆپرەك ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن،دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 46مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ20توپ ئۇرغان. فىرانسىيەنىڭ گانا،لانسى،مارسىل قاتارلىق كۇلۇبلىرىدا ھەم ئىتالىيەنىڭ سامپىدۇرىيە كۇلۇبىدا توپ ئوينىغان.
ئوۋچى قاپلان--ئېيتىئو
سامۇئىل.ئېيتىئو 1981-يىل 3-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان،ئىگىزلىكى 1.80مېتىر،ئېغىرلىقى 75كىلوگىرام،خانلىق مادرىد،ماللوركا ،بارسىلونا، ئىنتىر مىلان قاتارلىق داڭلىق كۇلۇبلاردا توپ ئوينىغان،مادرىدتا مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى كۆپ بولمىغان،ئۇنىڭ پۇتبولچىلىقتىكى شانلىق ھاياتى ئاساسلىقى بارسىلونا بىلەن ئىنتىر مىلاندا ئۆتكەن،ئوۋچى قاپلان،قارا مەرۋايىت دىگەندەك ناملىرى بار.ھازىر روسىيە ماخاچكالا ئەنچى كۇلۇبىدا توپ ئويناۋاتىدۇ،ئۇنىڭ بۇ كۇلۇبتىن ئالىدىغان مائاشى 20مىليۇن 500مىڭ ياۋرو بولۇپ دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى مائاش ئالىدىغان پۇتبول تەنھەركەتچىسى ھىسابلىنىدۇ.
ئېيتىئونىڭ ئېرىشكەن شان-شەرەپلىرى:
(1) كوللىكتىپ شان-شەرىپى(كۇلۇبلاردا)
ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە چىمپىيۇنى 3قېتىم (2004-2005،2005-2006، 2008-2009)
ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقە چىمپىيۇنى 3قېتىم بارسىلونا(2006،2009)،ئىنتىر مىلان(2010)
ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيۇنى 2قېتىم (2006،2007)
ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى 1قېتىم (2009)
ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە چىمپىيۇنى 1قېتىم(2009-2010)
ئىتالىيە لوڭقىسى چىمپىيۇنى 2قېتىم (2011،1010)
ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيۇنى 1قېتىم(2010)
دۇنيا كۇلۇبلار مۇسابىقىسى چىمپىيۇنى 1قېتىم (2010)
(2) كوللىكتىپ شان-شەرىپى(دۆلەت كوماندىسىدا)
ئافرىقا لوڭقىسى چىمپىيۇنى 2قېتىم (2000،2002)
سىدنىي ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئالتۇن مېدالى(2000)
خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمە لوڭقىسى ئىككىنچىلىككە (2003)
(3) شەخسىي شان-شەرەپلىرى
2010،2005،2004،2003-يىللىرى ئافرىقا پۇتبول ئەپەندىسى
2005-يىلى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى باھالاشتا 3-لىككە
2006-يىلى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەرگىنى
2005،2006-يىللىرى خەلقارا كەسپى پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ پەسىللىك ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە تاللانغان
2006،2005-يىللىرى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە تاللانغان
2008،2006-يىللىرى ئافرىقا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن بولۇپ باھالانغان
2006-2005-مۇسابىقە پەسلىدە ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى
ئافرىقا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن
ماللوركا كۇلۇبى تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن
كامېرۇن تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن
ئېيتىئونىڭ توپ ئۇرۇش قىسقىچە خۇلاسە مەلۇماتى
(1)دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 112مەيدان مۇسابىقىدە 55توپ كىرگۈزگەن(2013-يىل3-ئايغىچە)
(2) ياۋروپا قىتئەسى دەرىجىلىك جەڭلەردە 100مەيدان قاتنىشىپ 44توپ ئۇرغان (ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق ۋە ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەر ھەم ئۇلارنىڭ سالاھىيەت مۇسابىقىلىرى 2013-يىل4-ئايغىچە)
ئېيتىئونىڭ كۇلۇب ئالمىشىش ئەھۋالى ۋە كۆرسەتكەن ئىپادىسىگە نەزەر
ئېيتىئو 1997-1998-مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە لىجانىس كۇلۇبىدا 28مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 3توپ كىرگۈزگەن،
1998-1999-مۇسابىقە پەسلىدە رېئال مادرىدتا بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان،بۇ مۇسابىقە پەسلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىسپانىيىلىكلەر كۇلۇبىغا ئىجارىگە بىرىلگەن،بىر مەيدانمۇ مۇسابىقە ئوينىمىغان،1999-2000-مۇسابىقە پەسلىدە رېئال مادرىدقا قايتىپ كەلگەن ھەم 2مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان،بۇ مۇسابىقە پەسلىنىڭ كېيىكى يېرىمىدا ماللوركاغا يۆتكىلىپ 13مەيدان مۇسابىقىدە 6توپ ئۇرغان،2000-2001-مۇسابىقە پەسلىدە ماللوركا ئۈچۈن 28مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە 11توپ كىرگۈزگەن،كوماندا بولسا بىرلەشمىدە 3-لىككە ئېرىشكەن،2001-2002-مۇسابىقە پەسلىدە 30مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە 6توپ كىرگۈزگەن ،ماللوركا كوماندىسى بىرلەشمىدە16-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان،2002-2003-مۇسابىقە پەسلىدە ئېيتىئو 30مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە 14توپ ئۇرۇپ كوماندا بىرلەشمىدە 9-ئورۇنغا چىققان، كېيىنكى مۇسابىقە پەسلىدە 30مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 17توپ كىرگۈزگەن،2004-يىلى 8-ئايدا ئېيتىئو 27مىليۇن ياۋرولۇق باھا بىلەن ماللوركادىن بارسىلوناغا يۆتكەلگەن،2004-2005-مۇسابىقە پەسلىدە بارسىلونا ئۈچۈن 37مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئويناپ 24توپ ئۇرغان،ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق مۇسابىقىسىدە 7مەيداندا 4توپ ئۇرغان،بىرلەشمىدە چىمپىيۇن بولغان،2005-2006-مۇسابىقە پەسلىدە ئېيتىئو 34مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 26توپ ئۇرۇپ مەرگەن بولغان،
11مەيدان ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق مۇسابىقىسىدە 6توپ كىرگۈزگەن،كوماندا بولسا بىرلەشمە ھەم ياۋروپا چىمپىيۇنى بولغان، 2006-2007-مۇسابىقە پەسلى 18مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە 11توپ كىرگۈزگەن،4مەيدان ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق مۇسابىقىسىدە بىر توپ كىرگۈزگەن، 2007-2008-مۇسابىقە پەسلىدە 18مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 16توپ ئۇرغان،7مەيدان ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق مۇسابىقىسىدە 1توپ كىرگۈزگەن،2008-2009-مۇسابىقە پەسلىدە ئېيتىئو 36مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە 30توپ ئۇرغان،12مەيدان ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق مۇسابىقىسىدە 6توپ ئۇرغان،بارسىلونانىڭ بىرلەشمە،شاھلىق،ياۋروپا چىمپىيۇنلۇقتىن ئىبارەت 3لوڭقىنى كۆتۈرۈشىگە زور تۆھپە قوشقان.شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى ئېيتىئو 5مۇسابىقە پەسلىدە بارسىلونا ئۈچۈن ئۇرغان توپى 100دىن ئېشىپ بارسىلونا تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان ئافرىقىلىق توپچى بولۇپ قالغان.
2009-يىلى بارسىلونا 46مىليۇن ياۋروغا ئېيتىئونى قوشۇپ ئىنتىر مىلاندىكى ئىبراھىمۇۋىچنى ئالماشتۇردى،يەنى ئېيتىئونىڭ باھاسى 20مىليۇن ياۋرو بولدى.شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى ئوۋچى قاپلان -ئېيتىئو رەسمى ئىنتىر مىلانغا قوشۇلدى،يىللىق مائاشى10مىليۇن 500مىڭ ياۋرو بولدى. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە 12توپ كىرگۈزۈپ بىرلەشمە چىمپىيۇنى بولدى،2010-يىل 5-ماي 0گە قارشى 1نەتىجە بىلەن رىم كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئىتالىيە لوڭقىسىغا ئېرىشتى. 22-ماي كۈنى ئۇ پۇتبول ھاياتىدىكى 3-قېتىملىق ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتناشتى،مۇسابىقىدە ئۇنىڭ پاس بىرىشى بىلەن سەپدىشى مىلىتو بىر توپ ئۇردى،ئاخىرىدا 0گە قارشى 2نەتىجە بىلەن بايرىن مىيۇنخىننى مەغلۇپ قىلىپ ياۋروپا چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۇردى،بۇ ھەم ئىنتىر مىلاننىڭ 45يىلدىن كېيىن 3-قېتىم بۇ لوڭقىنى ئېلىشى ھىساپلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئىنتىر مىلان ئىتالىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئۈچ لوڭقا شاھى بولۇپ قالدى، ئېيتىئومۇ ئىتالىيەدە ئۈچ لوڭقا ئالغان ئافرىقا پۇتبولچىسى بولۇپ قالدى. ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تارىخدىمۇ تۇنجى قېتىم قوش ‹ئۈچ لوڭقا شاھى› بولالىغان شۇنداقلا بىردىنبىر پۇتبولچى بولۇپ قالدى،يەنە كېلىپ ئېيتىئو بۇ شەرەپكە ئۇدا(2009-يىل بارسىلونا،2010-يىل ئىنتىر مىلان) ئېرىشكەن ئىدى.
