- تىزىملاتقان
- 2012-6-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 301
- نادىر
- 0
- يازما
- 301
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا helpea تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-28 17:15
تېڭشۈن تەنتەربىيەسى، 7-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى:
ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، خانلىق مادرىد كۇلۇپ رەئىسى فىلورىنتىنو بېلغا 95 مىليۇن فونستىرلىڭ (تەخمىنەن 110مىليۇن ياۋرۇ)باھا قۇيۇپ، ۋالېسلىق بۇ «ئەۋلىيا ئەززەم» نى سېتۋېلىشقا بەل باغلىدى.
بۇنىڭ ئالدىدا، خانلىق مادرىد 81مىليۇن فونستىرلىڭ (تەخمىنەن 94مىليۇن ياۋرۇ)باھا قۇيۇپ بېلنى سېتۋېلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، تۇتىنھام رەئىسى دەنىيال لېۋىي تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ئىدى، ئەنگىلىيە «قۇياش گېزىتى» شۇ يەر ۋاقتى 27-چىسلا كەچتە ، خانلىق مادرىد كولۇبىنىڭ بېلغا ئېرىشىش ئۈچۈن يىڭىدىن بىر نۇسخا توختام تەييارلىغانلىقىنى، توختام مەزمۇنىدا سامان يولى جەڭ كېمىسى(خانلىق مادرىد) تۇتىنھام كولۇبىغا 51مىليۇن فونسىتىرلىڭ يۆتكىلىش ھەققى تۆلىگەندىن سىرت يەنە، دىمارىيا (25مىليۇن فونسىتىرلىڭ )بىلەن كوئىنتىراۋ (19مىليۇن فونسىتىرلىڭ )نى قۇشۇپ بېرىدىغانلىقىنى،سودا سوممىسىنىڭ 95مىليۇن فونسىتىرلىڭ(110مىليۇن ياۋرۇ) بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
قۇياش گېزىتىدە يەنە بېل تۇتىنھام كولۇبىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىپ، خانلىق مادرىدقا قۇشۇلۇش ئارزۇيىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن دىيىلدى. بىراق، تېخىمۇ جېق مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، بېل كولۇپ ئالمىشىش ئىلتىماسى سۇنۇشنى خالىمايدۇ. شۇنداقلا، ئاق بۇغا پورتى(White Hart Lane )پۇتبول مەيدانىدىن ئايرىلىش ئۈچۈن تۇتىنھام كولۇبى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرۋېتىشنىمۇ خالىمايدۇ .
قۇياش گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئانتونى ئانالىز قىلىپ مۇنداق دىگەن: ناۋادا تۇتىنھام كولۇبى بېلنى ئالماشتۇرۇش بەدىلىگە 51مىليۇن فونستىرلىڭلىق يۆتكىلىش ھەققىدىن سىرت يەنە دىمارىيا ۋە كوئىنتىراۋغا ئېرىشسە، شۈبھىسىزكى، بۇ تۇتىنھام كولۇبى ئۈچۈن ناھايىتى كاتتا بىر سودا بولىدۇ. نىمىشقا دىگەندە بىرىنچىدىن، تۇتىنھام مەشقاۋۇلى ۋىللاس بوئاس ئارزۇ قىلغان توپچىسى دىمارىياغا ئېرىشىدۇ. ئىككىنچىدىن، كوئىنتىراۋدەك كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدارغا ئىگە بۇنداق ياخشى توپچىنى تۇتىنھام تەرەپمۇ رەت قىلمايدۇ. ناۋادا بۇ كاتتا سودا پۈتۈپ قالسا، ئېنىقلام كۆپ پايدا ئېلىنغان بىر سودا بولۇپ قالىدۇ.  |
|