- تىزىملاتقان
- 2011-9-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4244
- نادىر
- 5
- يازما
- 4244
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
دورتمۇند كوماندىسى كونا توپچىسى شاھىننى مادىرىد كوماندىسىدىن 18 ئايلىق ئىجارە ئەككەلگەن ئىدى ، ئىجارە ۋاقتى كىلەر يىلى 7- ئايدا توشىدۇ . مادىرىد كوماندىسىدا زاپاس ئەزا بولۇپ تۇرغان شاھىن ئانا كوماندىسىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بارا - بارا ئىچىلىپ ئاساسلىق ئەزا ئورنىغا قايتماقتا ...
ئاس گىزتىنىڭ ئەڭ يىڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا شاھىن دورتمۇند كوماندىسىدىن كەتمەيدىكەن ، دورتمۇند كوماندىسى شاھىننى رەسمى سىتىۋالدىكەن ...
دورتمۇند كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى گوندىگان ھازىر كوماندىنىڭ يادروسىغا ئايلاندى ... گوندىگاننىڭ دورتمۇند كوماندىسى بىلەن بولغان توختامى 2015 - يىلى توشىدۇ ...
يىقىندىن بىرى گوندىگان كىلەر يىلى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىگە ياكى ئىنگىلاند بىرلەشمىسىگە بارىدۇ دىگەن خەۋەرلەر چىققان ئىدى...
بۈگۈنكى ئەڭ يىڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا دورتمۇند كوماندىسى بىلەن گوندىگان كىلەر ھەپتە توختام ئۇزارتىش ئىشلىرىنى باشلايدىغان بولۇپ گوندىگان بىلەن توختام ئۇزاتماقچى ...
ئەڭ يىڭى خەۋەرلەردە دىيلىشىچە گىرمانىيە لىۋىرىكسۇن كوماندىسىنىڭ داڭلىق گىرمانىيەلىك ھۇجۇمچىسى جىسىلىڭ بىلەن لىۋىرىكسۇن كوماندىسى 2017 - يىلغىچە توختام ئۇزاتقان ... بۇ توپچى ئالدىنقى پەسىل گىرمانىيە ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن .
توختام ئۇزارتىشدىن بۇرۇن بۇ توپچىغا توختىماي كۈچلۈك كوماندىلار يۆتكەش توغۇرلۇق خەۋەرلەرنى چىقارغان ، ئىتالىيە دىكى فىرولىنسا ئىنگىلانددىكى چىلسى كوماندىسىمۇ بۇ توپچىنى يۆتكەشكە تەييارلانغان ...
لىۋىرىكسۇن كوماندىسى بۇنداق ياخشى ھۇجۇمچىسىدىن ئايرىلىپ قىلىشنى خالىماي جىسىلىڭ بىلەن توختام ئۇزاتقان ...
ھازىر يۆتكىلىش بازىرىدىكى ئەڭ قىزىق نوقتا دەل ئىنگىلاند پۇتبول چولپىنى روننى ... بۇ توپچىغا ئەڭ يىقىنلىشىپ قورقماي باھا چىقىرۋاتقىنى ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى مورىنھو باشچىلىقىدىكى چىلسى كوماندىسى ...
چىلسى كوماندىسىنىڭ روننىغا بەك ئىرىشكۈسى بارلىقىنى بۇرۇنلا ئوتتۇرغا قويۇپ ، قايتا - قايتا روننىغا باھا قويدى ، بەزى تاراتقۇلار بۇ سودىنىڭ پۈتۈش مۇمكىنچىلىقى يۇقىرى دىگەن ئىدى ...
يىڭى خەۋەرلەردە دىيىلىشىچە ئەگەر روننى چىلسى كوماندىىسغا قىتىلىپ قالسا 23 - نۇمۇرلۇق كىيىمىنى كىيىدىكەن ، چىلسى روننىغا 23 - نۇمۇرنى ئىلىپ قويۇپتۇ ...
ئىسپانىيە زەردارى مادىرىد كوماندىسى 2013 - 2014 - يىللىق بىرلەشمە مىھمان كىيمىنى ئىلان قىلدى ... ( بۇ كىيىم كۆك رەڭدە بولۇپ ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى چىلسى كوماندىسىنىڭ ساھىپخان كىيمىگە ئوخشاپلا قالغان ...)
|
|