- تىزىملاتقان
- 2007-10-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12808
- نادىر
- 3
- يازما
- 12808
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامېرىكا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-29 02:19

ئالدىنقى ئايدا مونبىرىمىزگە مىسسى باج ئوغورلىدى دەپ بىر تىما يوللىنىپ خەلىقئارادىن سىرت بىزنىڭ مۇنبەردىكى توپ مەستانىلىرى ئارسىدىمۇ خىل غول غولا بوپ كەتتى.
مىسسدەك مىليۇن مائاش ئالدىغان توپچىمۇ باج ئوغورلامدۇ دىگەن كاللىدىن ئۈتمەيدىغان خىياللار، ھەممىزنىڭ كاللىسىدا ئويلاندى ھەقىچان،
ئەمىليەتتە بۇ كۈلىكىلىك ئىشمۇ ئەمەس ،بەلكىم بۇ راسىت ئىشتۇ، بىز ئەمدى مىسسنىڭ باج ئوغورلاش مەسلىسدىن ئىسپان بىرلەشمىسىنىڭ ئىقتىساد ئەھۋالىغا تۇتقان پوزىتسىيەنى كۈرۈپ باقايلى...
مىنىڭ ئىقتىساد توغورلۇق بىلدىغانلىرىم يوق دىيەرلىك، ئەمما مەنمۇ باشقىلاردىن ئاڭلاش، ئاز پاز ماتىرياش كۈرۈش ئارقىلىق بۇ مەسىلىگە ئۈزەمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى بىرلەشتۈرۈپ مىسسىنىڭ باج ئوغورلاش مەسلىسىدىن ئىسپان بىرلەشمىسىنىڭ ئىقتىسا ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ باقاي.
موكەممەل بولدى دەپ ئويلىمايمەن،مونبەردە ئىقتىساد ئىشلىرى بىلەن شوغوللىندىغان ئىقتىسا كەسىپلىرىد ئۇقۇغانلارمۇ بار.بۇ تۇغۇرلۇق تولۇقلاپ بىلدىغانلىرى بولسا يا بۇلسا مىنىڭ دىگەنلىرىمگە تۈزىتىش كىرگۈزدىغانلار بولسا سەمىمىي ئاڭلايمەن.
ئالدىنقى پەسىل ئىسپان بىرلەشمىسى موسابىقىسىنى باشلىيالماي، توختاپ قىلىش خەۋىپىگە كىلىپ قالغىنى ھەممىزگە ئايان.
شۇ ۋاقىتتا ئىسپان بىرلەشمىسىدىكى ئا دەرىجىلىك ب دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى 20دەك كۇلۇپ ئىسپان پوتبۇلچىلا بىرلەشمىسىگە تۇيۇقسىز ۋەيران بولغانلىق ئىلتىماسىنى سۇنغان.
بۇ كۇلۇپلار ئاساسلىق شۇ توپچىلارنىڭ مائاشىنى بىرەلمەي ،ھەم توپچىلىرى بىلەن دىگەن مائاشىدە كىلشەلمەي ئۇلارنى تۇتۇپ قالالمىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداقلام كۇلۇپنىڭ باشقا ئىقتسادى ئىشلىرىدا مەسىلە كۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ھەممىسى تەڭلام ۋەيران بولۇش ئىلتىماسىنى سۇنغان.
بۇ ئىش چىقىشى بىلەن ئىسپان پوتبولچىلار بىرلەشمىسىگە بىر ئاۋارچىلىق بولغان.ئاساسلىق سەۋەپ توپچىلارنىڭ مائاشى ئۈستۈرۈپ بىرىش غەلۋىسى ھەم مائاش بىجى.كىرىم تەقسىماتى.
يالغۇز ئىسپان بىرلەشمىسىدە ئەمەس ،پۈتۈن ئىسپان دۈلىتىدىمۇ ھەر قايسى ساھەلەردە خىزمەت قىلۋاتقانلارنىڭ مائاش بىجى نۇرغۇن يىللاردىن ھەل بولماي كىلۋاتقان تالاش تارتىش بولۋاتقان ئىش.
مۇشۇ يۇقىرى مائاش بىجى، توپچىلارنىڭ شۇنداقلام ھەر قايسى ساھەدە خىزمەت قىلۋاتقانلارنىڭ جاپالىق ئەمگىنى يەپ كىتىدۇ.بۇلۇپمۇ ھازىرقى ئىقتسادى كىرزىسنىڭ تەسىرىدە مال باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۈرلىشىدە ..
