بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-1 01:02
مۇھەببەتنىڭ كۈلكىسىمۇ، يىغىسىمۇ بولىدۇ. كۈلكىسى قانچىلىك شېرىن بولسا، يىغىسىمۇ شۇنچە ھەسىرەتلىك بولىدۇ. مۇھەببەتنىڭ يىغىسى كۆپىنچە مۇھەببەت تېراگىدىيەسى بولۇپ شەكىللىنىپ قالىدۇ. شۇڭا مۇھەببەت تېراگىدىيەلىرىمۇ بەك ئازاپلىق كېلىدۇ. بىز ئىزچىل رومانتىك ھېس-تۇيغۇلارغا چۆمۈلۈپ تۇرۇپ جان-جەھلىمىز بىلەن قوغلاشقان قىزلار، ئەمىرىمىزگە ئالماقچى بولغان كېلىنچەكلەر ئويلىمىغان يەردىن باشقىلارنىڭ نىكاھىغا ئۆتۈپ كېتىدىغان ئىشلار تۇرمۇشىمىزدىمۇ يوق ئەمەس. بۇنداق مۇھەببەت تىراگىدىيەسىنىڭ ئەر باش قەھىرمانى ئايروپىلان توسۇپ سۆيگەن نىگارىنىڭ توي مەرىكىسىگە قاتناشقىلى بارىدۇ ۋە ئۆزى شۇنچە ۋەسلىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان نىگار قىزنىڭ باشقا يىگىتلەر تەرىپىدىن ئۆيىگە يېتلەپ ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ قەلبى چەكسىز ھەسىرەتكە تولىدۇ، چەكسىز ئازاپلىنىدۇ...
خوش، بۇنى سۆزلەشتىكى مەقسەت، پۇتبول دۇنياسىدىكى ئىشلارنى بۇنىڭغا ئوخشىتىپ تۇرۇپ شەرىھلەش. ھەر قانداق پۇتبول كۇلۇبى ھەقىقىي پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل ئەڭ ياخشى توپچىلارغا ئىنتىلىدۇ. بۇ خۇددى ئاشىق يىگىتنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قىزنى قوغلاشقىنىغا ئوخشايدۇ. بۇ يىلقى يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدا ياۋروپادىكى بىر قانچە زەردار «ئاشىق يىگىت» لەر جان-جەھلى بىلەن قوغلاشقان تۆۋەندىكى 7 نەپەر «مەشۇق قىز» لار ئۆزلىرىگە ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلغان شۇ «بەخىتسىز ئاشىقلار» نى ھەسىرەتتە قالدۇرۇپ تېگىشلىك بولمىغان باشقا «يىگىتلەر» نىڭ ئەمىرىگە ئۆتتى.
قېنى بىز بۇ يىلقى يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدىكى «مۇھەببەت تېراگىدىيە» لىرىگە نەزەر تاشلاپ باقايلى:
##############################################################
1. ھىگۇايىن.
خېلى بۇرۇنلا 2012-2013 مۇسابىقە پەسلى ئاياقلاشقاندىن كېيىن مادىرىدتتىن ئايرىلىش پوزىتسىيسىنى بىلدۈرگەن ھىگۇايىننىڭ كۆڭۈلسىز بېرنابۇ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال يۇۋېنتۇس كۇلۇبى ئارىغا چۈشىتى. داڭلىق پۇتبول ۋاستىچىسى (BRONZETTI) بىرۇنزېتتىمۇ «25 مىليۇن ياۋرو، بۇ ھىگۇايىننىڭ %70 يۇۋېنتۇسقا قېتىلىپ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ» دېگەن. ئەمما كەينىدىنلا بۇ ئىش تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپلا 70 مىليۇن فونىستېرلىڭ مەبلىغى بار ئارسىنالمۇ ھىگۇايىننىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە ئارلاشتى. ۋېنگىرنىڭ كوماندىسى بولسا تېخىمۇ ياش، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ ئىدى، ھەتتا ھىگۇايىنمۇ بىر مەزگىل «ئارسىنال بەدەن تەكشۈرۈش» كە قاتناشقان. لېكىن ھىگۇايىن ئۆزىمۇ شۇنداق بىر داۋلىنى چۈشىنىپ يەتتىكى، ئۇ بولسىمۇ ئارسىنال بەرىبىر ئانا كوماندىسى خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىنىڭ پۇلغا قويغان شەرتىنى ئورۇنداپ بولالمايتى. تەلىيىگە نابىلىس كۇلۇبى دەل ۋاقتىدا پەيدا بولدى. بېنتىز قولىدا كاۋانىنى ساتقان 60 مىليۇن ياۋرونى قولىدا تۇتقان ھالدا كالىخون بىلەن ئاربىيولنىڭ ئاستىغا كۆرپە سېلىپ بولغان، ھىگۇايىنغا ئېرىشىشكە بولسا تەييارلا بولۇپ قالغانىدى. شۇڭا ھىگۇايىن بىلەن توختام ئىمزالاش ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشتى. 37 مىليۇن يۆتكىلىش سوممىسى، 3 مىليۇن مۇكاپات، نابىلىس كۇلۇبى مادىرىدنىڭ تەلىپىنى تولۇق قاندۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھىگۇايىنغىمۇ ھەقىقىي «ئائىلە خوجايىنى» غا ئايلاندۇرۇشتەك ھېسىياتنى ھېس قىلدۇردى، بۇنداق «يىگىت»نىڭ توي تەكلىپىگە قانداق «نازنىن» يەنە «ياق» دېسۇن؟
ئەينى ۋاقىتتا يۇۋېنتۇس بىلەن ئارسىنالدىن ئىبارەت ئىككى نەپەر «جەلىپكار يىگىتلەر» تەرىپىدىن قوغلاشقان ھىگۇايىن ئاخىردا نابىلىسنىڭ ئەمىرىگە ئۆتۈشنى تاللىدى.
##############################################################
2. ۋىللا.
بارسلونا كۇلۇبى ۋىللانى ساتقاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ 8 مىليۇن ياۋرو زىيان تارتقانلىقىنى ئاشكارلىدى، ئەمما خېلى كۆپ مۇئاش سوممىسى تېجىلىپ قالغانىدى. ۋىللا ئالاقە تور ۋاستىلىرى ئارقىلىق كونا ئائىلىسى بارسىلونانىڭ ئىلگىرى ئۆزىگە كۆرسەتكەن سېخىيلىقىغا تەشەككۈر بىلدۈردى. مەيلى ئارسىنال بولسۇن، مەيلى توتتىنھام رېس بولسۇن، بۇرۇنلا ئۆزلىرىنىڭ بارسىلونانىڭ قويغان 10 مىليۇن ياۋرو باھاسىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىشى كېرەك ئىدى. ۋىللا بولسا ئۇزغۇنلۇققا مۇھتاج، ئەمما توتتىنھام رېستا بۇ يوق. ۋىللا مۇقىم بولغان ئاساسلىق ئەزا بولۇشقا مۇھتاج، لېكىن بۇنى ئارسىنال قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ. ۋىللا ئۆزىگە ئەڭ ئىشىنىدىغان تېرنىرغا مۇھتاج، بىراق مەيلى ۋېنگىر ياكى بوئاس بولسۇن، ھامان ۋىللاغا ھىگۇايىن بىلەن سولدادوغا قارىغان ئىشەنچ كۆزىدە قارىيالمايتى. شۇ سەۋەپتىن دېيىگو سىمونى ئاشىق-بىقارا بولغان قىياپەتتە ۋىللانى قولغا كەلتۈرۈشنى ئەڭ مۇھىم ئىش قاتارىدا كۆردى. پەقەت 2 مىليۇن 100 مىڭ ياۋرو پۇل خەجلەپلا بۇ «بىچارە نازنىن قىز» نى ئەمىرىگە ئالدى.
ئەينى ۋاقىتتا ئارسىنال بىلەن توتتىنھام رېسدىن ئىبارەت ئىككى نەپەر «نامىرات يىگىتلەر» تەرىپىدىن قوغلاشقان بەخىتسىز ۋىللا ئامالسىز تۆۋەن باھادا مادىرىد رىقابەتنىڭ ئەمىرىگە ئۆتتى.