2010-2011-مۇسابىقە پەسلىدە ئېيتىئو ئىنتىر مىلان ئۈچۈن تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 37توپ ئۇرۇپ ئۆزىنىڭ تاق پەسىللىك توپ ئۇرۇش رىكۇرتىنى يېڭىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە 21توپ،ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق مۇسابىقىسىدە 8توپ،ئىتالىيە لوڭقىسىدا 5توپ،ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدا2توپ،دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىدا1توپ ئۇرغان.
ئىيتىئونىڭ توپ ئېلىپ مېڭىش ماھارىتى يۇقىرى ھەم سۈرئىتى تىز،پارتلاش كۈچى زور،شۇنداق بولغاچقا ئۇ پۇتبول ساھەسىدە قارشى تەرەپ بىكلىرى ئەڭ قورقۇدىغان قاتىل ھۇجۇمچىغا ئايلانغان.
2011-يىلى يازدا ئېيتىئو ئىنتىر مىلاندىن رۇسىيە ماخاچكالا ئەنچى كۇلۇبىغا 25مىليۇن ياۋرولۇق باھا بىلەن يۆتكەلدى،2014-يىل 8-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە بولغان 3يىللىق توختام ئىمزالىدى،مائاشى 20مىليۇن 500مىڭ ياۋرو بولۇپ دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى مائاش ئالىدىغان پۇتبولچى بولۇپ قالدى. روسىيىگە كەلگەن دەسلەپكى مۇسابىقە پەسلىدە كوماندىغا ۋاكالىتەن 22مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە 13توپ ئۇرۇپ كوماندا بىرلەشمىدە 6-ئورۇندا تۇردى،2012-2013-مۇسابىقە پەسلىدە25مەيدان روسىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 10توپ كىرگۈزدى،ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەردە12مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 8توپ كىرگۈزدى.كوماندا بولسا بىرلەشمىدە 3-ئورۇنغا چىقتى.
ئىيتىئونىڭ دۆلەت كوماندىسدىكى ئىپادىسى
ئېيتىئو كامېرۇن دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان ۋاقتى 1996-يىل 3-ئاينىڭ 9-كۈنى،شۇ چاغدا15ياشلىق ئېيتىئو كوستارىكاغا 5-0نەتىجىدە ئۇتتۇرۋەتكەن دوسىتلۇق مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئىدى،1998-يىلى ئۇ تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشتى،6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىتالىيە بىلەن بولغان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چىقىپ شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك مەيدانغا چىققان ماھىر بولۇپ قالدى،شۇ چاغدا ئۇ 17ياش3ئايلىق بولغان ئىدى.
2000،2002-يىللىق ئافرىقا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئۇ دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئۇدا 2نۆۋەت ئافرىقا لوڭقىسىنى ئېلىشىغا تۆھپە قوشقان بولسا،2000-يىلى سىدنىي ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدا ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۇرۇشىدە رول ئوينىدى
2002-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئۇرغان توپى ئۇنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدا ئۇرغان تۇنجى توپى ھىساپلىنىدۇ،2006-يىلى گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە كامېرۇن تاللاش مۇسابىقىسىدىن چىقالماي بۇ مۇسابىقىدىن مەھرۇم قالىدۇ. 2010-يىلى جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە ئېيتىئو 9 توپ كىرگۈزۈپ كوماندىنى جەنۇبىي ئافرىقىغا بارىدىغان سالاھىيەتكە ئېرىشتۇرۇشتە چوڭ تۆھپە قوشىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقىدا كامېرۇن،گوللاندىيە،ياپونىيە ،دانىيە قاتارلىق كوماندىلار بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈندى،ئېيتىئو دانىيە كوماندىسىغا بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ 2-1نەتىجىدە ئۇتتۇرۋەتتى،كۈچلۈك گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بىر نۇقتا توپنى كىرگۈزۈپ ئۇلارغىمۇ 2-1نەتىجىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى،بۇندىن بۇرۇن ياپونىيەگە 0-1نەتىجىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى 3مەيدان ئۇتتۇرۇش بىلەن ئاياقلاشتى. كىشىلەر ئافرىقا ئەركەك شىرىنىڭ قىرىپ قالغانلىقىنى ھىس قىلىشتى،شۇنداقلا 31ياشقا كىرگەن ئېيتىئوغا تايىنىپلا بۇ ئەركەك شىرنىڭ بۇرۇنقى سۈر-ھەيۋىسىنى قايتا نامايان قىلىشنىڭ تولىمۇ تەسلىكىنى تونۇپ يەتتى.