شۇڭا ئىسپان بىرلەشمىسىكى باشقا ئوتتورا ھال ئوششاق كۇلۇپلاردا توپ تىپىۋاتقان توپچىلارمۇ ئىسپان دۈلىتىنىڭ مۇشۇ زور سوممىلىق مائاش بىجىىدىن بەكلام نارازى.قۇلىغا تىگىدىغان مائاشى ساناقلىقلام.
بۇ ئىش چىققاندىن كىيىن ئىسپانىيە پوتبۇلچىلا بىرلەشمىسى يۇقىرى قاتلاملىرى، ۋەيران بولوش ئىلتىماسى سۇنغان بۇ كۇلۇپلارنىڭ رەھبەرلىرى ھەم توپچىلىرى بىلەن قايتا قايتا سۈھبەت ئۈتكۈزگەن.
ھەمدە ئىسپان بىرلەشمىسنىڭ كىرىم چىقىم ئەھۋالىنى قايتىدىن تەڭشەپ ،موكاپاتنى لايىقىدا تارقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە .كىرىمنى ئەڭ كۈپ قىلدىغان خانلىق مادىرىت كۇلۇبى بىلەن بارسلونا كۇلۇبى بۇ ئىشقا قارشى چىققان.
چۈنكى ئسىپان بىرلەشمىسىدە خانلىق مادىرت بىلەن بارسلونانىڭ تىلىۋىزيە تارقىتىش كىرىمى، بىلەت كىرىمى ئىسپان بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسلىق كىرىمىنى كىرگۈزدىغانلار بولغاچقا تەڭ تەقسىم قىلسا ئادىل بولمايدۇ .ئەمگەكنى بىز قىلساق ئۇلار بىكا ئولتۇرۇپ بىزنىڭ ئەمگەك مىۋىمىزدىن تەڭ بەھىرمان بولامدۇ دەپ قارشى چىققان.
كىيىن ئىسپان پوتبۇلچىلار بىرلەشمىسى خانلىق مادىرت بارسلونانىڭ ئاساسلىق توپچىلىرى ھەم يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنى چاقىرىتىپ بۇ ئىشنى قايتىدىن موزاكىرە قىلپ ئىككىنجى قىتىم يىغىن ئاچقان.
بۇ يىغىنغا بارسلونادىن پۇيۇل ،خاۋى ، خانلىق مادرىتتىن كاسىللاس ئالۇنسۇلار قاتناشقان.
بۇ يىغىن مۇشۇنداق بىر بىرىگە يول قۇيماسلىق سەۋەپلىك ئالدىن كەينى بولۇپ 5قىىتىم كەينى كەينىلەپ ئىچلغان.
بۇ ۋاقىتتا ئسپان بىرلەشمىسىنىڭمۇ باشلىنىشى قىستاپ كىلىپ قالغان ئىدى.
ئاخىرى ئىسپان پوتبۇلچىلار بىرلەشمىسى قايتا قايتا سۈھبەت ئۈتكۈزۈش ئارقىلىق ھەر ئىككى تەرەپنى قايىل قىلىپ،بارسلونا، خانلىق مادرىت كۇلۇپلىرى %34موكاپاتنى ئالدىغان قالغان ئوتتورا ھال كۇلۇپلار بۇرۇنقى %9لىك موكاپاتى %14كە ئۈستۈرۈلدىغان بولۇپ بىر بىرىنى قايىل قىلپ كىلشىكەن.
شۇنداق بولسىمۇ ئىسپاننىڭ ئوتتورا ھال كۇلۇپلىرىنىڭ ئىقتىسادىدا يەنىلام ياخشىلىنىش بولمىغان.توپچىلارمۇ كوماندىدىىن كىتىپ باشقا يەردىن ماكان ئىزلەشكە باشلىغان.
موكاپات كىرىمىدا تەڭشەش بولغان بىلەن توپچىلارنىڭ مائاشىدىكى ئىغىر باج مەسلىسى يەنە بىر قيىىن مەسىلە بوپ قالغان.
لىكىن بۇ باج مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئىسپان پوتبۇلچىلار بىرلەشمىسنىڭ قولىدىن كەلمەيتى.چۈنكى بۇ پۈتۈن ئىسپان دۈلىتىنىڭ ئىقتىساد ئىشىغا تاقىلاتتى.
باشقا بىرلەشمىدىكى توپچىلارنىڭ يۇقىرى مائاش ئىلىپ كىتىپ بارغىنىنى، شۇنداقلام ئۇلارنىڭ مائاشىدىكى باج مەسىلىسى ئىسپان بىرلەشمىسىدەك مورەككەپ ئەمەسلىكىنى كۈرۋاتقان ئىسپان بىرلەشمىسىدىكى توپچىلار ئەمدى ئاستا يىڭى ماكا تىپىپ باشقا يەردىن ئۇرۇن تىپشنى ئويلاشقان.