##############################################################
3. فالكاۋ
فالكاۋ بىلەن موناكونىڭ ئالاقىسى ئىنتايىن قىسقىلا بولدى، ئەمما ئاخىرغا كەلگەندە فالكاۋنىڭ موناكوغا قېتىلىشى چاقماق تېزلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان «توي مۇراسىمى» غا ئوخشىدى. تېخى پۈتكۈل مۇسابىقە پەسلى يازغا ئۇلاشماي تۇرۇپلا مادىرىد رىقابەت كۇلۇبى موناكونىڭ 60 مىليۇنلۇق باھاسىغا باش لىڭشىتىپ بولغانىدى. موناكونىڭ ئۇزغۇنلۇققا قاتنىشىش-قاتنىشالماسلىقى بىلەن كىمنىڭ كارى؟ موناكونىڭ فىرانسىيە بىرلەشمە چېمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش-كەلتۈرەلمەسلىكى بىلەن كىمنىڭ كارى؟ 18 مىليۇن ياۋرولۇق يىللىق مۇئاش فالكاۋنى دۇنيادىكى مۇئاشى يۇقىرى پۇتبولچىنىڭ ئىككىنچىسىگە ئايلاندۇردى. ئەمىليەتتە فالكاۋ ئۈچۈن مۇشۇ يېتەرلىك ئىدى.
ئوخشاشلا خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى بىلەن چېلسى كۇلۇبىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى زەردارلارمۇ فالكاۋدىن قۇرۇق قېلىشقا چىدىماي مادىرىد رىقابەت بىلەن نەچچە قېتىم سۆھبەتلەشكەن، ئەمما فالكاۋنىڭ قورقۇنۇچلۇق باھاسى بىلەن زور يىللىق مۇئاش سوممىسى ئاخىرى ئۇلارنى ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلدى ۋە ئۇنىڭ روسىيەلىك مىليادىر خوجايىننىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ كەتكىنىنى كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرۇشتىن باشقا ئامالى بولمىدى.
ئەينى ۋاقىتتا مادىرىد بىلەن چېلسىدىن ئىبارەت ئىككى نەپەر «كېلىشكەن يىگىتلەر» تەرىپىدىن قوغلاشقان «ساھىبجامال مەلىكە» يۇقىرى باھادا «باي خوجايىن» موناكونىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى.
##############################################################
4. كاۋانى
يەنە ئوخشاشلا مادىرىد بىلەن چېلسى ئىككىسى تەڭلا قوغلاشقان جەنۇبىي ئامىرىكىلىق ھۇجۇمچى كاۋانىنىڭ كەلگۈسى يەنىلا فىرانسىيە بىرلەشمىسىگە باغلىنىپ قالدى. بۇ بەلكىم بىر تاسادىبىيلىقتۇ، يا بەلكىم پېشانىگە پۈتۈلگەن تەقدىر-قىسمەتتۇ. مادىرىدتقا كېلىپلا ئاساسلىق ئەزا سالاھىيتىگە ئېرىشىش ئەمىليەتكە ئانچە ئۇيغۇن ئەمەس، چېلسىنىڭ قوغلىشىشى بولسا ماھىيەتتە بىر شەكىل خالاس، يۆتكىلىش بازىرىدىكى رىقابەتتە پارىژ ساينىت ژېرمان كۇلۇبى يەنىلا بىر قەدەر ئىشەنچىلىك، گەرچە بۇ يەردە ئىبىرايىموۋىچ بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر «كىچىك خوتۇن» نىڭ كېلىشىنى قاتار بايۋەتچىسى جان دەپ قوبۇل قىلىدۇ. ئەرەپ دۇنياسىدا بىر ئەرنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشى قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز ئەلۋەتتە.
ئەينى ۋاقىتتا مادىرىد بىلەن چېلسىدىن ئىبارەت ئىككى نەپەر «كېلىشكەن يىگىتلەر» تەرىپىدىن قوغلاشقان «2-ساھىبجامال مەلىكە» مۇ ئۆزىنى «پۇلدار» پارىژ ساينىت ژېرماننىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى.