ئالىكساندىر.سوڭ. 1987-يىل 9-ئاينىڭ 9-كۈنى كامېرۇن دۇئالادا تۇغۇلغان، 2005-يىلى فىرانسىيە باسىدىيا كۇلۇبىدىن ئارسىنالغا ئىجارە بىرىلگەن،2006-يىلى رەسمى ئارسىنالغا قوشۇلغان،2007-يىلى چارلتون كوماندىسىغا ئىجارە بىرىلگەن،كېيىنچە ئارسىنالنىڭ مۇھىم ئارقا بەل ئەزاسى بولۇپ ئىنگىلانىد بىرلەشمىسىدىكى رىقابەتلىشىش كۈچى زور ماھىرغا ئايلانغان. ئۇنى ئارقا بەل ياكى ئوتتۇرا بىك ئورنىدا ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.
2012-يىلى8-ئاينىڭ 19-كۈنى بارسىلونا ئۇنى 19مىليۇن ياۋرولۇق باھا بىلەن ئارسىنالدىن يۆتكەپ كەلدى،ئۇ بارسىلونا تارىخىدىكى يەتتىنچى ئافرىقىلىق پۇتبولچى ھىسابلىنىدۇ. 5يىللىق توختام ئىمزالىغان بولۇپ ،توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى 80مىليۇن ياۋروغا يىتىدۇ.ئۇ ھازىر بارسىلونانىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىدىن بولۇپ قالدى.
سوڭنىڭ دۆلەت كوماندىسدىكى ھاياتى 2008-يىلىدىن باشلانغان،ئۇندىن بۇرۇن فىرانسىيە 16ياشلىقلار كوماندىسغا ۋاكالىتەن 6مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان ئىدى، 2008-يىلىدىن باشلاپ ۋەتىنى ئۈچۈن ياشلار كوماندىسىدا ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مۇسابىقە ئوينىدى،2008-يىللىق ئافرىقا لوڭقىسى،2008-يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى،2010-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى قاتارلىق چوڭ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ئىپادىسى ياخشى بولغان.
يېڭى ئېيتىئو--دۇنگو
دۇنگو 1995-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇغۇلغان، ئىگىزلىكى 1.64مېتىر، بارسىلونا لاماسسىيە مەشىق لاگىرىنىڭ مەھسۇلاتى،كامېرۇن خەلقى ئۇنى يېڭى ئېيتىئو دەپ قارىسا،بارسىلونا كۇلۇبنىڭ ئۈمىدلىك چولپىنى دەپ قارىماقتا،يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن بارسىلونانىڭ بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە توپ ئۇرۇپ ئۆزىنى نامايان قىلغان،بويى پاكار بولسىمۇ بەدىنى قاۋۇل، سۈرئىتى تىز،ئەمدىلا 18ياشقا تولغان بۇ كامېرۇن ھۇجۇمچىسىنىڭ بارسىلونادا پىشىپ يېتىلىپ ئافرىقا ئەركەك شىرىنىڭ 1990-يىلىدىكى ھەيۋىسىنى قايتا دۇنيا سەھنىسىدە نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مىللا،ئېتىئو،دۇنگودەك مۇنەۋۋەر ماھىرلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىقسا ئەركەك شىرنىڭ يېشىل چىملىق مەيداندىكى ھۆركىرىگەن ئاۋازىنى يەنە ئاڭلىشىمىز،ئۇنىڭ سۈر-ھەيۋىسىنى قايتا كۆرۈشىمىز يېقىن كەلگۈسىدە ئىشقا ئاشقۇسى.
|
-
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50
تۆھپە + 10
شۆھرەت + 10
تەجرىبە + 10
باھا خاتىرىسى
|