ھەتتا بۇ سەپكە ئالدىنقى پەسىل س رونالدۇ بۇ پەسىل ئۇزىلمۇ قىتىلغان .س رونالدۇ كەتمەكچىكەن.ئۇ مائاش مەسىلىسىدە مادرىت بىلەن دىيىشىپ قاپتۇ،س رونالدۇ باجنى چىقىرۋەتكەندىن كىيىنكى مونچىلىك مائاش تەلەپ قىلۋىتىپتۇ دىگەن خەۋەرلەرنى تولا ئاڭلاپ كەتتۇق.ئەمىليەتتە بۇ راسىت ئاساسى بار بولغان خەۋەرلەر.
ئەمدى بىز بۇ پەسىل ئىسپان بىرلەشمىسىدىن ، شۇنداقلام ئۈزىنى باقالمىغان كوماندىسىدىىن ئايرىلغان ئىسپان بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇپلارنىڭ غوللۇق توپچىلىرىنى كۈرۈپ باقايلى،
مادرىت رىقابەت مەرگىنى فاركاۋ،مالاگانىڭ غوللۇق توپچىلىرىدىن ئسىكۇ.خۇاجىن،...سىۋىللادىن ناۋاس، نىگرىدۇ،بىلباۋ رىقابەت كۇلۇبىدىن لۈرىنتى،سىرتا مەرگىنى ئاسپاس،ھەم كىتىش تەييارلىقىنى قىلۋاتقان ۋالونسىيە مەرگىنى سولدادۇ،خانلىق بىتىس مەرگىنى كاستىرۇ،بالادولىد مەرگىنى ئوسكا قاتارلىق توپچىلار...بۇلاردىن بۇرۇن كەتكەنلىرىمۇ خىلى كۈپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.
بۇلار شۇ ئىقتدارىغا چوشلۇق مائاش ئالالمايۋاتقىنىدىن نارازى بولۋاتقان توپچىلار،بەلكىم بىز بىلمەيۋاتقان باشقا توپچىلارمۇ ھازىرغىچە غەۋغا قىلۋاتقان بولىشى مومكىن.
دىمەك مىسسىدەك مىليۇن مائاش ئالدىغان داڭلىق توپچىمۇ ئىسپاننىڭ بۇ ئىغىر مائاش بىجىىدىن نارازى بولۇپ ،قىلغان كىرىمىنى يۇشۇرۇپ باج تۈلىمەي باج ئوغورلىغان .
ئىسپاننىڭ بۇ باج مەسلىسى ھازىرقى ئىقتىسادى كىرزىستا ھەل بولمىقى تىخىمۇ تەس.
مادرىت ،بىلەن بارسلونانىڭ بۇ ئىشلارنىڭ ئانچە توسالغۇغا ئوچراپ كەتمەسلىكى، ھەم توپچىلىرىنى تۇتۇپ قىلىش ئۇلارنىڭ مائاشىنى قۇقماي ئۈستۈرۈپ تۇرشىدىكى سەۋەپ، مادرىتنىڭ دۇنياۋى ماركىسى بار.ئارقا تىرىكى بولسا ئىسپان خان جەمەتى.بارسلونا بۇلسا ئىسپانىيەدىكى ئەڭ باي بولغان كاتالۇن ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ بىردىن بىر كۇلۇبى.بۇلارنىڭ ئارقاتىرىكى بولسا كاتالۇن رايۇننىڭ مالىيەسى.
بارسلونا بىلەن خانلىق مادرىت ئەزالىق تۈزۈمدىكى كۇلۇپلار.شۇڭا بۇلار كۇلۇپ رەئىسلىرىنى زوڭتوڭنى سايلىغاندەك بىلەت تاشلاپ سايلايدۇ.
ئەمما باشقا كۇلۇپلار بولسا بەزىلىرى شىركەت كارخانىلارغا كۈتۈرە بىرىلگەن.بەزىلىرى ئۈزىنى ئۈزى تەمىنلەيدىغانلار.
دىمەك مىسسىنىڭ باج ئۇغۇرلاش ۋەقەسىنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقى سەۋەپلەر دەل مۇشۇ سەۋەپلەركەن.
قالغان بىلدىغان ياكى بىلمەيدىغانلىرىمىزنى دوستلار بىلەن ئىنكاس شەكىلدە دىيىشىپ تۇلۇقلىۋالساق بولىدۇ...
|
|