##############################################################
5. جوۋېتىچ
ئالدى بىلەن ھەقسىز لورىنتقا، كەينىدىنلا تۆۋەن باھادا تېۋىزغا ئېرىشكەن يۇۋېنتۇسقا نىسبەتەن سەپ شەكلى مۇنتىزىم بولۇپ بولدى دېيىشكە بولاتتى، شۇنداقتىمۇ يۇۋېنتۇس ئۇنىڭغا ئېرىشىش كويىدا بولدى. جوۋېتىچنى قولغا كەلتۈرۈش يۇۋېنتۇسقا نىسبەتەن پەقەت زىبۇ-زىننەت بۇيۇمىدىن بىرنى ئۆزىگە قادىغاندىن ئىبارەت ئىدى. بۇ ھەرگىزمۇ قارا تاغلىق پۇتبولچىنىڭ ئىنتىلگىنى ئەمەس ئىدى. بارسىلوناغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ جوۋىتىچنى قوغلىشىشى تېخىمۇ تاينى يوق ئىش ئىدى، جوۋىتىچ ئېسىل كۆرۈنۈشلەرنىڭ سىرتىدا تۇرسا (ئېسىل كۆرۈنۈشلىرى زەردار كوماندىدىكى داڭلىقلاردەك كۆپ ئەمەس دېگەننى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) ، نوۋكەمپوغا بارامدۇ؟ ئۇ ئەمەلىي كۈچىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى، بارسىلوناغا قوشۇلسا قانچىلىك بېسىمغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ نەتىنجىدە 30 مىليۇن ياۋرو بۇ قاراتاغنىڭ داڭلىق گۈلىنى يۇلۇپ ئېلىپ مانچېستېر شەھىرى توپ مەيدانىغا پەم بىلەن كۆچۈردى. پېللىگېرنى بولسا ئۆزىگە تەۋە قىممەتلىك سوۋغاتقا ئېرىشكەندەك خۇشال بولۇپ كەتتى. گەرچە جوۋىتىچنىڭ قايسى ئورۇننى ئوينايدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمىسىمۇ، گەرچە جوۋېتىچنى ئۇ يەردە ساقلاۋاتقانلار يالغۇز ناۋاس، سىلۋا، ناسىرى بولماستىن، يەنە تېخى زىكو، ئاگۈيرو، نېگىرېدو قاتارلىقلارمۇ بولسىمۇ، لېكىن پېللىگېرنى جوۋىتىچنى ئەھۋالغا قاراپ قانداق ئىشلىتىشنى ئوبدان بىلىدىغاندەك قىلىدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا يۇۋېنتۇس بىلەن بارسىلونادىن ئىبارەت ئىككى نەپەر «سىرلىق يىگىتلەر» تەرىپىدىن قوغلاشقان بۇ «نامسىز ساھىپجامال» ئاخىرىدا خۇددى تېگىشلىك ئېرىنى تاپقاندەك مانچېستېر شەھىرىگە «توقال» بولۇپ كەتتى.
##############################################################
6. تىياگو
توختامغا خىلاپلىق قىلىش ماددىلىرىدىن يوچۇق چىقىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن 2013-يىلى يازدا تىياگوغا ئويلىمىغان يەردىن نوۋكەمپودىن ئايرىلىش پۇرسىتى كېلىپ قالدى. بۇ دەل تىياگونىڭ كۈتكىنىدەك بولۇپ قالدىمۇ قانداق؟
تىياگو بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبىغا رەسمىي قوشۇلغاندىن كېيىن، بارسىلونانىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىنىڭ ئۆزى بىلەن ئالاقىلىشىشىنى كۆپ ساقلىغانلىقىنى، ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى زۇبىزارىتتا (بارسىلونا يۇقىرى قاتلىمىنىڭ 2-نومۇرلۇق ئەربابى) نىڭ توختام ئۇزارتىش توغۇرلۇق ھېچقانداق ھەركەت قوللانمىغانلىقىنى سەمىمىيەتلىك بىلەن ئوتتۇرغا قويىدۇ. شۇڭلاشقا ئۆزىنىڭ لامايسىيا پەخىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان تىياگو كەسكىن ھالدا نوۋكەمپودىن ئايرىلىشنى قارار قىلىدۇ.
مانچېستېر بىرلەشمىسى ئەڭ دەسلەپ تىياگونى قوغلاشقۇچى ئىدى. ئەمما مويىس بولسا پۈتۈن دۇنيا دىققەت قىلىۋاتقان 18 مىليۇن ياۋرولۇق توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسى سەۋەپلىك مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ سېھرى كۈچى ئاجىز كېلىپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ قويدى. گۇئاردىئولا ئارىيان توپ مەيدانىدا تۇرۇپ تىياگوغا چاقىرىق ئەۋەتكەندىن كېيىن، تىياگو ناھايتى تېزلا بايرىن مىيۇنخىنغا قېتىلىشنى خالىدى. تىياگو بارسىلوناغا خېلى كۆپ تەربىيلىنىش ھەققىنى قالدۇرۇپ قويۇپ 25 مىليۇن باھا بىلەن بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبىغا قاراپ يول ئالدى.
ئەينى ۋاقىتتا مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن ئىبارەت بۇ «جەزبىدار يىگىت» تەرىپىدىن قوغلاشقان «نازنىن» ئاخىرىدا بايرىن مىيۇنخىندىن ئىبارەت «ئەقىللىق يىگىت» تەرىپىدىن سوقۇپ كېتىلدى.
##############################################################
7. تېۋىز
يازدىن تاكى قىشقىچە سۆھبەتلىشىش، قىشتىن تاكى يازغىچە سۆھبەتلىشىش، تېۋىز AC مىلەننى ساقلاۋېرىپ چاچلىرىمۇ ئازلاپ كەتتى، ئەمما يەنىلا ئۇ كۈتۈپ كەلگەن شۇ بىر ۋاراق توختام كەلمىدى. بۇ پۇلنىڭ مەسلىسىمۇ قانداق؟
بۇنىڭ جاۋابى ئىنتايىن مۇقەررەر، بېرلۇسكۇنى ئاللىقاچان پۇتبول ئۈچۈن ياۋرو خەجلىمەس بولۇپ قالغانىدى، چۈنكى ئۇ نەزىرىنى باشقا بىر خىل توپ تۈرىگە تىككەن. شۇنىڭ بىلەن تېۋىزنىڭ تاللىشىمۇ ئۆزگىچە بولدى. ئۇنىڭ تاللىشى «دەرۋەقە ساڭا تېگەلمىگەندىن كېيىن ئەمدى يېنىڭدا ئولتۇرىدىغان قوشناڭغا تېگەي، شۇنداق بولغاندا سەن ھەر كۈنى مېنى قوشناڭنىڭ ئۆيىدە كۆرۈپ تۇرىسەن، بۇمۇ بىر ھېساپتا ياخشى» دېگەندىن ئىبارەت ئىدى.
9 مىليۇن ياۋرو باھا، يۇۋېنتۇس ناھايتى تۆۋەن باھا بىلەن كىم ئاشتى بازىرىدىن گۆھەردىن بىرنى قېزىۋالدى. ھەممە ئادەم بۇ ئارگىنتىنالىق «ياۋا مەخلۇق» نىڭ ياخشى توپچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئەمما شۇنچە يىللار ئۆتتى، 29 ياشقا كىرىپ قالغان تېۋىز ھازىرغىچە خەلىقئارالىق سەھنىدە ئۆزىگە تەۋە ھەقىقىي ئائىلىنى تېپىپ بولالمىدى. بوكا ياشلار، كىلىندىئان، غەربىي ھام بىرلەشمىسى، مانچېستېر بىرلەشمىسى، مانچېستېر شەھىرى. تېۋىز ئاللىقاچان پۈتۈن دۇنيانى دېگۈدەك ئايلىنىپ بولدى. قېنى ئەمدى تۇرىن شەھىرى ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئارام تاپىدىغان ئۆيى بولالامدۇ؟ كەلگۈسى بۇنىڭغا بىر نېمە دېسۇن.
ئەينى ۋاقىتتا AC مىلەندىن ئىبارەت بۇ «ساختىپەز يىگىت» تەرىپىدىن قوغلاشقان «داڭلىق ساھىپجامال» ئاخىرىدا ۋەدىسىدە تۇرمىغان بۇ «ساختىپەز يىگىت» نىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ قوشنىسى يۇۋېنتۇسنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى.
##############################################################
ئىلاۋە:
بىرەر ئايدىن كۆپرەك بولدى، خىزمەت سەۋەبىدىن مۇنبەردە مۇقىم تۇرۇپ بولالماي يوقاپ كەتتىم، شۇ جەرياندا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپەمنى ئادا قىلالماي قالدىم. ھەممىڭلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەمدى باشقۇرغۇچى بولدۇم دەپ مۇنبەردە تېمىلىرىم ئۈزۈلۈپ قالسا ئۇنمايسىلەر ھەقىچان. قوللىرىممۇ قىچىشىپ قاپتىكەن، تېما يوللىمىغىلى ئۇزۇن بولغاچقا قوللىرىممۇ قېتىپ، كاللاممۇ تورمۇزلىنىپ قاپتۇ، شۇنداقتىمۇ بىر نېمىلەرنى يېزىپ باقتىم، ياقتۇرۇپ كۆرۈشۈڭلىگە مۇيەسسەر بولالىسا ئۆزەمنى ئالەمچە خۇشال ھېس قىلىمەن.
|